بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 13 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 13 - قىسىم


يۈزۈمنىڭ قىزارغىننى كۆرگەن ئۇ قىز 《ئوھوي قىزىرىپ كەتتىڭىزغۇ خىجىل بۇلۋاتامسىز بۇ تۇنجى قېتىم قىزبالغا قاراپ بېقىشىڭىز ئەمەستۇ ھە ئەركىنردق بولمامسىز 》دىدى .
مەن ئۇ قىزغا سەپ سېلىپ قارىدىم ئۇ قىز پەرىگە قۇيۇپ قويغانداق ئوخشايتى شوخلىقى ھەتتا ئاۋازى تەلەپپۇزى دىگەندەك ھەممە جەھەتتىن ئوخشايتى بۇلۇپمۇ ئىككى كۆزى بەك ئوخشايتى يۇغان كۆزى كۆزىدىن نۇر يېغىپ تۇردىغان مېھىرلىق چىقىپ تۇراتتى توۋا جاھاندا مۇنداقمۇ ئوىشايدىغان ئادەم بامۇ نىمە ياكى ئۇ شۇمىدۇ دىگەن خىيالدا تۇرسام خىيالىمنى بۇزۇپ ھەي سىز بىردەمدە خىيالغا چۆكۈپلا كەتتىڭىزغۇ نىمنى خىيال قىلۋاتىسىز مەن بىلسەم بۇلامدۇ دەپ ماڭا قاراپ تۇراتتى .
مەن -ئىسمىڭىز پەرى ئەمەستۇ ؟ ئۇنىڭ ھە ئە مەن شۇ دىيىشلىرنى كۈتكەن ھالاتتە ئۇ قىز كىم ئۇ پەرى دىگەن مەن پەرى ئەمەس ئىسمىم پەرىزات تۇرپاندىن بىر بالام با 4 ياشقا كىردى يولدىشىمدىن ئاجراشقىلى 1 يىلدىن ئاشتى ئۇ قىزنىڭ بۇ گەپلىردىن كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ گەپ قىلمىدىم .
ئۇ قىز ھەي پەرى لايىقىڭىزمۇ ياكى چۈشىڭىزدىكى ئاشىقىڭىزمۇ دەپ مەسخىرلىك كۈلدى .
مەن ئاستاغىنە كىلىپ كىچىك بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم ئۇ قىزمۇ بىر ئورۇندۇق ئەكىلىپ ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى.
مەن ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كىلىشتىكى مەقسىدىمنى ھەممىنى ئېيتىپ بەردىم ئۇ قىز ئاڭلاپ توۋا ھازىرقى جاھاندىمۇ سىزدەك  دۆت ھەم ئۇچىغا چىققان ئەخمەق بار ئىكەن ھە ئويلاپ باقمامسىز ئۇ قىزنىڭ چىرايىنىمۇ ئېنىق تۇنىمايدىكەنسىز يەنە كىلىپ 2 قېتىم ئۇچۇرشۇپسىلە ئاۋازىنى تۇنۇيدىكەنسىز ئۇ قىزنى چۈشىڭىزدە كۆرگەن بۇ رىستۇرانغا كىلىپ ئىزدەپسىز ئەخمەق چۈشكىمۇ ئىشەنگەن بارمۇ دەپ كۈلدى.
مەن - سىز بەك ئوخشايدىكەنسىز ھەممە جەھەتتىن دىدىم .
ئۇ قىز ماڭا بىر قۇر قارىۋېتىپ بولمىسا پەرى بۇلۇپ سىزدەك ئۇماق يىگىتكە ئېرىشۋالايمۇ يە دەپ يەنە كۈلدى .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ماڭدىم .
ئۇ قىز مىنىڭچە ئۇ قىز بىر بولسا بۇ يەردە ئەمەس با دىگەندىمۇ توي قىلىپ بالا چاقلىق بۇلۇپ بەخىتلىك تۇرمۇش ھۇزۇرنى سۈرۋاتقان بۇلشى مۇمكىن ئەخمەق بولماڭ جاھاندا چىرايلىق قىزلار ساماندەك بىرنى ئىسقارتىپ قويسىڭىز ئارقىڭىزدىن رەت رەت بۇلۇپ تىزىلىپ ماڭىدۇ ئۇ قىزنى تاپالمايسىز تاپسىڭىزمۇ ئېرشەلمەيسىز ماڭا ئىشنىڭ دەپ قالدى مەن گەپلىرنى ئاڭلىمغان قىياپەتتە چىقىپ كەتتىم .
ياتىقىمغا كىرىپ ياتتىم مىنى ئەندىشە بېسىۋالدى راسلا ئۇ قىز دىگەندەك بۇلۇپ چىقسا قانداق قىلارمەن بولدىلا دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرەتتىم.
كۈن ئۆتىۋەردى ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق بىر دوستۇم پىراۋاڭ بولغانكى شوپۇر بولساڭ بولمامدۇ ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە كوچىلىرنى بىلسەڭ تېخىمۇ ئاسان تاپالايتىڭ دىگەن گىپى مىنى سەگىتىپ قويدى شۇنىڭ بىلەن شوپۇرلۇق خىزمىتى ئىدەپ بىر توپ مال تارقىتىدىغان شەخسى ۋاكالەتچىنىڭ ماشنىسنى ھەيدىدىم بۇرۇن ناتۇنۇش بولغان كۆچىلار ئەمدى مەھەلەمنىڭ كوچىسىدەك تۇيۇلدىغان بولدى ئارلىقتا نەچچە قېتىم ئىش ئورنۇمنى ئالماشتۇردۇم . بىر كۈنى يۇرتتىكى بىر دوستۇم مەن پەرىنىڭ ئاكىسىنىڭ نۇمۇرنى بىلىمەن دەپ ئۈندىدارىمغا ئەۋەتىپ قۇيۇپتۇ ئاكىسىغا ئۇچۇر يازدىم بىراق ئاكىسى كىملىكىمنى سوراپ تۇرۋالدى يالغان سۆزلەپ تۇققان قىياپەتكە كىرۋالدىم .
ئاكىسى ئىشەنگەندەك بولدىيۇ بىراق پەرىنىڭ ئالاقىلشىش نۇمۇرنى دەپ بەرمىدى ئاخىر ئەقلىمگە ئاچام يىتىپ ئاچامدىن پايدىلنىش قارارىغا كەلدىم.
ئاچامنىڭ يولدىشنىڭ ئۆيىدىكىلەر پەرىنىڭ ئاتا ئانىسىغا يىراق تۇققان كىلەتتى ھېيىت ئايەملەردە ھېيىتلىشاتتى ھەتتا پەرىنىڭ دادىسى بىلەن ئاچامنىڭ ئۈيىدە ئىككى قېتىمدەك بىللە ئولتۇرۇپ تاماقمۇ يىيىشكەن ئىدۇق نىمىشقا بۇرۇنراق ئىسىمگە كەلمىگەندۇ ئۆز ئۆزەمنى ئەيىپلەپ خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمىدى دە دەرھال ئاچامغا تېلفون قىلدىم ئاچام پەرىنىڭ نۇمۇرنى نىمە قىلىسەن دەپ سوراپ چىڭ تۇرۋالدى مەن ئامالسىز يەنە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم .
مۇنداق ئىش ئاچا ئۆتكەن يىل پەرى جىددى پۇل لازىم بۇلۇپ قالدى دەپ مەندىن پۇل سورىغان سىنىڭ يۈزۈڭنى يۇرۇق بۇلار دەپ بېرىپ تۇرغان ھازىرغىچە قايتۇرۇڭ دەپ باقمىدىم ئەمدى ماڭا پۇل لازىمتى شڭا ئالاي دىسەم ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئالاقىلشىشنى بىلەلمىدىم .
ئاچام چۈشەنگەندەك ئۇ قىزنىڭ نۇمۇرنى بىلمەيمەن بىلسەم دەپ بىرەتتىم دىدى .
مەن دەرھال ئاكىسىدىن ياكى ئاپىسىدىن سوراپ بەرگىنە دەپ يىلىندىم ئاچام قۇشۇلدى ئاكىسنىڭ نۇمۇرنى ئاچامغا دەپ بەردىم ئاچام ئاكىسىدىن ئاپىسىنىڭ نۇمۇرنى سوراپتۇ ئاچاممۇ ئەقىللىق ئىكەن ئاكىسىنىڭ دەپ بەرمەيدىغىننى ئالدىن بىلىۋاپتىكەن .
قىزىقسىڭىز داۋامىغا دىققەت قىلىڭ!
بۇيۈك ئاشىق …





546 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-15 6:37:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-20 23:43:43 سىرلىق قەلىب
ئىسىل يىزلىپتۇ مەن بەك ياختۇردۇم يازغۇچىمىزنىڭ قولىغا دەت بەرمىسۇن 👍👍
2017-3-18 17:40:38 apsana
yahxii qikiptu lekin azla.kaldi bahitsizlikka yana bir.ketim. uqtigili
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ