مىنىڭ بەختىم (ھىكايە) 1- قىسىم

مېنىڭ بەختىم

(ھىكايە)
گۈزەلنۇر قاغلىق  
مۇقەددىمە


ئاپتۇردىن:
كىتاپ مەن  ئەڭ  ياخشى  كۆردىغان   دوستۇم  ،  ئۇنىڭدىن  سۇئاللىرىمغا  جاۋاپ  تاپتىم  ،  مىسكىن  كۆڭلۈڭۈمگە  تەسەللىي   تاپتىم   ياشاشنى  ئۆگەندىم   ئۆگەنگەن  بىلمرىم  ئوقۇغان  كىتاپلرىم   ماڭمۇ  قەلەم  ئالغۇزدى   ئادەتتە    شئر  ،  نەسىر  يىزىش  بىلەن  چەكلىنىپ  قالاتتىم    بۇ  مەن  يازغان  تۇنجى  ھىكايە    تۇنجى  قەدىمم    ئەگەر   قەلىمىم  ئاجىز  كەلگەن  تەرەپلە  بولسا   تەكلىپ  پىكرىڭلارنى  ئايىماغىياسىلە   ،   قىنى  مەرھەمەت   بۇ  ئەسرىمنى  ھۇزۇرىڭىزغا  سۇندۇم 

1-قىسىم  

كىچىككىنە  قاينام  تاشقىنلىققا  تولغان  بازار    ،  شۇنچىلىك  ئاۋات   ئادەملەرنىڭ  كۆپلىكىدىن  يول  مىڭشىمۇ  تەسكە  چۈشەتتى  ھەممە  ئۆز  غىمىدە  بىرلىرى  سودا  سىتىق  بىلەن  ئالدىراش  ،  يەنە  بىرلىرى   نەلەرگىدۇر  ئالدىراپ  مىڭىشماقتا ،يەنە  بىرلىرى  بولسا  لازىملىق  نەرسىلىرنى  سىتۋىلىپ  ئۆيلىرىگە  چىپىشماقتا  ،  ئەنە  كوچا  دوقمۇشىغا   توپىلىىنپ  دۇنيا  پارىڭىغا  چۈشۈپ  كەتكەن  بىغەم  ئەرلەر     ،   سانىيەنىڭ  ئۆيى   بۇ  قايناق  بازارنىڭ  ئوتتۇرسىغا  جايلاشقان   ئىشىك  ئالدىغا  چىقىسلا   بۇ  قاينام  تاشقىنلىق    كۆز  ئالدىدا  نامايان  بولىدۇ.   ئۇ   ھىچ  ئىش  قىلمسىمۇ   كىشلەرنىڭ ، بازارنىڭ  ئەھۋالىنى  كۆرۈشكە  ئامراق   .چۈنكى  شۇ  ئارقىلىق  كۆزىنىڭ  ئاچچىغىنى  چىقىرىدۇ   ،    دوقمۇشتىكى   قىزىل  گۈل  كاۋاپخانىسىدا   كۈلۈشۈپ  ئولتۇرۇپ   بالىسى  بىلەن  بىللە   تاماق  يەۋاتقان  بىر  جۈپ  ئەر  ئايال   ئۇنىڭ  دىقىتتىنى  تارتتى  .ئۇلارغا  قاراپ  شۇنداق  مەسلىگى  كەلدى. ئۇ  سائەتكە  پات  پات  قاراپ  قوياتتى  يولدىشى  ۋاقىت  خىلى  يەرگە  بىرىپ  قالسىمۇ  قارسىنى  كۆرسەتمەيۋاتاتتى   ،  يولغا  تولا  قاراۋىرىپمۇ  ئۇنىڭ  جۇدۇنى  تۇتتى ،  ئۇ  ئۆزىچە  غۇدىراپ  قويدى  
- ئىشتىن   چۈشىدىغان  ۋاقتى  توشقىلىمۇ  نى  كەم  ،  يەنە  نەلەردە   لاغايلاپ  يۈرۈيدىكىن  بىر  ئائىلە  كىشلىرى  بىللە  ئولتۇرۇپ  تاماق  يەرمىزمىكى  دىسە   كۈندە   سرتقا  چاپقان   ئۇ  يولدىشىنى  ساقلاپ  تىخىچە   تاماق  يىمىگەنىدى  تۇيۇقسىز  قىزى  سەبىينەنىڭ   ئاپا   ،  ئاپا  
قورسىقۇم  ئىچىپ  كەتتى  قاچان  تاماق  يەيمىز  دەپ  دومسىيشلىرىدىن   ئۇ  خىياللىردىن  سۇغۇرلۇپ  چىقىپ  
ماقۇل  ئاپپاق  قىزىم  سىز   قولىڭىزنى  يۇيۇپ  داستىخان  سالغاچ  تۇرۇڭ   مەن  ھازىرلا  كىرىمەن  دەپ  ئۇنى  يولغا  سالدى  
سەبىينە  پومسىلاق  يۈزىگە   تاتلىققنە  كۈلكە  يۈگۈرتۈپ   ئانام  مىنى  ئاي  دەيدۇ  دىگەن  ناخشىسىنى  غىڭشىغىنچە  ئۆيگە  كىرىپ  كەتتى   سانىيە   ئۈمۈت  بىلەن  يولدۇشىنىڭ  يولىغا   بىر  قارىۋەتكەندىن  كىيىن  نا ئۈمۈتتە   ئاچچىگە   ئاچچىقىنى  يۈتۈپ  ئۆيگە  كىرىپ  كەتتى .
يازنىڭ   كىچىسى تولىمۇ  سالقن   ئۇ  قىزىنى  ئۇخلۇتۇپ  قويۇپ   تولۇنئايغا  نەزەر  سالغىنچە   خىيالغا  چۆكتى   پات  پات  تام  سائىتىگە  قاراپ  قوياتتى    كۆزلىرىگە  ھىچ  ئۇيقۇ  ئىلىنشىدىغاندەك   ئەمەس   كىچە  سائەت  2لەر   ئەتراپىدا   يولدۇشى   تىلفۇنىدا  بىرسىگە  بىرنىمىلەرنى  دىگىنچە   ئۆيگە  كىرىپ  كەلدى  
ماقۇل  ئاداش  كۆڭۈللۈك  ئوينىدۇق  ،   ئەتە   يىغلساڭلا  تىلفۇن  قىلۋىتە  دەرھاللا  يىنىڭغا  ئۈنمەن   بۈگۈن  تازا  پۇخادىن  چىقتىم  
يولدىشى  سانىيەنى  ئۇخلاپ  قالدى  دەپ  ئويلىدى  بولغاي  ھاياجان  بىلەن  سۆزلەۋاتتى ، ھەممنى  ئاڭلاپ  ياتقان  سانىيەنىڭ  بۇ  گەپلەرنى  ئاڭلاپ  ئىچى  ئاچچىق  بولدى  ،  كاللىسىغا  يەتمىگەن  خىياللار  يەتتى  ئەجىبا  ......
ئۇ  ئاخىرنى  ئويلاشقا  جۈرەت  قىلامىدى   يولدۇشى  پاراڭلىشىپ  بولۇپ  ئۇخلاۋاتقان ر قىزىنى  بىرنى  سۆيۈپ  قويۇپ ئورنىغا  كىلىپ  ياتقاندىن  كىيىن  تىلفۇنى  بىلەن  ھەپىشلىشىۋاتاتتى.

داۋامى  بار  ........
     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

پىكىر : ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ياخشى ، يورۇتماقچى بولغان ئىدىيە بىرقەدەر جانلىق لېكىن ئىملادا مەسىلە بار ، سەل ئاددىي باشلىنىپ قالغان ، شۇنداقتىمۇ تۇنجى ئەسىرىڭىز بولغاچقا تەستىقلاپ قويدۇم ، مەن بىلەن ئايرىم ئالاقىلشىڭ . 





324 قېتىم كۆرۈلدى گۈزەلنۇر قاغىلىق ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 3:17:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ