قاراڭغۇ ئورمان 38- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 38- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

قارا كىيىملىكنىڭ ئالدىمىزغا يىقىلىپ چۈشۈشىدىن چۆچۈشۈپ قوراللىرىمىزنى ھامۇتئاخۇنغا بەتلىدۇق .

- ئەبلەخ ، نىمە قىلۋاتىسەن ؟ - ئاچچىقتىن توۋلىۋەتتىم .

 ئۇ بىزگە بىر قارىدى -دە، بىرلا سەكىرىۋىدى پۇتلىرى كىنگىرودەك ئۇزۇراپ غەلىتە شەكىلگە كىردى ، شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ مەخلوق ئىكەنلىگىگە شەكسىز ئىشىنىپ تەپكىنى باستۇق، ئوقلار ۋىژىلداپ چىقىپ ئۇنىڭغا تەككۈچە ئۇنىڭ راكىتادەك شۇنداق تىز سەكرەپلا يوقاپ كەتكىنىنى كۆرۈپلا قالدۇق. ئۇ كەتكەندىن كىيىن ھەممىمىز تىزدىن قارا كىيىملىكنى يۆلەشكە باشلىدۇق،  ئۇنىڭ قۇرسىقىدا كۆك رەڭلىك، قاشتېشىدەك سۈزۈك كەلگەن بىر خەنجەر سانجىقلىق تۇراتتى.

 - بۇ خائىن بىزگىمۇ زەھەرلىك قولىنى سالدى ئاخىرى ،- دىدى ئۇ ئىنجىقلاپ تۇرۇپ.

 - ئەمدى قانداق قىلىمىز، خەنجەرنى ئېلىۋېتەيلىمۇ؟ دىدىم ئۇنىڭ ساۋۇت كىيىمىنىڭ تىشىلگەن يىرىنى تەكشۈرگەچ.

 - بۇنىڭغا ئامال يوق، بۇ خەنجەر بىزنىڭ ئەجەللىك قورالىمىز ، ئۇنى ئېلۋېتىشكە بولمايدۇ،  جاراھىتىم بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن ،…تىز … تىز بولايلى … تىزدىن ئۇچار تەخسىگە قايتايلى! بايىقى مەلئون بىزدىن بۇرۇن بېرىپ ئۇنى ۋەيران قىلىۋەتمىسۇن.

 - ئەمىسە سىز بەرداشلىق بىرەلەمسىز ؟ - دىدى پەرىدە ئازاپلانغان ھالدا.

 - بەرداشلىق بىرەلەيمەن، ئەمدى بۇ زاپاس ئىنىرگىيەنىڭمۇ كىرىگى قالمىدى تاشلىۋېتەيلى!

- نىمىشقا تاشلىۋېتىمىز ، ئۇ بولمىسا بىزمۇ قايتالمايمىز -دە ،- دىدىم ئەجەپلىنىپ.

 - ئۇ بەك ئېغىر ، مەن يارلاندىم، ئۇنى ئەمدى كۆتۈرۈپ ماڭغىلى بولمايدۇ ، ئۇچار تەخسىنى قوزغاشقا مېنىڭ ئامالىم بار ! ئۇ شۇلارنى دىگەچ باتارىيەنىڭ كونۇپكىلىرىنى بېسىپ قانداقتۇ بىرخىل بەلگىلەرنى كىرگۈزۈپ قۇلۇپلاپ قويدى.

 - بۇ ئەمدى قەرەللىك بومبا ھالىتىگە كىردى، بۇنى ھېچكىم توختىتالمايدۇ، بىزنىڭ ئون ئىككى سائەتلا ۋاقتىمىز قالدى، موشۇ تاپتا تاڭ ئاتاي دىدى، تەلىيىمىز كەلسە بۇ ۋاقىت توشقىچە ئۇچار تەخسىگە بارالىساق بىزنىڭ قۇتۇلىشىمىزدا ئۈمۈت بار، بارالمىساق ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز ، بۇنىڭ پارتىلغان ۋاقىتتىكى كۈچى بۇ يەرنى كۈلگە ئايلاندۇرۇپ چۆمۈلىچە بىرەر ھاياتلىق ياكى كىچىككىنە بىرەر گىيانىمۇ قويمايدۇ .

- نىمىشقا بۇنىڭغا ۋاقىت بېكىتىپ قويىسىز ، بۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھالاك قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟- سورۇدۇم ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزغاچ .

 ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ بۇ ھەركىتىمىزنى يۆلەش دىگەندىن بىر- بىرىمىز يۆلۈنۈپ دىيىش مۇۋاپىقتەك تۇراتتى، چۈنكى مەنمۇ ئارانلا تېنىمنى كۆتۈرۈپ تۇراتتىم .

- بۇنىڭغا ئامال يوق ،- دىدى ئۇ پۇتىنى سۆرەپ مېڭىپ ،- ئەگەردە سىرتقا چىقىپ بىز بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچۇرساق، مەخلوقلار تىز سۈرئەتتە ئۇچار تەخسىنى ۋەيران قىلىدۇ، چۈنكى ھېساپلىشىمچە ئۇچار تەخسىدىكى ئىنىرگىيە تۈگەي دىدى، ئۇ تۈگىسە بىخەتەرلىك توسىقى يوقايدۇ ، مەخلوقلار نەگە بېرىشنى خالىسا شۇ يەرگە بارىدۇ، ھېلىقى خائىن ئۇچار تەخسىنى ۋەيران قىلىپ بولسىلا تىز سۈرئەتتە مەخلوقلارنى باشلاپ يەر شارىنى ۋەيران قىلىشقا ئاتلىنىدۇ،  ئويلاپ بېقىڭلار بۇ ئورماندىكى مەخلوقلار سىلەرنىڭ بىر شەھىرىڭلەرگە كىرسە قانچىلىك ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، قانچىلىك بالايى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كىلەر ، يەنە بىر نەچچە خىل مەخلوق بار ئۇلار چىشلىسىلا يۇقۇملۇق كىسەل يۇقتۇرىدۇ ، بۇ كىسەل ئىنسانلار ئارسىدا تىز سۈرئەتتە تارقىلىپ ئاتوم بومبىسى بىلەن ۋەيران قىلغاندىن ئون ھەسسە تىزلىكتە ھاياتلىقنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن يەرشارى دەۋزەخكە ئايلىنىپ شۇلارنىڭ ماكانى بولىدۇ ، شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن موشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ . ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كاللام بىردىنلا سەگىگەندەك بولدى. بىز دىمەك ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ، ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىمىزنىڭ ، يەنى پۈتكۈل يەر شارىمىزدىكى ئىنسانىيەتنىڭ ، پۈتكۈل جانلىقلارنىڭ ھايات - ماماتىنى بەلگىلەيدىغان دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئىچىدە كۆرەش قىلۋېتىپتىمىز ، بىز بۇ يەردە ئۆزىمىزنىڭ جېنىنى ئېلىپ قېچىش ئەمەس ، پىلانتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كىرەككەن ، بۇ ئۇلۇغ جەڭ ئۈچۈن كىچىككىنە جېنىمىزنى سېلىپ بەرسەك ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ.

بىز قارا كىيىملىكنىڭ يول باشلىشىدا قايتىدىغان يانتو بىر كىچىك يول ئارقىلىق ئۈستىگە قاراپ ئۆرلەپ مىڭىشقا باشلىدۇق، ئەھۋالىمىز ناچار ھەممىمىزلا ياردار دىگۈدەك ئاجىز ھالەتتە سۆرۈلۈپ ماڭساق، پەقەت نىجات بىلەن پەرىدەلا يىنىك يارلانغاچقا بىزگە چوڭ يۆلەك بولۇپ كىتىۋاتاتتى. مەن كىتىۋېتىپ قارا كىيىملىكنىڭ جاراھىتىگە دىققەت قىلدىم، ئۇنىڭ قۇرساق قىسمىغا سانجىقلىق تۇرغان خەنجەردىن فوسفۇردەك سۇيۇقلۇق پاقىراپ تامچىلاۋاتاتتى ، ئۇ شۇندىمۇ غەيرەت قىلىپ تىزاراق مەنزىلگە قايتىشقا تىرىشۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ شۇنداق بەستلىك گەۋدىسى ھالسىراپ قالغان ئىگىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ماڭا ئۇ شۇنچىلىك ئۇلۇغ بىلىنىۋاتاتتى.

 بىز شۇ مېڭىشىمىزدا ئۈستىنكى بىرىنجى قەۋەتكە چىقتۇق ، ئەتراپ جىمجىت، بىزگە يىرتقۇچلارچە خىرىس قىلىۋاتقان مەخلۇقلارنىڭ ئاۋازلىرىمۇ يوقاپ كەتكەنتى، زالنىڭ بۇزۇلغان يوچۇقلىرىدىن سىرتنىڭ يورۇپ قالغانلىغىنى بىلگىلى بولاتتى، بىر كىچە ھايات - ماماتلىق تىركىشىش ، قېچىش، قورقۇشلار ھەممىمىزنىلا بەكلا چارچاتقان بولۇپ، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ،  دەم ئېلىشىمىزغا ۋاقىت يوق ئىدى.

 - ھامۇتئاخۇن ئاۋۇ يەردىكەن، ئاشۇ شۇمۇ … يە … بايىقى مەخلوقمۇ؟  نىجات بىردىنلا توختاپ ئالدىنى كۆرسەتتى.

 ھەممىمىز ئىشىك ئالدىدا تىمىسقىلاپ ئالتۇن تىرىش بىلەن ئالدىراش يۈرىگەن ئۇ ئادەمگە قاراپ جىددىيلەشتۇق .

- كىمسەن ؟ - ۋاقىردىم قورالىمنى بەتلەپ ، باشقىلارمۇ دەرھال قوراللىرىنى توغۇرلاشتى.

 - مە… مەن ، مەن … ئوق چىقارماڭلار … بۇ مەن ھامۇتئاخۇن ! ئۇنىڭ ھۇدۇقۇش ھەم ھاياجان بىرىكىپ كەتكەن ھالىتىدىن بايىلا كۆرگەن مەخلوقنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم . ئۇ شۇنداق دىگەچ ئالتۇنلىرىنى كۆتۈرۈپ بىز تەرەپكە قاراپ كىلىشكە باشلىدى.

 - توختا ! جايىڭدا قىمىرلىما!!!

بايقى خاتالىقنى يەنە سادىر قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ۋاقىردىم.

 - بۇ مەن ، تونىمايۋاتامسىلەر مېنى … مەن بۇ ئۇكا…م !

- بۇ يەردە نىمە قىلۋاتىسەن ؟

- شۇ بايا …م …، جاپادا ئېلىپ كەلگەن بۇ نەرسىلىرىم كاللامغا كىرۋېلىپ … سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا كىلىپ تەرگەچ تۇراي دەپ … ئالدىراپ …

 ئۇنىڭ تويماس نەپسى، شۇ ئالتۇنلارنىڭ پېيىدىلا بولىۋاتقىنى ھەممىمىزگە ئايدىڭ بولغاچقا ئۇنداق چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ بىزگە شۇنداق يىرگىنىشلىك بىلىندى.

 - بەكلا ئاچكۆز ، بەكلا تۇتىرىقسىز ئادەمكەنسەن ئاكا ، - ئاچچىغىم شۇنداق كەلگەن ئىدى،  ھۆرمەت بىلەن گەپ قىلىشنىڭ ئەمدى ئورنى قالمىغانلىغىنى ھېس قىلىپ سەنلەشكە باشلىدىم ،- سېنىڭ موشۇ مىجەزىڭ بىزگە بالا - قازالا ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ ، سەن يەنە موشۇنداق قىلىۋەرسەڭ يە ھەممىمىزنىڭ بېششىغا چىقىسەن، يە جاننى سەپ بىرىپ بايلىققا تويىسەن!

 ئۇ ئاچچىقلانغىنىمدىن قورۇققان بولسا كىرەك يەنە دۇدۇقلاشقا باشلىدى.

 - ئۇكام ، بۇ … بۇ ، بولدى ئەمدى … ئەمدى گېپىڭلارنى ئاڭلاي … ئەمدى…

بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشىپ، ئۇنىڭغا كايىپ يۈرۈشنىڭمۇ ئەھمىيتى يوقتەك قىلاتتى،  بۇنداق قىلىش قىل ئۈستىدە تۇرىۋاتقان خەتەرنىڭ ۋاقتىنى ئۇتتۇرۋېتىشتىن باشقا ئىش ئەمەستەك تۇراتتى.

- ماڭايلى ! سەن بىزدىن ئارلىق ساقلاپ ماڭ ، بىز سېنىڭ ئۆزەڭ ئىكەنلىگىڭگە ئىشىنەلمەيۋاتىمىز ، ھېلىلا مەخلوق سىياقىڭغا كىرىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، شۇڭا موشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ، نىجات سېنى قوغداپ ماڭىدۇ ،- دىدىم تىزراق مېڭىشقا ئالدىراپ ،- ئەمدى يەنە ئۆزەڭ بىلگىنىڭچە ئىش قىلساڭ بىزنىڭمۇ سېنىڭ بىلەن كارىمىز يوق.

 مەن نىجاتقا ئىشارەت قىلدىم ، ئۇمۇ مەقسىدىمنى دەرھال چۈشۈنۈپ قورالىنى ئۇنىڭغا توغۇرلاپ ئېلىپ ماڭدى، بۇ ئۇنىڭ ھامۇتئاخۇن ئەمەس مەخلوق بولۇپ قالسا تاقابىل تۇرىشىمىز ئۈچۈن قىلغان ئورۇنلاشتۇرىشىمىز ئىدى. ئىشىك يېنىغا كىلىپ قۇلۇقۇمنى يېقىپ ئاڭلاپ باقتىم، سىرتتىن ھېچقانداق تېۋىش ئاڭلانمىدى، شۇنچىلىك جىمجىت، بۇ چاغدا كۆڭلۈمگە ئەنسىز بىر گۇمان چۈشتى.

- مەخلوقلار ئۇچار تەخسە تەرەپكە كەتكەن بولمىغاي يەنە ، ھېچقانداق تىۋېش يوققۇ ؟

 - ئەمىسە بىزمۇ تىزراق بارايلى !- دىدى قاھار پەس ئاۋازدا.

 ھەممىمىز ئىشىكنى ئېچىش ئالدىدا بىر - بىرىمىزگە بىر قۇردىن قارىشىۋالدۇق، كىم بىلىدۇ ئىشىك ئېچىلسا كۆرىدىغىنىمىز ئەزىرائىل بولامدۇ ؟ ھالسىز ، جاراھەت بىلەن تولغان، ئاغرىقتىن چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەن تېنىمىز مەخلۇقلارنىڭ ئەتتىگەنلىك تامىغى بولۇپ كىتەمدۇ ؟ بۇ نامەلوم، لېكىن بۇ تۇيغۇ ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا كىزىپ بىر - بىرىمىزدىن بۇ دۇنيادىن موشۇنداقلا كىتىپ قالىدىغان ھېس قىلىشۋاتاتتۇق. پەرىدە ئاستا قولۇمنى تۇتتى،  مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتىم، ئۇ ماڭا قىيالمىغاندەك بىر خىل ھېستا كۆزۈمگە تىكىلدى ، مەن ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم .

 - قېرىنداشلار ! ئىشىكتىن چىقساق قانداق قىسمەتكە ئۇچۇرشىمىزنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز،  لېكىن بىلىدىغىنىمىز جان تىكىپ ئېلىشىش، بىر - بىرىمىزنى قوغداش ، ھايات قالساق بۇ دەۋزەخنى يوقۇتۇش، ئەگەردە ھايات قالساق بىز مەڭگۈ قېرىنداش، ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەك مەڭگۈ قەدىرىمىز بىلەن ئۆلگەن بولىمىز ، ئەگەردە ئارىمىزدىن ھايات قالغان بولسا، ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىن ھالىدىن خەۋەر ئالسۇن ، قېرىنداشلار قېرىنداشلىرىمىز ، يۇرتىمىز ، كۆرمىڭلىغان ھاياتلىق ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا تەييارلىنىڭلار !

- ماقۇل ، بىز تەييار !!!

سەپداشلىرىم ۋاقىردى، باشقىلارمۇ ئەگىشىپ ئىپادە بىلدۈردى. بەلكىم بۇ مېنىڭ ئاخىرقى چاقىرىغىم بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. موشۇلارنى دەۋاتقاندا كۆز ئالدىمغا قېرىنداشلىرىم ، ئەل - ئاغىنە ، يۇرتداشلىرىم كەلدى ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كۈچكە ، ئاجايىپ بىر كۈچكە تولغاندەك بولدى . ھەممىمىز قوراللىرىمىزنى تەكشۈرەپ ئاخىرقى ئوقلىرىمىزنى باستۇق، پىچاقلىرىمىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردۇق .

 - ئىشىكنى ئاچايلى - ۋاقىردىم مەن.

 ئىشىك ئېچىلدى، قوراللارنى بەتلەپ ئېتىلىپ چىقتۇق، گۇمانىمىزدا سىرتتا، چوقۇم بىزنى ساقلاپ تۇرغان مەخلوقلاردىن بار دىگەندىن ئىبارەت ئىدى، لېكىن چىققىنىمىزدا ئەكسىچە چىقتى، يېڭى ئاتقان تاڭدا ئەتىراپىمىزدا ئىنسى - جىن يوق ئوچۇقچۇلۇق ھەم ئەتراپىدا ۋەھىمىگە تولغان ئورمان جىمجىت سوزۇلۇپ تۇراتتى.

 - ئەجەپ جىمجىتقۇ؟- نىجات ئەتراپقا نەزەر سالغاچ سورىدى.

 - بۇمۇ بىر پۇرسەت ، تىزدىن قايتايلى !-دىدىم پۇتۇمنى سۆرىگەن پېتى، پەرىدە كىلىپ مېنى يۆلەشكە تەمشىلدى، مەن ئۇنىڭغا قارا كىيىملىككە ياردەم قىلىشنى ئىشارەت قىلدىم.  قارا كىيىملىك بارغانچە ھالسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتى، ئۇنىڭدىن چىققان پاقىراق سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ قېنى بولۇپ، ئۇنى توختىتىشقا ئامال بولمىغاچقا ئۇنىڭ قانسىراپ قېلىۋاتقانلىغى بىلىنىۋاتاتتى .

- ۋاھ ! ئالتۇنلىرىم !!! ھەممىمىز بارلىق تىرشچانلىغىمىز بىلەن كىتىۋاتقاندا ھامۇتئاخۇن يىراقتا چېچىلىپ پارقىراۋاتقان ئالتۇنلارنى كۆرۈپلا يۈگەردى، ئۇ ئالتۇنلار كىچىكى جەڭدە چۈشۈپ قالغان ئالتۇنلار شۇ ئىدى.

- قايتىپ كەل ، خەتەرلىك !!!

نىجات شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ ئارقىدىن يۈگىرىشىگە كۆزۈم تەتقىقات مەركىزىدىن ئۆمۈلەپ چىققان غايەت يۇغان ئۆمۈچۈكسىمان مەخلوققا چۈشتى، ئۇ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئىككى قىسقاچنى شىلتىپ ھامۇتئاخۇن تەرەپكە ئېتىلىنغانتى . ئاخىرى بار…





2363 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-23 0:30:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-27 23:22:09 نازىم
داۋامىچۇ
2016-6-27 14:31:12 13179899310
قىنى
2016-6-27 10:41:05 مەجنۇنتال
داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن ……مىترو ئەپەندى قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى بىزگە سۇنغايسىز
2016-6-27 1:07:14 دىلرەبا
بۇ ئەسەرنى بەكلا ياقتۇردۇم ياخشى ئ‍اخىرى قاچانمۇ يوللىنا بۇنىڭدىن باشقا يەنە قورقۇنۇشلۇق ئ‍ەسەرلەر بولسا ئ‍ەۋەتىشىڭلانى بەكلا ئ‍ۈمۈت قىلىمەن
2016-6-26 16:07:11 چاقماق
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا كۆزۈم تۆت بولغانتى ئاخىرى يوللىنىپتۇ رەھمەت ،خۇددى ئىسىل فانتازىيلىك كىنو كۆرگەندەك ئۇقۇپ تۈگەتتىم .
2016-6-25 16:14:06 نەبى
ئاخىرسىنى تىز يۇللىساڭلار بۇمامدۇ
2016-6-24 21:36:08 halida
yahxi qikiwatidu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ