قاراڭغۇ ئورمان 12- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 ۋەھىمىلىك ھىكايە 12- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم(metro)

 

 مەن بۇ بىر توپ «جاڭگال كەزدى»لەرگە قىزىقىپ سورۇدۇم :

- سىلەر داۋاملىق بۇ ئەتىراپلارغا كىلىدىكەنسىلەر ئۇنداقتا بىرەر قېتىم بۆرە ھۇجۇمىغا ئۇچۇراپ باقتىڭلارمۇ؟

ئۇلارغا بۇ سۇئالىم غەلىتە تۇيۇلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن قورقۇنۇشنىڭ كۆلەڭگىسى غىل - پال ئەكىس ئەتتى. ئۇلار شۇندىمۇ چاندۇرماي زورىغا كۈلۈشتى .

- بۇنى سوراپ قاللاغۇ ؟

 بۇلارنىڭ ئىچىدە يوشۇرۋاتقان بىر سىر بارلىغىنى ھېس قىلىپ قالدىم- دە ، چاندۇرماي كوچىلاشقا باشلىدىم :

 - جاپادا بۇ جاڭگالغا كىلىپ ماشىناڭلار بۇزۇلىشىغا ھەممىنى تاشلاپ قېچىشىڭلاردىنلا چىقىپ تۇرىدۇ ، بۆرە ھۇجۇم قىلدىمۇ ؟ ياكى باشقا سەۋەپتىن بۇنداق ئالاقزادە بولۇپ قايتىۋاتامسىلەر ، ماشىنىسى بۇزۇلغان ئادەم قايتسا ھېچ بولمىغاندا نان ئوزۇقىنى بولسىمۇ ئېلىپ قايتىدۇ ، قاراڭلار سىلەردە يۈك - تاققۇ تۇرماق بىرەر بوتۇلكا سۇمۇ بولمىسا .

 ئۇلار جىمىلىپ كىتىشتى، بىردەم سۈكۈتتىن كىيىن ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم گەپ باشلىدى .

 - سىلەرنى يىراقتىن كۆرۈپ ئاندىن ھايات قېلىشىمىزدا ئۈمۈت پەيدا بولدى، يوشۇرۇپمۇ ئولتۇرماي، بىز كىچىدىن دەۋزەخنىڭ كۈنىنى كۆردۇق، بۇۋام كۆرمىگەننى كۆردۇق ، دىسەم ئىشىنەمسىلەر يوق بىلمىدىم ،- ئۇ بىزگە سۇئال نەزىرىدە قارىدى .

 - قېنى سۆزلەۋېرىڭ ،- دىدىم مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغاچ.

 باشقا ھەمىراھلىرىممۇ يېنىمغا كىلىشتى ، ئۇ ئادەم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :

 - بىز دەسلەپتە ئون ئادەم ئىككى ماشىنىدا سەپەرگە چىققان، بىزدىن باشقا يەنە تۆت ئادەمىمىز بار ئىدى، بۇ يەردىن يىگىرمە كىلومىتىر نېرىدا بىر سايلىقنى نىشان قىلغانتۇق، ئۇ يەرگە يېقىن قالغاندا قاراملىق قىلىپ بىر توغراقلىقنى كىسىپ ئۆتۈپتىمىز. ماشىنىلار توغراق ئارسىدىكى قۇمغا پېتىپ قېلىپ ھەرقانداق قىلىپمۇ چىقىرالمىدۇق، شۇلار بىلەن ھەپلىشىپ كەچ بولدى، كەچ ياتار ۋاقىتتا بىز ئالتۆيلەن توغراقلىقنىڭ ئىچىدە ئورۇن راسلاپ ياتتۇق، ياشلاردىن تۆتەيلەن ماشىنا يېنىدا يېتىشتى. ياشلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پاراڭلىرى بولغاچقا بىزمۇ مەيلى دەپتۇق، يېرىم كىچىدە ئۇخلاپ ياتساق تۇيۇقسىز غاراس - غۇرۇس ئاۋاز بىلەن تەڭ ۋاقىراشقان، چىرقىرغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى. بىز ئالاقزادە بولۇپ شۇنداق بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قورۇققىنىمىزدىن ئورنىمىزدىنمۇ مىدىرلىيالمىدۇق، ئاي يورۇقىدا شۇنداق كۆردۇقكى ماشىنا يېنىدا شۇنداق يۇغان ئىككى مەخلوق كۆزلىرىدىن ئوت ياندۇرۇپ ماشىنىلارنى بىر كۈچەپلا ئىرغىتىپ ئېتىۋېتىپ ئاسىتىغا ئۆمۈلەپ كىرگەن ياشلارنى چاڭگاللاپ ئالغىنىچە پارچىلاپ يەۋېتىپتۇ. ئۇلار مەخلۇقنىڭ قولىدا چىقىراشقىنىچە پارچىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئوزۇقى بولۋاتاتتى. بىز بىر نەچچەيلەن قانداقمۇ قىلالايتتۇق، ئۇ مەخلۇقلار شۇنچىلىك چوڭ، شۇنچىلىك ۋەھشى تۇرسا، بارساق بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئوزۇقى بولىمىز- دە ، قورقۇپ كەتكىنىمىزدىن ئۆرە بولۇشقىمۇ پېتىنالماي كەينىمىزچە ئۆمۈلەپ ئۇ يەردىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالدۇق. ئۇلار يەيدىغاننى يەپ ماشىنىلارنى دەسسەپ - چەيلەپ شۇ جايدا قالدى، بىز كىچىچە قېچىپ موشۇ جايغا كەلدۇق، خۇدايىم ئۆزى ساقلىسۇن، بۇرۇن بۇ جاڭگالدا مەخلۇق باركەن، ئۇچۇرغانلىكى نەرسىنى يەپ تاشلايدىكەن دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىسام، باشقىلار جاڭگالدىكى تاشلارنى دەپ باشقىلارنى قورقۇزۇپ تاپقان گېپى دەپتىمەن، ئەمدى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۇلار ئالۋاستىكەن،  ئالۋاستى…

 ئۇ ئادەمنىڭ گېپىنى باشقىلارمۇ قۇۋەتلەشكە باشلىدى .

 - ئۇ نىمىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىدىكەن، قارىساق ئادەمدەك ماڭىدىكەن ، بەك يوغان، ئۇنداق يۇغان نەرسىنى بۇ دۇنيادا بار دىسە كىممۇ ئىشىنىدۇ .

- شۇڭا دىدى ھېلقى ئوتتۇرا ياش ئادەم ،- سىلەرنى كۆرۈپ ئۇف ، خۇداغا شۈكىرى ھايات قالغۇدەكمىز دەپ خۇش بولدۇق، ئاخشامدىن بولغان ئىشلارنى سىلەردىن سىر تۇتۇشىمىزدىكى سەۋەپ موشۇ، ئەگەردە ئۇ مەخلوق بارلىغىغا ئىشەنمىسەڭلەر ئاۋۇ ئۈلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈلۈش سەۋەبىنى بىزدىن كۆرۈشىڭلەردىن قورۇقتۇق، شۇڭا ساقچى ماشىنىسىنى كۆرۈپلا نىمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرغىنىمىزنىڭ سەۋەبى شۇ.

 - قېرىندىشىڭلارنى شۇنداق ۋەھشىيانە يەپ كەتسە سىلەر ئالتە ئادەم مۈكۈپ قاراپ تۇردۇڭلار ؟- روشەنگۈل مەسخىرلىك ھەم ئاچچىغى بىلەن سۇئال سورىدى .

 - بىز نىمە قىلالايتۇق ،- دىدى ئوتتۇرا ياش ئادەم خۇرسىنغان ھالدا ،- ئۇ مەخلۇقلارنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ بۇۋاقتىن پەرقىمىز يوق ئاجىز، بارساق ئۈلۈمگە بارىمىز، بىزنى ئېچىنمىدى دەمسىز سېڭلىم،  بىز موشۇ تاپتىمۇ ئۆلگۈدەك ئازاپتا.

 روشەنگۈل يەنە ئېغىز ئاچماقچى بولىۋېدى توختۇتۇپ قويدۇم. ئۇلار بۇ ئىشلارنى دەپ بولغاندىن كىيىن بىر ئىشنى سەزدىمۇ قانداق چىرايىمىزغا قاراپ ھەيرانلىقتا سورىدى :

 - سىلەر بۇنداق مەخلۇقنىڭ بارلىغىغا ئىشىندىكەنسىلەر ھە ، - ئۇلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى ،- خۇداغا شۈكىرى سىلەر ئۇ ئىشلارغا ھەيرانمۇ قالمىدىڭلار، شۇنىڭغا قارىغاندا سىلەر ئۇ مەخلۇقلارنى بىلىسىلەر، ئۇنداقتا بىزنىڭ گېپىمىزگىمۇ ئىشىنىسىلەر شۇنداقمۇ؟

 بىز ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا ئىپادە بىلدۈرمىدۇق .

 - بىزنى شۇ ۋەقە چىققان جايغا باشلاپ بارساڭلار ،- دىدىم مەن ،- نەق مەيداننى بىر كۆرۈپ باقساق .

 ئۇلار جىمىلىپ كەتتى ، ئۇلار ھېچقايسىنىڭ ئاران قېچىپ كەلگەن ئۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە مەيدانىغا بارغۇسى يوقتەك قىلاتتى، ھەتتا بىزنىمۇ توسىدى .

 - ئۇ جايغا بارماڭلار ،- دىدى ئورۇق ، ئىگىزەرەك بىرى ،- ئۇ مەخلوقلارغا ئۇچۇراپ قالساڭلار قېچىپمۇ، قېچىپ كىتەلمەيسىلەر.

مەن گەپ قىلغۇچە قاھار چۈشەندۈردى :

 - بىز بېرىشىمىز كىرەك، چۈنكى بىز ساقچى، ئەمىلى ئەھۋالنى ئىگەللەش، تەكشۈرەش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز .

 يەنە بىر ۋىجىكەرەك ئادەم ئېغىز ئاچتى :

- ئۇكۇلۇرۇم ، قانداقلا ۋەزىپە بولسىمۇ جاننى سېلىپ بەرمەسلىك كىرەكتە ، ئۇ ئالۋاستىلارغا ئۇچۇراپ قالساڭلار بىر ۋاقلىق تامىغى بولۇپ قالىسىلەر، گېپىمىزنى ئاڭلاپ بارمىغىنىڭلار تۈزۈك.

 روشەنگۈل يەنە چىدىماي ئېغىز ئاچتى :

- ئەمىسە سىلەردەك ئاڭلاپ ، ياكى كۆرۈپلا قېچىپ كەتسەك بولىدىكەندە؟

مەن ئۇنى يەنە جىمىقتۇردۇم-دە ئۇلارغا قاراپ يەنەسورۇدۇم:

 - بارمىساق بولمايدۇ ،قايسىڭلار بىزنى شۇ مەيدانغا ئېلىپ بارىسىلەر ؟

 ئۇلار يەنە جىمىلىپ كىتىشتى .

 - قورۇقماڭلار بىزدە قورال بار ، ئۇ مەخلۇق ھەرگىز بىزنى يەپ كەتمەيدۇ ،- دىدىم يەنە كۈلۈمسىرەپ .

- مەن باراي ،- دىدى ئوتتىرا ياشلىق ئادەم ،- ئەجەل كەلسە ئۈلۈمدىن بەربىر قۇتۇلالمايمىز .

 - ئاكا ئىسمىڭىز …

 - ئىسمىم توختاخۇن ئۇكام ،- دىدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ .

- مەنمۇ باراي ، مېنىڭ ئىسمىم ھوشۇرئاخۇن ،- دىدى ئورۇقاراق ئىگىز ئادەم، بىز ئىككىيلەن باشلاپ بارايلى .

 - ماقۇل ئىككىڭلار ماشىنىغا چىقىڭلار ،- دىدىم -دە ماشىنىدىن بىر يەشىك سۇ بىلەن بەش ناننى ئېلىپ قېلىپ قالغانلارنىڭ ئالدىغا قويدۇم:

- ئەمىسە سىلەر قۇرسۇقۇڭلارنى توقلاپ، موشۇ ماشىنا ئىزىنى بويلاپ ماڭساڭلار يېزىغا يىتىپ بارىسىلەر، بىز نەق مەيداننى كۆرۈپ باقايلى، باشقىسىنى كىيىن دىيىشەرمىز .

 بۇ چاغدا روشەنگۈل خاتىرسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ھەمدە:

 - ئاكىلار قارىسام بىزنىڭ يېزىدىن ئەمەستەك تۇرىسىلەر ، ماڭا ئىسىم - فامىلەڭلەرنى،  ئادىرسىڭلارنى دەپ بەرسەڭلەر خاتىرلىۋالاي، كىيىن ئەھۋال ئىگەللەيمىز يەنە ،-دىدى -دە ئۇلارنىڭ ئادىرسىنى خاتىرىگە قالدۇرۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئىشى تۈگىگەندىن كىيىن  ماشىنىغا چىقىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتۇق-دە توختاخۇن ئاكا كۆرسەتكەن يول بىلەن مېڭىپ كەتتۇق،  ئالاھەزەل بىر سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن ۋەقە يۈز بەرگەن توغراقلىققا يېققىن بېرىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق .

 - قوراللارنى ئېلىۋېلىڭلار !- دىدىم مەن دۇربۇن بىلەن توغراقلىقنى كۆزەتكەچ ،- تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ بارايلى!

 توغراقلىق شۇنچىلىك جىمجىت كۆرىنەتتىكى بىرەر ھايۋان تۇرماق ، بىرەر ئۇچار قۇشمۇ كۆرۈنمەيتتى بەلكى توغراقلار قىيسايغان، قۇرۇپ قاخشال بولغان ،ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ھالەتلەردە قۇم بارخانىلىرىنى قۇچاقلاپ تۇراتتى .

 - ماڭايلى ،- مەن ئاپتۇماتتىن بىرنى كۆتەرگەچ توختاخۇن ئاكىنىڭ كۆرسەتكەن تەرپىگە يول باشلاپ ماڭدىم، باشقىلار كەينىمدىن ئەگەشتى.

 توغراقلىق ، قۇملۇق ئىچىدە ئونبەش مىنۇتتەك ماڭغاندىن كىيىن ماشىنىلار نىڭ ئىزى ئۇچۇردى، شۇنى بويلاپ بىر ئاز مېڭىپ ئالدىمىزدىكى مەنزىردىن داڭقېتىپ قالدۇق ، ئالدىمىزدا ماكچىيىپ كەتكەن ئوتتۇرھال تىپتىكى ئىككى يۈك ماشىنىسى بىرى يانتو ، بىرى تۆت چاقى ئاسمانغا قارىغان ھالەتتە ياتاتتى ، بىز بىر دەسسەپ - ئىككى دەسسەپ ماشىنا يېنىغا بېرىپ كىچىدىن يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولدۇق. ماشىنىلار تۆمۈر - تەسەككە ئايلانغان ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ھەرخىل ئىز ، قان ئەتراپنى بىر ئالغان، ھەتتا چېچىلىپ تۇرغان يۈك - تاقلارمۇ قان يۇقى ئىدى. غەلىتە يىرى ئادەمنىڭ جەسسىتىدىن ئەسەرمۇ يوق بولۇپ، قارىماققىلا ئۇلار دىگەندەك مەخلۇقلار ئۇ تۆت ئادەمنى پاپ - پاكىزە يەۋەتكەندەك قىلاتتى. توختاخۇن ئاكا بىلەن ھوشۇرئاخۇن ئاكا مەنزىرىگە قاراپ كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە :

- ياپ - ياش بالىلار ئىدى، ئاتا - ئانىلىرىغا نىمىمۇ دەرمىز ،- دىيىشىپ تۇرۇپلا قېلىشتى.

روشەنگۈل پۈتۈن مەيداننى رەسىمگە تارتتى، بىز ئەتراپتىن مەخلۇق توغۇرسىدا يىپ ئۇچى ئىزدىدۇق. راسلا كۆرگۈچىلەر دىگەندەك مەخلۇقنىڭ قالدۇرۇپ قويغان تاپان ئىزى ، ماشىنىنىڭ ئۈستىنىنى مۇشلىغاندا ئويۇلۇپ قالغان مۇش ئىزى ئۇنىڭ يوغان قىياپىتى، ياۋۇزلىغىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى .

- بۇ مەخلوقنىڭ ئىزىنى قوغلاپ ماڭايلى !- دىدىم مەخلۇقلارنىڭ سىرتقا ماڭغان پۇت ئىزىنى بايقاپ ،- ئۇ بىزنى ئورمانغا باشلاپ بېرىشى مۇمكىن .

 - بۇ ئىككى ئاكىمىزنى قانداق قىلىمىز ؟- دىدى نىجات .

- ئىزىنى مۇقۇمداپ بولۇپ بۇ ئاكىلارنى ھەمراھلىرىغا يىتەشتۈرۈپ قويايلى ،- دىدىم ئىزنى ئۆلچىگەچ.

 شۇنىڭ بىلەن ئىككى مەخلوقنىڭ ئىزىنى قوغلاشقا تۇتۇش قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىزى بىر مۇنچە ئادەم ئىزى ئىچىدە چوڭ ھەم چوڭقۇر كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئىزلار توغراق ئىچى بىلەن شىمالغا قاراپ ماڭغان بولۇپ ، بىز ماشىنا بىلەن كەلگەن يول بىلەن خېلى ئارلىقى بار ئىدى.

- نىجات سىز روشەنگۈل بىلەن بۇ ئىككى ئاكىمىزنى ئېلىپ ماشىنا بىلەن تۈز يول تېپىپ شىمالغا قاراپ مېڭىڭ، مەن قاھار بىلەن ماڭاي ، ئالاقىلىش ئاپىراتىنى ئېچىپ قويۇڭ ،-دىدىم بەزى ئىشلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغاچ، ئۇلاردەرھال ماشىنا تەرەپكە بۇرۇلدى. بىز ئىككىمىز ئىز قوغلاپ يۈرۈپ كەتتۇق .

 بىز شۇ تەرەققىدە بىر سائەت ماڭغاندىن كىيىن سايلىققا چىقتۇق .

 - بۇ ،- دىدىم مەن بىردىنلا كۆڭلۈم بىر پىشكەللىكنى تۇيغاندەك جىددىيلىشىپ،- بۇ ئىز بىز بايا كەلگەن يۆلىنىشكە مېڭىپتۇ ، قارا يېڭى ئىزكەن.

- ئەجىبا… قاھار گېپىمنى چۈشەندى ، - سېنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭ ھېلقى مەخلوقلار بايقى ئادەملەرنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپتۇ دىمەكچىمۇ؟

- شۇنداق! بىز پەرەز قىلغانچە تېخىمۇ جىددىيلەشتۇق .

 - قارا ،- دىدىم ئۇنىڭغا سۇس كۆرۈنىۋاتقان ئادەم ئىزىنى كۆرسىتىپ ،- بىر سائەتتەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىزى، ئادەم ئىزى بىلەن ئارلاش كىتىۋاتىدۇ ، دىمەك بىز ئۇلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كىتىپتىمىز، پەرىزىم خاتا بولمىسا ئۇلار بايقى ئادەملەرنى قوغلۇشۇپ كىتىپتۇ.

- ئۇنداقتا نىمىگە قاراپ تۇرىمىز ، تىزدىن ماشىنا بىلەن ئۇ ئادەملەرنى تاپايلى، ئۇلار بۇ چاغقىچە مەخلۇقلارغا يەم بولۇپ كەتمىگەن بولسىلا .

مەن تىزدىن نىجاتلارنى چاقىردىم، ماشىنا كەلدى، چاقماق تىزلىگىدە كەلگەن يىرىمىزگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. باشقىلار قالغان جايغا يېقىنلاشقانچە يۈرۈگۈم ئەنسىز سوقاتتى،كۆزۈم ئەتراپتىن ئۇلارنى ئىزدەيتتى، شۇغىنىسى كەڭ سايلىقتا ھېچقانداق بىرەر جانلىقنىڭ كۆلەڭگىسى كۆرۈنمەيتتى، قاھار دۇربۇننى ئېلىپ ئەتراپقا قارىدى.

 - ئۇلار شۇنچە تىز كىتىپ قالغانمىدۇ ؟- دىدىم ئۇنىڭغا ئاستاغىنە .

- شۇنداق بولغاي ئىلاھىم ،- دىدى ئۇمۇ ئەنسىرەپ.

 لېكىن ئەھۋال بىز ئۈمۈت قىلغاندەك ئەمەس ئىدى، بىز ماڭغان ئىز بىلەن ئايرىلغان جايغا كەلگەندە كۆزۈمىزگە ئىشەنمەيلا قالدۇق، ئالدىمىزدا دەھشەت مەنزىرە تۇراتتى، قورققىنىمىزدىن پۇت - قولىمىزدا ماشىندىن چۈشكىدەكمۇ ماغدۇر قالمىغانتى، ئالدىمىزدا مەن قويۇپ قويغان سۇ بوتۇلكىلىرى چېچىلىپ ياتقان، ئەتىراپ قان ئىدى. ماشىنىدىن ئاستا چۈشتۇق، نەق ھېلقى مەخلوقنىڭ ئىزى، قان بىر مۇنچە يەرگىچە چاچرىغان بولۇپ، بىزدىن ئون چامدامچە يەردە بىر باش قانغا مىلىنىپ تۇراتتى. توختاخۇن ئاكا بىلەن ھوشۇرئاخۇن ئاكا بۇ مەنزىرىگە قاراپ ھەممىنى چۈشەندى بولغاي، قورققىنىدىن ئۆرىمۇ تۇرالماي ماشىنىغا يۆلەنگىنىچە سىرىلىپلا قالدى.  روشەنگۈلمۇ بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغان بولسا كىرەك ئالقىنى بىلەن ئېغىزىنى ئىتىپ داڭ قېتىپ تۇراتتى. بىز ئىزنى قوغلاپ شىمال تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۇق، مېڭىۋاتقان يولىمىز قانغا بويالغان، ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە ئۈزۈلگەن قوللار، قورقۇنۇچلۇق باشلار چېچىلىپ تۇراتتى.  نىجات دەرھال باشقىلارنى ئېلىپ ماشىنا بىلەن بىزگە ئەگەشتى. مەخلۇقلارنىڭ يۇغان - يۇغان چامدىغان ئىزلىرى سايدا شۇنداق ئېنىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، شۇ تەرەققىدە بىر كىلومىتىردەك ماڭغاندا ئالدىمىزدا تۆتىنجى ئادەم بېشى بىلەن بىر پۇتى ئۇچۇردى، ئۇنىڭدىن ئون چامدام ئۆتۈپ بۇ ۋەھشى قانخورنىڭ ئىزى يوقاپ كەتتى، بۇ چاغدا بۇ غەلىتىلىكتىن نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدۇق، ماشىنىمۇ كىلىپ توختىدى، ئەتراپ كۆز يەتكۈسىز ساي، ئەتىراپقا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ بۇ جاينى بىردىنلا تونۇپ قالدىم، بۇ يەر تېخى ئەتتىگەنلا ئۆتكەن ھېلقى جاي بۇۋاي ئېيتىپ بەرگەن تاغنىڭ، ھېلقى ئورماننىڭ ئورنى ئىدى .

 - ئىز قېنى ؟- دىدىم مەن قاھارغا ،- بۇ يىرتقۇچلار ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كەتتىما؟

قاھار ئاخىرقى ئىزغا قاراپ ئولتۇراتتى .

 - قارا ، بۇ ئىز بەك غەلىتە ھالەتتە ئۈزۈلۈپ قالدى، يا كەينىگە يانغان ئىز يوق، يا توختىغان ئىز يوق، ماڭغان پېتى.

 ئاخىرقى ئىزنىڭ يېنىغا بېرىپ بىردەم كۈزەتتىم ، ئەجىبا ئۇ مەخلوق ماڭغان پېتى يوقاپ كىتىدىغان كارامەتكە ئىگىمىدۇ؟ ئۇ ئىز ئۈستىگە پۇتۇمنى قويۇپ ئالغا قاراپ ئۈچ چامدام دەسسەپ كۆردۈم،  ئۆچۈنجى قەدەمنى دەسسەپ بولۇپلا ئالدىمدىكى مۆجىزىگە قاراپ ھاڭۋاققىنىمچە قېتىپلا قالدىم، بايقى كۆز يەتكۈسىز ساينىڭ ئورنىدا ئەمدىلىكتە ئاسمان پەلەك تاغ ، ئىس - تۈتەك قاپلىغان ئورمان كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كەينىمگە قارىدىم ، كەينىمدە قاھار ئۈچ چامدام ئارلىقتىن مېنى كۆرەلمەي ئەندىشىدە چاقىرۋاتاتتى، كەينىمگە ئۈچ ماڭدام چىكىندىم، بايقى تاغ ، ئورمانلار يوق ساي كۆرۈنۈپ تۇراتتى .

… ئاخىرى بار…





4564 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-2 15:52:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-15 12:13:46 amatjan
bak yahxi yizipsiz
2016-4-9 0:27:01 ئسمايىل
مەن قاراڭغۇ ئورماننىڭ بىرىنجى قىسمىدىن باشلاپ ئوقوي دىگەن تاپالمىدىم
2016-4-7 19:18:30 ئ‍ادلجان ،غۇلجا
داۋامى قاچانچىقىدۇ ؟32قىسىمنى ئوقۇپ بولدۇم
2016-3-27 6:22:09 ئابدۇراخمان
قاراڭغۇ ئ‍ورمان دىگەن ئ‍ەسىرىڭىزنىڭ 13.قىسمىنى يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن
2016-1-4 1:20:00 گۇلقىز
بەك ياخشى يېزىپسىز، قولىڭزغا دەرىت كەلمىسۇن، ئاپىرىن
2016-1-3 18:54:02 ئ‍ايزىبا
قاراڭغۇ ئ‍ورمان13-قىسمىنى يوللاپ بەسىڭىز
2016-1-3 16:09:43 Axik
Bu asarnig ahiriha bak takkazza boldum
2016-1-3 15:45:35 aynure
metro bek yahxi asarlarni awetiwatidu. yahturup kuriwatimiz.
2016-1-3 10:57:35 دىلكەش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
2016-1-3 2:17:49 Atux
Bolsa bir ketim da 3 4 kisim yol lisigiz .
2016-1-3 1:32:38 Umut
Kaqan da wa mi yolli ni do
2016-1-3 0:43:49 gulzapar
Yazhan harbir asarla xundak yagxi yiziliptu
2016-1-3 0:29:04 mamatjan
ahirini tezrak yezigqu baklam kizikio kaldi adam bu asarga
2016-1-3 0:26:11 🅰
ياخشى يىزىپسىز ئاخىرغا بەكلا قىزقىۋاتىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ