يوقالغان قوشۇن -3- قىسىم ھىكايە
 
يوقالغان قوشۇن
3-قىسىم
… metro ....
 
 
 قوشۇندىكىلەر، ئات - تۆگىلىرىنى چاتقاللىققا ئوتقا قويۇپ بىرىۋەتكەن ھالدا بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ قۇرساق توقلاشقا تۇتۇش قىلدى ، خو قۇماندان بىلەن قاسىمبەگ ھەم ئائىلىسىدىكىلەر چىدىر ئىچىدە ئالاھىدە راسلانغان غىزالار ئەتىراپىدىن ئورۇن ئالدى ، ئەسكەرلەر قاچىلىرىنى كۆتۈرشىپ داش قازان ئالدىدا پومزەك بولۇشقىنىچە موما بىلەن سەي سۈيگە تەلمۈرۈپ تۇرىشاتتى. سادىر بۇۋاي بىلەن پولات قۇرسۇقى ئاچ ، ئۇسساپ كەتكەن بولسىمۇ ، ھېچقايسىغا قوشۇلغۇسى كەلمەي ئولتۇراتتى. ئۇلاردا باشقا ئۇزۇق - تۈلۈك قالدۇرۇلمىغانتى. سەۋەبى بەگ ئۇلارنىڭ قېچىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. بەگنىڭ  چاپارمىنىدىن بىرى قوپال ۋاقىردى :
- تامىقىڭلارنى مەن ئاپىرىپ بىرەمدىم ، كىلىپ يىيىشمەمسەن.
 پولاتنىڭ ئاچچىغى تۇتتى - دە ئورنىدىن چاچىراپ تۇردى. لېكىن سادىر بۇۋاي دەرھال ئوغلىنى توسىدى. غالچا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى :
- ۋوي ماۋۇ گاداينىڭ نوچىلىغى. يەنە تۇتۇپتىمۇ نىمە ، تاياق سېغىپ قالدىڭما?
 پولاتنىڭ غەزەپتىن يۇغان مۇشلىرى چىڭ تۈگۈلۈپ بويۇن تومۇرلىرى كۆپۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ مەيلىگە قويۇپ بەرسە ئۇ غالچىنى ئۇ بوي - بەستى ، كۈچ - قۇۋۋىتى بىلەن بىر مۇشىتىلا يەر چىشلەتكەن بولاتتى. ئاچچىق باسماستىن باشقا ئامال يوق.  چۈنكى يېنىدا قوغدىمىسا بولمايدىغان ئاتىسى بىلەن يۇرتىدا يىغلاپ ئۇزۇتۇپ قويغان ئانىسى ھەم سېڭلىسى قالغان ئىدى. غالچا پولاتنىڭ ئامالسىزلىغى بىلەن ئەتىراپىدىكى ھەمىرالىرىنىڭ كۆلۈشلىرىدىن تېخىمۇ ھاكاۋۇرلىشىپ قولىدىكى مومىنى پولاتنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :
-ئالە مە ئىتلار، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە بۇنداق مومىلارنىمۇ يەۋىلىڭلار.  پولات بۇ خورلۇقتىن بومبىدەك پارتىلاپ يولىۋاستەك غالچىغا ئېتىلدى - دە بارغان پېتى بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ بوينىدىن سىغىپ ئىگىز كۆتىرۋالدى. غالچىنىڭ ئاۋازى ئۈچۈپ دەم ئالالماي چىرايى تاتىرىپ پۇتلىرى دارغا ئېسىلىپ قالغاندەك ھاۋادا تىپچەكلەپلا قالدى. باياتتىن مازاق قىلىشىپ كۈلىشىۋاتقانلار پولاتنىڭ بۇ كۈچىدىن ئېغىزىنى ئېچىپلا قالدى. غالچىلاردىن بىر نەچچىسى ھەمراسىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ يۈگۈرشىپ كەلدى - دە مۈرىسىدىكى مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن پولاتنى ئۇرۇشقا باشلىدى. <قارا ئېيىق>  ئىگىسىنىڭ تاياق يىگىنىنى كۆرۈپ ئۇمۇ قاۋىغان پېتى ئېتىنلىپ بىر ئەسكەرنىڭ مىلتىقىنى چىشلىدى. پولات بىر سېپىلدەك ئۇنداق تاياقلارغا پىسەنىتمۇ قىپ قويمىدى. سادىر بۇۋاي يۈگۈرۈپ بېرىپ ئوغلىنى قوغدىدى، ھەمدە ئىتىنى ئاجىرتىپ دالدىسىغا ئالدى. چۈنكى غالچىلارنىڭ ئۇنى ئېتىپ قويىشىدىن ئەنسىرگەن ئىدى. پولات تىگىۋاتقان تاياقلارنى ئۇنۇتقان ھالدا ئاتىسىغا قارىدى.  ئۇ بۇنداق غالچىلاردىن ئون - ئۇنبەشىگە قۇرۇق قول تېتىيالايتتى، لېكىن ئاتىسىنىڭمۇ بۇ سەۋەپتىن ئازار يىيىشىنى خالىماي قولىدا كۆتۈرۈپ تۇرغان غالچىنى يەرگە ئاتتى. غالچىلاردىن يەنە تۆت - بەشى يۈگۈرۈشىپ كىلىپ ئۇلارمۇ مىلتىق پاينەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ پولاتنى قورىشاپ ئۇرۇشقا باشلىدى. پولات ئاچچىقىنى زورىغا بېسىپ جىمجىت تۇراتتى. سادىر بۇۋاي ئوغلىغا تىگىۋاتقان تاياققا چىدىماي نالە قىلاتتى ، بۇ غاژ - غۇژدىن چىدىردىكىلەرمۇ سىرتقا يۈگۈرشىپ چىقتى. لېكىن گۈلنازدىن باشقىسىنىڭ كارى بولمىدى ، ئۇ ئېتىنلىپ بېرىپ غالچىلارنى ئىتىرىپ پولاتنى قوغداپ ۋاقىردى :
- قولۇڭنى تارتىش ، قولۇڭنى تارتىش دەيمەن ،- ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىنى بېسىپ چۈشتى ، - نىمىشقا ئۇنى ئۇرىسىلەر ، ئۇ ھەممىمىزگە يول باشلاپ تاتقان جاپاسىغا خىجىل بولۇشماي ئۇرىۋاتامسىلەر … ھەممىسى جىمىلىپ كەتتى. سادىر بۇۋاي چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن پولاتنىڭ ماڭلىيىدىن چىققان قاننى سۈرىتىۋاتاتتى. قىز يانچۇقىدىن ئاپپاق قولياغلىقىنى چىقىرىپ بۇۋايغا ئۇزاتتى. بۇۋاي قىزغا قاراپ قويۇپ ياغلىقنى ئەمدى ئېلىشىغا پولات شارتتىدە ياغلىقنى يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە تاشلىدى. قىز بۇ ئىشتىن ئۈندىمىدى ، ئۇ پۇلاتنىڭ قەلبىدىكى غەزەپنى سەزگەن ئىدى. قىز بۇنى توغىرا چۈشىنەتتى.  چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ پۈتۈن سەۋەپچىسى بەگ ئاتىسى ئىدى.  قىز ئەسكەرلەرگە بىر قۇر قارىۋېتىپ بىر ئەسكەرنىڭ قولىدىكى مىلتىقنى شارتىدە تارتىپ ئالدى - دە ۋاقىردى :
- سىلەرگە شۇنى دەپ قوياي ، بۈنىڭدىن كىيىن ئۇنى كىم يەنە بوزەك قىلماقچى بولسا شۇنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېتىپ تاشلايمەن. بايا تاياق يىگەن غالچا كىكەچلىدى :
- خا … خان…قىز ، بايا ئۇ مېنى ئۇرماقچى بولىۋېدى …
- ئاغزىڭنى يۇم ، مېنى قارغۇ كۆردىڭما؟ شۈنچە كۈنلەردىن بېرى ئۇ سەۋەپسىز بىرەر ئىشقا ئاچچىقلاپ ، بىرەرىڭگە مۇش كۆتۈرۈپ باقتىما؟ 
 خۇ قۇماندان بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى. قاسىمبەگ پولاتنىڭ نوخۇلسىنى ئېلىشنى ئويلىدى، لېكىن ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۇرۋېتىشنى خالىمىدى. ئۇ بىر ياخشى كىتىۋاتقان سەپەرنىڭ بۇزۇلۇپ باش ئاغرىقى ئېلىپ كىلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى. چۈنكى پولات بىر ياۋا ئات ئۇنى كۆندۈرۈش بەك تەس. ئۇ پولاتنىڭ باش ئەگمەيدىغانلىغىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى. سەپەرنىڭ ئالدىدا ئۇ ئۇنى ئككى كۈن ئۇرۇپمۇ ئەيۋەشكە ئەپكىلەلمەي ئاتىسىنى سىقىپ تۇرۇپ ئۇنى يۇمشاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىلىرغا بولغان مىھرىبان ، كۆيۈمچانلىغىدىن پايدىلانغان ئىدى. لېكىن كىچىك قىزىنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يولباشلىغۇچىسىنى قوغدىشى ئۇنىڭ كاللىسىنى سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى <قىزىم بۇ تۇمپاينى ياقتۇرۇپ قالمىغاندۇ ھە … ھەي ياق … ياق بۇ مۇمكىنمۇ قىزىمغۇ ئەزەلدىن كۆيۈمچان ، ئاقكۆڭۈل ئۇنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالغاننىمە ، … لېكىن ئۇنىڭ بايقى تۇرقى …>  ...
 قۇماندان تەتىيىنى ئېلىپ چىدىرغا ماڭدى. ئەسكەرلەرمۇ ئورۇنلىرىغا بېرىپ تاماق يىيىشكە باشلىدى. قاسىمبەگ سىڭلىسىنىڭ بايقى ھالىتىدىن تۇرۇپلا قالغان چوڭ قىزى ئامىنەگە ناندىن ئىككىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرىدى. ئامىنە ناندىن ئىككىنى ئاتىسىغا ئۇزاتتى ، بەگ نەيرەڭلىك ھىجىيىپ سادىر بۇۋاينىڭ يېنىغا كەلدى ھەمدە ناننى ئۇزاتقاچ:
- سادىرباي بۇ ئىش قالماشماپتۇ ، نىمە ئىش بۇ ، ھەممىمىز بىر يولدا كىتىۋاتىمىز. بىر كىمىدىكى ئادەملەرمىز، سەپەرداشمىز ، سەپەرداش دىگەن تۇققان دىگەن گەپ، بۇنداق بىر - بىرىمىز بىلەن مۇشلىشىپ يۈرىسەك قالماشماس.  پولات يىنىكلىك قىلمىسۇن - ھە ئۆزىگە ، ھەم ياشانغان سەندەك ئادەمگىمۇ تەس بولىدۇ. مانا بۇ نان بىلەن قۇرساقنى توقلاپ شۈكەرەك يۈرەرسىلەر ، ئادەملىرىممۇ چارچىدى ، ئۇلار ئىتىك مىجەز ئېغىر ئەپ يۈرىمەڭلەر … ھە راس ئاۋۇ ئىتىڭلارمۇ ئىگىز - پەس باشقىلارنى چىشلەيمەن دەپ چېپىپ يۈرمىسۇن بولمىسا بىر پايلا ئوقۇمنى ھەمىرا قىپ قويىمەن.
 بۇۋاي ئوغلىنى ، ۋاپادار ئىتىنى ، يۇرتىدىكى ھەمىراھى بىلەن قىزىنى كۆزدە تۇتۇپ ناننى ئالدى گەپ - سۆز قىلمىدى. پولاتمۇ دادىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈپ زىيادە گەپ قىلمىدى. گۈلنەزەر بۇۋاينىڭ ناننى ئالغىنىنى كۆرۈپ چاقماق تىزلىگىدە بىر قاچا سۇنى ئېلىپ كىلىپ بۇۋايغا سۇنۇشقا ئۈلگۈردى ، قاسىمبەگ قىزىنىڭ قىپ يۈرىگەنلىرىگە چىدىماي قىزغا ئالىيىپ قارىۋېتىپ چىدىرغا قاراپ ماڭدى. ئامىنەمۇ سېڭلىسىنىڭ ئىپادىسىدىن غەيرىلىك ھېس قىلغىنىچە سىڭلىسىنىڭ يىنىغا كىلىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە قۇلىقىغا پىچىرلىدى. گۈلنەزەر ئاچىسىنىڭ گېپىدىن ھۈپپىدە قىزاردى - دە ئۇنى چىمدىغانچە چىدىرغا كىرىپ كىتىشتى . ئالاھەزەل ئۈچ سائەت ئەتىراپىدا تاماقلار يىيىلىپ ئات- تۆگىلەر قومۇشلىقلاردىن ئېلىپ كىلىنىپ يۈك تاقلار تېڭىلدى.
سەپەر يەنە باشلاندى . ئىسسىق كۈچىدىن بىر ئاز يانغانتى. قوشۇن چاتقالىقنى كىسىپ ئۆتۈپ قۇم داۋاننىڭ ئۈستىگە چىقتى. قۇم داۋاننىڭ كەينىدە باشقىچە بىر دۇنيا نامايەن بولۇپ تۇراتتى . … بۇ سەپەرنىڭ داۋامىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلىكلەرگە قىزىقسىڭىز داۋامىغا نەزەر سېلىڭ …
 2015-9-25




2527 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-25 23:17:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-5 21:55:02 فاتىمە
يوقالغان قوشۇننىڭ ئاخىرى قاچان چىقىدۇ
2015-10-4 2:17:04 emran 警
asarga bakkizzikip .kaldim .ahirni .baldurak .awatip .basagla .muxundak .yahxi .mazmun .yulliginig .laga .rah mat .japatattigla
2015-10-3 0:18:10 metro
يېزىلىۋاتىدۇ ، دوسىتلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت
2015-10-2 22:02:47 Tomaric
bakyahxikandawaminitizyollag
2015-10-1 22:27:14 arzu
acarng dawamga kzkwatman !!!!
2015-10-1 14:43:37 Taxmamat
Yokalgan koxunneng dawami keni
2015-9-28 4:03:21 mamatali2599
bak yahxi asarkan ahirni kuruxka aldirap kaldim rahmat
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ