ئەمدى بىللە سەيلە قىلمايلى (بايرون) -ئابدۇجىلىل تەرجىمىسى

ئەمدى بىللە سەيلە قىلمايلى

    _____ بايرون


 مۇشۇ يەردە ۋىدالىشايلى،
خۇش قال، ئى كۆزۈمنىڭ قارىسى.
ئەمدى بىللە سەيلە قىلمايلى،
ئۆز ئالدىمىزغا
ئۆتكۈزۈپ بۇ خىلۋەت كېچىنى.
مەيلى،
پۇچۇلانسۇن بۇ كۆڭۈل قانچە،
ئەسلەتسۇن ھەم تۈندە ئاي نۇرى.
مۇشۇ يەردە ۋىدالىشايلى،
خۇش قال، ئى كۆزۈمنىڭ قارىسى.

ئۆز تىغىدا تىلىنار غىلاپ،
كۆيگەن يۈرەككە تالىق ئازاب.
لېكىن سوقۇشتىن،
ئاز كۈن سوڭرە كېتىدۇ توختاپ.
ھالسىز كۆيۈشتىن،
قالار ئۈنسىز كۈل ئىچرە ئۇخلاپ.

ئەشۇ كېچە مۇلايىملىقى،
سىرداش بولۇپ قوينىغا ئالاتتى،
جىمجىتقىنە سىرلىرىمىزنى.
لېكىن يەنە ئۆچتى،
شۇنداق جىمجىت شۇ ئايدىڭ تۈسى،
يېتىپ كەلدى كۈندۈزنىڭ پەيتى.
مەنسۇپ ئەمەس بىزلەرگە ئەسلا،
ئەمدى ئەشۇ سۈت رەڭلىك دۇنيا.
ئۇنتۇپ كەتكىن، ھەممىسى كەتتى،
خۇش قال، ئى كۆزۈمنىڭ قارىسى،
ئەمدى بىللە سەيلە قىلمايلى.

          - ئابدۇجىلىل تەرجىمىسى
         _____ بايرون:«ئەمدى بىللە سەيلە قىلمايلى»
     





329 قېتىم كۆرۈلدى abdujelil ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-22 20:33:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ