پـــــەرىشتەم
(پوۋسىت)
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
6.قىسىم
ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قارىسام ، سۈت ، يەنە نان ھەممىسى بار ئىدى . ئالدىرماي ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىم . چۈنكى كەيپىياتىم بەكلا ياخشى ئىدى . كېچىتىن كۆرگەن چۈشۈمنى توختىماي ئويلايتتىم ، ھەم چۈشۈمدىكى پەرىشتىنىڭ چىرايىنى ئەسلەشكە ، سۆزلىرنى ئەسلەشكە تىرىشاتتىم .
ناھايتى خوشال كەيپىيات بىلەن ناشتىنىمۇ قىلىپ بولدۇم . مىجەزىممۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى . بېشىممۇ بەك ئاغرىپ كەتمىدى ، شۇڭا ئىشقا بېرىپ چۈشكىچە ئىشلەپ ، چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوكۇل سالدۇرۇشنى ئويلىدىم . كىيىملىرىمنى كىيىپ ئىش ئورنۇمغا قاراپ ماڭدىم ، ياتىقىم بىلەن ئىش ئورنۇمنىڭ ئارلىقى يىراق بولمىغاچقا پىيادە بېرىشنى ئويلاپ قالدىم . پىيادىلەر يولىدا خىيال سۈرۈپ ماڭماقتىمەن ، خياللىرىم يەنە شۇ كېچىتىن كۆرگەن چۈشۈم تامان كېتىپ باراتتى . توۋا ئۇ گۈزەل پەرىشتىنىڭ قۇلقۇمنىڭ تۈۋىگە كېلىپ دېگەن سۆزلرى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋۈمدە ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
ئىش ئورنۇمغا كېلىپ ئىشقا چۈشتۈم ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يېرىم كۈن بىردەمدە ئۆتۈپ كەتتى . چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ باشلىققا چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىشىم كېرەكلىكنى ، ئۈچ كۈنلۈك ئوكۇل ئالغانلىقىمنى ئېيتتىم . باشلىقنىڭ رۇخسەت بېرىشى بىلەن ياتاققا بېرىپ بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدىم .
ياتاقتىن چىقىپلا يۇرتۇمغا يەنى ئاپامغا تېلېفون قىلدىم ، ھەم يولدا ماڭغاچ ئاپام بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭدىم . بۈگۈن كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى بولغاچقا ئاپام بىلەنمۇ شۇنداق كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتىم .
تېلېفوننى قويۋەتكەندە بولسا ئاللىقاچان دوختۇرخانا ئىشكى ئالىدىغا كېلىپ بولغان ئىدىم . ئىشىكنى ئېچىپ دوختۇرخانىغا كىردىم ، يەنە شۇ غەلىتە دورىلارنىڭ پۇرقى مېنى ئازراق بىزار قىلدى ، بىراق نىمە ئامال ؟ داۋالىنىپ ساقىيشىم كېرەكتە !
ئاستا مېڭىپ تۈنگۈن ماڭا ئوكۇل يېزىپ بەرگەن ئايال دوختۇرنىڭ ئىشخانىسغا كىردىم . ئۇ ئايال مېنى كۆرۈپ تونۇدى بولغاي ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى باشلاپ ئىككىنچى قەۋەتكە قاراپ ماڭدى ، دوختۇر ئايال پەلەمپەيدىن چىقۋاتقاچ :
- تۈنۈگۈنكى ئوكۇلنىڭ پايدىسى بولىدىمۇ ؟
دەپ سورىدى .
- ھەئە شۇنچىلىك پايدىسى بولدىكى ..........
تاسلا قالدىم ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمنى بۇ ئايالغا سۆزلىۋەتكىلى .
-ھە ، ئۈنىمى بولغان بولسىلا ياخشى بوپتۇ ، بۈگۈن ئەتە ئىككى كۈن ئوكۇل ئاسىمىز ، خۇدايىم بۇيرىسا ئۆگۈنلۈككە كەچ ساقىيىپلا چىقىپ كېتىسز . دېدى دوختۇر ئايال كۈلگەچ.
- دېگنىڭىز كەلسۇن ئاچا ، مېنىڭمۇ بەكلا ساقايغۇم بار ، باش ئاغرىقى بىلەن زۇكام ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ بەك ئازاپلايدىغان كېسەلكەن . دېدىم مەن .
-شۇنداق ئۇكام ، بۇ كېسەلگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ ، زۇكام بارلىق كېسەلنىڭ باشلىنشى ......
دوختۇر ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىپ تۈنۈگۈن ماڭا ئوكۇل سالغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەپ قاپتىمەن ، ئۆينىڭ ئىچىدە بۈگۈنمۇ بىمارلار يوق بولۇپ ، تۈنۈگۈنكى سېستىرا قىز بىمارلارنىڭ نەرسە كېرەكلەرنى قويۇشى ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغان ئىشكاپنى لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋاتاتتى . ئۇ دوختۇر ئايال ئىككىمىزنى كۆرۈپ بىزگە قاراپ شۇنداق يېقىملىق كۈلۈمسىرىگەن ئىدى ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئۇ كۈلۈمسىرىگەچ ئىشىك تەرەپكە ، يەنى بىز تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى .
ئالتىنچى قىسمى تۈگدى .
داۋامى بار ............
551 قېتىم كۆرۈلدى | uqkuni | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-21 6:39:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-13 4:33:41 | guzal aslima |
bak yahxi yizliptu ahiri yokma |
2017-2-23 6:51:17 | ئابدۇراخمان |
بەك ياخشى يېزىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|