يىتىم زارى
مەن بىر بەخىتلىك ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم دادام ئاپاملار بەكمۇ ئىجىل ئىناق ئۇتەتتى ئاپامنىڭ مىجەزى سەل ئىتتىك بولسىمۇ دادم ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئاپامغا يول قۇياتتى بىركۇنى يەنە ئاپام دادامغا خاپا بولغان ئىدى مەن كىچىك بولغاشقا ساددىلىقىمدىن دادامدىن دادا سەن ئاپامدىن قورقامسەم نىمىشقا ئۇ ساڭا خاپا بولسا گەپ قىلمايسەن دەپ سورىغان ئىدىم ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ بالام مەن ئاپاڭدىن قوقمايمەن بەلكى ئۇنۇڭغا كۇيىنىمەن ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ئۇمىنى دەپ ئاتا ئانىسىنى ئۇرۇق تۇققانلىرىنى يۇرتىنى تاشلاپ مەن بىلەن بۇيەرگە كەلدى ئۇنۇڭ كۆڭلىگە مەن ئازار بەرسەم ئۇنۇڭ كۆڭلى يەنە كىمدىن تەسسەللى تاپىدۇ دىگەن ئىدى .
بىز ئەنە ئاشۇنداق بەخىتلىك كۇنلەرنى ئوتكۇزىۋاتقان كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئائىىلىمىزگە كۆز تەككەندەكلا دادام ئۆزگىرىشكە باشلىدى كىچىلەپ ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدىغان بولدى كەلسىمۇ ئۇرۇنسىز ئاپامبىلەن سوقۇشىدىغان بولىۋالدى شۇ تەرىقىدە بىرمەزگىل ئوتكەندىن كىيىن ئاخىرى دادام ئاجىرىشىپ كىتىمەن دەپ ئاپامبىلەن ئاجىراشتى بىزنى يىتىم قىلدى بىرىمىز بولسا ئانا مىھرىگە بىرىمىز بولساق دادا مىھرىگە زار بۇلۇپ بۇ يىتىمچىلىك كوچىسىغا قەدەم باستۇق ھەرقىتىم باشقا بالىلارنىڭ دادا ئاپىللىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرگۇنۇمدە ئىختىيارسىز كوزلۇرۇم نەملىنەتتى ئادام يوق يەرلەرگە بىرىپ قانغۇدەك يىغلايتىم يىغلاپ بۇلۇپ يەنە ئۇزەمگە تەسسەللى بىرىپ دادام يىنىمدا بولمىغان بىلەن ئۇ تىخى ھايات يەنە دادا دەپ چاقىرالايمەن دىگەنلەرنى ئويلىسام كوڭلۇم تەسسەللى تاپاتتى لىلىن ئەپسۇس دادام ئاپاملار ئاجرىشىپ كەتكىنىگە 8 يىل 4 ئاي بولغاندا دادام قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى مانا ئەمدى بىز ھەقىقى يىتىم لەردىن بولغان ئىدۇق ئەمدىلىكتە دادا دەپ چاقىرساممۇ ھە دەيدىغان ئادام قالمىدى كوڭلۇم شۇنچىلىك يىرىم بولدى دادامنىڭ مىھرىگە قانمىغان بۇ غىرىپ كوڭلۇم ئۇنسىز نىدا قىلىپ دادا سىزنى بەك سىغىندىم دەپ زارلىنىپ ئۇنسىز ياش تۆكمەكتە
323 قېتىم كۆرۈلدى |
رەنا |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-8-2 22:51:50 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ