قەبرىگە يېزىلغان خەت
پاجىئەنىڭ باشلىنىشى
1- قىسىم
بىزنىڭ مەھەللە ، شەھەردىن خېلىلا يىراق بىر يىزىدا بۇلۇپ ، ئۇ مەھەللە غۇلامغۇلاق ، دەپ ئاتىلاتتى .
مەھەللىمىزدە ، شۇنداق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر قەبرىستاللىق بۇلۇپ ، بۇ قەبرىستاللىق ، ئىنتايى چوڭ ئىدى .
ئانچە - مۇنچە چوڭلاردىن ، ئاۋۇتكامنىڭ بالىسى ساۋۇتكام ، بىر كىچە يۇقاپ كىتىپ ساراڭ بۇلۇپ قاپتۇ ، ھىلى ئۇنىڭ ھىلى بۇنىڭ بالىسى بىر كىچە سىرتقا چىقىپ كىتىپ كاللىسىدىن كىتىپ ، كىچىلەدە ، يالىڭاچ مېڭىپ يۈرۈپتۇ ، دىگەندەك گەپ سۆزلە خېلىلا كۆپ بۇلۇپ تۇراتتى .
مەنمۇ بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ، شۇنداق قورقۇپ ، خۇددى مەنمۇ شۇنداق ئىشلارغا دوش كىلىدىغاندەكلا ، بىرخىل ۋەھىمىدە ئىدىم .
ئەلۋەتتە ، مەنمۇ تېخى كىچىك ئەمدى 17.5 يېرىم ياشقا كىردىم ، ئەلۋەتتە قورقۇمەندە ، ھەممە گەپ سۆز ، مەندەك ياشتىكى ، كەپسىز بالىلاردىن چىقىۋاتقان تۇرسا !
بىزنىڭ مەھەللىدە ، ھەم بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدىلا ، بىر ئادەم بۇلۇپ ، ئۇ ئادەم بەكلا جىمغۇر ، ئانچە - مۇنچە ، ئاپتاپ چىققاندا سىتقا چىققىننى ھىساپقا ئالمىغاندا ، كىچە - كۈندۈز سىرىتقا چىقماي ئۆيدىلا ئولتۇراتتى .
ئۈيىمۇ ، ئىنتايىن كونا بۇلۇپ ، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشۈدىغاندەكلا شۇنداق قورقۇنچلۇق تۈس بىرىپ تۇراتتى .
بىر كۈنى دادام ، ئۇ ئادەمگە تاماق ئەكىرىپ بىرشىمنى ئېيتتى .
مەن ئۇ ئادەمگە خېلى قىزىقاتتىم ، شۇ قىزىقىشىم تۈپەيلى دادامنىڭ ، گىپىگە ماقۇل بۇلۇپ ، تاماقنى ئېلىپ ماڭدىم !
بىزنىڭ ئۆيدە ، ئاساسەن دىگۈدەك كەشتە تاماق پىشاتتى .
بۈگۈنمۇ شۇنداق كەش بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .
مەن ئاستا - ئاستا قورقۇنۇشتا ئۇ ئادەمنىڭ ئۈيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئاران باردىم .
ئىشىكىنى چەكتىم ، ھېچ ئادەم چىقىدىغاندەك ئەمەس ، يەنە چەكتىم ، يەنە ئادەم چىقىدىغاندەك ئەمەس ، ئادەم بارمۇ؟؟؟
ھەي ئادەم بارمۇ ؟؟؟
ئىشىكنى ئاستا - ئاستا ئىتتىردىم !
يۈرۈكۈم شۇنداق ، بىر خىل ۋەھىمىدە ، شۇنداق قورقۇنۇشتا ئىدىم !
ئىشىك غىتتتتتتتتتتتتت ....................
شۇنداق قورقۇنچلۇق ئاھاڭدا ئېچىلدى !!!
يۈرۈكۈم قاتتىق سوقماختا ، خۇددى بىرەر جىن ، چىقىپلا ماڭا چاپلىشىۋېلىپ ، مىنى ساراڭ قىلىپ قۇيدىغاندەك .
ئاھھھھ ..... مانا شۇنداق تەستە ، ھويلا ئىچىگە كىردىم !
قۇلۇمدا قول چىراغ ، ئاستا ھويلىغا كىرىپ ، ئادەم بارمۇ؟؟؟ ھەي ئادەم بارمۇ؟؟؟
شۇنداق دەپ توۋلىماقتىمەن .....
بۇ ئۆي بىر ئېغىزلىق ئۆي بۇلۇپ ، ئۆينىڭ ھويلا تەرپىدە ، بىر دەرىزىسى با ئىكەن .
تۇيۇقسىزلا ، كۈزۈم دەرىزە تەرەپكە چۈشۈپ قالدى .
ئاھھھھ ......... مانا شۇنداق قورقۇنچلۇق ، ئىككى قىپ قىزىل كۆز ..................
چۈچۈپ كەتتىمدە ، قۇلۇمدىكى قولچىراق يەرگە چۈشۈپ كەتتى .
...... قىپ - قىزىل كۆز ئەمدى شۇنداق ئىنىق كۈرۈنگەن ئىدى .
قول چىراغنى ئالدىمدە ، دەرىزىگە قاراتتىم !
شۇ چاغدىلا ، غەلىتە شۇنداق قورقۇنچلۇق بىر تىترەك ئاۋاز ئۆي ئىچىدىن چىقىۋاتاتتى .
كىمۇ ...... قايسىڭلا ...... ئىشىك ئۇچۇق كىرىۋىرىڭلا ......
ئۇ تىترەك ئاۋاز مۇشۇ سۆزلەر بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئىدى .
مەن ئاستا - ئاستا ئۆينىڭ ئىشىكى تەرپىگە يېقىللاشتىم !
بەكلا قورقۇغاللىقىمدىن بولسا كىرەك !
پۇت - قۇلۇمنى شۇنداق تەستە يۆتكەپ مېڭىۋاتاتتىم !
ئۆي ئىچىگە كىردىمدە ، قورقۇپ كەتتىم .
ئۇ ئادەم ماڭا شۇنداق قورقۇنچلۇق تۈستە ، قاراپ تۇراتتى ، ھېلىقى ماڭا كۈرۈنگىنى بولسا ، ئىككى تال شامنىڭ يۇرۇقى ئىدى .
.... بايا مەن ئېنىقلا ئىككى قىپ - قىزىل كۆز كۆرگەن ئىدىمغۇ ؟؟؟؟؟
ئەجەبا خاتا كۈرۈپ قالدىممۇ ،،،، ياق خاتا كۆرمۈدۈم ، ئېنىقلا ئىككى قىپ - قىزىل كۆز .....
قايسىڭلا ... يەنە شۇ قورقۇنچلۇق تىترەك ئاۋاز ، مەن .... مەن مەن ئابدىكىرىم نىڭ بالىسى .
ھە سەنمىدىڭ بالام كىلە كىلە .... ئۈھھۈ .... ئۈھھۈ ..........
ئۇ ئادەم شۇنداق دەپلا قاتتىق ھۈتۈلۈپ كەتتى .
مىنى دادام تاماق ئەكىرىپ بىرىشكە چىقارغان ئىدى .
ھە بالام كىلە ... ئابدىكىرىم مىنى نەچچە يىلنىڭ ياقى پەقەت ئۇنۇتمىدى ، ھىلى نان ئەكىرسە ، ھىلى ئاش ، خۇدا ئەجرىنى بەرسۇن ئابدىكىرىمنىڭ ، ئۈھھۈ ... ئۈھھۈ .....
رەھمەت بالام رەھمەت ، خۇدا ھېشكىمگە بەرمىگەن ياخشىلىقنى سىلەرگە بەرسۇن ھېشكىمگە بەرمىگەن بايلىقنى سىلەرگە بەرسۇن ، رەھمەت بالام ، رەھمەت .....
مەن ئۆيگە چىقاي بۇۋا ئاتا - ئانام ئەنسىرەپ قالمىسۇن !
ھە بالام مەن چىقالمىدىم ، خۇداغا ئامانەت بالام ،ئانچە - مۇنچە كىرىپ تۇرغىن ....
بۇلدۇ بۇۋا خەيىر - خوش ..........
بۇ ئادەم بىلەن خوشلۇشۇپ ئاستا - ئاستا چىقىپ كەتتىم !
داۋامى بار ......
بىر كۈندە ياكى ئىككى كۈندە بىر قىسىم يوللىنىدۇ .
ئاز بۇلۇپ قالدى ئەمما چۇقۇم ياخشى بىر ئەسەر قىلىپ چىقىمەن .
نادىر مەزمۇللارغا قىزىقسىڭىز ...
دىقتىڭىز ئەسرىمىزنىڭ داۋامىدا بولسۇن .
| 121 قېتىم كۆرۈلدى | barkitilla | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-24 18:15:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|