مۇھەببەت تەقدىرى

مۇھەببەت تەقدىرى(ھىكايە)

 

ماترىكىس

 

يېرىم كىچە قاراڭغۇ شارقىراپ يېغىۋاتقا يامغۇردىن باشقا ئاندا ساندا يوللاردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قورۇ ئىچى ھەتتا يوللارمۇ جىمجىتلىققا چۆككەن ئىدى، شۇ ئەسنادا يىگىت ئاجىز تىترەپ تۇرغان قوللىرىغا يانچۇقىدىن تىلفۇنىنى مىڭ تەسلىكتە ئىلىپ يامغۇردىن قىچىپ دالدا بولغۇدەك يەر تېپىپ تېلفۇندا بىر نومۇرنى باسقىلى تۇردى،تونۇش بولغان مۇزىكىلىق قوڭغۇراق يەنە ئاڭلاندى، لىكىن ئەپسۇس يىگىت بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەنگەنىدى. تىلفۇن رەھىمسىزلەرچە بىسىۋېتىلگەنىدى، بۇ يىگىتنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۇنىڭ قىز دوستى ئىدى. چۈنكى يىگىت ئۆزىنىڭ جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى ساقايمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن تارتىپ ئىزچىل قىزدىن يوشۇرۇپ ئارىلىق ساقلاپ يىراقلىشىپ كېتىۋاتاتتى ، قىز بولسا بۇنى يىگىتنىڭ ئۆزىگە بولغان قەستەن قىلغان سوغۇق مۇئامىلىسى، يىگىتنى بولسا باشقا بىرىنى تېپىۋالدى دەپ بىلىپ يىگىتنىڭ قايسىدۇر بىركۈنى تىلفۇندا ئاچچىق قىلىپ مىنى ئەمدى ئىزدىمەڭ ،مىنىڭ يالغۇز قالغۇم بار دېگەن سۆزىدىن كېيىنلا شۇندىن تارتىپ ئىزدەشمەيدىغان، ئىزدىسىمۇ تۈزۈك گەپ قىلمايدىغان بولىۋالغانىدى. ئارىدىن بەش ئاي ئۆتۈپ كەتتى قىز يېڭى لايىق تېپىۋالغانىدى.يىگىتنىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ قان ياندۇردىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇ تاپتا قىز دوستى ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئاخىرقى قېتىم دىدارلىشىۋېلىش خىيالى بىلەن پەستە ئىشىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ چىقىشىنى خۇدادىن تىلەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىدىن ئەسلا خەۋىرى يوق دوستلىرى بىلەن خاتىرجەم تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۋاتاتتى. ئاخىرى يىگىت يول ئۈستىگە چىقىپ قىزنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن قارىسا كۆرۈنگىدەك بىر ئورۇنغا كىلىپ قىزنىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ ئۆزىگە قول پۇلاڭتىشىنى ئۈمۈد قىلىپ ماڭماقتا ئىدى………تىلفۇن يەنە بېسىۋېتىلدى…يىراقتىن كۈچلۈك بىرجۈپ نۇر تېز سۈرئەتتە سىگنال ئۇرغان ھالدا بۈسۈپ كەلگەن پېتى قاراڭغۇلۇقتا ھېچكىم كۆرمەستە ئۈنسىز غايىپ بولدى.ئەتىسى سەھەردە مەھەللە تازىلىقىدا ئىشلەيدىغان ئايالنىڭ ئەنسىز ۋارقىرىشىدىن كېيىن ساقچى ماشىنىلىرى بىلەن جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىردەمدە پەيدا بولۇشتى. ئەتراپتىكىلەر بولسا ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشاتتى، بەزىلىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنىغا سوقۇلۇپتۇ دىسە بەزىلىرى دەردى ئېغىر شۇڭا ماشىنىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ دېگەندەك گەپلەرنى دېيىشىپ باقاتتى…لىكىن ھېچكىممۇ ئۇنىڭ جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىلىپ قىلىپ مۇھەببىتى بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن كەلگىنىدە مەس شوپۇرنىڭ سوقۇۋېتىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلالمايتى. پەستىكى قىياچىيا ۋارقىراشلاردىن ئويغانغان قىز دېرىزدىن قاراپ بىرھازا داڭ قېتىپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق يىغلىغىنىچە ئۆيدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ پەسكە ــ مۇھەببىتىنىڭ يېنىغا يۈگرەپ چۈشتى، ئەپسۇس ئەزرائىل ئۇنىڭ روھىنى ئاللىقاچان ئېلىپ كىتىپ مۇزدەك جىسمىنىلا قالدۇرۇپ قويغانىدى. قىز بولسا ئۇنىڭ ئالقىنىنى يۈزىگە ياقماق بولۇپ قولىنى يۈزىگە ئاپارغىنىدا يىگىتنىڭ قولىدا بىرنەرسىنىڭ مەھكەم سىقىمدىلىپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى ۋە ئېچىپ تېخىمۇ بەك ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى،چۈنكى يىگىتنىڭ قولىدىكىسى بولسا يىگىت قىزغا توي تەكلىپى قويغان چاغدا سوۋغا قىلغان كېيىن قىز يىگىتكە قايتۇرۇپ بەرگەن ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك بىلەن تېخى يوللاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر قىسقا ئۇچۇر تۇراتتى «گۈلۈم،ھاياتىم مەن سىزنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىمەن،لىكىن مىنىڭ كېسەللىكىم سىز بىلەن ئۆتۈشۈمگە قەتئىي يول قويمايدۇ،مىنى كەچۈرۈڭ». ۋاقتىدىن قارىغاندا بۇ ئۇچۇر يېزىلىپ ئەۋەتىشكە ئۈلگۈرمەي يىگىتنىڭ جان ئۈزگەنلىكى ئېنىق ئىدى. … … مۇھەببەت ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلەش ، قۇربانلىقلارنى بېرىش ئاخىردا ئۇنىڭدىن بىزنى مەھرۇم قالدۇرسىمۇ ئۇ يەنىلا مۇھەببەت.

 (ماترىكىسMATRIXقەلىمى، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلمىغان ئاساستا تارقىتىڭ!)





991 قېتىم كۆرۈلدى MATRIX ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-7 0:06:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-14 12:31:36 Parida
bak yahxi boptu mardan aka
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ