بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 8 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 8 - قىسىم


  ئۇ قىزدىن ئۇچۇر كەلدى.
سىزنى كۆزىتىۋاتقىنىمغا خىېلى ئۇزۇن ۋاقىت بۇلۇپ قالدى ، مەن سىزنى خېلى چۈشۈنۈپ قالدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ.
تۇنجى قېتىم سىزنىڭ قاراپ تۇرماي ماڭا ياردەملەشكەن ۋاقتىڭىز ئىدى ئۈچ- تۆت ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە پەقەت سىزلا كىلىپ ياردەملەشتىڭىز باشقا ئوغۇللار بولسا مەقسەتلىك ياردەملەشكەن دەپ بىلەتتىم ئەمما سىز ماڭا قاراپمۇ قويمىدىڭىز ياردەم قىلىپ بۇلۇپ گەپ قىلماي ئارقىڭىزغا قاراپ كەتتىڭىز بۇنىڭدىن سىزنىڭ قىزلارنى ھۆرمەت قىلدىغانلىقىڭىزنى ئاسىرايدىغانلىقىڭىزنى ئاجىزلارغا ياردەم قىلدىغان ياخشى پەزلىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغان ئىدىم سىزنى كۆزۈتۈشكە بولغان قىزغىنلىقىم مۇشۇنىڭ بىلەن باشلاندى دىسەممۇ بۇلىدۇ.
سىز سەزمىگەن ۋاقىتلارندا سىزنى كۆزەتتىم سىزنىڭ ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان گەپ قىلسىڭىزمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلدىغىنڭىزنى بالىلارچە مىجەزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ھەمدە قىزقىشىڭىز كۆپ ئىكەنلىكىنى ھەتتا يۇلتۇز كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋالدىم مەنمۇ يۇلتۇز كۆرۈشكە ، ساناشقا بەك ئامراق سىزنى كۆزەتكەنسېرى سىزنى ئويلايدىغان سىزنى كۆرسەم يۈركۈم سالىدىغان ھەم خۇشال بۇلدىغان بۇلۇپ قالدىم .
يەنە سىزنىڭ باشقىلارغا ئاداۋەت ساقلىمايدىغان كەڭ قورساق ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ بىلىۋالدىم قانداق دىسىڭىز خىزمەتدىشىڭىز ئادىل سىزنىڭ ئارقىڭىزدىن باشقىلارغا گەپ تېپىپ يامان گەپ تارقىتىپ يۈرگىننى سىزگە يېقىن دوستىڭىز ئەكپەر سىزگە ئەينەن قىلىپ دەپ بەرگەندە سىز 《بوپتۇلا خەقنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋاغىلى بولمىسا دىسە دەۋەرسۇن مەن يا ئۇ دىگەندەك ئادەم بولمىسام نىمدىن قورقاتتىم نىمە دىسە دەۋەرمەمدۇ كارىم يوق 》دەپ كىتىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم ئۇ ۋاقىتتا مەن خەلچەم بىلەن دۇكانغا نەرسە ئالغىلى ماڭغان ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرسام سىلەر شۇنداق دىيىشىپ مېڭىپتىكەنسىلەر .
يەنە با ئاچچىقىڭىز كەلسە دەدىڭىزنى تاماكىدىن ئېلىپ بوپتۇلا دەپ ئۆز ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىدىكەنسىز يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋېردىكەنسىز لىكىن بۇ مىجەزىڭىز زىيانلىق ئۇنداق قىلماڭ ئاچچىق كەلسە ئىچىگە يۇتۇپ يۈرىۋەرسە بولمايدۇ.
يەنە با سىز يول ماڭسىڭىزمۇ ، گەپ قىلسىڭىزمۇ ، ئولتۇرسىڭىزمۇ ، بىرخىل سالاپەتلىك ئېسىللىق ۋۇجۇدىڭىزدا چىقىپ تۇردىكەن بۇ مىجەزىڭىزنى مەن دەسلەپتە ھېس قىلغىنىمدا سىزنى ھاكاۋۇر ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدىم بىراق ئۇنداق ئەمەسكەن ئەتراپىڭىزدىكى دوسلىرڭىز،تۇنۇشلىرڭىز،ھەتتا دۈشمەنلىرڭىزگىمۇ ئوخشاش ئىللىق مۇئامىلە قىلدىكەنسىز ئۈزىڭىزنى باشقىلار ئالدىدا تۈۋەن ئورۇندا قۇيدىكەنسىز ، سىزنى چۈشەنگەندىن بېرى سىز خىيالىمدىن پەقەت چىقمىدىڭىز بۇنداق دىسەم مىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ بەزى ۋاقىتتا سىزنى ئويلاپ خىيال سۈرۈپ ئۇخلىماي تاڭ يۇرۇتقان ۋاقتىممۇ بولغان ھەر كۈنى سىزنى ئويلاپ شېرىن خىيال ئىچىدە ئۆزۈم سەزمىگەن ھالدا ئۇخلاپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان سىزگە قانداق ئېغىز ئېچىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەي يۈردۈم لايىقى بارمىدۇ دەپمۇ ئەنسىردىم قارىسام لايىقىڭىز يوقتەك يا تېلفوندا ئۇزۇن سۆزلەشمەيدىكەنسىز بولمىسا ياكى بىرەر قىز بىلەن پاراڭلاشقىنىڭىزنىمۇ كۆرمىدىم باشقىلاردىن سىز توغۇرلۇق لايىقىڭىز بار يوقلىقىڭىزنى سۈرۈشتۈردۈم ئۇلار لايقى يوق ئىكەن ئەمما بىر قىزغا ئاشىق ئىكەن ئۇ قىزنىڭ باشقا شەھەردە ئىكەنلىكىنى بىر مەزگىل يۈرۈپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىڭلارنى ئۇ قىزنىڭ سىزنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى .
ياتىقىڭىزنى رەتلىگەچ بىر خاتىرنى كۆرۈپ قالدىم ، ئېچىپ قارىسام خالىغانچە كۆرمەڭ دەپ يېزىقلىق ئىكەن ئاستا قۇيۇپ قويدۇم لىكىن كۆرۈش قىزغىنلىقىم مىنى بىئارام قىلدى شۇنىڭ بىلەن ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم ، ئۇ قىز بىلەن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپسىز ئوقۇپ چۈشەندىم سىزدە گۇناھ يوق ئارلىقىڭلا يىراق بولغاچ ئۇ قىز سىزنى چۈشەنمەيدىكەن ھەمما ئۆزۈمنى ئۇ قىزنىڭ ئورنىدا قۇيۇپ دىسەم ئۇ قىز سىزگە ئىشىنىدىكەن سىزنىڭ ئاجىز بولغان ئاخكۆڭۈللىكىڭىزدىن پايدىلانماقچى بوپتىكەن بەلكىم ئۇ قىز مەن چۈشەنگەندەك ئەمەس بۇلىشى مۇمكىن شەخسى ئىشلىرڭىزغا ئارلىشۋېلىش مەقسىدىم يوق سىزگە ياخشى بولسۇن دىدىم ، سىز ياخشى يىگىت سىزنى ماختاۋاتقىنىم يوق ھەقىقەتەن ھازىرقى جەمىيەتتە سىزدەك يىگىتلەر ساناقلىق بۇلشى مۇمكىن ، ياتىقىمدىكى قىزلار سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ قالسا نىمىشقىدۇ كۈنلەمچىلىكىم قوزغۇلۇپ قالىدۇ تېخى بىلەمسىز? مەن …دەپ توختاپ قاپتۇ.
مەن نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تېزلا جاۋاپ قايتۇردۇم .
مىنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز مەن سىز دىگەندەك يىگىت ئەمەس خاپا بولمىسىڭىز مىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇم ئىنتايىن تەرتىپلىك ئۆتىۋاتىدۇ ھېچكىمنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇمغا كىرشىنى خالىمايمەن كەچۈرۈڭ دەپ دىمەكچى بۇلغان گىپىنى بۆلىۋەتتىم .
ئۇ چۈشەندى بولغاي ، بۇلىدۇ ئۇنداقتا سىزمۇ مىنىڭ شەرتىمگە  قۇشۇلىشىڭىز كىرەك .
دەپتۇ -!
مەن ، بوپتۇ نىمە شەرتىڭىز با دەڭە دەپ يازدىم.
ئۇ قىز ، بۇندىن كىيىن ياتىقىڭىزنى رەتلەپ كىر-قاتلىرڭىزنى يۇيۇپ بېرىشىمگە قۇشۇلىسىز بولمىسا باشقىلارغا سىز بىلەن يۈرۋاتىمەن دەپ گەپ تارقىتىۋاتىمەن ،دەپتۇ.
مەن ، بۇنداق ئۆكتەملىك قىلماڭ بۇلامدۇ ئۆزۈم قىلالايمەن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت سىز ياتىقىمغا كىرىپ چىقىپ يۈرسىڭىز ئوخشاشلا باشقىلار خاتا چۈشەنمەمدۇ  بولدى مۇشۇ يەردە توختاپ قېلىڭ سىز مەن ياختۇردىغانلا تىپىدىن ئەمەس دىدىم ئەمما ئۇنداق ئەمەس شۇنداق دەپ ئۇ قىزدىن يىراق تۇراي دىگەن ئىدىم.
ئۇ قىز ياق چۇقۇم شەرتىمگە قۇشۇلىسىز بولمىسا مەن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن دەپتۇ.
مەن بوپتۇ ئەمسە چۇقۇم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويماسلىقىنى دەپ شەرتىگە قوشۇلدۇم.
شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز مەن ئىشقا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتلاردا كىر قاتلىرىمنى يۇيۇپ ياتىقىمنى رەتلەپ قۇيدىغان بولدى .
بىر كۈنى ياتىقىمغا كىرسەم رەتلىك بۇلۇپ قاپتۇ پاكىز  كىيىملىرىممۇ يۇيۇلۇپ ئالماشتۇرغىدەك كىيىملىرىممۇ قالماپتۇ.
كىيۇ كىيۇدا ئۇ قىزغا خەت يازدىم.
نىمىشقا پاكىز كىيمىمنىمۇ يۇۋەتتىڭىز ئالماشتۇرغىدەك كىيمىممۇ قالماپتۇ دەپ.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇچۇر كەلدى ، كەچۈرۈڭ بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن قىلالىغان ئىشىم بۇلۇپ قالغۇسى شۇڭا ھەممىسىنى يۇيۋەتتىم ئەمدى مىنى يوق دەپ بىلىڭ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ بەك ئاخكۆڭۈل بۇلۇپ كەتمەڭ باشقىلار سىزدىن پايدىلىنىپ كىتىدۇ بەزى كىشلەرگە پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ بەزى كىشلەرگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ بىلەمسىز مەن ئاخكۆڭۈللىكىڭىزدىن سىزگە ئاشىق بولدۇم ئەمما سىزگە ئېرىشەلمىدىم شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان  ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىڭىزدىن ئورۇن ئالالمىدىم ۋاقىت ئۆتكەنچە كۆڭلىڭىزنى ئېرىيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ئەمما غۇرۇرىڭىزنىڭ بۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن ، سىزنى كۆندۈرەلمىدىم ھەم كۆيدۈرەلمىدىم بەلكىم سىز دىگەندەك مەن سىز نىڭ تاللاش تىپىڭىزدىكىلەردىن ئەمەس بۇلىشىم مۇمكىن ھېلىقى پەرىدە دىگەن قىز بەكمۇ بەخىتلىك ئىكەن ئۆزۈمنىڭ شۇ قىزنىڭ ئورنىدا بۇلۇپ قالمىغانلىقىمغا ئۆكۈنىمەن ، خەيىر ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ بۇندىن كىيىن سىزنى ئاۋارە قىلىپ كۆزىڭىزگە كىرۋالمايمەن سىزگە كەلتۈرگەن ئاۋارچىلىقلىرىمنى ئەپۇ قىلىڭ سىزگە بەخىت ئامەت ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن دەپ يېزىپلا توردىن چۈشۈپ كىتىپتۇ بۇ ئۇچۇرنى ئوقۇپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى ھەم تەشۋىشلەندىم خۇددى ئۇ قىزغا بىر ئىش بۇلدىغاندەك ئەخمەقلىق قىلىپ بىر ئىش قىلىپ قۇيدىغاندەك تۇيغۇدا بۇلۇپ قالدىم .
ئۇ بىر كىچىنى ئەنسىرەش بىلەن ئۇخلىماي ئۆتكۈزدۈم تاڭمۇ يورىدى ئەتتىگەندىلا زۇلپىيەنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا كەلدىم .
ئىشىكنى ئۇراي دەپ قۇلۇمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قالدىم نىمە دىيشىمنى بىلمىگەنتىم شۇنداقتىمۇ ئاۋال ئۇنى كۆرەي دەپ ئىشىكنى ئۇردۇم بىردەم تۇرۇپ بىر قىز ئاچتى .
زۇلپىيەمنى ئىزدەيسىزغۇ دەيمەن مەن ئۇنىڭ ياتاقدىشى بۇلىمەن ئەپسۇس سىز كىچىكىپ قاپسىز ئۇ تۈنۈگۈن ئىستىفا بېرىپ كېتىپ بولدى ئەمدى كەلگىنىڭىز نىمىسى ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ ياتاق ئۈيىڭىزنىڭ ئالدىدا خېلى ئۇزۇن تۇردى .
نىم بوپتۇ ئۇنىڭغا دەپ سوردىم ئەنسىرەپلا ،…
نىم بۇلاتتى شۇ ئۆيىدىكىلەر بىر تۇققىنىنىڭ ئوغلى بىلەن تۇيىنى قىلىپ قويدىكەن شۇڭا كەتتى ئەپسۇس ئۇنىڭ سىز بىلەن توي قىلغۇسى بار ئىدى ئۇنداق بولمىدى ئۆيىدىكىلەر مەجبۇرلاپ ئۇرۇق تۇققان ياتلاشمايمىز ساڭا كۈيۈنىدۇ گىپىمىزمۇ ئۆتىدۇ دەپ مەجبۇرلاپ تۇرۋاپتۇ ئۇمۇ خېلى ئۇزۇن قارشىلىق كۆرسىتىپ ئاخىر ئامالسىز ئاتا ئانسىنىڭ تەلپىگە قوشۇلۇپ كىتىپ قالدى .
ياتاقدىشى شۇنداق دەپ مىنى خېلى ئەيىپلىدى مەن گەپ قىلماي ياتىقىم تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، ياتىقىمغا كىرىپ ياتتىم كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنۋاتقانلىقىنى بىر ئۆزۈم ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن ، پەرىدە قاچانمۇ سىز بىلەن كۆرۈشەرمەن سىز بولغان بولسىڭىز بۇنداق ئىشلارمۇ بولماستى يۈز بەرمەستى باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەس بولغۇيتۇم دەپ تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئىسنى ئاچچىق ئىچىدە كۈچەپ تارتىپ پۇۋلىگەچ بېشىمنى سىلاپ ئولتۇردۇم .
قانداق قىلسام بۇلار دەپ زۇلپىيەگە نىمە دىسەم بۇلار دەپ كىيۇ كىيۇنى ئېچىپ سىزگە بەخىت تىلەيمەن سىز ياخشى قىز چىرايلىق ئوماق ئەخلاقلىق كام تېپىلدىغان ياخشى قىز مىنى كەچۈرۈڭ دەپ ئۇچۇر يېزىپ قويدۇم .
     





484 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-22 0:58:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-11 15:16:23 buyuk
قىسىملىق ئەسەر ئەمەسمۇ داۋامى تېخى بار تەخىر قىلىپ داۋامىنى تۇلۇقلاپ ئوقۇڭ .
2017-2-4 20:49:48 مېھىرلىك قەلىپ
ھەممىسى ئاياقلاشتىما سەل قىسقا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ،راستىن دىسەم ياخشى كۈرۈپ ئۇقۇغانتىم لىكىن ئۇقۇپ بۇلۇپ ئاجايىپلا بۇلۇپ قالدىم ،خۇددى ئايىقى چىقمىغان كىنو كۆرگەندەك
2017-2-4 20:49:48 مېھىرلىك قەلىپ
ھەممىسى ئاياقلاشتىما سەل قىسقا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ،راستىن دىسەم ياخشى كۈرۈپ ئۇقۇغانتىم لىكىن ئۇقۇپ بۇلۇپ ئاجايىپلا بۇلۇپ قالدىم ،خۇددى ئايىقى چىقمىغان كىنو كۆرگەندەك
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ