ئىز باقتى

ئىز باقتى


(ھىكايە)


تۇرسۈنگۈل مەترۇزى


    كوچىمىزنىڭ ئاۋاتلىقى مۇشۇ سەۋزىخاچام بىلەن دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. باشقىلار سەۋزىخاچامنى كۈلكىنى توپ ئېلىپ پارچە تارقىتىدۇ دىيىشىدۇ. دىمىسىمۇ سەۋزىخاچام ئاياغ باسقانلىكى ئۆيدە خېلى ۋاقىتقىچە كۈلكە قاينايدۇ، مانا شۇنداق بولغاچقا كوچىمىزغا بىر چىرايلىق «ئاۋات كوچا» دىگەن نام بىرىلگەنىكەن. يېقىندا كوچىمىزنىڭ بۇ چىرايلىق نامى كەينىگە يەنە بىر نام قوشۇلۇپتۇدەك. بۇمۇ دەل سەۋزىخاچامنىڭ تۆھپىسىمىش…

      پۇت قولىدىن تارتىپ ئېغىزىغىچە بىكار تۇرمايدىغان سەۋزىخاچام گەپ بىلەنلا ئۆرە تۇرىدىغان ئايال، بىرەر كۈن گەپلىرى ئازىيىپ كەتسە، باشقىلار ئەتەي ئۇنىڭ ئېغىزىنى تاتىلاپ قويىشىدۇ.

    - سەۋزىخاچا، ئاڭلىسام ئىلگىرى ھامۇتكامنىڭ يۈتۈپ كەتكەن قويلىرىنى تېپىپ بىرىپتىكەنسىز، داخانلىقتا خېلى كارامىتىڭىز بارمۇ قانداق؟…

    - ۋاي قويىڭە ئۇكام، داخان خەق بارغۇ تۈكرۈكلىرىنى چاچرىتىپ بىر نەچچنى سۈپكۆچلەپ قويۇپ باشقىلارنى ئالداشنىلا بىلىدۇ، داخانلار بىلەن تازا خۇشۇم يوق دەڭلا، مەنچۇ ھامۇتاخۇننىڭ قويلىرىنى ئوغرىلىغان ئوغرىنىڭ ئىزىنى بېقىپ بىر كۈندىلا ئۇنىڭ قويىنى تېپىپ ئەكەپ بەرگەن…

     سەۋزىخاچام«قېنى كارامىتىم بارمىكەن؟» دىگەندەك ئەتراپىدا ئېغىزىنى كاماردەك ئېچىپ تۇرغانلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى ــ دە، گېپىنىڭ ئاخىرىنى تېخىمۇ قىزىشىپ سۆزلىگىلى تۇردى.

   بۇ ھىكايىلەرگە راست- يالغان، ھەق- ناھەق، ئاق -قارىمۇ ئۆزى بىلگەنچە ئارلىشىپ كەتكەن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلىرى قىزىقىپ ئاڭلىسىلا، باشقىسى بىلەن سەۋزىخاچامنىڭ پەرۋايى پەلەك!  

شۇ كۈنىدىن باشلاپ كوچىمىزدا پات - پات «ئىز باقتى» خەۋەرلىرى تارقىلىپ يۈردى.

     - قايسى كۈنى ئايشەمخاننىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر جۈپ چوڭ - كىچىك ئىزنى كۆرۈپ قالدىم دەڭلا، كىمنىڭ ئىزىكەن دىمەمسىلە، ئاۋۇ پاتەك سېرىق بىلەن ھېكىم دورداينىڭ ئىزىكەن…

     - ھوي سەن نەدىن بىلىسەن؟ ئۇنىڭ ئايىغىنى ئۆزۈڭ تىكىپ بەرگەندەكلا گەپ قىلىسەنغۇ؟ چوقۇم شۇ دەپ كەتكىنىنى ماۋۇنىڭ…

     مايسەم توڭ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى.

      - ئىۋۇ كۈنى يامغۇر ياغقىنى ئىسىلىرىدە باردۇ؟ ئۇ يامغۇردا ھەرقانچە توڭ يەرلەرمۇ ئىرىپ كەتتى ھەقىچان، ئۇلارنىڭ ئىزىچۇ لايغا پېتىپ قاپتىكەن، شۇنىڭغا قاراپ بىلدىم، بولماپتۇما؟

   سارىخاننىڭ ئەتەي «توڭ» سۆزىنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىشىدىن، ئۆزىنىڭ شېخىغا ئۇرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان مايسەم توڭ قولىدىكى كەشتىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ غوتۇلدىغىنىچە كىرىپ كەتتى.

    - ئوھۇي، ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىراپتۇمۇ نىمە؟ ھېكىم دورداينىڭ گېپى چىقىۋىدى، توڭ تەكىلە تاراقشىپ كەتتىغۇ!…

    سارىخاننىڭ گېپى بىلەن ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. مايسەمخاننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى بوش يەر بۇ بىر توپ« ئىزچىلارنىڭ» يىغىلىش مەيدانى، قۇياش سېخى نۇرلىرىنى ئەتراپقا يېيىشى بىلەن تەڭ ئۇلارمۇ رەخىت-ئەدياللىرىنى بوش يەرگە كەڭ يېيىپ، «خەۋەر» ئالماشتۇرۇشنى باشلىۋېتىدۇ، بۇنداق ئىشلارغا كەلگەندە سەۋزىخاچام باش رىياسەتچى ئەلۋەتتە! شۇڭا يېقىندىن بىرى يىڭى خەۋەر تارقالسىلا، «كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟» دىگەن سوئالغا ھەممە بىردەك «ئاۋات كوچىنىڭ ئىزچىلىرىدىن…» دەپ جاۋاپ بىرىدىكەن.

    بۇ كوچىغا كۆچۈپ كەلگىنىمىزگە تېخى ئۇزۇن بولغىنى يوق، شۇنداقتىمۇ سەۋزىخاچام تەرىپىدىن توقۇلۇپ تۇرىدىغان يىڭى يىڭى ھىكايىلەر بىزنىڭ ئائىلىمىزدىن ھەم ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىنى يوق! مەيلى راست، مەيلى يالغان بولسۇن كوچىمىزدىكىلەر سەۋزىخاچامنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن توقۇلمىلىرىنى ئاڭلاشقا كۆنۈك! سەۋزىخاچاممۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىزلىرىغا شاپىلاقلاپ كۈلۈشلىرىگە كۆنۈك! بۇنىڭغا ھەم بىزمۇ كۆنۈك!…

   سەۋزىخاچام بىلەن بېرىپ كىلىش قىلىشىمىز بەلكىم دادام پىيىنسىيىگە چىققان ئاشۇ يىلىدىن باشلاپ بولسا كىرەك. دادام پىيىنسىيىگە چىققان يىلى تېرىقچىلىق قىلىمەن دەپ تۇرۇپلىۋالدى. دادامنىڭ قارارىنىڭ ئۆزى ھۆكۈم! كۆڭلىمىزدە قانچە نارازى بولساقمۇ ئېغىزىمىزدىن چىقارغىلى بولاتتىمۇ؟… شۇ چاغدىن باشلاپ ئېتىز ئىشلىرىدا بىزگە كۆپ ياردەم قىلىدىغان سەۋزىخاچام ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى.

    ئۇ چاغلاردا بارى يوقى ئىككى ئېتىز كىلىدىغان بىر مو يەر مەن ئۈچۈن بولغاندا بىر باش ئاغرىقى ئىدى. دەسلەپكى كۈنلەردە ئېتىز ئىشلىرىغا دەماللىققا ماسلىشىپ بۇلامىدۇق، بولۇپمۇ مەن ئېتىزنىڭ پاشىلىرىدىن بەكلا بىزار ئىدىم، بىزار بولغانسىرى بۇ پاشىلار كىلىپ مىنىلا چاقىدىغان، مەن بولسام پاشا چېقىپ قاپىرىپ كەتكەن يۈز كۆزلىرىمنى قاشلاپ، يىغلاپ، ماڭقامنى ئېقىتقاچ، پاشىلاردىن ئۆچۈمنى ئالىمەن دەپ تىنماي پاشا قوغلاپ يۈرىدىغان… قىسقىسى، قىلغان ئىشىمنىڭ تايىنى يوق، ئۆيگە يانغاندا پاشىلارنى بىر ھازا تىللىۋېتىپ، ئەڭ ئالدىدا چاپىدىغان مەن ئۈچۈن سەۋزىخاچام چوڭ ياردەمچى ئىدى. ئۇ ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى، شۇنداق قىلىپ سەۋزىخاچام بىلەن ئىچەكىشىپ كەتتۇق. ئۇنىڭ قىزىق قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلىسام ئون كۈنلۈك كۈلكەمنى بىراقلا كۈلىۋالاتتىم، ئۇنى بىرەر كۈن كۆرمەي قالسام ئىچىم پۇشۇپ، بىر كۈننى بۇرۇقتۇرمىچىلىق بىلەن تەس ئۆتكۈزەتتم.

     ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادەمنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قويىدىغان گەپلىرىنى بەكلا سېغىندىم، بىر ماۋسۇمدىكى تۆت ئايدەك كۈننى تەتۈر ساناپ يۈرۈپ دىگەندەك تەتىلگە ئۇلىشىۋالدۇق. ئۆيگەقايتىپ كەلگەندىن كيىن، ئاۋۋال سەۋزىخاچامنى يوقلاپ باردىم. شۇنداق خۇشال ئۆتىۋاتقان تەتىل كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ئۆيدىكىلەر چوڭ ئۆيگە كىتىپ قېلىشتى، مەنمۇ ئەتىگەن تۇرىۋېلىپ ھويلا ئاراملارنى بىر قۇر تازىلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۆيگە يېنىپ كىرىپ كىيىملىرىمنى يۆتكەپ بولۇپ تۇراتتىم، سەۋزىخاچام ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى.

    - ۋوي، كىلىڭ سەۋزىخاچا! يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ئادەمنىڭ كۆرگۈسىنى كەلتۈرۈپ…

شۇنداق دىگەچ ئۇنىڭغا كۆرپە سېلىشقا تۇتۇندۇم.

    - بولدى بالام، كۆرپە سالىمەن دىمە، مەن ئالدىرايمەن… بايا ئۆيۈڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقانتىم… سەۋزىخاچام گپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.

     - ھە، مىنى كۆرگىلىرى كەپتۇــ دە، مەنمۇ يوقلاپ باراي دەپ…

    - مۇنداق ئىش بالام، قىز بالا دىگەن ئۆينىڭ زىننىتى، چۈنكى ئۇنىڭ قولىدىن گۈل ئۈنىدۇ، سىنى بۇرۇندىنلا ئىشچان، تىرىشچان، چىۋەر قىز دەپ بىلىپ كەلگەنمەن، ئەمما بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە تۇرىدۇ، بەلكىم مەكتەپتە بىكار قېلىپ ھورۇنلىشىپ قالغانسەن، ھەر قانچە بولسىمۇ داداڭلار سۈپۈرگە بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرسە بولمايدۇــ دە… قارا، ئۆزۈڭ ئوبدانلا پارقىراپ تۇرۇپسەن مانا! …

    - سەۋزىخاچا…بۇ…

     سەۋزىخاچامنىڭ بۇ باش ئاخىرى يوق گىپىنىڭ بىرىنى چۈشەنسەم نىمە دەي؟ كۆزۈمنى پاقىرىتىپ تۇرغاندىن باشقا نىمە دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشنىمۇ بىلمىدىم، سەۋزىخاچام خېلىلا ئاچچىقلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى، ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىمەيلا چىقىپ كەتتى.

   «نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ سەۋزىخاچام،ھېچ بىر چۈشەنگىلى بولمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرىيدۇيا؟ داداڭلار سۈپۈرگە بىلەن ھەپىلىشىپ؟…قىزىق گەپقۇ بۇ، ئەزەلدىن سۈپۈرگىنى ئۇ ياندىن بۇيانغا يۆتكەپمۇ قويمايدىغان دادام قاچان سۈپۈرگە بىلەن ھەپىلىشىپ قالدىكىنە؟…» مەن تېخىچە سەۋزىخاچامنىڭ دىگەن گەپلىرىنى چايناپ ھەزىم قىلىپ بولالماي ئاۋارە، ئويلاۋىرىپ مىڭەم قېتىدىن ئاجراپ كىتەي دىدى…

    شۇ چاغدا كۆزۈم دەل ئىشىك تۈۋىدە ئېغىزىنى كاماردەك ئېچىپ تۇرغان دادامنىڭ كونا ساپما كەشىگە چۈشتى. « ئاپلا! …» ئەمدى چۈش كۆرۈپ ئويغانغان ئادەمدەك سىلكىنىپ كەتتىم، ھەم ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

     كۆرمەمسىز ماۋۇ قىززىقچىلىقنى! ئەتىگەندە ئالدىراپلا دادامنىڭ ساپما كەشىنى كىيىپ ھويلا تازىلىغىلى چىققىنىم ئىسىمدە، بۇنىڭ بىلەن سەۋزىخاچامنىڭ «ئىز باقتى» ھۈنىرىنىڭ بۇنچە ئۇدۇل كەپ قېلىشىنى كىم بىلسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمدىلا كىيىمىمنى يۆتكەپ پارقىراپ تۇرغاندىكىن ئۆزۈمگىمۇ ئاز! يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسىنى تۆلە دىگەن مۇشۇ بولدىدە!…

     ئويۇمنىڭ ئاخىرىنى ئويلاپ ئۈلگۈرمەيلا قولۇمغا ساپما كەشنى ئالدىم، بۇ خەۋەرنىڭ ئەتىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن بۇرۇن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويىۋېلىش مەقسىتىدە، ساپما كەشنى كۆتۈرگەن پېتى سەۋزىخاچامنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم…… 





1170 قېتىم كۆرۈلدى xahnaz ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-9 11:07:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ