ئاشىق مەشۇق جەسەت (ۋەھىمىلىك ھىكايە) 1-قىسىم

ئاشىق مەشۇق جەسەت

 (ۋەھىمىلىك ھىكايە) 1-قىسىم

ئاپتۇرى: تۇرغۇن سايرامى


بۇ ھىكاينى يېزىۋاتقان شۇ دەرىقىدە ئۆزمنىڭ تىنىممۇ شۇنچىلىك ۋەھىمىگە چۈشىدۇ نىمىشقا دەمسىز ھەر قانداق بىر ۋەھىمىگە ئۇچۇرغان ۋاقتىڭىزدا تىنىڭىز شۈركەنگەن بولسا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتكەندە ئەىسلىسىڭىز سىزنى ۋەھمە تىنىڭىزگە چوڭقۇر ئورناپ كىتىدىكەن·
بىر كۈنى كەچ بەك چارچاپ كەتكىنىمدە ئۆيگە كىلىپ تامىقىمنى يەپ بۇلۇپلا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن بۇ ئۇيقۇ ئىچىدە  بىر ۋەھىمىلىك ھىكايىنى چۈشەپتىمەن·
تۇرغۇن شۇنداق زىل ئاۋازدا چاقىرىلغان بۇ ياڭراق ئاۋازدىن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم ئورنۇمدىن ئاستاغىنە تۇرۇپ ئەتراپقا قارىسام ئۆيۈمدە ئىكەنمەن مىنى كىمنىڭ چاقىرغانلىقىنى بىلەلمەي بەلكىم شۇنداق سېزىم بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يەنە ياتتىم يېتىپ يوتقاننى ئۈستۈمگە يېپىپ تۇرشۇمغا ئۇ ئاۋاز يەنە تەكرارلاندى…ھەي تۇرغۇن -بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ئەتراپ قاراڭغۇ تېزدىن چىراقنى ياندۇرۇش ئۈچۈن پەسكە چۈشمەيلا كارۋات ئۈستىدىن تامنى سىلاپ مېڭىپ چىراق يىپىنى ئىزدەپ ماڭدىم ئەمما چىراق يىپىنى تاپالماستىن تاراق - تۇرۇق قىلىپ كارۋاتتىن ئورۇندۇق ئۈستىگە ئورۇندۇق ئۈستىدىن يەرگە دومۇلاپ چۈشتۈم ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا قۇلۇم پۇتۇم بېشىم قاتتىق تىگىپ كەتتىمۇ بەكمۇ ئاغىرۋاتقان ئىدى·
بۇ ئاغرىققا چىدىماي -ئاناڭنى كىم مىنى چاقىرغان كىم دەپ ۋاقىردىم ئەتراپتىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى يەنە چىراق ياندۇرماقچى بۇلۇپ يىپنى ئىزدەىپ تامنى سىلاپ ماڭدىم قۇلۇمغا يۇمشاق بىر نەرسە ئورۇندى چۆچۈپ كىتىپ ئارقامغا ياندىم ·
بىر چىلەككە ئۇسسىغاندا ئىچەرمەن دەپ سۇ ئەكىرىپ قۇيۇپتىكەنمەن شۇ چىلەككە پۇتلۇشۇپ كىتىپ يەنە يىقىلدىم بەدىنىمدە كىيىم بولمىغاچقا سوغاق سۇ بەدىنىمگە چاچىراپ ئەندىكىپ كەتكەن ئىدىم ·
ئەمما ئۇ سۇنىڭ پۇرىقى بەدبۇي قاڭسىق ئىدى بەدىنىمدىكى سۇ ئېقىپ كەتمەي چاپلىشىۋالغان ئىدى قۇلۇم بىلەن چاپلىشىۋالغان سۇلارنى ئاستا تۇتتۇم قۇلۇمغا يېپىشقاق بىلىندى بۇ سۇ ئەجەپ غەيرى تۇردىغۇ دەپ ئەجەپلىنىپ چىراقنى ياندۇرسام ھەممىنى بىلىمەنغۇ دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يىپنى ئىزدەپ ماڭدىم ئاخىر يىپنى تېپىپ چىراقنى ياندۇردۇم ئەمما قۇلۇمدىكى قارىراق كەلگەن بۇ قاننى كۆرۈپ يۈرۈكۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى · بۇ …بۇ…نىمە قان ئەمدى دەپ ئۆز ئۆزۈمگە دۇدۇقلاپ سۇئال قۇيۇپ كەتتىم ·
توغرا مەن بۇ سۇنى قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىكى بۇلاقتىن ئەكىرگەن ئىدىم ئەجىبا مەن ئىچىۋاتقان بۇ سۇ … ئاخىرنى تەسەۋۇر قىلىپ ياندۇرۋەتكىلى تاس قالدىم دەل شۇ ۋاقىتتا چىراق لاپ قىلىپ ئۆچۈپ قالدى يۈرۈكۈم جىغغىدە قىپ قالدى ·
چىراق ئۆچىشى بىلەن غىچ… قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىشىك ئېچىلدى يۇپيۇرۇق نۇر چىقىرىپ تۇردىغان چېچى چۈشۈپ كەتكەن بېشى خۇددى چىرپ كەتكەن تىرىدەك بىر كۆزى ئېقىپ چۈشۈپ كەتكەن تىلى ئتنىڭ تىلىدەك ساڭگىلاپ تۇردىغان يۈزى سۈپسۈزۈك   لىۋىگە قېنىق لەۋ سۇرۇخ سۈرۈۋالغان ئۈستىگە قىپقىزىل رەختىن توي كۆڭلىكىگە ئوخشاش كىيىم كىيۋالغان ئۇزۇن پاشنىلىق ئاياق كىيۋالغان بىر جەسسەت كىرىپ كەلدى·
بۇ جەسسەتنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم قېپىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى قورقۇنۇچ ئىلكىدە تامغا چاپلىشىپلا قاپتىمەن ·
تۇرغۇن… بۇ قېتىم بۇ ئاۋاز تولىمۇ بىچارلەرچە چىقىۋاتقان ئىدى ئۇ جەسسەت شۇنداق چاقىرغاچ ئالدىمغا كەلدى ·
مەن سىنى تۇنۇيمەن ئەمما سەن مىنى تۇنىمايسەن سەن ھەر كۈنى كەچ مىنىڭ كۆز يېشىمنى ئېلىپ كىتىسەن مەن بىلەن مۇڭداشمايسەن شۇڭا سىنىڭ بىلەن مۇڭدىشاي دەردىمنى ساڭا تۆكىۋالاي دەپ سىنى ئىزدەپ كەلدىم سەنچە بۇلارمۇ،؟دەپ يىلىنغان ھالدا مەندىن سورىدى مەن بولسام قورقىغىنىمدىن تامغا چاپلىشىپلا قالغان ئىدىم كۆڭلۈمدە بۇ جەسسەتتىن تېزراق قۇتۇلۇشنى ئويلاپ بۇلدۇ دەردىڭنى تۆكۈپ بۇلۇپ جايىڭغا تېز قايتىپ كەت دىدىم ئۇ خۇددى ھايات ئادەملەردەك رەھمەت دەپ ئورۇندۇقۇڭدا ئولتۇرسام بۇلامدۇ دىگەچ ماڭا قارىدى·
ھە …ھە…بۇلىدۇ ئولتىرىۋەرگىن دىدىم دۇدۇقلاپ تۇرۇپ·
ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، سەن مۇھاببەتلىشىپ باقتىڭمۇ دەپ سورىدى مەن دەرھال ياق مۇھاببەتلەشمىدىم دەپ جاۋاپ بەردىم تېزلىكتە دۇدۇقلىغاچ·
ئۇ تۇرۇپلا شۇنداق بىچارلەردە يىغلاپ كەتتى دىگەندەك ئۇنىڭ يوق بولغان كۆز ئورنىدىن بايا قۇلۇمغا يېپىشۋالغان قان چاچىراپ چىقىۋاتقان ئىدى ·
مەن جۈرئەتكە كىلىپ ئۇنىڭدىن سۇئال سورىدىم ·
نىمىشقا يىغلايسەن بايا دەردىمنى تۆككىلى ئىزدەپ كەلدىم دەۋاتقان ئىدىڭ دىگىنە نىم ئىش بولغان ئىدى ·
ئۇنىڭ يىغىسىنى توختاتماقچى بۇلۇپ ·
ئۇ يىغىسىنى توختۇتۇپ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مەن شۇنداق ئوماق بىر ئىنسان قىز ئىدىم دادام بىر  يۇرتنىڭ يۇرت بېشى ئىدى ·
بىر كۈنى مەن ئېتىمنى مىنىپ سەيلىگە چىقتىم دەريا مەھەلە سىرتىغا جايلاشقان بىر دەريا بار ئىدى ئۇ دەريانىڭ ئورنى سەن كۈندە سۇ ئالىدىغان ھېلىقى بۇلاقنىڭ ئورنىدا ئىدى بىراق ھازىر شۇ بۇلاقمۇ مىنىڭ كۆز يېشىم بىلەن بۇلاق بۇپ تۇرۋاتىدۇ·
ئەسەرنى يەنە ئوقۇماقچى بولسىڭىز كىيىنكى قىسىملىرغا دىققەت قىلىڭ!يازغۇچىسى :تۇرغۇن سايرامى
ئۈندىدار1840323190
   





805 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-30 19:36:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ