يول خىتى - 3 - قىسىم - ھىكايە
يول خىتى - 3 - قىسىم - ھىكايە
يازغۇچىلار تورىدىن ئابدۇرەشىت يازمىسى
 
قاسىم ئەندىكىپ ئەتراپىغا قارغاندا جانان يەنىلا كۈلۇمسىرەپ تۇراتتى.ئۇ يەنە گەپ قىلدى:
ـــ ئېسىڭىزگە كەلدىڭىزمۇ ،گەپ قىلمايسىغۇ؟-دىدى ئۇ.قاسىم دەرھال ئېسىنى يىغۋالدى -دە، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن،ئاندىن گەپ باشلىدى: 
ـــ ھە،ئە، مەن ياخشى ئەنسىرمەڭ ،ئۆزىڭىزچۇ،ئەخۋالىڭىز ياخشىمۇ بىر نەتچە قېتىم سىز بىلەن سالاملىشاي دىگەن بولساممۇ لىكىن ئەدەپ يۈسسىدىن سىزگە گەپ قېلالمىدىم،سىزنى داۋاملىق مۇشۇ نەس باس- قان يەردە كۆرگىنىمدە مېنىڭمۇ سىزگە ھىسداشلىقىم كىلىدۇ،دىمەك سىزگىمۇ«يول خىتى »لازىم بولغانلىقىنى ئويلاپ يۈركۈم سېقىلغاندا بولاتتى،دىمەك سىزگىمۇ لازىمكەندە.
ـــ شۇنداق لىكىن بىزلەرگە سىز دىگەندەك يول تار ئىكەن ،بۇ يەرگە تولا قاتراپ يۈرۈپ چارچاپ مومايلاردەك
ھالىمدىن كەتتىم.دىمىسىمۇ ئۆزەمنى مومايلارغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم، بەلكىم سىزنىڭ كۆزىڭىزگە شۇنداق كۆرەنگەندىمە،-دىدى جانان چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ.
ـــ ياكەي ئۇنداق دەپ كەتمەڭ خانىم ،سىزدەك جانانلارنى قانداقمۇ مومايلارغا ئوخشاتقىنى بولسۇن،سىز
نىڭ تەخە ئون گۇلىڭىزنىڭ بىرسىمۇ  ئىچىلمىغان ئەتىرە گۈلدەك تۇرسىڭىز قانداقمۇ ئۇنداق دىگىلى بولسۇن بۇ گەپلەر سىزدەك كەم ئۇچقايدىغان جانانلىغا ياراشمايدۇ.جانان قاسىمنىڭ بۇلۇپمۇ جانان دىگەن سۆزىدىن تولىمۇ سۆيىنىپ كەتكەن ئىدى. قاسىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
ـــ خەۋىرىڭىز بار مەنمۇ بۇ يولدا كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ قاتارىدا ئۇزۇندىن بىرى ئوشاشلا سەرسانمەن، 
ھىچ بىر يولى بولماۋاتىدۇ ھەممە رەسمىيەتلىرىم تۇلۇق بولسىمۇ بۇلۇپمۇ بىز مائاجىرلار ئائىلە تاباۋاتى تۇرۇپمۇ پۈتمەۋاتىدۇ،بىزنىڭ تىلىمىز كىسىك بولغاچقىمىكىن گەپ قىلىشقا رۇخسەت يوق ئىكەن، شۇڭا ئۆز-ئۆزەمدىن كېسىلىپ يۈرۈپتىمەن،
ـــ قېنى ياخشىراق تونۇشۇپ قالايلى  مېنىڭ ئىسمىم بوۋايى قاسىم دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ-دىدى قاسىم چاقچاق ئارلااشتۇرۇپ سۆزىگە.ئارقىدىنلا جاناندىن سورىدى:
ـــ سىزنىڭ ئىسمىڭىز؟...ئۇ بىردەم تۇرۋالغاندىن كېيىن،گىپىنى داۋاملاشتۇردى ـــ سوراشقا رۇخسەت قىلىڭ ئەدەپسىز لىك بولسىمۇ ئىسمىڭىز ئاي پەرى ئىۆەنغۇ؟دەيمەن -دىدى قاسىم ئەدەپ بىلەن.ئاي پەرى 
قاسىمنىڭ تاتلىق سۆزلىردىن لەزەتلىنىپ كەتكەن ئايپەرى ،خۇددى جانان چىنىدەك سۈزۈك ئەۋاز چىقىرىپ كۈلۈپ كەتتى
ـــ ھىچ قىسى يوق، ھەممىنى بىلىپ بوپسىز ،سىزنىڭ ئىسمىڭىزمۇ قاسىم قەمەرىدىن ئىكەنغۇ دىدى
جانان، ئىككىلىسى تەڭ دىگىدەك يەنە كۈلىشىپ كېتىشتى.
ـــ شۇنداق مېنىڭ ئىسمىم ئاي پەرى، دادام ئەزان تولاپ قويغان ئىكەن  دىدى،ئۇلار يەنە كۈلىشىپ كەتتى.ئايپەرىنىڭ ئەۋازى گويا جانان چىنىدەك چىقاتتى. ئاي پەرىنىڭ يېنىدا يەتتە ياشلار چاممىستا بار بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى، ئۇ ئاي پەرىنىڭ ئۆزدىنمۇ ئاق چىرايلىققىنا بۈدۈرۈك بالا ئىدى.
ـــ بۇ يېگىت سىزنىڭ ئوغلىڭىزمۇ؟-دىدى قاسىم ئۇلارغا مىھرىبانلىق كۆرسىتىپ.
ـــ ھە،ئە،شۇنداق مىنىڭ مىنىڭ بىرتاللا ئوغلۇم دەپ جاۋاپ بەردى ئاي پەرى مەمنۇنىيەت بىلەن.ــ بۇ مىنىڭ تۈنجى بالام تولىمۇ ياخشى كۆرمەن بۇنىڭدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلغىم يوق -دىدى ئايپەرى مەيۈس ھالدا،ئۇ ئارقا-ئارقىدىن گۈزەل سادا چىقاردى يەنە جىرىڭلىدى ،ئۇنىڭ بۇ سېرلىق چە لەۋەن ئەۋازلىردىن پەزىلەت زەرلىرى تۆكۈلىپ ئادەم قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى.مۇنداق يېقىملىق ئەۋاز ھەممە ئايال زاتىغا نىسىپ بۇلىۋەرمەيتتى بۇ ئاي پەرىدىكى بىر بايلىق ئىدى،ئۇنىڭ يېقىملىق سېرلىق ئەۋازى بىلەن گۈزەل رۇخسارى بىللىشىپ ئۇنى شۇنداق گۈزەل جانانلاردىن قىلىپ قويغان ئىدى.
ئاھ،خۇدا ! قەلىبلەر نىمانچە ئويناقسەن ! نىمانچە تىپچەكەپ تۇرمايسەن،لىرىكىلىك مەنالارغا تولغانسەن!
ئادەم رومانتىك پىكىرلەرگە ئامراق،شۇ پىكىر خىياللار بوستانىدا ياشاشقا ھەم ئامراق،قاسىم ئەنە شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى،شۇندىن كېيىن ئۇ بىر ئاز ھوزۇرلانغاندەك بولدى دە،يېراقلارغا نەزەر تاشلاپ ھايات نىمانچە گۈزەل ھە،-دىدى.تەڭرىنىڭ ئۆزلىرگە شۇنداق گۈزەل دۇنيانى ئاتا قىلغىنىغا تولىمۇ خۇرسەن بولدى.
ـــ شۇنداق قاسىم -دىدى ئاي پەرى : كىشىلىك ھاياتنىڭ قەدىرى قىممىتىگە يەتكەن كىشى ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتىدىن ھوزۇر ئالالايدۇ،ھاياتنىڭ سۆيگۈسى گويا قوياشقا ئوخشايدۇ ،مەن بۇ ھاياتنى تولىمۇ سۆيىمەن ،بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ھاياتىنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدۇ ياكى ئۇنى چۈشەنمەيدۇ،ۋاقىتسىز ئۆزلىرنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ،زەھەرلىك چېكىملىكلەر بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتىدۇ،ئۇ بولسىمۇ ھەممە يامانلىقنىڭ ئانىسى،جەمىيىتىمىزنى ئەنە شۇنداق ناقەس ئادەملەر ۋە ئىشلار نابۇت قىلىدۇ ،ھازى خەلىقنىڭ تۇرمىشى ياخشىلانغان تۇرۇغلۇق نىمىگە قەيداپ شۇنداق قىلىدۇ-دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : شەخسەن مەن تۇرمۇشتا ھەر بىر يامانلىق يېتىپ كەلسە بۇنىڭ كەينىدە بىر ياخشىلىق بولىشى مۇمكىن دىدىم،بېرەر كۈنۈم قايغۇلۇق ئۈتۈپ قالغىنىدا ئاللاھ بۇيرىسا ئەتقكى كۈنۈم گۇزەل بولىدۇ دىدىم.ئامراق بىرەر نەرسەمنى يوقۇتۇپ قويغۇنۇمدا ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بىردۇ -دىدىم.ئىنسان تۇرمۇشتا قانائەت ۋە ھەم رەببىگە شۈكرە قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسە ھەممىدىن ياخشىسىنى بىرىدۇ دەپ ئۈمۈت بىلەن ياشاش كىرەك.ھايات بولسا ھىسسىياتچانلارغا قۇرۇلغان بىر توزاق.ئەقىللىقلارغا  قويۇلغان بىر سوئال.ئادەمنىڭ ئۆزى بىر دۇنيا ،قەلبى بىر دۇنيا، كۆزى بىر دۇنيا،كۆرنىشى بىر دۇنيا،ھېچ كىمدىن خاپا بۇلۇشنىڭ ئورنى يوق .ھەر كىشى ھەر تاڭنى قەدىرلىشى لازىم.ئۇ قايتا كەلمەيدۇ ۋە قايتا ئاتمايدۇ ئۇنىڭ كەتكىنى كەتكەن.تاڭلار ئاتسىمۇ ئۆمۈر قايتىلانمايدۇ،مۇتەپەككۈرلەر شۇنداق دىگەن ئىكەن:ياخشىلىقىڭ سېنى خۇشال قىلسا ،گۇنايىڭ سېنى بىئارام قىلىدىغان ئادەم بولساڭ ئۇ چاغدا سەن ھەقىقى چىن ئادەمسەن .ئادەم ھەممە نەرسىگە تويىنىشى مۇمكىن،،لىكىن بىرلا نەرسىگە يەنى مىھرى -مۇھەببەتكە تويۇنمايدۇ.بۇ جەھەتتە شاھ بىلەن گاداي ئوخشاش بارابەردۇر.ھالبۇكى دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان نەرسە بولمىسا كېرەك. چۈنكى بىر ئېغىز تاتلىق سۆز ،كىچىككىنا مىھرىبانچىلىق قىلغانغا ھىچ كىمنىڭ بىرەر نەرسىسى كەملەپ كەتمەيدۇ،پەقەت ئاتكاچىلىق قىلىمىز خالاس،بۇ نادانلىقتۇر.بىزلەر بولساق شۇنىمۇ بىر-بىرمىز دىن ئايايمىز،لىكىن ياخشى گەپنىڭ ئۆزىلا سادىقە ئۇنىڭ تەھتىگە يەتمەيمىز ،ئۆز-ئارا بىر-بىرمىزگە ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سۈننەتتۇر،ھىچ بولمىغاندا بىر-بىرمىزگە خالىسانە دۇئا قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدۇق ،ئۇنى ئەلبەتتە داۋاملاشتۇرساق مىھرى مۇھەببەت ساقلىنىپ قالاتتى دەيمەن.ئۇنتۇپ قالمايلىكى تەڭرى ھەممىگە قادىردۇر،ئۇ بىزلەرگە توغرۇلۇققا يۈزلىنەلەيدىغا قۇۋەتنى يارتىپ بەرگەن ئەمەسمىدى -دىدى جانان سۆزىنى تۆگىتىپ .بۇلار شۇ تېرىقىدا پاراڭ 
لىشىپ،سېردىشىپ ماڭدى.ئۇلار شۇنداق قىلىپ بارا-بارا يېقىن سىرداش دوستلاردىن بۇلۇشۇپ قىلىشتى
قاسىم بارا-بارا جاناننىڭ ئەخلاق پەزىلىتىگە قائىل ۋە نازىل بۇلۇپ ئۇنىڭغا بارغانچە ئىچىقىپ قىلىۋاتاتتى. دەنالار ئەيتىدۇكى :«جانانلارنىڭ سۈزۈك ئاسماندەك سەمىمى سۆزلىرنى قۇبۇل قىلماق دەنالىقتۇر
خاتانى رەت قىلماق ئادالەتتۇر،خاتانى كىم قىلمىسۇن ئۇ بەرى-بىر خاتادۇر»دىگەن ئىكەن.بىزدە ھىچ قاچان نا توغرۇلۇق يۈز بەرگەن ئەمەس! سەمىمىيەت ئۈستىگە ياشىدۇق ،سەمىمىيەت ئۈستىگە دوستلاشتۇق،
گۈزەل ئۇچۇرۇشلار بولدى،ھاياتىمىز پاكلىقتا ئۆتتى ،بەندە ئالدىدا ھېچ قانداق گونايىمىز يوق! قەلىبداشلارنىڭ دىلى بىر،ئىش تەغدىرىمىز بىر يولدا بولىدىكەن دەرت ئەلەملەر جىمىمىزنى قېرىتقان بىلەن روھىمىزنى قېرتالمايدۇ-دىدى جانان يەنە.قاسىم ئۇنىڭغا يەر تىگىدىن قاراپ قويدى-دە،ئۇنىڭ پەلسەپىلىك سۆزلىرىغا تەشەككۈر ئەيتتى ۋە كوڭلىدە ئۇنىڭغا سەمىمى تېلەكلەرنى ،ئوتلۇق ئۈمۈتلەرنى تېلىدى.
جاناننىڭ ئوتلۇق بىقىشلارى قاسىمنى ھاياجانغا سالاتتى ئۇنىڭ شېرىن مەنىلىك سۆزلىرى ھەر قانداق 
كىشىنى مەس قىلاتتى.شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككەيلەن يانمۇ-يان مىڭىشىپ كۆڭىل سىرلىرنى ئەتىشىپ،كۆڭەلدىكىدەك پاراڭلاشتى. ئاي پەرىنىڭ سېيادەك قارا كۆزلىرى ھەر قانداق بىر يېگىتنىڭ يۈرەك تارىسنى چىكىپ،جىنىنى ئىلىپ جاڭگالدا قوياتتى. ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن تولىمۇ سۆيۈملىك كۆرنەتتى. جىھرىدىن مىھرى-مۇھەببەت تۆكۈلىپ تۇراتتى،ئۇنىڭ ھەر-بىر سۆزى چۇڭقۇر مەنالارغا تولغان ئىدى.قاسىمنىڭ ھۆرمىتى ئۇنىڭغا بارغانسىرى تەخىمۇ ئاشتى ئۇ تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالدى...بۇلاردا نىمە گۇنا دەيتى ئۇ، بۇ يەرگە كۈندە قاتراپ يۈرسۇنما؟ بىر «يول خىتى»ئىلىش ئۈچۈن مۇنچىلا قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟قاسىم شۇلارنى ئويلىدىيۇ،ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.ئۇممۇ بۇ يەر
گە قانچىلىغان قېتىم كەلمىدى دەيسىز،تولا كىلىپ قېرىپ كەتكەندەك بۇلۇپ قالدىغۇ؟مانا ئەمدى بايقى «موماي»مۇ ھازىر ئۇنىڭغا ياندىشىپ نىمەلەرنىدۇر خىيال قىلىپ كىتىۋاتاتتى.
ـــ ئىسمىڭ نىمە يېگىت دەپ سوردى قاسىم ئالدىدا پىلتىڭلاپ كىتىۋاتقان شاكىچىكتىن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ،ئۇممۇ چاققانلىق بىلەن جاۋاپ بەردى:
ـــ بوۋا ،مېنىڭ ئىسمىم ئۈمۈت،ئۈمۈت راشىدىن ،سىزنىڭچۇ -دىدى ئۇ.قاسىم ئۇنىڭ ئۇماق تاتلىق سۆزلىردىن تولىمۇ سۆيىنىپ كەتتى،قاسىم بىلەن جانان ئۈمۈتنىڭ بۇ تاتلىق سۆزلىردىن تەڭلا كۈلىشىپ كېتىشكەن ئىدى. بۇلۇپمۇ جاناننىڭ سۈزۈك ئەۋازى ھەممىنى بىسىپ كەتتى.قاسىمنىڭ ئالدىغا شۇ زامات مۇزەففەر بىلەن مۇتتەقى كەلگەن ئىدى ئۇلار قاسىمنىڭ ئامراق ئوغوللىرى ئىدى. ئۇ ئوغوللىرنى ھازىر سېغىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتى.جانان ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ :
ـــ باللىرىڭىز بارمۇ ،ئايالىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ دەپ سوردى.
ـــ شۇنداق ئىككى ئوغلۇم بار،ئايالىم يوق،ئاجرىشىپ كەتكەن دىدى قاسىم خۇرسىنىپ.جانان ئۆزنىڭ سورغان سوئالىدىن خىجىل بۇلۇپ قالدى بولغاي خۇرسىنىپ قالدى،ئۇ قاسىمغا يەر تىگىدىن قاراپ قويدى.قاسىم بۇنى سەزگەچكە ھىچ قىسى يوق ،خىجالەت بۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوق،دوستلار ئەلبەتتە بىر-بىرىنى چۈشۈنىشى كىرەكتە دىدى.ئاي پەرى قاسىمنىڭ بۇ سۆزىدىن بىر ئاز يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى.
ئاي پەرىنىڭمۇ چەتئەلدە تۇققانلىرى بولغاچقا پاسپورت ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كىلىپ يۈرۈپ قاسىم بىلەن تونۇشۇپ قالدى.شۇنداق قىلىپ بۇلار ھەقىقى سېرداش دوسلاردىن بۇلۇپ قىلىشتى.لىكىن ھازىرغىچە بۇلارنىڭ پاسپورتى چىقماۋاتاتتى.قاسىم ئاخىرقى قېتىم بۇ يەرگە كەلگىنىدە ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.ئازسانلىق مىللەتلەردىن:ئۇيغۇر،قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر كۆپىيىپ ئۇلارنى بىسىپ ئۆتەلمەيتتى.بىر قىسىم كىشىلەر تامغا چاپلاپ قويۇلغان ئۇختۇرۇشقا قاراپ ھەيران قىلىشقان ۋە ئۇنىڭغا توپلىشىۋالغان ئىدى.مەلۇم بولدىكى مەرگەزنىڭ «شىنجاڭ سۆبەت يېغىنىنىڭ» رويىغا ئاساسەن يېڭى سىياسەت چىقىرىپ ئۇنىڭ روھى بۇيۇنچە مۇندىن كېيىن،ئۇمۇمى يۈزلىك شىنجاڭ خەلقىگە پاسپورت بىرىلىدىغانلىقى  ئۇختۇرۇلغان ئىدى .بۇ خۇشاللىنارلىق سىياسەتتىن ھەممە كىشىلەر تولىمۇ سۆيۈنۈپ كەتكەن ئىدى.كىشىلەر بۇ ئاسان ئىشلىقنى بىر-بىرلىگە يەتكۈزۈشىپ خۇشاللىقلىردا ئورتاقلاشتى. مانا ھازىر بۇ يەردىكى ھەممە كىشلەرنى يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ،خۇرسەنلىك ئىپادىلىنىپ پارتىگە ھۆكۈمەتكە ھەشقاللا ئەتتى.قاسىممۇ بۇ خەبەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتىمۇ خۇرسەن بولدى.ھۆكىمەتنىڭ بۇ كەڭ سىياسىتىگە ئاپىرىن ئوقىدى.كۆپلىگەن كىشىلەر ھەيران قالغانلىقلىرنى ھۇشۇرالمىدى.بەزەنلەرنى خۇشاللىقىدىن كۆزلىرگە ئىسسىق ياش كەلدى،چۈنكى كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ ئوتتىرا ئاسىيە دۆلەتلىردە قان قېرىنداش تۇققانلىرى ھەم بارئىدى. لىكى پاسپورت ئالالماي ئۇياقلارغا بارالمىغانلارمۇ كۆپ ئىدى.ھايانكەشلەرگە يۆلىنىشكە ۋە ئۇلارغا پار بىرىشكە ئۇلارنىڭ بەرگىدەك پۇلىمۇ يوق ئىدى، بۇ قىتىمقى رەئىس شىجىپىڭنىڭ دەنا رەخبەرلىكىدە نۇرغۇنلىغان پۇخرالارنىڭ ئىشلىرى ياخشىلىنىپ كەتكەن ئىدى. 
قاسىم ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن مىڭ تەستە دىگۈدەك ساقلاپ تۇرۇپ ئاران دىگەندە ئاخىرى پۇكەيگە بارالىدى. قاسىم پاسپورتىنى قولىغا ئالغان كۈنى ئۇ خۇشال ھالدا سېرتقا قاراپ ماڭدى،بىراق ئۇ ئۆزىچە ئويلاپ قادى ــ باشقىلارچۇ ، ئۇ ئەتراپىغا قاردى ۋە پاسپورتىنى ئالغان كۆپلىگەن كىشىلەرنى كۆرۈپ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.ئۇلارنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق قىلۋىلىنىپ تۇراتتى.ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا جانان خۇددى ئۇنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا ئىدى،قاسىم ئۇنىڭ بىلەن ئوتلۇق سالاملاشتى ئۇنىڭ قولىدىمۇ يېڭى پاپورت تۇراتتى.
لىكىن ئۇنىڭ چىرايىدا ھىچقانداق ئىپادە كۆرۈنمەيتى،ئۇلار چىرايلىق سالاملاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى بۇ مەھۇم  ئەخۋالدىن قاسىم ھەيران قالدى ئۇ بۇ ئىشقا ئاي پەرىمۇ ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى لىكىن ئۇنىڭدا ھىچ قانداق ئىپادە يوق تاتلىق كۈلۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بۇ لاتاپىتىدىن قاسىم تولىمۇ سۆيىندى ۋە ئۇنى يۈرەك تارىسنى ئاتپەرى يەنە بىر قىتىم چەككەن ئىدى.
ـــ سىز ھىچ...ئوخشاشلا تۇرسىزغۇ مۇبارەك بولسۇن پاسپورتىڭىزنى  ئاپسىزغۇ -دىدى قاسىم.
ـــ سىزچە مەن جار سىلىپ ۋاقىراپ كەتسەم بولامتى ،بۇ ئىشلار ھازىرقى دەۋىردە نورمال ئىشلارغۇ،بالدۇراق مۇشۇنداق بولغان بولسا تەخىمۇ ياخشى بۇلار ئىدى ھېلى ھەم ياخشى بولدى خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ئاشتى دىدى. قاسىم يەنە گەپ قىلىشتىن خىجىل بولغان ئىدى .جانان يەنە گىپىنى داۋاملاش -
تۇرۇپ: 
ـــ مېنىڭ ئوي پىكىر  مەنزىللىرىم بۇلارلا ئەمەس قاسىم! ئىنسان ئۆزلىكىنى يوقۇتۇپ قويمىسىلا بول-
دى،بىر قىسىم ھەمشىرلىرمىز ئۆزىنى بىلمەي قىلىۋاتىدۇ،ئەخلاقى جەھەتتە ئۆزگۈرۈپ كەتتى،ئۇستازلار بىزگە مەكتەپتە ئۇنداق ئۈگەتمىگەن،ئۇلار شۇنداق دەيتتى:سىللەرنىڭ مەنزىلىڭلار خەلىقىڭلارنىڭ ئىسسىق قۇچىغى بۇلىشى كېرەك،ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالمىساڭلار ياخشى دىگەن ئىدى.مېنىڭ مەنزىلىم
ۋەتىنىمنىڭ ئىسسىق قوينى،ۋە بىر چىمدىم تۇپرىقى، مېنىڭ مەنزىلىم ھەقىقەتنىڭ چۇقانى،ساداقەتنىڭ
گۈلىستانى؛مېنىڭ مەنزىلىم...جانان بىر تۇرۋالغاندىن كېيىن،توغرا بولغان مۇھەببەتنىڭ ئوكيانى ،دىيانەتنىڭ قورغانى،دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ئۈمۈت يۇلدىزى ،مەن مۇشۇلار ئۈچۈن ياشىدىم،مۇشۇلار ئۈچۈن مىڭىۋاتىمەن،ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ يوللىرنى كۆزلەپ ،ئادىمىلىكنى سۆزلەپ كىتىۋاتىمەن...يەنىلا مۇشۇ يولىمدا ماڭىمەن-دىدى ئۇ ھاياجان ئىلكىدە.ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۈمۈتۋارلىققا تولغان ئىدى. قاسىم جاناننىڭ بۇ سۆزلىردىن تەخىمۇ سۆيۈنۈپ ھاياجانغا تولغان ھالدا ئۇنىڭغا چۇڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن قاردى ۋە ئۆزىنى ئالى سۈپەتلىك ئالىجاناپ ئۇلۇق بىر ئانىنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك قىلدى. ھازىر قاسىمنىڭ ھەممە ئىشتىن رايى يانغاندەك قىلاتتى ئۇنىڭ ھازىر ھىچ يەرگە بارغۇسى كەلمەيتتى. بۇ ئۆز ۋەتىنىدىن بىر كۈنمۇ ئايرىغۇسى كەلمەيتتى.بۇ جانانغا بولغان مىھرى -مۇھەببىتىدىنمۇ ئېيتاۋۇر بۇنى ئۆزىدىن باشقىسى بىلمەيتتى.ئۇ جانانغا ھەمرا بۇلۇپ ئۇزۇن ماڭدى ،قەلىب ئىزھارلىردىن چۇڭقۇر ئۇزۇق ئىلىشتى. ئۇلار چۇڭقۇر مۇڭغا تولغان ئولۇق بىقىشلار بىلەن قەلىب سىرلىرنى بۈلدۈرۈشتى. ئۈمۇت ئۇلارنىڭ ئالدىدا پىلتاڭلاپ كىتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ يولى پارلاق بولسا كېرەك! قاسىملار ئايرىلىش مەنزىلىگە بارغاندا بىر -بىرىگە چىدىمىغان ھالدا جانان ئوتلۇق قولىنى قاسىمغا تەڭلىدى:
ـــ سىزگە ئامانلىق ،سەپىرىڭىزگە ئاق يول ، باللىرىڭىزغا بەخىت تىلەيمەن -دىدى. قاسىممۇ :
ـــ بۇ بەخىتلەردىن ئورتاق بەخىرلەنسەك دەمەن،ئاللاھ خالىسا يەنە كۆرشىمىز ،يېقىن دوستلارنىڭ رىشتى ئۈزۈلمەيدۇ دەپ خوشلاشتى ...
تامام.
ئۈرۈمچى،ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم  2015-يىلى.




497 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-15 18:55:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ