دەرستىن قېچىش - مىكرو ھىكايە
دەرستىن قېچىش

كەترەن يازمىسى

 دەرسلەر بارغانسىرى خۇشياقمايدىغان بولۇپ كەتتى. بولۇپمۇ سىياسەت دەرسى، تەنەپپۇستا ناھايىتى روھلۇق، چېچەن ئولتۇرغان مەن سىياسەت مۇئەللىمنىڭ سىنپقا كىرىشى بىلەن پاسسىدە يېلىم چىقىپ بوشاپلا كىتىمەن. ئاندىن مۇئەللىم مۇنبەردىن ئۇياق بۇياققا ماڭغاچ، توختىماي سۆزلەپ مېنى پۈتۈنلەي گىپنوز قىلىۋىتىدۇ. سىنىپتا يا تۈزۈك ئۇخلىغىلى بولمىغان، خورەك تارتىپ سالسامغۇ ئىشنىڭ يوغىنى شۇ ...
- بۇيەرنى ئۆيۈڭ كۆرۈپ قالدىڭما؟ دەپ تىللىغىلى چۈشىدۇ. ھەي.. ھەرقىتىم چوڭ تازلىق قىلغاندا، مەكتەپ دىگەن سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار،دىگەن گەپلەر نەگە كېتىدىكىنە؟
 ئىشقىلىپ، سىياسەت دەرسى پەقەت كۆڭلۈمنى ئالالمىدى، باشقا دەرسلەردىغۇ خېلى ياخشىتىم بولمىسا... بۈگۈنمۇ ئۈچۈنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشۈپ شۇنداق قارىسام سېتكىدا 4-سائەت سىياسەت، دەپ يېزىقلىق تۇراتتى. كاللامدا تۇيۇقسىز دەرستىن قېچىش ئويى كەلدى دە بۇ ئويۇمنى يىقىن ئاغىنەم ۋارىسقا دېدىم . 
ـــ قاچايلى!! دىدى ئۇمۇ باش لىڭشىتىپ.
 دىمەك ئاسان بولغىنى بىلەن، دەرستىن قېچىش بۇ يەردە ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. دەرس ۋاقتىدا مەكتەپ ئېچىدە لاغايلاپ يۈرسەك تۈگەشكىنىمىز تۈگەشكەن. شۇڭا چوقۇم مەكتەپتىن چىقىپ كېتىش كېرەك. بىز تەنەپپۇس تىخى توشمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ كەينىگە ئۆتتۇق. ئاشخانىنىڭ كەينى تېمى بىلەن مەكتەپ قورشاۋ تېمىنىڭ ئارلىقى يېرىم مىتىردەك كىلەتتى. ئاشخانىنىڭ كەينىدىكى دېرىزىلەرگە ئوغرىدىن قوغدىنىش تۆمۈرى ئورنىتىلغاچقا ئېسىلىپ چىقىپ مەكتەپ تېمىغا چىققىلى بولاتتى. بۇ يەردىن قاچقىلى بولىدىغانلىقنى ۋارىسمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغانىكەن. لىكىن تام ناھايىتى ئېگىز بولىشىغا قارىماي ئۈستىگە ئون بەش سانتىمىردىن ئارىلىق قويۇلۇپ ئۈچ تال سىم تارىتىۋىتىلگەن، ھەربىر تال سىمدا نۇرغۇن كېسىپ ئورىۋىتىلگەن ئۇششاق سىملار بولۇپ سەللا دىققەت قىلمىسا كىيىمنى يىرتىۋىتەتتى. ياكى تېرىنى ئېلىۋىلىپ يارلاندۇراتتى. مىنى ئازراق سۈر باسقان بولسىمۇ، يېڭىنى تۈرۈپ دېرىزىگە يامىشىشقا باشلىغان ۋارىسقا قاراپ مەنمۇ يېڭىمنى تۈردۈم.
 ۋارىس ئەپچىللىك بىلەن تامغا بىر پۇتىنى ئالدى ھەم سىمنىڭ تۇتقىلى بولىدىغان يېرىنى تۇتۇپ بىر كۈچەپ تامنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى.ئاندىن يەنە ئېھتىيات بىلەن سول پۇتىنى سىمدىن ئارتىلدۇرۇپ ئۆتكۈزۋالدى.مەنمۇ دېرىزىگە يامىشىپ تامنىڭ ئېگىزلىكگە يەتكەندىن كىيىن سىمنى تۇتۇپ يەنە بىر پۇتۇم بىلەن بىر كۈچەپ تامنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدىم. بۇ چاغدا ۋارىس مەكتەپ تېمىغا يۆلىنىپ دىگەندەك ئورنىتىلغان سېمونت تۈۋرۈكنى چىڭ قۇچاقلاپ سېيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ ۋارىسنىڭ بايىقى ئامالى بويىچە سىمنى چىڭ بېسىپ تۇرۇپ سول پۇتۇمنى ئۆتكۈزۋىلىپ سىمنى مېنگەشكەندەك تۇردۇم. ئەمدى سول پۇتۇمنى كۆتۈرۈشۈمگە دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. ... جىررررررررىڭ. بۇ ئاۋاز مىنى شۇنچىلىك چۆچۈتىۋەتتىكى ئوڭ پۇتۇمنى بىر كۆتۈرگىنىمنى بىلىمەن، چاقماقتەك سۈرئەت بىلەن تامدىن سەكرەپلا چۈشتۈم. پۇتۇم سەل ئاغرىغاندەك قىلدى، لىكىن مۇۋەپپىقىيەتلىك يەرگە چۈشكىنىمدىن خۇش بولدۇم.
 بۇ چاغدا ۋارىس تۇيۇقسىز تامغا قاراپ كۈلۈپ قېتىپلا قالدى.مەن زادى نىمىش بولغاندۇ دەپ تام ئۈستىگە قارىدىم. ھىلىقى تارتىلغان سىمدا مايكام قىزىل بايراقتەك لەپىلدەۋاتاتتى.




1539 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-31 15:46:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-25 22:22:37 ئىسمائىلجان
ئەسەر ئۇقۇيدىغان قىزلار جىقمۇ نىمە …ئىنكاسنى قىزلار يازىدۇ نەگە باسام
2016-1-16 15:11:57 شەرىپە
2016-1-5 23:15:37 mihriban
yakturdum
2016-1-5 23:14:18 mihriban
man bak yakyurdum
2016-1-5 22:25:04 xadiman kizqak
bak kizikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ