بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 14 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 14 - قىسىم


   ماڭا كەلسەك خىزمەتداش بىر دوستۇم پىراۋاڭ بولغاندىكىن شوپۇر بولساڭ بولمامدۇ شەھەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرنى بىلىسەڭ تاپمىقىڭ تېخىمۇ ئاسانغا توختىمامدۇ دىگەن ئىدى ئويلىنىپ توغرا كۆردۇم سۈرۈشتۇرۇپ يۈرۈپ بىر مال تارقاتقۇچى ئىككى ئايالنىڭ شوپۇر قۇبۇل قىلدىغىننى بىلىپ تېلفوندا ئالاقىلشىپ ئەتىسىلا بېرىپ ئىشقا چۈشتۈم .
شۇنىڭ بىلەن ماڭا ناتۇنۇش بولغان شەھەرنى ئايلانغىلى تۇردۇق .
بار بارا شەھەر يوللىرى خاتىرەمگە خاتىرلەنمەكتە ئىدى .
نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاچام تېلفون قىلىپتۇ دىيىشچە ئاپىسىدىن پەرىنىڭ تېلفون نۇمۇرنى سوراپتىكەن ئېيتىپ بەرگۈسى كەلمىدىمۇ شەھەرگە كەتكىلى ئۇزۇن بولمىغان ئالاقىلشىپ قالساق نۇمۇرنى ساقلىۋېلىپ سىزگە دەپ بېرەي دەپتۇ ئەتىسى ئاچامغا پەرى ئۆزى تېلفون قىلىپ نىم ئىشى بارلىقىنى سوراپتۇ ئاچام مىنىڭ ئىزدەۋاتقانلىقىمنى دەپ بېرىپتۇ ئۇ چۈشەندى بولغاي ئارتۇق گەپ قىلماپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇش بولۇپ كەتتىم ئاچام نۇمۇرنى دەپ بەردى بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كىيىن خوشلىشىپ تېلفوننى ئۈزدۈم.
پەرىنىڭ نۇمۇرسىنى تېلفونۇمغا بىر بىرلەپ سان بېسىشقا باشلىدىم قوللىرىم ئەنسىزلىك بىلەن ئاستاغىنە سان بېسىۋاتقان ئىدى يۈركۈم دۈپ دۈپ قىلىپ سوقۇپ كىتىۋاتاتتى.
تېلفون ئۇلاندى .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى بۇ ئاۋاز تولىمۇ يېقىملىق ھەم بەكمۇ تۇنۇش ئىدى .
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دىدىم دۇ دۇقلاپ پەس ئاۋازدا.
بۇ سىزمۇ قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇرۋاتامسىز ئاڭلىسام شەھەردە ئىكەنسىز؟ دىگەندەك نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدى مەندىن.
مىنىڭ خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتماي قالغان ئىدى.
سۇئاللىرغا بىر بىرلەپ جاۋاپ بەردىم ئۇنى ئىزدەۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولغانلىقىنى ئېيىتتىم ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي رەھمەت مىنى ئۇنتۇپ قالماپسىز لىكىن مەن سىزنى ئۇنتۇپلا كىتىپتىكەنمەن كەچۈرۈڭ دىدى.
ھچقىسى يوق دەپ قويدۇم .
ئۇ نەدە تۇرۋاتقانلىقىمنى نىمە ئىشلار قىلۋاتقىنىمنى ھەتتا سىز بەك ياۋاش شەھەردە ھەر تۈرلۈك ئادەم با دىققەت قىلشىم كىرەكلىكىنى بىر قۇر دىگەندىن كىيىن ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ كىيىن ئالاقىلشايلى دەپ تېلفوننى ئۈزدى.
داۋامى بار …
     





478 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-20 16:06:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-21 8:09:57 نۇرەلى x
جىقراق يوللاڭە بۇ ئەسەرنى ياخشى يېزپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ