قاراڭغۇ ئورمان
28- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە
ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)
ئۇنىڭ بۇ غەلىتە قىلىغىدىن ھەيران قالدۇق .
- بولدى قىلسىلا ، ۋاقىرمىسىلا …
قاھار ئىتتىك بېرىپ بۇۋاينى تېنىچلاندۇرماقچى بولدى .
- ئۇكام نىمىگە قاراپ تۇرىسىلەر ، ئېلىڭلار سىلەرگىمۇ بىردىن بىرەي، قاراڭلار ئالتۇن، بۇ دىگەن ئالتۇن … ھې ھې ھې …
- ئاكا بىز ئالتۇننى دەپ كەلمىدۇق ، ئىسكىلىتلارنى كۆيدۈرۈپ ئاۋۇ ئايال جىننى يوقۇتىشنى كۆزلەپ كەلدۇق ، بۇنداق قىلسىلا جىننى چاقىرىپ ئەكىلىلا ، تىز ئۇنى تاشلاپ بىزگە ياردەم قىلسىلا!
قاھارنىڭ ئۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلىغىغا كىرمەيۋاتاتتى .
- ئالتۇن دىسىلە ئۇكام ئالتۇن، بۇنداق بايلىقنى سىلى ئەمەس دادا - بۇۋىلىرىمۇ كۆرۈپ باقمىغاندۇ ، بۇلارنى قانداق ئېلىپ چىقارمەن، كۆتۈرۈپ كەتكىلى بولمىغۇدەك .
ئۇ سۆزلىگىنىچە ھە دەپ ئالتۇنلارنى قوينلىرىغا، يانچۇقلىرىغا تىقىشقا باشلىدى ، مەن ئۇنىڭ ساراڭدەك بولۇپ قالغان ھالىغا قاراپ بېقىپ، قاھارنى چاقىرۋالدىم . - بولدى ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ، بىز ئىشىمىزنى قىلايلى !
ئۇ ئالتۇن بىلەنلا بولۇپ كەتتى ، بىز سولاقخانىلارنى كۆرۈپ، ئىچىنى كۆزۈتۈشكە باشلىدۇق . بەزى ئىسكىلىتلار قوللىرىنى سىرتقا چىقارغىنىچە، بەزى ئىسكىلىتلار بىر - بىرىنى باغرىدا باسقىنىچە سۇنايلىنىپ تۇراتتى، ھەتتا بىر ئىسكىلىتنىڭ قۇچىغىدا بىر كىچىك بالىنىڭ ئىسكىلىتى تۇراتتى. يەنە بىر ئىسكىلىت زەنجىردە تورۇسقا ئېسىقلىق بولۇپ ، چاچلىرىنىڭ يېرىمى چۈشۈپ، تىرىسىمۇ يوق ئاپپاق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بۇ كۆرۈنىشلەردىن ئۇلارنىڭ ئاچلىقتىن قىينىلىپ ئۈلۈپ كەتكەن ئازاپلىق ھالىتى چىقىپ تۇراتتى.
بىز دىققەت بىلەن كۆرىۋاتقاندا «شاقىراق » قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىككىمىز چۆچۈپ ھامۇت ئاخۇنغا قارىدۇق. ئۇ قوينىغا ئالتۇننى كۆپ قاچىلغاچقا چاپىنى كۆتۈرەلمەي تۈگمىسى ئۈزۈلۈپ ئالدىغا تۆكۈلگەنتى .بۇ چاغدا يەرئاستى ئۈيىنىڭ ئىشىكىدىن بىر پارچە ئوت ئۇچۇپ كىردى ، بىز دەماللىققا ئۇنىڭ نىمىلىگىنى بىلىپ بولالماي تۇرۇپلا قالدۇق . ئوت ئۇچۇپ كىرىپ يەرگە چۈشتى - دە ئىسقا ئايلىنىپ سۆزۈلۈپلا ئايالغا ئايلاندى ، ئۆي بىردىنلا تېخىمۇ يورۇپ كەتتى . بىز ئۇشتۇمتۇت ئۇچۇرغان بۇ ئەھۋالدىن قورقۇپ قېتىپلا قالدۇق. بۇ بىز كۆرۈشنى خالىمايۋاتقان، كىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئايال جىن ئىدى ، ئۇ كىرگەن پېتى بىزگە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ غەزەپ بىلەن تىكىلدى ، ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى چىرايى بىر قارىماققا تىرىسى سۆيىۋېتىلگەندەك قىپ - قىزىل بولۇپ قان تەپچىپ تۇراتتى .
- مېنىڭ ئۈيۈمدە نىمە بار سىلەرگە ؟
ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ۋەھىمىسى يۈرەكنى سىققۇدەكلا قورقۇنۇچلۇق چىقتى ، بىز تامدەك تاتىرىپ قاراپلا تۇراتتۇق ، قورقۇنىچتا ھەتتا بېشىمىزنى ئۇياق - بۇياققا بۇرىغىدەكمۇ جۈرئەت يوق ئىدى .
- قېرىنداشلىرىمنى كۆردۈڭلارمۇ ؟ ئۇلار ئۇخلاۋاتىدۇ ، قاراڭلار ئۇلار شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ …
ئۇ پەس ئاۋازدا سۆزلەۋېتىپلا تۇيۇقسىز بىزگە يېقىن جايدا پەيدا بولۇپ ۋاقىردى:
- ئۇلارنى ئۇيغۇتىۋەتسەڭلار قانداق قىلىسىلەر!!! نىمىشقا ئۇلارنى ئاۋارە قىلىسىلەر؟
ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يېنىمىزدا پەيدا بولىشىدىن ھامۇت ئاخۇن شۇنداق سەت ۋاقىرۋەتتى ، ئۇنىڭ ۋاقىرىشى ھەم جىننىڭ يېقىنلىشىشى بىرلىشىپ ئۆزەمنى يوقۇتۇپ قويۇشقا قىل قالدىم ، يېنىمدا قاھار بولمىغان بولسا بەلكىم ئاللىقاچان ئۇچۇپ چۈشكەن بولاتتىم .
- گەپ قىلىشمامسەن ؟ - ئۇنىڭ يېنىمدا شۇنداق دەپ ۋاقىرغىنىنى ھېس قىلدىم ، لېكىن ئۇنىڭ سىماسى سولاقخانىنىڭ ئىچىدە كۆرەندى . مەن غەيرەت قىلىپ ئاستا شۇ تەرەپكە توغۇرلاندىم ، قاھار خۇددى ياغاچ ھەيكەلدەك تۇرغان بولۇپ، پىشانىسىدىن چىپىلداپ ئېقىۋاتقان تەر مېنىڭكىدىن قېلىشمايتتى ، ئۇنىڭ ئۇ تۇرقى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمگىلا ئوخشايتتى . مەن ئاستا ھامۇت ئاخۇن ئاكىغا قارىدىم ، ئۇ ياغاچ ساندۇقلارنىڭ بۇلۇڭىدا تۈگۈلگىنىچە غالىلىداپ تىتىرەپ ئولتۇراتتى ، كۆزلىرى بولسا قورقۇنىچتىن ئېتىلىپ چىقىپ كىتىدىغاندەكلا چەكچىيىپ كەتكەن ئىدى. ئايال جىن ئۇ ئىسكىلىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ قۇچاقلاپ چىقىراپ، بۇ ئىسكىلىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ قۇچاقلاپ ئاسمانغا قاراپ چىقىراپ بىردىنلا غەزەپتىن بىزگە تىكىلدى ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ چىرايى ئىسكىلىتكە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى .
- قېرىنداشلىرىم قېنى؟؟؟ مېنىڭ قېرىنداشلىرىم قېنى ، تاپالمايۋاتىمەن ، ئۇلارنى تاپالمايۋاتىمەن !!!
ئۇ يىغلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ قارا كاماردەك كۆز ئورەكلىرىدىن قىپ - قىزىل قانلار ئېقىپ، ئاپپاق ئېچىلىپ قالغان چىشلىرى ئارسىغا كىرىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ سۈرلۈك ، جاننى ئالىدىغان ھالىتىگە قاراپ پۇت - قوللىرىم ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتىم، بۇ چاغدا قولۇمدىكى ئاپرات ئىكرانى تىتىرەپ يورۇقلۇق ئۆچۈپ سۈرەت كۆرەنگەندەك بولدى .
- ئەركىن بارمۇ سىز؟ ئەركىن … ئەركىن !
تۇيۇقسىز نىجاتنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ، يۈرەك كىرگەندەك بولدى .
- قاراپ تۇرماي ئوققا تۇتۇڭ ، ئوق ئېتىڭ ! روشەنگۈلنىڭ ئاۋازى ئىدى .
- ئەركىن … ئەركىن ،- بۇ پەردەنىڭ ئاۋازى ، ئۇنىڭ مەندىن ئەنسىرەپ تىتىرەپ چىقىۋاتقان ئاۋازى ، بۇ چاغدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كۈچكە تولغان ، بايقى قورقۇنۇچلاردىن غالىپ كەلگەن ئىدىم ، ماڭا ئوخشاشلا قاھارمۇ ئۇيقۇدىن ئۇيغانغاندەك ماڭا قارىدى ، ئىككىمىز تەڭلا ئاپتۇماتلارنى جىنغا قارىتىپ تەپكىنى باستۇق ئوقلار ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنى تىشىپ ئۆتۈپ تاملاردىن ئوت چاقنىتىۋەتتى .لېكىن ئۇ ھېچنەرسە بولمىغاندەك بىر سەكرەپلا تورۇستا پۇتى ئىگىز ، بېشى پەس تۇرىۋالدى ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تۈشۈكلەر خۇددى ئىس - تۈتەكتىكى تۈشۈك ئىتىلىپ ئەسلىگە كەلگەندەك ئەسلىگە قايىتقانتى، شۇندىمۇ بىز ئوق ئېتىشنى توختاتساق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى بىرىپ قويىشىمىزدىن ئەنسىرەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېتىۋاتاتتۇق . جىن تورۇستىن ئىس ھالەتتە بىر سوزۇلۇپلا يەرگە چۈشتى - دە ئوقتەك ئېتىلىپ ماڭا ئۆزىنى ئۇردى . بۇ كۈچلۈك سوقۇلۇشتا ئۆزەمنى سىزىپ بولغىچە ئۇچۇپ بېرىپ ياغاچ ساندۇقلارغا توپتەك سوقۇلدۇم ، ساندۇقلار ئۆرۈلۈپ ئالتۇنلار جاراڭشىپ تۆكۈلۈپ ئەتراپنى بىر ئالدى، ساندۇققا دۈمبەم تىگىپ، باش تەگمىگەچكە تىزلا ئۆزەمنى ئوڭشاپ، ئوق دېسكىسىنى يەڭگۈچلەپ ئۇنىڭغا يەنە ئوق ئۈزدۈم، بۇ چاغدا قاھارنىڭ ئوقى تۈگىدى. جىن پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ غەزەپتە چىرايىنى غالجىرلارچە تۈرۈپ ئېغىزىنى ئاچقىنىچە قاھارنىڭ چاپىنىدىن تارتىپلا ئىگىز كۆتەردى . ئۇنىڭ ھەركىتىدىن قارىماققا ئۇنى تورۇسقا چاپلاپ قويىدىغاندەك قىلاتتى. مەن تىزدىن ئوت قويۇشنى ئويلاپ يانچۇققا قول سالدىم، پىشانەمدىن مۇزدەك تەر چىقىپ كەتتى ، چۈنكى ئوت ياقىدىغان ھېلقى ئۈسكىنە يوق تۇراتتى. مەن تەمتىرگىنىمچە جىددىيلىشىپ ئەتىراپنى ئىزدىدىم ، ئىزدەۋېتىپ ئۇنىڭ سولاقخانا ئىچىدە تۇرغىنى چېلىقتى، قارىغاندا بايىقى ھۇجۇمدا شۇ يەرگە ئېتىلىپ چۈشۈپ قالغان بولسا كىرەك . مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ سولاقخانىنىڭ ئىشىكىنى ئىتەردىم ، لېكىن يۇغان زەنجىرگە قەدىمى قۇلۇپتىن بىرى سېلىنغاچقا ئېچىش مۇمكىن بولمىدى . مەن يۈگۈرەپ بېرىپ قاھارنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ ئۇنى پەسكە تارتقاچ، بۇلۇڭدا بېشىنى قۇچاقلاپ مىدىر - سىدىر قىلماي ئولتۇرغان ھامۇت ئاخۇنغا ۋاقىردىم:
- تىز سولاقخانىنىڭ قۇلۇپىنى چاقسىلا ، تىز … ۋاقتىمىز قالمىدى … تىز بولسىلا …
ئۇ بىر بىزگە قاراپ قويۇپ تىتىرگىنىچە يەنىلا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى. مەن بىر قولدا ئاپتۇماتنى ئۈستىدە تارتىۋاتقان جىنغا توغۇرلاپ تەپكىنى باستىم ، قورال ئېغىر بولغاچقا بەش - ئون پاي ئوق ئېتىلىپلا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئوق جىنغا زەربە بولدىمۇ قانداق ئۇ ئىككىمىزنى بىر سىلكىۋىدى ئۇچۇپ بېرىپ تاش تامغا شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلۇپ سىرىلىپ چۈشۈپ قالدۇق. پۈتۈن بەدىنىم شۇنداق قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى، شۇندىمۇ چىشىمنى چىڭ چىشلەپ تەستە بېشىمنى كۆتەردىم. قاھارمۇ ئاران ئۆرۈلۈپ بېشىنى كۆتۈرۋاتاتتى. لېكىن ھامۇت ئاخۇن بىزگىمۇ قارىماي يىغلىغىنىچە بېشىنى قۇچاقلاپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئەس - ھوشىنى يوقاتقان ئادەمگىلا ئۇخشايتتى.
ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى، جىن بىز تەرەپكە قاراپمۇ قويماي قاقاھلاپ كۈلۈپ قويغىنىچە قولىنى سولاقخانىغا سۇندى - دە زەنجىرلەرنى يۇلۇپ ئېلىپ چىقتى، زەنجىر ئۇنىڭ قولىغا كىرگەندىن كىيىن ئوتتا قىزارتقاندەك قىزىرىپ ھارارىتى بىزگىچە يىتىپ كەلدى. مەن مىڭ تەستە ئورنىمدىن تۇردۇم. ئاپتۇماتىم يوق تۇراتتى، جىن مېنىڭ تۇرغىنىمنى سىزىپ زەنجىرنى غۇلاچلاپ شۇنداق ئۇردىكى ئۆزەمنى ئاران ئېلىپ قاچتىم ، زەنجىر تامغا ئۇرۇلۇپ ئوت ئۇچقۇنلىرى ئەتراپنى بىر ئالدى، ئۇ ئوت ئۇچقۇنلىرىدىن قورىققاندەك قولىدىكىنى دەرھال تاشلىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ راسلا ئوتتىن قورقىۋاتقىنىنى جەزىملەشتۈردۈم . ئۇ يەرگە تىزلىنىپ چېچىنى بىر سىلكىۋېدى بىر تۇتامدەك چاچ ئۇزۇراپ كىلىپ پۇتۇمنى چىرمىدى، يەنە بىر تۇتامدەك چاچ قاھارنىڭ قوللىرىنى چىرمىدى - دە جىننىڭ ئالدىغا سۈرەشكە باشلىدى. بىز چاچتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ باقتۇق لېكىن قانچە ئۇرۇنغانسېرى ئۇ تېخىمۇ چىڭ قىسىۋاتاتتى، بۇ چاغدا پىچاق يادىمغا يەتتى، مەن چەپدەسلىك بىلەن دەرھال ئۇنى ئېلىشىمغا يەنە بىر تۇتام چاچ ئوقتەك ئۇچۇپ كىلىپ بەدىنىمنى قولۇمنى مىدىرغىلى قويمىدى. بىز ئامالسىز قالدۇق، جىننىڭ ئەمدىكى تۇرقى ئېغىزى قازاندەك چوڭ ئېچىلغان، شەكلى پاقىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ ، بىزنى كۈچەپ دەم تارتىۋاتاتتى.
- تىز قۇلۇپنى چاق ! - قورۇققىنىمدىن ھامۇت ئاخۇنغا ۋاقىردىم، ئۇ بىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىمىزدىن قورقۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي تىتىرگىنىچە «ياق» دەپ بېشىنى چايقىدى . جىننىڭ ئېغىزى ئوت يېقىلغان تونۇردەك قىزىرىپ بىزنى تىرىك يۇتۇشقا تەييارلىنىپ بولغان، ئارلىغىمىز ئۈچ مىتىرمۇ قالمىغانتى. خەتەر يېقىنلاپ قالغاندا جىن تۇيۇقسىز چىقىرۋەتتى، ئۇ بىزنى باغلىغان چاچلىرىنى يىغىۋېلىپمۇ ، ساراڭ ئادەمدەك چىقىراپ مولاق ئېتىپ ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ چاچلىرىدىن قىپ - قىزىل قانلار چاچىراپ، قىزىل رەڭگە كىرىپ قالدى. بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇپ قاھارغا قارىدىم، ئۇنىڭ قولىدا پىچاق تۇراتتى ، شۇندىلا ئۇنىڭ جىننىڭ چېچىنى كىسىۋەتكىنىنى چۈشەندىم .
- تىز … تىز سولاقخانىنى ئاچايلى!- دىدىم قاھارغا.
بىز ئېتىلىپ بېرىپ ئالتۇندىن بىردىن ئېلىپ قۇلۇپنى ئۇرۇشقا باشلىدۇق ، قۇلۇپ ئۇزۇن تۇرۇپ دات بېسىپ كەتكەچكە ئۈچ - تۆتنى ئۇرۇشىمىزغا ئېچىلدى . بېرىپ ئۈسكىنىنى ئېلىشىمغا بىر قول پۇتۇمدىن تۇتتى، ئۆزەمنى تۇيۇپ بولغىچە تامغا يەنە ئۇرۇلدۇم ھەمدە شۇنداق تىزلىكتە يۈگۈرۈپلا تۇرۇپ ئاچچىغىمدا جىنغا تاشلاندىم، خىيالىمدا ئۇنى سېغىپلا بىر ئىش قىلىشنى ئويلىغانتىم، لېكىن تۇتقان يىرىم ھاۋالا بولدى، يىقىلىپ چۈشتۈم. جىن تۈتەككە ئايلىنىپ قاھارنىڭ كەينىدە پەيدا بولۇپلا ئۇنىڭ گىلىنى سىغدى ، مەن تۇرۇشقا تەمشەلگەندە قولۇم تاپانچىغا تەگدى - دە دەرھال ئېلىپ جىننى قارىغا ئالدىم ، ئوق ئېتىلدى بىراق ئۇ جىنغا تەسىر قىلماي تىشىپ ئۆتۈپ ئېسىقلىق تۇرغان ئىسكىلىتنىڭ بىلىكىگە تىگىپ بىر قولى ئۈزۈلۈپ چۈشتى. ئوق تىگىشىگە جىن بىر چىرقىراپ يەرگە يىقالدى ئۇنىڭ بىر قولىغا تۇيۇقسىز ئوت تۇتۇشۇپ كۆيۈپ كۈل بولدى، ئۇ بۇ زەربىدە ئەسەبىيلەرچە چىقىراپ دۇمىلاتتى. مەن پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈسكىنىنى ئالدىم ھەم ئېسىقلىق ئىسكىلىتقا ئوت ئاچتىم، ئىسكىلىت بىلەن تەڭ جىنغىمۇ تەڭلا ئوت تۇتاشتى. مەن پۈتۈن غەزىپىمنى چىقارماقچى بولغاندەك ئوتنى تېخىمۇ كۈچەيتتىم ، جىن ئوت ئىچىدە تېخىمۇ تولغىنىپ جان تالاشقىلى باشلىدى - دە ئىسكىلىت بىلەن تەڭ ئاستا - ئاستا كۈلگە ئايلىنىپ يوقاپ كەتتى . قاھار بىلەن ئىككىمىز غەلبە خوشاللىغىدا كۈلۈمسىرەپ قاراشتۇق، ھەقىقەتەن ھاياجانلانغۇدەك غەلبە ئىدى. چۈنكى بىز غايىبانە بىر مەخلۇقنى يوقىتالىغان ئىدۇق . ئىكران ئېچىلىپ نىجاتنىڭ سۈرىتى كۆرۈندى :
- دىققەت قىلىڭلار ، مەخلۇقلار سىلەر تەرەپكە كەتتى ! …
داۋامى بار…