پاجىئەلىك مۇھەببەت
ئۈچۈنجى قىسمى خاتىمە
تويۇم بولغان كەچقۇرۇنلىقى مەدىنە يېنىمغا كېلىپ ئاستا بوش ئاۋازدا مەردان رېستۇراننىڭ ئۇدۇلدىكى مەيخانىدا شۇنداق كۆپ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ دېۋىدى ،بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ ئەنسىز دۈپۈلدەيتى،ئاخشىمى كىشىلەر رېستۇراندىن بىرلەر ئەتراپىدا قايتىپ كېتىشتى، بىزمۇ قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ ئاستا ئىشىك ئالدىغا چىقتۇقئەتراپنى كوچا چىراغلىرى سۇسقىنە يورۇتۇپ تۇراتتى، يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى چۈنكى كۆز ئالدىمدا كۆرۈنگىنى مەرداننىڭ ماشىنىسى ئىدى،كاللامغا نۇرغۇن خىياللار كېلىپ كەتتى جايىمدا تۇرۇپلا قالغانىدىم،نېغمەت بولسا مەستلىكتە قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ قويۇپ ماشىنىسىنى ئەكىلىش ئۈچۈن ماڭدى،ئارىلىق يىراق ئەمەس ئون مېتىرلا ئەتراپىدا،شۇنچە تەلمۈرۈپ قارىساممۇ مەرداننىڭ سايىسىمۇ يوق ئىدى،نىغمەت ماشىنىنى ھەيدەپ ئالدىمغا كېلىپ سىگنال ئۇرغاندىلا ئېسىمگە كېلىپ ماشىنىغا چىقىش ئۈچۈن ئىشىكىنى ئېچىپ چىقاي دەپ تۇرىشىمغا كۆزۈم يولنىڭ قارشى تەرەپتىكى بىر تونۇش سايىنى كۆرۈپ قالدى،يۈرىكىم پاتلاپ كېتەيلا دېدى بۇ دەل مەن چىن قەلبىمدىن سۆيگەن يۈرىكىمنى يېرىپ بېرىشكە رازى بولغان مەردان ئىدى،ئۇنىڭ ئازاپ تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇڭلۇق چىرايى يىغالاپ چىققان كۆزلىرىنى غۇۋا چىراق يورىقىدا كۆرۈپ ئىچ ئىچىمدىن ئۆرتەنگەن ھالدا ئىچىمدە « مەردان مېنى كەچۈرۈڭ ،مەن ئامالسىز قالدىم دەيتىم،ئۇمۇ ماڭا « نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دېگەندەك قاراپ تۇراتتى،ماشىنىغا چىقىپ ماڭدىم نىغمەت بولسا خۇشال كەيپىياتتا توي كېچىسىگە ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى،مەن بولسام كۆزلىرىم ئارقىمدا بىچارە مەرداندا ئىدى،ئەتىسى ئەتتىگەن سەھەر سائەت تۆتتە مېھمانخانا ئۆيدىكى ئەنسىز جىرىڭلىغان تېلفۇننى يۈگۈرۈپ چىقىپ ئېلىپ ۋەي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېگىنىمنى بىلىمەن ، ئاداش جىددىيلەشمە,گېپىمنى ئاڭلا,مەردان ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ھادىسىگە يولۇقۇپتۇ,ئەھۋالى بەك خەتەرلىككەن,ھازىر ئىلھام تېلفۇن قىپتۇ,مەردان توختىماي ئىسمىڭنى چاقىرۋېتىپتۇ,شۇڭا ھەر نېمە بولسا ساڭا بىر ئىۇختۇرۇپ قويايلى,بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ,,,,,,,, ياق!!!!!!!!!مەردان!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! شۇنداق دەپ قاتتىق ۋارقىرىدىم ۋە سىرىتقا يۈگۈردۈم,ئۆيدىكىلەر نېمە بولغىننى بىىپ بولغىچە سىرىتقا چىقىپ بولدۇم ۋە ماشىندىن بىرنى توسۇپ دوختۇرخانىغا كەلدىم,جىدىدى قۇتقۇزۇش بۆلىمى ئالدىدا ئىلھام دوختۇر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى,دوختۇر مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە سوئال نەزىرى بىلەن ئىلھامغا قارىدى,شۇھامان دوختۇرنىڭ توسۇشىغا قارىماي مەرداننىڭ يېنىغا كىردىم, ئاھ خۇدا كۆز ئالدىمدا قانغا مىلەنگەن مەردان ياتاتتى,ئۇنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئاتتىم -مەردان,كۆزىڭىزنى ئېچىڭ مەردان,بىز تېخىن تۈنۈگۈنلا كۆرۈشكەنغۇ,تېخى تۈنۈگۈنلا ساق ئىدىڭىزغۇ؟نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ,كۆزىڭىزنى ئېچىڭ, ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ئۇزاڭ يىغلىدىم,بىر ئازدىن كىيىن مەردان كۆزىنى ئاچتى,مېنى كۆرۈپ مېيىقىدا كۈلۈمسىرىدى ۋە ياشقا تولغان كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى,ئۇنىڭغىچە يېنىمىزغا ئىلھام كىرىپ كەلدى ۋە مەرداننىڭ قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ: -ئاداش,ۋېنىرا كەلدى,ئۇ ئەمدى ھېچيەرگە كەتمەيدۇ,گېپىڭ بولسا قىلىۋال، مەردان ئىلھامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ گەپ قىلىشقا تەمشەلدى ,دوختۇر ئۇنىڭ ئاغىزىدىكى ئوكسىگىن ئارقىلىق نەپەسلەندۈرگۈچنى ئېلىۋەتتى,لېكىن مەردان شۇنچە قىلىپمۇ گەپ قىلالمىدى, -مەردان,جېنىم مەردان,مەن ئەمدى يېنىڭىزدىن ئايرىلمايمەن,,گەپ قىلىڭشۇنداق دەپ توختىماي ئۇنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانىدەك چۆرگىلەيىتتىم,لېكىن مەردان بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى,پەقەت ماڭا ياشقا تولغان قاپقارا كۆزلىرى بىلەن قاراپلا تۇراتتى,تۇيۇقسىز يۈرەك سوقۇشنى تەكشۈرۈش ئىېكرانىدا تۈز سىزىق چىقىپ كەتتى،,دوختۇرلار سۈنئى يۈرەك قوزغاتقۇچتا قايتا قايتا سىناق ئىشلىگەن بولسىمۇ ئەسلىگە كەلمىدى,ئارىدىن بىر دوختۇر يېنىمىزغا كېلىپ بېشىنى چايقىدى. ياق!!!!!!!!!!!!!!!!!!!,,,,,,,,,,,,,,,,,,,, شۇ چىرقىرغىنىمچە ئۆزۈمنى مەرداننىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم,شۇ تاپ يىغلىغان يىغام پۈتكۈل دوختۇرخانا بىناسىنى تىتىرتىپ نۇرغۇن كىشىلەر ياتاق ياتاقلاردىن چىقىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمى ئالدىغا ئولاشتى -مېنى تاشلاپ كەتمەڭ مەردان,مېنى تاشلاپ كەتمەڭ,,,شۇنچە يىغلىدىم ,لېكىن ئۇ مىدىرلىماي ياتاتتى,كۆزلىرى خۇددى بۇ دۇنيادىن رازى بولماي كەتكەن ئادەمدەك يوغان ئوچۇق تۇراتتى, ئۇنىڭغىچە دوختۇرخانا ئىچى يىغا زارىغا تولدى ,دوختۇرلارنىڭ مېيىتنى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار دېگەن گېپى بىلەن ئاپئاق رەخىتكە ئورالغان مەرداننى ئېلىپ ماڭدى,ماڭىدىغان چېغىدا مەردانغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلىدىم,لېكىن ئۇلار مېنى ئىتتىرۋېتىپ ئۇنى ئېلىپ كەتتى,يىقىلغان يېرىمدە ئولتۇرۇپلا قالدىم,شۇ ئەسنادا نېغمەت يېنىمغا كەلدى ۋە قولۇمدىن يۆلەپ ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇپ يۈزۈمگە بىر شاپىلاق سالدى,يەنە يىقىلدىم,ئۇ باشقا گەپ سۆزقىلمىدى، پەقەت:‹‹بۈگۈندىن تارتىپ سېنىڭدەك نېمىنى تالاق قىلدىم››دېگىنىچە توي خېتىنى يىرتىپ يۈزۈمگە ئېتىۋېتىپ كەينىگە قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى, ئارقىدىن كەلگەن ئالدىراش يېتىپ كەلگەن ئاپاممۇ مېنى شۇيەردىلا ئۇرۇپ دۈشكەللەپ شۇ بۇزۇق خوتۇننىڭ بالىسىنى دەپ بىرمۇنچە ئىقتىسادىمىزغا زىيان سالغاندىن باشقا خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆكۈپ بولدۇڭ ،تېخى تۆنۈگۈن توي قىلىپ بۈگۈن تۇل خوتۇن بولدۇڭ رازى بولدۇڭمۇ دەپ چېچىمدىن سۆرەپ ئېچىنىشلىق زارىغا قارىماي تارتقۇشلاپ ئېلىپ ماڭدى، قايسى بىرسىگە يىغلاي مەرداننىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈنمۇ ياكى تويۇمنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكىنى ئۈچۈنمۇ؟ مەرداننىڭ يۈزىنى قايتا كۆرەلمىدم,ئۇنىڭ ئۈچۈن قارلىق تۇتتۇم,,نەزىرسى كۈنى ئۆيىگە باردىم,ئاپىسى قار يامغۇر يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ,مېنى كۆرۈپ تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى,ئىچىلىرىم ئوت كەبى كۆيۈپ,كۆيۈپ كېتىپ بارىدۇ,,,,,مەن بۇ رىئاللىقنى پەقەتلا قوبۇل قىلالماي قالدىم,تەڭرىم مەردان بىلەن قوشۇپ مېنىمۇ ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى,,,,,,,, مەرداننىڭ يەتتە نەزىرسىنىمۇ بېرىپ بولدۇق,ئۇ كۈنى مەرداننىڭ ئىنىسى ماڭا بىر خاتىرىنى سۇندى,ئۇ مەرداننىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ئىدى,خاتىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتى مەردان كەتكەن كۈن يەنى مېنىڭ تويۇم كۈنى يېزىلغان ئىدى. بۈگۈن مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى,يەنى مېنىڭ گۈلۈم,ئاشىقىم,چىن يۈرەكتىن سۆيگەن يايرىمنىڭ تويى,مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خوش بولالمىدىم,يۈرۈگۈمنى كۈندەشلىك,رەشىك ئوتى قاپلاپ كېتىپ بارىدۇ,مەن قۇلۇقۇمغا گۈل قىلىپ قىسىشنى ئارزۇ قىلغان گۈزەل مەلىكەم ياتلارنىڭ ھوجىرسىغا قاراپ ماڭدى,تەغدىر نېمە دېگەن رەھىمسىز ھە؟راستىمنى ئېيتسام بۇ دۇنيادا يەنە ياشاشقا رايىم يوق,مېنى كۈتۈپ تۇرۋاتقان بۈگۈنكى ئەلەملىك كېچىنى بۇنىڭدىن كىيىنكى شۇ ئازاپلىق كۈنلەرنى ئەمدى كۆرگۈم يوق,ئۇنىڭغا مەڭگۈ بەخىت تىلەيمەن,ھەم ئۇنى مەڭگۈ سۆيىمەن! بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بولالماي تۇرۇپ كۆزلىرىم تورلىشىپ ,مەرداننىڭ خاتىرسى كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇلۇپ خەتلىرىنى كۆرگىلى بولماس قىلىۋەتتى, مەردان كەتتى,بارلىق ئازاپ ئوقىبەت ئەلەملەرگە مېنى تاشلاپ يالغۇز كەتتى,بەلكىم مېنىڭدەك ۋاپاسىز بىر يايرىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىمىغاندۇ,,, شۇنىڭدىن باشلاپ بارغانسىرى چۈشكۈنلىشىپ كېتىپ بارىمەن،ئۆزۈمگە سۆزلەيدىغان ،ئۇخلىسىلاملا مەردان بىلەن ئۆتكەن شىرىن كۈنلىرىنى چۈشەيدىغا،چۈشىگەندىمۇ مەرداننىڭ ماشىنا ھادىسىسىنى مېنىڭ كۆزئالدىمدا ۋەقەگە ئۇچرىغان ھالدا چۈشەيتىم،خىزمەتتىمۇ ياخشى ئىشلىمەيتىم،ئەتراپتىكىلەر ،خوشنىلار ،خىزمەتداشلىرىم بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دادام ئاپامغا مېنى روھىي كېسەل دوختۇرغا كۆرسىتىشنى ئېيتقاندىن كېيىنلا دادام مېنىڭ بۇ ھالىمغاچىدىماي دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى،لىكىن مەن ساق ئىدىم ئەتراپتىكى ھەممىسىنى تونۇيتۇم،تونۇش چىراي،تونۇش مۇھىت،تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ھېلىقى نىغمەت دېگەننىمۇ خىروئىن چەككەنلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقى خەۋىرىنىمۇ ئەسلەپ چىقتىم ،ئۆزۈم مەخپىي ساقلاپ كەلگەن مەردان بىلەن چۈشكەن سۈرەتنى چىقىرىپ قاراپ باقتىم تونۇيدىكەنمەن…ئىچىم ئاچچىق بولاتتى،ساپما كەشىمگە قارىدىم ئوڭ پۇتۇمدىكىسىنى تەتۈر كىيۋاپتىمەن ،بۇنى بايقىغانلىقىمنىڭ ئۆزىمۇ ساق ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ…لېكىن دېمىسىمۇ مەردان تۈگەپ كېتىپ شۇ ئىشلار بولۇپ مانا ساپساق ئىككى ئاي 26كۈن بوپتۇ،ۋاقىتسىز ھىجران ئازابىدا قىيلىنىپ يۈرىكىم لەختە لەختە بولاتتى…ئۆزۈمدە بەزىبىر غەلىتە ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم،بەدىنىمگە ئۇششاق قاپارتمىغا ئوخشاش قىزىل نەرسىلەر چىقىشقا باشلىغانىدى،بەزىدە بىئارامسىزلىنىپ ياندۇرغۇم كېلەتتى…ئۆزۈمدىن گۇمانلىناتتىم ،شۇنداق قىلىپ دوختۇرغا كۆرۈندۈم دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە روھىي زەربىنىڭ تەسىردە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بوپتىمەن،يەنە مۇشۇنداق بولىۋەرسە نېرۋامدىن ئادىشىپ راستىنلا روھىي كېسەل بولىدىكەنمەن، دوختۇرغا ئۆزۈمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېيتىپ بېرىۋېدىم چىرايى سەل ئۆڭۈپ كەتتى ۋە گۇمانلانغان قىياپەتتە سىزدىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈپ باقاي،دېگىنىچە ئازراق قان ئېلىپ قالدى،تەكشۈرۈش نەتىجىسى چۈشتىن كېيىن چىقىدۇ سىز ھازىر قايتىپ تۇرۇڭ دېدى…دادام بولسا بايام بىللە ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ كارىدوردا ساقلاۋاتاتتى،چىققىنىمنى كۆرۈپ :« قانداق قىزىم دوختۇر نېمە دەيدۇ؟» قسقىلا قىلىپ بايىقى دوختۇرنىڭ گېپىنى دەپ بەردىم،لىكىن قان ئالغىنىنى دېمىدىم…چۈنكى مەن ھېلىقى كۈنى توي ئاخشىمىدىن ئەنسىرەيتىم،ئەيدىز!! بۇ قورقۇنۇشلۇق خىيال تېنىمنى شۈركەندۈرەتتى،ئەجىبا ئەشۇ ئىپلاس كېسەلمىدۇ،نىغمەتنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن مەن مۇشۇ گۇمانغا كەلگەن ئىدىم،ئويلىماسلىققا تىرىشاتتىم،لىكىن كاللامدىن چىقمايتى،بۇلارنى ئويلىغىنىمدا نىغمەتتىن،ئاپامدىن، نەپرەتلىنەتتىم…دۇنيادىن ئاغرىناتتىم،تەغدىرىمدىن زارلىناتتىم،لىكىن تەغدىر ھامان تەغدىر ئىكەن…ئامالسىز ياشىماقتىمەن،جاننى بەرگەن ئاللاھ ئۆزى ئالمىغانىكەن ياشىماقتىن باشقا چارەم يوق ئىدى،چۈشتىن كېيىن ئاپامغا ماتىريال ئۇرغىلى چىقىمەن دەپ قويۇپ ھېلىقى دوختۇرنى ئىزدەپ ماڭدىم،ئاپاممۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى، دوختۇرخانا ئالدىغىمۇ يېتىپ كەلدىم،بىراق يەنىلا ئەنسىرەيتىم،دوختۇرنىڭ ئىشخانىسى ئىككىنچى قەۋەتتە بولغاچقا ناھايىتى تېزلا چىقىۋالدىم،گەرچە بۇ دوختۇر روھىي كېسەل دوختۇرى بولسىمۇ مېنىڭ كەچۈرمىشىمنى ئاڭلىغان بولغاچقا ماڭا ياردەملىشىپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ قان ئەۋرىشكەمنى تەكشۈرتۈپ بەرگەنىدى،ئەگەر ئۆزۈم بارسام چوقۇم ئەتراپتا تونۇشلار بولسا سۆز چۆچەك بولىشىدىن قورقاتتىم،دوختۇر بىر تەكشۈرۈش قەغىزىگە بىر ماڭا قاراپ مەيۈسلەنگەن قىياپەتتە «سىز راستىنلا يۇقۇملىنىپسىز » دېدى،بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك بولدۇم،شۇئان بېشىم قېيىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن ،كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا كارۋاتتا يېتىپتىمەن،قېشىمدا ئاپام دادام تۇراتتى،يەنە ھېلىقى دوختۇرمۇ بار ئىدى،دادام ئاپام قانداقراق قىزىم دەپ ئارانلا دېيەلىدى ۋە بوينۇمغا گىرە سېلىپ بوقۇلداپ يىغلاپ كېتىشتى ،يا ئىتتىرۋېتىشنى يا مەنمۇ ئەگىشىپ يىغلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم،دوختۇر بۇلارغا قاراپ ئاستاغىنە بېشىنى چايقىغىنىچە چىقىپ كەتتى،دوختۇرنىڭ كۆزىدىنلا دادام ئاپاملارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى…ئاپام يىغلاپ تۇرۇپ قىزىم ھەممىگە مەن ئەيىپلىك ،سىزنى مەن بەخىتسىز قىلىپ قويۇپتىمەن،ئەسلى قوشۇلسام بوپتىكەن دېدى، شۇئان ئۇنى سىلكىۋېتىپ باركۈچۈم بىلەن ۋارقىراپ تاشلىدىم،شۇ چاغدا سەن شۇنى ئويلىغانمىدىڭ،ئەمدى پۇشايمان قىلغىنىڭ بىلەن مەردان تىرىلەمدۇ،مەن ساقىيىپ قالامدىم…ئارقىدىن ئۆزەمنى ئاران تۇتۇپ مەنمۇ ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدىم… ۋېنرا.
ئەمگىكىمىزگەھۆرمەت قىلىڭ، مەزكۇر ئەسەر ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئۈچۈنجى قىسمى ئەسلىدىكى ئىككىنجى قىسمىغا ئاساسەن قايتىدىن رەتلىنىپ ۋەقەلىكى ئۆزگەرتىلگەن ئەسەر، ئەسەر تەھرىرلىگۈچى ۋە ئۆزگەرتكۈچى ماترىكىس،MATRIX بۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتىشىمدىكى مەخسىتىم بولسا كەڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش ۋە رەڭدار قىلىش ئۈچۈن، ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورىنىڭ ۋە شېئىر ئىگسىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن. ،
819 قېتىم كۆرۈلدى | MATRIX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-7 12:16:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-30 2:17:32 | ن |
م |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|