بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 4 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 4 - قىسىم


 بىر دوستۇم مەنمۇ بىرگە باراي مىنىڭمۇ بازارغا باردىغان ئىشىم بار ئىدى ئېلىۋالغىن دىدى ، ئەمسە قاراپ تۇرماي موتسىكىلىتقا مىنە ماڭىمىز دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم  يېزا-بازىرىرمىزدىكى بىكەتكە قاراپ ماڭدۇق شۇنچە ئالدىرراپمۇ چۈشكە قالدىم دىسە دەپ ماڭدىم ۋاقىتتىن نارازى بولغان ھالدا لىكىن نىم ئامال ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرارمىدى.
بازارغىمۇ كەلدۇق ، بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا توختاپ قالدىم ،
كۆڭلۈمدە بۇ ئىسسىقتا ئۇ ئۇسساپ قورسىقى ئېچىپ كەتكەندۇ ھە!
توغرا ئازراق نەرسە ئېلۋالاي دەپ دۇكان ئىچىگە كىردىم كىرىپ ئىچىملىك مىۋە چىۋە ئالدىم باشقا نىم ئالسام بۇلدىغىننى بىلمەي قالغانتىم ، ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم سىز بىكەتتە بارمۇ مەن كەلەي دەپ قالدىم ھازىرلا بىكەتكە بارىمەن دەپ
ئۇچۇر قايتۇردى ، ھە با لىكىن كەلمەڭ ئاپام ، داداملا با يېنىمدا كەلسىڭىز خىجىللىقتا قالمامدىم شۇنداق دەپتۇ .
مەن، يىراقتا تۇراي سىزگە بىر نەرسە ئالغانتىم بىرىۋتەي ھەم شۇ باھانىدە سىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرىۋالارمەن دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم .
ئۇ ھە مەيلى لىكىن يىراقراق يەردە تۇرۇڭ ھە دەپ قايتۇرۇپتۇ .
ماقۇل ، ھازىرلا بارىمەن دەپ قايتۇرۋېتىپ موتسىكىلىتقا مىنىپ ماڭدىم ھېلقى دوستۇم مىدىرلىماي موتسىكىلىتتا ئولتۇرۇپتۇ،
ھوي ئاغىنە سەن ئىشىم با دەۋاتقانتىڭ ئولتۇرۇپسەنغۇ؟
ھە ئاداش ئىشىمنى قىپ بولدۇم  ئەمدى كەلگەن جايىمىزغا ئالغاچ كەتكىن ، ھە بوپتۇ بىردەم ساقلاپ تۇرغىن مەن ئىشىمنى قىلۋالاي ئەمسە دەپ موتسىكىلىتنى ھەيدەپ بىكەت تەرەپكە قاراپ ماڭدىم .
بىكەتكە كەلدىم پەرىنى ئېنىق كۆرەلمەي قالماي دەپ 50/60مىتىرچە يىراقلىقتا توختىدىم ئۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى ،
ئىككىمىز بىر -بىرمىزگە قاراپ تۇرۇپ ئۈندىداردا پاراڭلاشتۇق.
ئۇ ، ھەي كىتىشكە كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ جۇمۇ بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانامنى سىلەردەك ياخشى دوسلىرىمنى تاشلاپ كەتكۈم يوق ئىدى ئەپسۇس دەپ ئۇچۇر يېزىپتۇ.
مەن، بۇلۇپمۇ مىنىڭ بەكرەك ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ دىسە قانداقمۇ قىلارمەن ئەمدى ، كەتمەڭچۇ بولمىسا ، دىدىم .
ئۇ، ياق كەتمىسەم بولمايدۇ ماڭىمۇ ئامال يوق خۇدا خالىسا يەنە كۆرۈشىمىز دىدى
مەن بوپتۇ نىسىپ قىلا ، يولدا دىققەت قىلىڭ ئۈرۈمچىگە بارغاندا بەك دىققەت قىلىڭ ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋەتمەڭ دەپ يازدىم
ئۇ ماقۇل سىزمۇ شۇ بىكار يۈرىۋەرمەڭ يامان ئىشلارنى قىلماڭ ئاپىڭىزغا ياخشى قاراڭ دەپتۇ
ئىككىمىز بىر بىرمىزگە قاراپ تۇرغان ئىدۇق ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى سېزىپ قاپتۇ ئاپىسى دوستۇڭنىڭ قېشىغا بېرىپ كەلگىن دەپتۇ بىراق ئۇ خىجىل بۇلۇپ قېشىمغا كىلەلمەپتۇ ئاخىر ئاپتۇبۇسمۇ كەلدى ئۇ ماڭا قاراپ قول چۆرىپ خوش دىگەن ئىشارەتنى قىلدى مەنمۇ شۇنداق قىلدىم ئاپتۇبۇس قوزغالدى ئىككىمىز قىيالمىغانچە قالدۇق ھەمدە مەن موتسىكىلىتنى ھەيدەپ ئاپتۇبۇس ئارقىسىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئەگەشتىم ئۇ بولدى قىلىڭ قايتىپ كىتىڭ يولدا ماشىنا كۆپ ئەگىشىپ ماڭسىڭىز خەتەرلىك يەنە ئەگىشىپ ماڭسىڭىز سىزدىن خاپا بۇلۇپ قالىمەن دەپتۇ
مەن ماقۇل بولۇپ توختاپ قالدىم ئاپتۇبۇس بارغانچە يىراقلاپ كەتتى مەن ئۇنىڭغا ئەمسە مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھەر ۋاقىت ئۇچۇرڭىزنى كۈتىمەن ئاق يول تىلەيمەن دەپ ئۇچۇر يازدىم
ئۇ ماقۇل سىزمۇ شۇ دەپ يېزىپتۇ .
مەن كۆڭلۈم يېرىم مەھەلە تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، ئۇ كەتتى مەن قالدىم ئۇ شەھەرگە بېرىپلا مىنى ئۇنتۇپ قالامۇ مىنىڭچە ئۇنتۇپ قالماس دەپ خىيال ئىچىدە كىتىپ باراتتىم
دوستۇم ، ئاغىنە سىلە يۈرۋاتقىلى قانچىلىك بولدى ؟
مەن يۈرۋاتقىلى؟ ئۇنداق ئەمەس بىز دىگەن تۇنۇشقىلى 3 كۈنلۈك دوس پەقەت تېخى يۈرمىدۇق شۇنداق جاۋاپ بەردىم
دوستۇم ، ئەمسە نەچچە يىللىق ئاشىق-مەشۇقتەك بىر-بىرىڭلارغا قىيالماي قالدىڭلىغۇ؟
يەنە سورىدى خىيالىمنى بۆلۈپ ، مەن ، ئاغىنە بىردەم جىم ئولتۇرغىن بۇلامدۇ بولمىسا سەن موتسىكىلىتنى ھەيدەپ كىتىپ تۇرغىن مەن پىيادە ئاستا مېڭىپ بارامەن ،
ھوي ئۇنداق قىلسام قانداق بۇلدۇ ئەمسە گەپ قىلماي دەپ جىم ئولتۇردى.
ئۆيگىمۇ كەلدۇق موتسىكىلىتتىن چۈشۈپلا ھۇجۇر ئۆيۈمگە كىرىپ ياتتىم ئۇنى ئويلاپ
ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم ، ئۇ ئۆيگە بېرىپ بولدىڭىزما ئەجەپ چاققانغۇ؟ دەپتۇ مەن بىز دىگەن كىمۇ دەپ ئۈزەمنى ماختاپ پو ئېتىپ قويدۇم ئۇ ۋۇي تېخى پو ئېتىپ كەتكىننى دەپتۇ،
مەن ، ھە راس قىززىق بولدى دىسە سىزنى كۆرگۈم كىلىۋاتقاندەك قىلامدۇ ؟ دەپ يېزىپ قويدۇم ، ئۇ شۇنداقمۇ ئۇنى دىسىغۇ مىنىڭمۇ كۆرگۈم كەلگەندەك ئارقامغا قايتىپ كەتكۈم كىلىۋاتىدۇ مىنىڭ بولدى بولدى كۆڭلۈمنى بۇزماڭچۇ يىغلايمەن بىكا دەپتۇ مەن ھە يىغلىماڭ ، نىم دىيشىمنى بىلمەي ھە سىز ئۈرۈمچىگە بارسىڭىز نىمىش قىلسىز؟ دەپ سوردىم ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇرىماقچى بوپ ئۇ ئىشلەيمە شۇ ھەي مەن سىزگە ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇچۇر قايتۇراي تېلفونۇمنڭ توكى تۈگەپ كەتمىسۇن بولمىسا ئۈرۈمچىگە بېرىپ ھەممىڭلانى خەۋەردار قىلمىسام ئەنسىرەپ كىتىسلە شۇڭا تېلفوننىڭ توكىنى تىجىمىسەم بولمايدۇ دەپتۇ مەن ماقۇل بېرىپلا خەۋەر بېرىڭ ئەمسە ھە ئۇ ماقۇل دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ باشقا گەپ قىلماي ياتتىم .
     





514 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-8 12:43:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ