ھېلىقى ئۆي   

                                   

      بۇ ئۆي بۇرۇن بىر جەننەت ئىدى.خۇشاللىق بۇ ئۆيدىن ئەگىپ كەتمەيتتى،كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى.بىراق ھازىر بۇ ئۆي چۆلدەرەپ قالدى،كۈلكە ئاۋازلىرى ئۆينىڭ كونا كېسەكلىرىگە سىڭىپ كەتتى.ھازىر بۇ ئۆي شۇنچە غېرىپ،شۇنچە يالغۇز. تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بۇ ئۆيدىكىلەر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئاتىسىدىن،ئۆينىڭ يۈرۈكى بولغان ئانىسىدىن ئارقا-ئارقىچىلاپ ئايرىلدى .ئۇلار بەش بالا ئىدى،ئىككى ئوغۇل ،ئۈچ قىز. ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىشى ئۇلارنىمۇ بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇردى.چوڭ قىز باشقا شەھەردە ئىشلەپ ئۆيگە كەلمەس بولىۋالدى،قالغان ئىككى قىزمۇ ئۆزى ياتلىق بولغان ئۆيلىرىدىن جۈمەلەپ،پەتىلەپ كەلمەيدىغان ياكى بەك ئاز كېلىدىغان بولۇپ قالدى.چوڭ ئوغۇل تېخى توي قىلمىغان ئىدى،كىچىكى مەكتەپتە ئوقۇيتتى.

     ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغىنى ئېغىر كەلدىمۇ ياكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىنمۇ ۋە ياكى تۇرمۇشنىڭ باشقا بېسىملىرىدىنمۇ،ياكى ئاشۇ زېرىكىشلىك يالغۇزلۇقتىنمۇ ئىشقىلىپ چوڭ ئوغۇل كۈندە ھاراق ئىچىدىغان،كەيىپ قىلىدىغان بولىۋالدى.ئۆزىنىڭ يېرىگە ئوبدان ئىشلىمەي،خەقلەرگە ئىشلەپ تاپقان پۇلنى يەتكۈزەلمەي ئاۋارە ئىدى.كۈنلەر ئايلار شۇنداق ئۆتتى.ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى بارا-بارا سۇزلاشماقتا ئىدى.بايىقى ھاراقكەش ئوغۇلنىڭ مەھەللىدە

     بۈگۈن ئۇلار ھېلىقى ئۆيگە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلغانىدى.چوڭ ئوغۇل ئۆيدە يالغۇز تۇراتتى.قىزلارمۇ قۇربان ھېيتلىق< پۇختا تەييارلىق >قىلىشقان ئىدى.چوڭ قىز سىڭلىسىنىڭ چاچ ياسىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،ھاپىلا-شاپىلا بېرىپ چاچ ياساتتى.چوڭ قىز160يۈەن،ئىككىنچى قىز 170 يۈەن خەجلەپ چاچلىرىنى ياساتتى.يەنە نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋېلىشتى.ھەممىدىن كىچىك قىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇنداق

    ئەتىسى ئەتىگەندە ئىككى ئوغۇل مەسچىتكە كېچىكىپ كىرىپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا قىلىپ كېلىشتى.مانا ئۇلۇغ قۇربان ھېيت،مانا بۈگۈن دەل بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمىمىز،بۈگۈن بىز مۇسۇلمانلار ،قېرىنداشلار جەم بولۇپ خۇشال-خۇرام يەپ ئىچىشىدىغان،بىر-بىرىمىز بىلەن مۇڭدىشىدىغان،ھال-ئەھۋال سورىشىدىغان يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئۇلۇغ كۈن. بىراق بۇ كۈن ھېلىق ئۆيدىكىلەر ئۈچۈن باشقىچە بىر كۈن بولدى.ئۇلار بۇ ئۇلۇغ ،خاسىيەتلىك ھېيتنىمۇ ئۆتكۈزەلمىدى.بىر-بىرىدىن رەنجىشتى.ئاخىر نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولدى.قىز لار ئارقا-ئارقىچىلاپ بىردەمدە كېتىپ بولۇشتى،چوڭ ئوغۇل بولسا بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە چىقىپ كەتتى،ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى،نېمە قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.ھېلىقى ئۆيدە پەقەت بىرلا ئادەم ،يەنە بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى يەنى بىز مەكتەپتە ئوقۇيدۇ دەپ تونۇشتۇرغان كىچىك ئوغۇل بالىلا قالدى.ھويلىدىن توپا ئۇچۇپ تۇراتتى.ئۆي ۋە ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدى.بۇ باشقىلارنىڭ پاكىزە  رەتلىك،كۈلكە ئاۋازى،ھېيت خۇشاللىقى ئاڭلىنىپ تۇرغان ئۆيلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىدى.ئۆيدە يالغۇز قالغان بايىقى كىچىك ئوغۇل بالا قوسۇقىغا ئازراق بىرەر نەرسە يېيىش ئۈچۈن ئۆيگە كىردى.ئۆيدىن پەقەت قاتتىق ناندىن باشقا يېگۈدەك نەرسە تاپالمىدى.بىراق ئۇ قاتتىق ناننى مۇزلەك سۇغا چىلاپ يېيىشنى خالىمىدى.بەلكىم ئۇنىڭ يالغۇز قالغۇسى باردۇ،تېخىمۇ يالغۇز قالغۇسى باردۇ.يەنە بەلكىم ئۇنىڭ ھېلىقى ئۆي بىلەن تازا مۇڭداشقۇسى،ئۇ ئۆي بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكۈسى باردۇ.ئۇ شۇنداق قىلىپ ئىشىكلەرنى ئىچىدىن مەھكەم تاقىدى. ئەمدى بىرمۇ ئادەم قالمىدى،ھويلا ،ئەتراپ ھەممىسى تېخىمۇ تىمتاسلىققا ،تېخىمۇ جىمجىتلىققاچۆمدى.ھېلىقى ئۆي ،ھېلىقى ئۆي غېرىپ قالدى،بەلكىم ئۇ ئۈنتىنسىز كۆز-ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان بولسا كېرەك،توغرا بەلكىم ئۇ زارلىنىپ  ئاھ ئۇرىۋاتقان بولسا كېرەك.ھەممە جىمىغان ئىدى،ئەتراپ بىرخىل سۈرلۈك...



     






491 قېتىم كۆرۈلدى 1838207873 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-7 17:59:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ