بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 1-قسىىم

 بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 1-قسىىم


   ئازغىنە بەخىتلىك كۈنۈم ئۇزۇنغا بارمايلا ئاخىرلاشتى.بىر كۈنى كەچ مەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ئىدىم پەرىدە ماڭا تاماق ئېتىپ ئەكىلىپتۇ.ئۇنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىدىن بەكمۇ خۇشال بولغان ئىدىم، مەن لەغمەنگە ئامراق بولغاچ، ئۇ ئۆز قولى بىلەن ماڭا لەغمەن ئېتىپ ئەكەپتۇ.مەن ئۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلىپ كەت ىكەن ئىدىم.ئەپسۇس ھەر قېتىم بەختىمگە كۆز تېگىدۇ، نېمىشقىكىن بىر كۈنكۈلگەن بولسام 10 كۈن ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق، دۈم يېتىپ راسا يىغلايمەن.ئۇ مەن ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئەكەلگەن لەغمەننى ئىشتىھايىم بىلەن زوقلىنىپ يەۋاتقان شۇ پەيتتە ئۇنىڭغا تېلېفون كېلىپ قالغانىدى.ئۇ گۇمانلىق ھالدا تېلېفوننى سىرت، چىقىپ.ئېلىپ پاراڭلاشتى.مەن يەۋاتقان ئۇ لەغمەننىڭ تەمى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ ياكى مەندە شۇنداق تۇيغۇ بولدىمۇ ئىشتىھايىم بىردىنلا تۇتۇلۇپ قالغاندەك بولدى.كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى، ئۇنى ئىزدەپ چىقاي دەپ ئىشىك ئالدىغا ئىشىك ئالدىغا كەلگىنىمدە ئۇنىڭ، «ھە ساقلاپ تۇرۇڭ بىردەم چىدىغانغا ئۆلۈمتىڭىز، سەل تۇرۇپ بارىمەن ھازىر ئالدىراش ئىدىم بارغاندا كۆرۈشەيلى» دەپ تېلېفوننى ئۈزۈپئىشىكتىن كىرمەكچى بولۇپ ئىشىكنى ئىتتىردى ئىشىك ئالدىدا مېنىڭ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتتى.مەن بولسام ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قېتىپ تۇرۇپ قاپتىمەن،«سىز، سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىىز؟»دۇدۇقلىغان ھالدا سورىدى مەندىن.گەپ قىلماستىن ئاستا قەدەم بىلەن، ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردۇم.لەۋلىرىم ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوئاللارنى سوراش ئۈچۈن تىترەشكە ئۇرۇندى يۇ ئەمما ئۈن چىقىرىشقا پېتىنالماي قورقۇنچ باسقان لەۋ ئىدى.ئۇ چۈشەندى بولغاي، ئۈندىمەستىن يېنىڭغا كېلىپ ئولتۇردى.ئىككىمىز ئارىلىقىدا بىردەم جىمجىتلىق، ھۆكۈم سۈردى.ئۇ گەپ باشلىدى.«سىزنى ئالدىغىم يوق.شۇنداق، مەن بىرى بىلەن يۈرىۋاتىمەن، بۇ يەرگە سىزنى دەپ تاماق ئەكىلىپ بېرىشىم سىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئازراق ۋاقتىمنى چىقىرىشىم.سىزنىڭ ماڭا بەرگەن چىن مۇھەببىتىڭىزگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى مەن ھەممىنى چۈشىنىپ يەتتىم سىز مەن ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چەكتىڭىز مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ئازابلارنى تارتىپ مۇشۇ يەرگە كەلدىڭىز بۇ شەھەردە سىزنىڭ چۈشكۈن يۈرىشىڭىزنى، ئۆزىڭىزنى قىينىشىڭىزنى ھەمدە، ئازاپ چېكىشىڭىزنى خالىمايمەن.»شۇنداق دەپ جىم بولۇپ قالدى.مەن«ئەمىسە بۇ بىر قانچە كۈن مۇشۇنى دەپلا مېنى ئەخمەق قىلىپ يۈرگەنمىدىڭىز ئەجەبا بۇ قىلغىنىڭىنى توغرا دەپ بىلەمسىز؟»دەپ سورىدىم.ئۇ«توغرا ئەمەس لېكىننى بىلىمەن بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلدىم، سىزنى بىر قانچە كۈن بولسىمۇ خۇشاللىق تاپسۇن بەخت ھېسقىلسۇن ئەركىن ئازادە يۈرسۇن دەپ، ئويلاپتىمەن.مەن سىزگە مۇشۇنچىلىك، جاۋاب قايتۇرالايدىكەنمەن.مېنى كەچۈرۈڭ.»ئۇ شۇنداق دەپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى.
داۋامى بار تەخىر قىلىڭ ،،،،،،،،،،
     





244 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-27 6:34:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-28 23:13:44 buyuk
ئەسلى ئۇنىڭغا بۇنچە بالدۇر ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم بىراق ئارزۇيۇم تېز ئەمەلگە ئېشىپ 7- قىسىمدىلا ئۇنىڭغا ئرشىپ جەم بۇلۇپ قالدۇق شۇبىڭ بىلەن ھىكايە ئاخىرلىشىپ قالدى شۇڭلاشقا يېڭى ئەسەر يېزىش ئۈچۈن بۇ ئەسەر 77 قىسىمدا ئاخىرلاشتى كىيىنكى ئەسىرىمنى سىلەرگە تېخىمۇ ياخشى قىلىپ يېزىپ بېرىمەن ئوقۇرمەنلەرگە دەيدىغىنىم كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى ئىبرەت كىتاپتىكى ۋەقەلىك مەيلى ھەقىقەت مەيلى ئوبرازلىق ئويدۇرما بولسۇن ئىبرەتلىك يېزىلىدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ