دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (7-قىسىم)

دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (7-قىسىم)

مەريەمگۇل تاشمەمەت 


  ياخشىمۇسەن.دوستۇم؟مەن چەكسىز قايغۇ ھەسرەت ئىچىدەبۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇۇرۇپتىمە ن ،مەن ئۆلۈم يولىنى تاللىدىم دوستۇم.بۇ مەن ھاياتىمدا تاللىغان تۇنجى يول.ئۆلۇمگە 1 قەدەم 1 قەدەمدىن يېقىنلىشىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردەقەلىپ خانەمدە پەقەت سەنلا قاپسەن،،،، مەەن سېنى بەك بەك سېغىندىم  سېنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى ئىپادىلەپ بولالمايمەن.
سەن مېنىڭ تۇنجى ھەم ئاخىرقى دوستۇم بۇ دۇنيادا ماڭا مېھرىنى ئەڭ كۆپبەرگەن ئادەممۇ سەن،، تاغدەك  دەرتلەر يوپۇرۇلۇپ كەلگەن شۇ ھايات يوللىرىمدا پەقەت سەنلا خىياللىرىمغا ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭ،  ئەگەر مۇشۇ مىنۇتلاردا يېنىمدا بولغان بولساڭ ئىدىڭ كاشكى.،،بارلىق خاتالىقلىرىم بىلەن قوشۇپ مېنى قۇچاقلايتتىڭ،،،
ئەگەر بۇ دۇنيادىن نام نىشانسىز كېتىپ قالسام ماڭا بەك ئۇۋال بولغىدەك  مەن كەچۈرمىشلىرىمنى ساڭا سۆزلەپ بېرەي
سەن بولساڭمۇ مەندەك بىچارە دوستۇڭنى چۈشىنىپ قۇي.
گەپنى يەنىلا كىچىكىمدىكى ئىشلاردىن باشلاي،مەن تۇغۇلۇپ 2 ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا ئانام ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، ئاپامنىڭ نېمىشقا ئاجىراشقىنىىنى بىلمەيمەن بەلكىم تېخىمۇ بەختلىك ياشايمەن دەپ ئويلىغان بولغىيتتى. ئەمما سوراپ باققۇم كېلىدۇ. ئاپام بەخت قوغلاشقان شۇ مىنۇتلاردا مېنى ئويلىغانمىدۇ ؟مۇشۇ بەختسىز نىكاھنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىمنى بىلمىگەنمۇدۇ؟ قايسى يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا بويۇن قىستۇرارمەن دېمىگەنمىدۇ.؟ شۇ بەخىتسىز نىكاھ كېيىنكى بەخىتسىزلىكىمنىڭ باش بېكىتى بولۇپ قېلىشنى
ھېچكىم ئويلىمىدى،
مەن ئاپامغا قالدىم دادام كەتتى، ئۇ قەيەرگە كەتتى؟ نېمىشقا كەتتى؟ تا ھازىرغىچە بىلمەيمەن ئەمما ئۇنىڭ بىر مەسۇلىيەتسىز دادا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ھەم ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنمەن،
كېيىنكى كۈنلەردە دادام بىزنى پەقەتلا ئىزدىمىدى. ئاپاممۇ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ھازىرقى دادام بىلەن توي قىپتۇ. باشتا كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ دېگەندەك بۇ دادام بەك ئەسكى ئادەم ئىدى. ھە دېسە ئاپام ئىككىمىزنى ئۇرۇپ تىللايتى، ئاپام ئۆگەي دادامنىڭ مىجەز خۇلقىنى چۈشەنگەن چاغدا. ئاللىقاچان كېچىېكەن ئېدى، چۈنكى مېنىڭ ئ‍ىككى قېرىندىشىم بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەردىن بىخەۋەر بۇ دۇنياغا يېتىپ كەلدى،مېنىڭ يىتىملىكىممۇ يېتىپ ئاشاتتى ئاپامغا شۇڭا چىداپ ياشاشتىن باشقا يول يوق ئىدى بىزلەرگە. ئاپامغۇ بالا بېقىپ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئۆتەتتى ئەمما مېنىڭ كۈنۈم تەس ئۆگەي دادامنىڭ كۆزىگە چېلىقىپلا قالسام يامان كۆزلىرى بىلەن قارايتتى. ئۇكىلىرىم يىغلىسىمۇ مېنى ئۇرىۋالاتتى. مەن ئۈچۈن جىسمانىي ئازابلار ھېچ گەپ ئەمەس ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ھېيت ئايەملەر. ھەممە بالىلار دادىلىرىنىڭ مۈرىلىرىدە، يايراپ يۈرگىنىدە، مەن بىچارە، قايسىدۇر بىر بۇلۇڭلاردا دۈگدەرەپ يۈرەتتىم باشقا بالىلار چىرايلىق كىيىملىرىنى كۆز كۆز قىلسا مەن ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتىم دادا دادا دېگەنلەرگە قاراپ يۈرىكىم ئېچىشاتتى، شۇ ۋاپاسىز دادامنى خىيالەن ئەسلەپ كېتەتتىم . ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ ئۆگەي دادامدىن ياخشى بولغىيتتى؟ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم. كىچىككىنە تۇرۇپ پىنھانلاردا نۇرغۇن نۇرغۇن ياش تۆكتۇم،ئەمما ئۇ چاغلاردا ئازابلىق كەچمىشىمنىڭ تۇنجى قەدەملىرىنى بېسىۋاتقىنىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن
شۇنداق قېقىندى سوقۇندى بولۇپ يۈرۈپ مەكتەپ يېشىغىمۇ توشۇپ قالدىم ئۆي بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى خېلى يىراق ئىدى. دادام ئوقۇمىسۇن دېدى  ئاپام يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاران قايىل قىلدى. ئەمما مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى.
ئاپام ئۆزۈڭ بار ئالامسەن بالام؟ دېدى..  مەن ئۆگەي دادامدىن نەچچە سائەت بولسىمۇ ئايرىلىپ تۇرىدىغىنىمنى ئويلاپ بارالايمەن دېدى.
تۇنجى مەكتەپكە بارغان كۈنۈم يۈرۈكۈم يەنە ئېچىشتى چۈنكى نۇرغۇن بالىلارنى دادىلىرى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەن ئ‍ىدى شۇ مىنۇتلاردا بوينۇم يەنە قىسىلدى،ئاتا ئانىلار نېمىشقىمۇ ئاجرىشىدىغاندۇ ھە؟كىچىككىنە ئازابنى دەپ پەرزەنتلىرىنى ئاشۇنداق قىينىسا بولامدۇ.؟
ئاپام مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، كىچىككىنە يۈرىكىمنىڭ قانچىلىق ئېچىشىۋاتقانلىقىدىن بىخىەۋەر
-قىزىم نېمە بولدۇڭ؟-ئاپام ئۈنسىز تۆكۈلۈۋاتقان مۇنچاقتەك ياشلىرىمغا قاراپ ھەيران بولدى.
-قارىغىنە ئاۋۇ بالىلارنى دادىسى كۆتۈرۈپ ئەكەپتۇ، مېنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ دادىسى بولغان بولسا شۇنداق قىلاتتى ھە ئ‍اپا؟  دېدىم مەن ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ،ئاپام مېنى قۇچاقلاپ شۇنداق يىغلاپ كەتتى. شۇنداق ئاپام مېنى سانسىز قېتىم قۇچاقلاپ يىغلىغان كىچىك چاغلىرىمدا بىلمەپتىمەن چوڭ بولغانسېرى ئاپام بىچارىگە بەك ئىچىم ئاغرىدى،ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەسكەن
مانا يىغلاپ قاقشا پ مەكتەپكىمۇ كېلىۋالدىم دۇنيادا مەكتەپتىنمۇ ئىللىق بىر جاينىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن،مېھرىبان ئوقۇتقۇچلىرىڭ كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ باشلىرىڭنى سىلايدۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوماق ساۋاقداشلار كىچىككىنە نەرسە ئېلىپ كەلسە تەڭ بۆلۈشۈپ يەپ كېتىشىدۇ، كەپسىزلىكتىن ئۇرۇشقىنى بىلەن بىردەمدىلا كۆڭلۈڭنى ئالىدۇ.
نېمە دېگەن گۈزەل ھايات ھە مېنىڭ 30 نەچچە يىللىق ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختىيار ئەڭ گۈزەل چاغلار شۇ قىسقىغىنە مەكتەپ ھاياتىم ئى ىكەن دوستۇم.
شۇ گۈزەل مەكتەپتە سەن بىلەن تونۇشتۇم دوست بولدۇم، ئەمما بىر ئۆمۈر ساڭا ھەۋەس قىلىش بىلەن ئۆتتۈم، داداڭغا ھەۋەس قىلاتتىم كىيگەن كىيىملىرىڭگە ھەۋەس قىلاتتىم سېنىڭ ئىللىق ئاىلەڭگە ھەۋەس قىلاتىم، ئىككىمىزنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدىغانغا قاراپ ھەيران قالاتتىم  ھەممىگە شۇ مەسۇلىيەتسىز دادام سەۋەبچى دەپ ئويلايتتىم ئەمما سېنى بەك ياخشى كۆرەتتىم.
ئۆيۈم مەكتەپكە يىراق بولغاچقا سەن دائىم مېنى ئۆيۈڭدە قوندۇرۇۋالاتتىڭ بۇنداق چاغلاردا مەن بەك خوش بولاتتىم چۈنكى دادامنىڭ تىل توقماقلىرىدىن سەت قاراشلىرىدىن بىر كۈن بولسىمۇ قۇتۇلالايتتىم
يېشىم چوڭايغانسېرى دەرد ئەلەملىرىممۇ چوڭىيىشقا باشلىدى، دادام مېنى ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا سالاتى قىلالمىسام تىللايتتى ئۇراتتى ئاپام بىچارە ماڭا قاراپ يۇم يۇم يىغلايتتى ئەمما ئارتۇق گەپ قىلالمايتى ئەمما بۇ ئىشلار مەن ئۈچۈن ئازابلىق ئەمەسكەن  مەن ئازابنىڭ نېمىلىكىنى خورلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن بىلدىم، بۇ شۇنداق بىر قەبىھ ئىشكى، دەل شۇ تاپتا ئۆلۈم بوسۇغىدىمۇ شۇ ئىشنى ئويلاپ تېنىم شۈركىنىپ كەتتى، مانا شۇ ئىش مېنى كېيىنكى قارا قىسمەتكە سۆرەپ ئەكىردى ،،،،،،

دوستۇم مۇھەببەتنىڭ بېشىغا  يەنە قانداق، قىسمەتلەر كېلىدۇ قىزىقسىڭىز ھېكايىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سېلىڭ!!!!!
مەريەمگۈل تاشمەمەت.





1377 قېتىم كۆرۈلدى maryamgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-6 1:03:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-28 22:37:57 ئ‍ارزۇ ئارمان
قالتىس يىزىلغان ئەسەرگە رەھمەت
2016-12-17 13:55:20 ئاينۇر
تېخچە يازمايدغۇ ھىكاينىڭ ئاخىرنى تەققازا بوپ كەتىم
2016-12-9 12:56:27 nuriya
dawamni kaqan yollaysiz
2016-12-9 3:06:09 mihrigu
Ahiri yokma
2016-12-7 15:26:57 ئ‍اي قوزام
داۋامى قاچان چىقىدۇ؟ بەكمۇ تەشنا بولغان ئىدىم ئەسەر يازماقمۇ ئاسان ئەمەس لېكىن بىر قىسىملا چىقىپتۇ تىزراق يوللاپ بەرگەن بولساڭلا بەكمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم
2016-12-6 21:22:13 مەخسۇم
يارايسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ