ھىجران ۋە قىساس( پوۋسىت ) 3- قىسىم

ھىجران ۋە قىساس

( پوۋسىت )

3- قىسىم  ۋىسالسىز ئاشىق


بۈگۈن كۈنگە جۈمە ھاۋا ئىنتايىن ئۇچۇق، مەن بۈگۈن يامغۇرنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ كىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتاتتىم. ئەزمەتمۇ مەن بىلەن بىللە بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتاتتى. دادام نىڭ باللىرىم بىرە يەرگە بارماقچى بولساڭلا ما كارتىنى تىلپۇنۇڭلارغا سېلىۋېلىڭلا دەپ ماڭا بىر كارتىنى بەردى. رەھمەت دادا ئەمدى ئېزىپ قالماسمىز تىلپۇننىڭ يول باشلاش خەرىتىسىنى ئېچىۋەتتىم دىدىم. ھە بوپتۇ باللىرىم ما پۇلنى ئېلىۋېلىڭلا، دەپ ئىككىمىزگە ئىككى يۈز دوللاردىن بەردى، دادا لىرا بەرسەڭ بوممامدۇ بۇنى يا بېرىپلا خەجلىگىلى بوممىسا دىدىم مەن. دادام بالام سىرتقا چىقساڭلا دوللار پارچىلايدىغان يەر بار شۇ يەرگە بېرىپ دوللارنى لىراغا ئالماشتۇرۋېلىڭلا، مەندە دوللار باكەن دىدى.  ماقۇل دادا ئەمسە بىز كەتتۇق. دەپ سىرتقا چىقتۇق، مەن يولدا ماڭغاچ ، ئەزمەت يامغۇرنىڭ  ئوغۇل دوستى بامىدۇ، دىدىم مەن چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ. بەلكىم بادۇ بەلكىم يوقتۇ، لىكىن سىناپ باقماي ھېشنىمىنى بىلگىلى بوممايدۇ دىدى ئەزمەت ماڭا مەدەت بىرىپ، رەھمەت  ئاداش راس گەپ قىلسام قورقىۋاتىمەن، ئىچىمدە بىرخىل تۇيغۇ با ئىپادىلەپ بىرەممەيمەن دىدىم مەن ئەزمەتكە قاراپ، قورقما ئاداش يۈركۈڭگە ئوتنى سالغان ئىگىمىز داۋاسىنىمۇ بىردۇ. دىدى مەن بۇ گەپتىن باشقىچە روھلاندىم. بىز دوللار پاچىلاش ئۈچۈن ماڭدۇق.
ئەزمەت بۇ يول توغرا شۇنداقمۇ ئەجەپ ئۇزاق بىلنىپ كەتتىغۇ ماڭا دىدىم مەن ھاسىرغىنىمچە، ئەنسىرمە مەن بۇ يەرنى خەرىتىگە كىرگۈزىۋالغان دىدى، ھە شۇنداقمۇ دىگىنىمچە يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدىم. قىش بېسىلغان يوللا، يول ياقىلىرىغا ماشىنىلانى توختۇتۇپ قويۇپتۇ، بۇ ئىش بىزنىڭكىدە بولسا چوقۇم جەرىمانە قويلىدۇ،لىكىن بۇ يەردە خالىغىنىچە يوختىتىۋېردىكەن. موتو ماشىنا دىگەنننى ئاجايىپ ھەيدەيدىكەن، بۇ يەردە ئاستا ماشىنا ھەيدىگەن ئادەمنى تىللايدىكەن، تولىمۇ قىززىق، شۇنداق تۇرۇپمۇ ماشىنا ۋەقەسى ئۇنچىلىك جېق ئەمەسكەن. مەن بۇنى بۇرۇن دادامدىن ئاڭلىغانتىم. دۇ بەيدە ئەڭ ئاستا سۈرئەت چەكلىمىسى 60  70 لە ئەتراپىدا چىقىدىكەن، بۇنداق تىز يۈرگەندە، ماشىنا قىستىلاڭچىلىقى چىقمايدىكەن. چوڭ يوللا تولىمۇ جېقكەن. بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن يولنىڭ تۆپىسىدىكى كۆرۈكتىن ئۆتۈش كىرەككەن بۇنداق بولغاندا قىزىل چىراقمۇ،  چوڭ يوللادا ئاساسى جەھەتتىن يوقكەن. يول ئەتراپى ھەرخىل دۇكانلا بىلەن تولغان، بۇ يەردىن ھەرخىل داڭلىق ماركىدىكى كىيىملەنى تاپقىلى بولدىكەن. يەنە تېخى بىر قىززىق يېرى يەرلەرنىڭ ئىسمىگە ۋە ئادەملەنىڭ ئىسمىگە ھەرخىل نەرسىلەنىڭ ئىسمىنى قويدىكەن، مەسىلەن يامغۇر، شامال، ئىشقىلىپ ھەرخىل يەنە كىلىپ تۇرۋاتقان يەرنىڭ ئىسمى دېڭىز قولتىقىكەن، بۇ يەرنىڭ يەنە بىر ئىسمى كىچىك تارتما دەپ ئاتىلىدىكەن. مەن شۇلانى خىيال قىلىپ تۇرسام. ئەزمەتنىڭ كەلدۇق دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ دەرھال ئالدىمغا قاردىم، ئۇ بىر بىنانى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى. قانچىنجى قەۋەت دىدىم مەن دەرھال جىددىيلىشىپ، ئەزمەت ماڭا بىرنى قارۋىتىپ مەن يە ئۇنى ئۆيىگە ئەچىقىپ قويمىسام مەن نەدىن بىلەي مۇشۇ يەرگە كىربلىپ كەتكىنىنىلا كۆردۈم، بىلگەن تەقدىردىمۇ سەن ئۆيىگە كىرەلەمتىڭ دىدى. ئۇغۇ شۇ ئەمدى قانداق قىلىمىز دىدىم مەن. ئەھۋالنى بىر قاتا كۆزىتەيلى، ئەتە ئۆمەر ئاكامنىڭ ماشىنىسىنى ئېلىپ كىلەيلى، بۇنداق تۇرساق كۆزگە تىزلا چېلىقىپ قالمىز دىدى. مەن ھە ئۇنداق بولسا كىتەمدۇق دىدىم. ماقۇل كىتەيلى، دىدى ئەزمەتمۇ، توختا ئاۋۇ تاللا بازىرغا كىرىپ بىر نەرسىلە ئالايلى بەك ئۇسساپ كەتتىم، دىدىم مەن. ھەي بولدى قىلە باشقا يەردىن ئالايلى. يامغۇر چىقىپ قالسا ھودۇقۇپ قالمايلى دىدى. ياق مەن ھازىر سۇ ئىچىمەن، بەك  ئۇسساپ كەتتىم، ئايلىنىپ قالدىغاندەك ھىسقىلىۋاتىمەن دەپ تەرسالىق قىلىشقا باشلىدىم. ھەي ئۆزۈڭگە ھە ئەمسە دەپ ماڭدى ئەزمەتمۇ ماڭا گەپ يۈگىزەممەي. بىز دۇكانغا كىرىپ دۇكاننى ئارلاشقا باشلىدۇق.مەن ئەزمەتكە ماڭا قارا كۆدۈڭمۇ ھېچ ئىش يوق يامغۇرمۇ بۇ يەردە يوق مەن ساڭا دىگەنتىمغۇ، بىكا ئەنسىرەپ دەپ ئەزمەتكە قاردىم، ئەزمەتمۇ شۇنداقكەن لىكىن، نىمە لىكىن يوق مەندەك جۈرئەتلىك بولساڭلا بولدى، دىدىم مەن  ئۆزۈمنى ماختاپ. ئەمدى قارا مەن باغۇ يامغۇرنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاجايىپ بىر پىلان تۈزدۈم ياخشى ئاڭلا ھە دىدىم مەن. بىر دەستە گۈل ئالمەن، قىزىل گۈل ئالايمۇ ياكى مودەن گۈلمۇ، ئىشقىلىپ قايسى  ئەرزان بولسا شۇ نى ئالىمەن، بەك قىممەتنى ئالساممۇ ياق دەپ قالسا بىكارغا كىتىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنداق دەپ ئەزمەتكە قاردىم، ئەزمەت كۆزىنى قىسىپ كۈلۈپ تۇراتتى. ھەي نىمە ئۈكلىگەن كالىدەك قاراپتۇرسە، بۇمۇ قىممەت بوپ كىتىدۇ دىمەكچىما، ھە مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان لىكىن ماقۇل دەپ قاسا ھېچ گەپ ئەمەس، دىدىم مەن يامغۇر بىلەن بىللە ماڭغان ھالىتىمنى ئويلاپ ئۆزۈمدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. ئەزمەت بولدى كۆپ گەپ قىلۋەتتىڭ دىدى، بىر كۆزىنى قىسىپ چىراي شەكلىنى غەلىتە قىلىپ ئارقىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ. نىم بولدۇڭ نىماندا غەلىتە قىلىق قىلىپ يۈرۈيسە خاتىرجەم بولە بۇ گەپلەنى تۈرۈكلە چۈشىنەممەيدۇ دىدىم مەن ئۆزۈمگە ئىشەنگەن ھالدا. ئەزمەت ئۇف دىيىشىگە.مەن نىمە ئۇف ئۇف دەۋېرسە خۇددى مىنىڭ كەينىمدە يامغۇر بادەكلا قىلۋاتىسەنغۇ. دىدىم مەنمۇ چىرايىمنى ئۆزگەرتىپ، ئەزمەت ئارقامغا بىرنى قارۋىتىپ ماڭا سەنچىچۇ دىدى. توختا بىريېرى بىرقاندايا بۇنىڭ بۇ يامغۇرنىڭ مەھەللىسىدىكى يەنە كىلىپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى تاللا بازىر ئەجەبا ئارقامدىكى......؟ ئاخىرىنى ئويلاشقا پېتىناممىدىم. ئەزمەتكە قاراپ تۈپرۈكۈمنى يۇتىۋىتىپ، ئاخىرقى 99% بولغان گۇمانىمنى بىلىش ئۈچۈن ئارقامغا قاردىم، لىكىن ناھايىتى تىزلا ئالدىمغا قارۋالدىم، ئەزمەتمۇ ماڭا ھەي دىگەن شەكىلدە بېشىنى لىڭشىتتى. مەن تۈپرۈكۈمنى يەنە بىر قېتىم يۇتىۋىتىپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم ۋە ناھايىتى ھەييارلىق بىلەن، ماڭا ئىپادىسىزلا قاراپ تۇرغان يامغۇرغا ھوي سىز كەلگەنمىتىڭىز، بىزمۇ سىز توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتاتتۇق دىدىم مەن، ئەزمەتمۇ جاۋابەن كۈلۈپ تۇرۇپ ياخشىلا گەپنىڭ ئۈستىگە كىلدۇ دەپ كونىلا راس ئېيتىپتىكەن جۇمۇ دىدى. خاتا دىدىڭ كونىلا ئەسكى گەپ ئۈستىگە كىلدۇ دەپ ئېيتقان دىدىم مەن ئەزمەتنىڭ خاتا جۈملىسىنى توغرىلاپ، لىكىن ئەزمەتنىڭ ئۇف دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ گەپنى خاتا قىپ قويغىنىمنى بىلدىم، لىكىن ئەپسۇس كىچىككەن ئىدىم. دىمەككە مەن ئەسكىكەنمەندە دىدى يامغۇر قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ. ياق ياق مەن دىمەكچى بوغىنىم ھەرگىز بۇ ئەمەس، مەن پەقەت بۇ ئاتا سۆزىنى توغرىرلايدىگەن شۇ دىدىم مەن ئارىمىزدىكى خاتا چۈشىنىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ھەي مەن بىر قېتىم بولسىمۇ كاللامنى ئىشلەتسەم نىم بولدىغاندۇ دەيمەن، بۇمۇ خەقنىڭ ئالدىدا دەيدىغان گەپمۇ ئۇف يامغۇر تەستىكىمگە بىرنى سالسا قانداق قىلامەن، مەيلى سالسا سالسۇن. ئەسلى مەنمۇ غ ت  قوشۇپ كىتىپ قالسام بۇلدۇ ئۇف يۈزۈم. يامغۇر ھېلىمۇ ياخشى تەستىكىمگە سالمىدى. بوپتۇ ئۆتكەنقى قېتىم مىنى قۇتقىزىۋالغىنىڭىز بىلەن تەڭلەشسۇن، دىدى ماڭا كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ. مەن ئۇف دىيىشكە ئۈلگۈرمەي، يامغۇر ماڭا تىزلىك بىلەن قاردى،مەن چۆچۈپ كىتىپ كەينىمگە بىر قەدەم داجىدىم. يامغۇر لىكىن ئۆتكەن قېتىمقى كەينىمدىن دىگەن گەپلەرنىڭ ھىساۋىنى قىلشىۋەتمىسەك بوممايدۇ دىدى.  ھە راس ئۆتكەن قېتىمقى قەھرىمانلىقتا مۇشۇنداق بىر پالاكەتچىلىك باتتى ھە ئەمدى راستىن كاچىتىمغا يەيدىغان بولدۇم دەپ تۇرشۇمغا. يامغۇر قولىنى ئىنتايىن ئاستا كەينى تەرپىدىم ئەكىلىشكە باشلىدى. مەن تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىم، ھەي كاچىتىمغا ئۇرسىغۇ مەيلى تاپانچا بىلەن...؟ ئاخىرىنى ئويلاشقا پېتىناممىدىم. كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇغاچ ئەزمەتنىڭ يىنىغا كەلدىم ئۇمۇ مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولسا كىرەك سوغۇق تەرلەۋاتاتتى، ما يامغۇرمۇ قولىنى شۇنداق ئاستىمۇ چىقىرامدۇ دەيمەن. يامغۇر تىزلا قولىنى چىقاردى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ بۇ چوكا مۇز بىلەن مىھمان قىلسىز قانداق بولامدۇ دىدى. ئۇف يىغلىۋىتىشكە تاسلا قالغانىدىم، ئىچىمدە ئەجەپ جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى دىسە دەپ تۇرشۇمغا، ئەزمەتمۇ كىچىك بىر تىندى. بىزنىڭ بۇنداق قاراپ تۇرغىنىمىزنى كۆرگەن يامغۇر نىمە بولاممامسىز دىدى. مەن ياق ياق ئۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ جۈرۈڭ مەن سىزگە بىر يېشىك ئەپ بىرەي بۇندىن كىيىن ئادەمنى بۇنداق قورقۇتماڭ دىدىم يېلىنغاندەك قىلىپ. چاخچاق قىلىپ قويغانتىم، ئىشقىلىپ نىمىلا بوممىسۇن تەڭلەشتۈك دىدى. زادىغۇ قىز بالىغا چاخچاق قىلغىلى بوممايدۇ، چىشى يولۋاسنىڭ ئۆزىغۇ بۇ قىزلا دىدىم ئىچىمدە. بىز ئالدىغان نەرسىكەنى ئېلىپ ھېلقى يامغۇر دىگەن چوكا مۇزدىن ھەمىمىز بىردىن ئېلىپ چىقىپ كەتتۇق. يولغا چىقىپ بوپ يامغۇر بۇ ئەتراپقا نىمىش بىلەن كەلگەنتىڭلا دىدى ھەيران بولغاندەك قىلىپ، مەن گەپ قىپ بولغىچە ئەزمەت مىنىڭ يەنە خاتا گەپ قىپ قويۇشىمدىن ئەنسىردىمۇ تىزلا ئادىشىپ كىپ قالدۇق دىدى ۋە مىنى ئىتتىرىپ قويدى. مەن مۇ تىزلا ھە ھە زادى بىز يەنە ئادىشىپ قالدۇق دىدىم ئەزمەتنىڭ گىپىنى قۇۋەتلەپ. شۇنداقمۇ دىدى يامغۇر ماڭا مەنىلىك بىرنى قاراپ قويۇپ ئۇنداق بولسا مەن ئاپىرىپ قويايمۇ دىدى. ئىككىمىز تىزلا ياق بولدى ئۆزىمىز كىتەلەيمىز دىدۇق،دىدۇققۇ دەپ بولۇپلا توختاپ قالدۇق. نىمە يولنى بىلدىغان ئوخشىمامسىلە دىدى يامغۇر، مەن گەپتە كەتكۈزۈپ قويۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ ئىچىمدە يالغاننى توقۇشقا باشلىدىم. ۋە تىزلا بىز بۇ تەرەپتە چىرايلىق يەرلەر، ھەم باغچىلا با ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملىرى ئىنتايىن ياخشى دەپ ئاڭلىغانتۇق، شۇڭا مۇشۇ ئەتراپنى بىر كۆرۈپ باقايلى دەپ كەلدۇق دىدىم. ئەزمەتمۇ شۇنداق شۇنداق دەپ مىنىڭ گىپىمنى قۇۋەتلىدى. ھە مۇنداقمىتى بىرە سىنى ئىزدەپ كەلمىگەنسىلەھە دىدى، مەن جىددىيلىشىپ، ياق ياق ئۇندا ئىش يوق بىز پەقەت ئايلىنىپلا كەپ قالدۇق دىدىم. ئەزمەت ماڭا گەپلىرىڭ بىربىرسىگە ئوخشىمايدۇ دىگەن مەنادا ماڭا قاراپ قويدى مەنمۇ ھېسقىلغانىدىم. ھازىر بۇنداق كىتىۋەر سە بىزگە ياخشى بوممايدىغانلىقىنى چۈشەندىم ۋە يامغۇرنى بىزنى سوراق قىلىشتىن توختىتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. يامغۇر بىزگە ئىپادىسىز قاراپ تۇراتتى. مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزمۇ مۇشۇ ئەتراپىتىما دىدىم مەن بىلمىگەنگە سېلىپ، يامغۇرمۇ ئەزمەتكە بىرنى قارۋىتىپ ھەئە ماۋۇ بىناشۇ ئۈچۈنجى قەۋەتتىكى ئۆي شۇ دىدى. مەن شۇنداقمۇ باشقىلانىڭ بۇ مەھەللىدىكى چىرايلىق دەپ ماختىغان كىشى سىزمۇ نىمە دەپ يامغۇرنىڭ كۆزىگە قاردىم، بىز بىر ئىككى دەقىقە بىر بىرىمىزگە قارشىپ تۇرۇپ قالدۇق، يامغۇر قىززارغىنىچە يەرگە قارۋالدى، مىنىڭ بەدىنىم بىر خىل ئېرىپ كىتىۋاتقانداق بىر تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم، تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم باشقىلانىڭ كۆزىگە بۇنچىلىك قاراپ تۇرشۇم بولىشى مۇمكىن، يامغۇرغا زەربە بېرىپ ئۇنى پەسكويغا چۈشۈرمەن دەپ ئۆزۈم چۈشۈپ قالدىممۇ نىمە، ئەمدى ئاغىزىمغا ھېچ گەپ كەممەيدىغۇ. يامغۇرمۇ نىمىش بولدىكىن بىر خىل تىتىرەۋاتاتتى. بىزنىڭ بۇ ھالىتىمىزنى كۆرگەن ئەزمەت، ئارىمىزدىكى سۈكۈتنى بۇزۇش ئۈچۈن، ھوي چوكا مۇزلا ئېرۋاتىدۇ تىز يەۋىتەيلى ئىسراپ بوپ كەتمىسۇن دىدى. بىز دەرھال ئىسىمىزگە كىلىپ، ھە چوكا مۇر ئېرىپ كەتمىسۇن يەيلى دىگىنىمىزچە، چوكا مۇزنىڭ ئاغىزىنى ئېچىشقا باشلىدۇق. يامغۇرغا نىم بولدىكىن بىرخىل تىتىرەپلا تۇراتتى. بولدى مەن چىقىپ كىتەي دادام ئەنسىرەپ قاممىسۇن دىدى. بىزمۇ ھە بۇلدۇ ماقۇل دەپ خوشلاشتۇق. مەن تۇيۇقسىز ئەمدى كەتسەم يامغۇرنى ئىككىنجى قېتىممۇ كۆرەممەيدىغاندەك ھېسقىلىپ، بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ مېڭىشقا تەم شەلگەن يامغۇرغا دىدىم. بىز يەنە كۆرشەلەمدۇق، يامغۇر بىزگە ئۆرۈلمەي تۇرۇپ. <





249 قېتىم كۆرۈلدى aliy1314 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 20:18:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ