ھىجران ۋە قىساس (پوۋىسىت) 2 - قىسىم

ھىجران ۋە قىساس

 (پوۋىسىت) 2 - قىسىم پالاكەت قەھرىمان


  مانا بۈگۈن  ئىستانبولغا كەلگىنىمگە ئۈچ كۈن بوپ قاپتۇ، ئىشقىلىپ مەدىنىيىتى بىلەن تازا چىقىشاممايۋاتىمەن، ئىگىز كەتكەن يوللا ئاستىندا تۇرۇپ ئۈستىگە قارسا ۋاي بېشىم دىگۈدەك  يوللا ئىگىزلىكى تىك ،دادامدىن سوردۇم ، دادا بۇ يەردىن ماشىنا قانداق چىقىدۇ ئۈستىدىن بىرسى تۇرۇپ تاتقپ ئاستىدىن بىرسب ئىتتىرەمدە. بالام سەن نىمىنىڭ كاللىسىدا ياشاۋاتىسەن قايسى زامان بۇ ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىدۇدە توۋا ، ما بالغا دورىنى خاتا بىرىپ قويدۇڭلىمۇيا ئاپىسى جۆيلۈپلا يۈرۈيدىغۇ. ئۇف بولدى سورىماپتىمەنە، ئەزمەت بىز بىردەم قان يۈرۈشتۈرۈپ كىرەيلى. مەن شۇنداق دىگىنىمچە سىرتقا ماڭدىم ئەزمەتمۇ ئەتتىگەننىڭ ياقىسى ئۆيدە ئولتۇرىپ زىركىپ كەتكەن چېغى مەندىن بۇرۇن چىكىتىپ باردۇ. ئادەتتە قىز ئوغۇل كۆرۈشكەندە قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ ئىنىكىگە سۆيۈشۈپ كۆرشىدىكەن. توۋا خۇدايىم قانداق مەدىنىيەت بۇ توۋا ئاۋۇ ئوغۇل دوستى قېشىدا يۈرسە خەق بىلەن قۇچاقلىشىپ يۈرۈيدۇ، قېشىدىكى ئا دەلتى مۇ باشقا قىز بىلەن قۇچاقلىشىپ ئولتۇردۇ. ئۇف ئىچىم سىقىلىپ كەتتى، ھېي قانداق يە بۇ مەدىنىيىتى نىمانداق ناچار دىدىم مەن. شۇ ئەمەسمۇ مەن مۇ ھېچ كۈنەممىدىم، ،ھەي كاچان كۈنەمىز مەن شۇنداق دىگىنىمچە ئەتراپ قا قاراشقا باشلىدىم كىشىلە توختىماستى  يۈرۈۋاتاتتى. راس ئادەم دېڭىزىكەن جۇمۇ بۇ ئوخشاش تۆت بەش قەۋەتلىك  ئۆيلlە ئەتراپ ھەممىسى تاللا بازىر، سالون، ساتراچ خانا، يوللادا ماشىنا قىستى قىتىلاڭ بوپ يۈرۋاتقان. ياشلارنىڭ ھەممىسىدىنىڭ قۇلقىدا ئەرجى، ئابتىبۇسلىرىدا بوسلا لىق ئادەم بىلەن توشقان. مەن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ئابتۇبۇسلىرىدىن كۈنىگە 16 مىليون كىرىم كىردىكەن دىگەن گىپىگە تازا ئىشىنەممىگەنتىم، لىكىن ھازىر بىر ئاز ئىشىنىۋاتىمەن.  قىززىق يوللىرى ئەتتىگەندە  ۋە كەچتە  قىستى قىستىلاڭ بوپ كىتىدىكەن بىر يولغا كىرىپ قالسا، بىر ئىككى سائەت ئولتۇردىغان گەپكەن، تۈرۈكلەنىڭ چاي غا بولغان ئىشتىياقىغا ھەيران قالدىم، كوچا كوچىلادا چايخانلىلا باكەن، بۇ توغۇرلۇق دادامنىڭ تۈرۈكلەر ئۇرۇشتىمۇ چايدىن ئايرىلمايدۇ دىگەن گىپى، بۇلانى تەسۋىرلەشكە يىتىدىغاندەك ھېسقىلدىم. چاي بۇلانى خىيال قىلىپ تۇرۇپ تۈرۈكچە مۇنداق بىر شىئىر كاللامدىن كەچتى. چاي سەنسىز تىمسىز، مەن سەنسىز نەفەسسىز. نىمانداق ئۈكلىگەن كاللىدەك ھىجىيىپ تۇرىۋېرسە قارا ئا قىزغا ساڭا قاراپ كۈلىۋاتىدۇ، دەپ بىر قىزنى شەرەتلىدى ئەزمەت مىنى نوقۇپ تۇرۇپ. قارسام سېمىز بىر قىز  قاراپتۇردۇ، ماڭە بولدى  كىتەيلى، دەپ ئاستا قاچتىم. كىتەيلمۇ بەك كەچ بوپ كىتىپتۇ،ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا ھېرىپ كەتتىم دىدى ئەزمەت. ماقۇل مەنمۇ بەك ھېرىپ كەتتىم نىمانداق تاغنىڭ ئۈستىگە سالدىغاندۇ دەيمە،تۈز يە چىقمىغاندەك، باياتىن ياقى نەچچە قېتىم پەسكە نەچچە ئۈستىگە چىقىپ بىلىم ئاغرىپ كەتتى، دەپ ۋاي سىدىم مەن. ئەزمەتمۇ مۇ جاۋابەن راس شۇنداق ۋەتەندە ئەتتىگەندىن كەچكىچە يۈگرەپ ئوينىساقمۇ ھارمايدىغان ئادەم بۇ يەردە نەچچە سائەت ماڭغانغا، ھازىلا يىقىلىپ كىتىدىغاندەك بولۋاتىمەن دىدى. راززاق مەن راس گەپنى قىلسام كەگىلى نەچچە كۈن بوممىسۇ ۋەتەننى بەك سېغىندىم دىدىم. ئەزمەتمۇ مۇ راس دەيسە مەنمۇ بەك سېغىندىم دىدى. ھەي ۋەتەندىگەن ۋەتەن جۇمۇ ،  مۇشۇنداق تەرەقىي قىلغان دۆلەت بولسىمۇ يەنە ئادەم يالغۇزلۇق ھېس قىلدىكەن، مەن ھەم ۋەتىنىمدىن ئايرىلىشىم تۇنجى قېتىملىقى بولغىنى ئۈچۈن ئىچىم بەكلا سىقىلىپ كىتىۋاتىدۇ دىدىم.بۇ قەيەر ئەمدە دەپ تولىۋەتتىم. ئەتراپقا قاراپ بىز قايەرگە كەپ قالدۇق دىدىم مەن ھەيرانلىقتا، ئەزمەتمۇ ئەتراپقا قاراپ تۇرۇپ قالدى، ۋە شۇ بۇ قايەر بىز قايەرگە كەپ قالدۇق دىدى. ئىككىنجى قېتىم.ماڭە ئايلىنىپ باقىلى بىرە تۇنۇش يەر ئۇچۇراپ قالسائەجەپ ئەمەس دىدىم. ماقۇل ئۇنىڭدىن باشقا ئامال يوقتەك مۇ قىلدۇ دىدى. بىز شۇنداق مېڭىشقا باشلىدۇق، ماڭە ماڭە ماڭغانسىرى تېخىمۇ ئادىشىپ كىتىۋاتقاندەك ھېسقىلۋاتىمەن. ئەزمەت بىز تېخىمۇ  ئادىشىپ كىتىۋاتامدۇق قانداق دىدىم، مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلۋاتىمەن، بىر تانە كارتا بىجىر ۋالايلى دىسەم ماقۇل دەپ قويۇپ سىرتقا چىققىلى  ئۇنىمىدىڭ ئەمدى خاپ بولدىمۇ تازا دىدى ئەزمەتمۇ. ئۇف ئەمدى گۇناھ مەندە شۇنداقمۇ مەن چىقمىسام سەن چىقىپ ئەكىرسەڭ بوممامتى دىدىم مەنمۇ ئاچچىقلىغان ھالەتتە. بولدى بولدى تالاشمايلى، بەك كەچ بوپ كەتمەستە ئۆينى تېپىۋلايلى دىدى ئەزمەت. مەنمۇ بولدىلا دەپ يول ئىزدەشكە باشلىدىم، مېڭىۋىتىپ بىر كۆچىدىن بىر قىزنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، نىمىش بولغاندۇ دەپ ھەيرانلىقتا شۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈك، بېرىپ قارساق ئىككى ئەر بىر قىزنى بۇلىماقچى بولىۋىتىپتۇ، قىز بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ تۇراتتى، ئىككى بالغا قارغاندا بىزنىڭ يېشىمىز بىلەن تەڭدەك قىلاتتى، ئۇلانى ئالدى بىز تەرەپكە ئىدى،،ئىككىنىسى ۋىجىك بولۇپ قولىدا پىچاق تۇراتتى، مەن دەرھال ئەزمەتكە دىدىم، ئاداش ما قىزنى قۇتقىزىۋالايلى، قىز قۇتقىزىۋالغىنىمىزغا قاراپ بىزگە رەھمەت ئېيتسا ئۆيىمىزگە ئاپىرىپ  قويىشىنى ئېيتايلى، بەرىبىر بىزگە قارغاندا يولنى ياخشى بىلدۇ، چىرايلىقراق بوسا مەن قولغا كەلتۈرەي سەن بۇ قېتىم چات كەاۋامما جۇمۇ دەپ كۆز قىسىپ قويدۇم ئەزمەتكە، ئۇمۇ جاۋابەن ھىجىيىپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى، بىلسەن مەن تېخىچە بويتاق تۇنجى مابىتىم تۈرۈك بوپ كىتەمدۇ تېخى ھۇ ھا ھا دىدىم مەن. بولدى ئارتۇق گەپنى قويۇە يامغۇر يامغۇر دەۋاتاتتىڭ بىردەمدە ۋاز كەچتىڭما دىدى ئەزمەت چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ. ئۇغۇ شۇ ئاداش بىر قېتىم كۆرۈشكەنگە ئۇ مىنى ياقتۇرۇپ قالامتى ئۇمۇ يولقۇپ قاسە ئىككىنجى مابەت قىلۋالامە دىدىم مەن چاخچاق ئارلاشتۇرۇپ، بولدى سۇيۇقلىقىڭ باكەندە ئۈسلى سىنىڭمۇ دىدى ئەزمەت. ئاداش چاخچاق قىپ قويدۇم مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت بامۇ دەيسە. بولدى ئارتۇق گەپى قويۇپ پىچاققا قارا دىدى ئەزمەت، چاتاق يوق مەن بىرنى سەن بىرنى دەپ. ئالدىمغا چىنجىندەك داغدام قەدەم  ئېلىشقا باشلىدىم، بېرىملا ئۇدۇل بىرنى تەپسەم كىيىنلا بىرنى تىزلاپلا ئىشنى پۇتتۈر ۋىتەي دەپ قاتتىق ھاياجان بىلەن بىرنى يۈگرىگەنتىم، ئالدىمدىكى تاشقا قارماي پۇتلۇشۇپ ئۇدۇل بېرىپ ھېلقى گۇيغا ئۈستۈم، ۋاي كاللام دەپ بېشىمنى ئاران كۆتۈرۈپ تۇرسام ۋالاقلاپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، كىمدۇ، بۇ نىمىش بولدى دۇنيا چۆگىلەۋاتامدۇ يا دىدىم چىرقىراپ تۇرغان يەرگە قاراپ. يەنە بىر قېتىم ئۈسسىڭىز دۇنيا ئەمەس سىز چۆگىلەيدىغاندەك تۇرسىز دىدى بىر قىز ئۇيغۇرچە. بۇ ئاۋاز ئەجەپ تۇنۇشقۇ ئۇ ئەمەستۇ دەپ بېشىم ئىتتىكلا كۆتۈرۈپتىمەن. ھېلقى گۇيمۇ قوپۇۋېتىپتىكە بېشىغىلا ئۈستۈم ۋاي كاللام دىگىنىمچە يەردە يېتىپ قالدىم، ئىككىنجى قېتىملىق ئۈسۈش راسلا مىنى چۆرگىلىتىۋاتقاندەك قىلاتتى، پۈتۈن بەدىنىم خۇدىنى يوقاتكاندەكلا ئاجايىپ بىر خىل سىزىم ئەتراپىمدا، بىر كىملەنىڭ بىرنىمە دەپ ۋاقىراپ يۈگرىگەنلىكىنى ئاران ئىلغا ئالالىدىم. چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە يەنە ھېلقى چۈش بۇ قېتىم يامغۇر ئالدىدا بىر توپ ئىشت تۇراتتى، ئالدىنقى قېتىمقى ئىشت يەنا يامغۇرنى چىشلىگىنىچە سۆرەسكە باشلىدى. يەنە ھەركەت قىلاممىدىم، يىغلاۋاتىمەن، ياق يۈركۈم يىغلاۋاتىدۇ، يامغۇر دىگىنىمچە تۇرۇپ كەتتىم، قېشىمدا ئاپام دادام ئەزمەت قاراپ تۇراتتى. مىنىڭ كۆزۈمنى ئاچقىنىمنى كۆرۈپ ھەممىسى ئۈلۈغ بىر تىندى، مەن نىمىش بولدى مەن قايەردە دىدىم. سەن ئۆيدە بالام قو رقما مەن قېشىڭدا ئاپام شۇنداق دىگىنىچە بېشىمنى سىلاشقا باشلىدى، دادام بىر تەرەپتىن كۆزۈمنى سۈرتۈشكە باشلىدى، ئەسلىدە بايا چۈشۈمدە يىغلىدىم دەپ ئوڭۇم دىمۇ يىغلاپتىكەنمەن. بالام دەپ گەپ باشلىدى. دادام كىم ئۇ يامغۇر دىگەن ئۈلۈشكۈنكى قىزمۇ ئىككى قېتىم مۇشۇنداق يامغۇر دىگىنىڭچە ئويغۇنۇپ كەتتىڭ. ئالدىنقى قېتىم چارچاپ كەتكەن  ئوخشايدۇ دەپتىمەن، نىم دەردىڭ با بالام قانداق دەردىڭ بوسا مانا بىزگە ئېيتقىن بىز قولىمىزدىن كىلىشچە قىلمىز دەپ مىھىرلىك كۆزلىرى بىلەن مىنىڭ كۆزۈمگە قاردى. دادا ھېچقىسى يوق ئازراق قار بېسىپ قاپتۇ مەن ئۈچۈن دۇئا قىلساڭلالا شۇ كۇپايە، راس مەن قانداق بوپ ئۆيگە كەپ قالدىم دەپ ئەزمەتكە قاردىم. بۇنىڭغا جاۋابەن دادام ئۈلۈشكۈن كەچ سىلە بەك كەچ بوپ كەتسىمۇ قايتىپ كەممىدىڭلا ئاپاڭلا ئىككىمىز ئەنسىرەپ ئۆيدە ئولتۇرامماي قالدۇق، كىيىن مەن سىنى ئىزدەپ سىرتقا چىقتىم. نەچچە سائەت ئايلىنىپ بىر كوچىغا كەلسەم ئەزمەت بىلەن بىر قىز سىنى كۆتۈرغىنىچە يولغا چىقتى. مەن دەرھال يېنىڭلارغا باردىم، سەن ھوشۇڭدىن كىتىپسەن، بىز دەرھال سىنى ماشىنىغا چىقاردۇق،ئەزمەت بىلەن ھېلقى قىزمۇ ماشىنىغا چىقتى، بىز دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدۇق يولدا ماڭغاچ ئەزمەت ھەممىنى چۈشەندۈردى، بىز دوختۇرخانىغا كىلىپ سىنى تەكشۈرتكەندىن كىيىن سىنىڭدە ھېچقانداق بىر كىسەلنىڭ يوقلىقىنى ۋە تىزلا ھوشىغا كىلدىغانلىقىڭنى ئېيتتى، بىزسىنىڭ بېشىڭدا قاراپ ئولتادۇق ھېلقى قىزمۇ شۇنچە زورلىساقمۇ قەتتى كەتكىلى ئۇنىمىدى، سىنىڭ ھوشۇڭغا كەلمىسە ھېشنەگە كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ سەن ھوشۇڭغا كەلمىدىڭ، بىز دوختۇرنى چاقىردۇق، دوختۇر يەنە بىر قېتىم تەكشۈرپ،سىنىڭ ئويغانغۇڭ يوقلىقىنى ئەگەر خالىساڭ ھازىرلا ئويغىنىدىغىنىڭنى ئېيتتى، بىز ھېچنىمىنى چۈشەنمىدۇق، دوختۇر بىزگە يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردى، مىنىڭ ھازىر چۈش كۆرۋاتقىلىقىمنى شۇ چۈشتىن قۇرتىلاممايۋاتقىلىقىمنى ئەگەر چۈش تۈگىسىلا ئويغىنىدىغىنىڭنى دىدى، ھازىرچە دوختۇر خانىدا ياتمىسىمۇ بولدىغانلىقىڭنى ئۆيگە ئېلىپ كىتىپ بىرە ئۆزگۈرۈش بوپ قالسا ئېلىپ كەلسەك بۇلدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىزمۇ ماقۇل بوپ سىنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقاردۇق، بۇ ۋاقىتتا سائەت 3 بولغان ۋاقىت ئىدى، قىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي دىدىم، قىز مەن ئۆزۈم كىتەلەيمەن دەپ چىڭ تۇرۋالدى، مەنمۇ چىڭ تۇرۋالدىم، ۋە قىزغا بۇ كىچىدە يول يۈرۈشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى يەنە بۇلاڭچىلاغا ئۇچراپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتىم، قىزمۇ بىردەم ئويلىنىۋىتىپ ماقۇل دەپ ئۆيىنىڭ ئادىرىسىنى دىدى، ئۆيى يېقىن جايدىكەن، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ سىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم بولغان ئىش ھەممىسى مۇشۇ دەپ گەپنى تۈگەتتى دادام. مەن ئەزمەتكە قاراپ شۇمۇ دەپ ئىشارەت قىلدىم ئۇمۇ شۇنداق دەپ ئىشارەت قىلدى. دادا توختا نىمىشقا ئۈلۈشكۈن ئاخشام دەيسەن، مەن شۇنچە ئۇزۇن ئۇخلىدىممۇ؟ شۇنداق بالام ساپساق ئىككى كۈن بولدى. قورسىقىڭمۇ ئاشقاندۇ سەندىن ئەنسىرەپ بىزمۇ تۈزۈك بىرنەرسە يىمىدۇق، ئاپىسى تاماق قىلىڭلا بالىمىزنىڭ قورسىقىمۇ ئېچىپ كەتكەندۇ دىدى، ئاپاممۇ دەرھال تاماققا تۇتۇش قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى.دادام ئاپام ئەزمەت لانىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى قىپقىزىل بوپ كىتىپتۇ.سىلەمۇ ئۇخلىمىغان ئوخشىمامسىلە دىدىم؟ دادامسەن بۇنداق ياتساڭ بىز قانداق ئۇخلىيالايمىز دىدى. دادام ئەزمەت ئۇلاپلا بىرنى ئۈسۈپ  قويغانغا  ئايلىنىپ كىتىپ يامغۇر ئىككىمىزنى بەك قورقۇتتۇڭ، دەپلا توختىۋالدى. مەن شاپپىدە ئۇنىڭغا قاردىم. داداممۇ ئەسلى ھېلقى چىرايلىق قىزنىڭ ئىسمى يامغۇر كەندە دىدى. مەن خىجىل بولغان ھالەتتە ئاستا باشقا ياققا قارۋالدىم. دادام قىز بالدەك خىجىل چان جۇمۇ سەن، دەپ كۈلۈپ قويۇپ. باللىرىم ئىككىڭلانىڭ دىيشىدىغان گىپى بادۇ دەپ ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇ ۋاقىتنى ساقلاۋاتقاچقا ئىشلانى تەپسىلىي سوراش ئۈچۈن بەكلا ئالدىراۋتاتتىم. دادام كۆڭلۈم دىكىنى بىلىپ قالغاندەك، چىقىپ كەتتى. مەن دادام چىقىپ كىتىشىگە دەرھال ئەزمەتكە تىز بولە چۈشەندۈر دىگىنىنچە تاقەتسىزلىنىپ ئۇنىڭغا قاردىم. ئۇمۇ ماڭا قاراپ كۈلگەچ ئۇ كۈنكى ئىشلانى ئويلىسام ھازىرمۇ تېلقىپ قالىمەن. بىز كەينىدە تۇرۇپ ئۇ توغۇرلۇق گەپ قىلىپ بوپ سەن يۈگرەپ كىتىپ قالدىڭ، مەنمۇ ھېلقى گۇينىڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋىتىپ تۇيۇقسىز ھېلقى قىزنىڭ ئۈللۈك ئاۋازدا كۈلۋاتقانلىقىنى سەزدىم دەرھال قارسام يامغۇر بىزگە قاراپ كۈلىۋىتىپتۇ، ئىسىت بۇسەت چىلىكنى دەپ تۇرسام سەنمۇ شۇنداق چاغدا پالاكەتچىلىك قىلامسە دەيمە دەپ ماڭا قاردى. مەنمۇ خىجىل بوپ مەن يەردىكى تاشنى كۆمەي قاپتىمە ئەمەسمۇ دەپ ئۆزۈمنى  ئاقلىدىم. ئەزمەت گىپىنى داۋاملاشتۇردى، قارسام سەن ھېلقى گۇينى قۇچاقلاپ يەردە ياتىسەن، ساڭا قاراپ يامغۇر  ئىككىلىمىز قورسىقىمىزنى تۇتۇپ كۈلۋەتتۇق. مەن يىقىلىپ چۈشسەم سىلە ئىككىڭلا كۈلدۇق دەڭلا دەپ ئەزمەتكە ئالىيىپ قويدۇم. ئەزمەت  تېخىمۇ كۈلگەچ ئاداش ئۇ ۋاقتىڭدىكى ھالىتىڭنى ئۆزەڭ كۆگەن بولساڭ مەندىن بەكراق كۈلۈپ كىتەتتىڭ، خۇددى ئەر خوتۇندەكلا قۇچاقلىشىپ يېتىپسىلە،  بىز كۈلۈپ بولامماي قالساق سەن تېخى ئولتۇرۇپ تۇرۇپ دۇنيا چۆگىلاۋاتامدۇ يا دىدىڭ، بىز تېخىمۇ كۈلۈل كەتتۇق يامغۇر  كۈلكىسىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئۈسسۈڭىز ئۆزىڭىز چۆرگىلەيدىغاندەك قىلسىز دىدى. شۇنىڭ بىلەن سەنمۇ قىززىق كەنسە قاراپ قوپماي، ئەمدى قوپۇپ تۇرغان ئادەمنى بېشىغىلا ئۈسۈتۈڭ بىز كۈلۈپ بولامماي يەردە يېتىپ قالدۇق. بىردەم كۈلۈپ بوپ قارسام سەندىن ھېچ سادا چىقمايدۇ، مەن دەرھال ئاۋاى يوققۇ دىدىم، يامغۇرمق ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگرەپ سىنىڭ ئالدىڭغا كەلدى، سەن ھۇشۇڭدىن كىتىپسەن،  ئىككىلىمىز جىددىيلىشىپ كەتتۇق، ھېلقى ئىككى گۇيمۇ قېچىپ كەتتى. مەن سىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم بىز دەرھال چوڭ يولغا چىقتۇق. تەلىيىمىزگە ئۆمەرئاكام ئالدىمىزغا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سنى دوختۇرخانىغا ئەكەلدۇق. يامغۇرنى شۇنچە كىتىشكە زورلىساقمۇ كەتكىلى ئۇنىمىدى. قالغان ئىشلنى ئۆمەر ئاكام ساڭا دەپ دەپ بەدى، بولغان ئىشلا شۇ دەپ گەپنى تۈگەتتى ئەزمەت. مەن ئۆيىنى كۆرۋالدىڭمۇ دىدىم. ھەئە مۇشۇ يەرگە يېقىنكەن دىدى. يارايسەن جۇمۇ مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش قىپسە مىنىڭ ئۇكامدە بۇ منى دورۇپتۇ، دەپ  ئۆزۈمنى ماختاپ قويدۇم. ئەزمەت  سىنى دورىسام مەنمۇ پالاكەت بوپ خەققە ئۈسۈپ يۈرمەمدىم ھۇ ھا ھا دىدى.  مەن ئەزمەتكە بىرنى ئالىيۋىتىپ ئاشخانىغا چىقتىم، ئىككى كۈن تاماق يىمەي قورسۇقۇپ بەك ئېچىپ كىتىپتۇ دىسە، توۋا ئىككى كۈن نامانچە ئۈزۈن ئۇخلۇدۇم، تېخى ھېلقى چۈشچۈ ئىككىنجى قېتىممۇ كۆردۈم، ھەي مىنى ياراتقان ئىگەم يامانلىقتىن ساقلىغىن سەن ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىسەن. مەن شۇنداق دىگىنىمچە ئاپامنىڭ قېشىغا كىردىم، ئاپام ئالدىراش تاماق قىلۋاتاتتى. ئاپا تاماق تەييار بوممىدىمۇ دىدىم. ئاپام مانا ھازىرلا تەييار بولدۇ،سەن چىقىپ بىردەم تىلۋىزۇر كۆرگەچ تۇر دىدى مەن ماقۇل دىگىنىمچە مىھمانخانا كىردىم ۋە سافاغا ياتقىنىمچە يامغۇرنى بىلەن  تۇنۇشۇش پىلانىغا كىرىپ كەتتىم. بىر ۋاقىتتا  ئاپامنىڭ تاماق پىشتى دىگەن ئاۋازى بىلەن خىيالدىن چىقتىم. ۋە كۆڭلۈمگە پەچەت پىلان دىن بىرنى تۈزۈپ ئاستا ئاشخانىغا قاراپ يول ئالدىم.


شۇ ياتقىنىمچە بىر ۋاقىتتا ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەزمەتنىڭ ئويغىتىشى بىلەن ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم. ئەزمەت بىلەن دادام ماڭا قاراپ تۇراتتى. دادامنى كۆرۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، دادام ماڭا ھېسداشلىق قىلغان ھالدا بالام ئۆزۈڭنى بۇنداق تاشلىۋەتمە قارا مىنىڭ كىلىشكەن،  ئوغلۇم كىمگە ئوخشاپ قالدى، چاچ ساقاللىرىڭ ئۆسۈپ كىتىپتۇ ، ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىز تۈگۈشۈپ كىتىۋاتىمىز، بۇنداق قىلمىغىن زادى نىمە دەدىڭ با ئەزمەتمۇ دەپ بەمىدى دەپ ئەزمەتكە قاراپ قويدى، ئەزمەت ماڭا قاردى بۇ قىلغىنى ماڭا سىرىڭنى ئاخىرغىچە ساقلايمەن دىگىنى بولاتتى. مىنىڭ كۆڭلۈمدە شۇنداق تەسەللىي بەگۈم بولسىمۇ گەپ قىمماي ئاستا يېتىۋالدىم، داداممۇ ئېغىر ئۇھسۇنۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى، ئەزمەتمۇ گەپ قىلىۋېرىپ زىرىكتىمۇ ياكى مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋايلىدىمۇ ئۇمۇ چىقىپ كەتتى، مەن مۇ ئۇلانى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولغىنىمچە ياتتىم، ئۇلا سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ قانچىلىكلىكىنى  چۈشەنسىنمۇ، ئۆزى سۆيگەن قىزنىڭ ئالدىدا باشقىلانىڭ ئېتىۋەتكەندىكى ھېسياتنى چۈشەنسىنمۇ، باشقا ئىش قىلىپ خوش ياقماي خىيال قوينىغا شۇڭغۇدۇم.
     





330 قېتىم كۆرۈلدى aliy1314 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-26 8:12:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ