تۇنجى مۇھاببەت (يىڭى) 1-قىسىم
تۇنجى مۇھاببەت ئاپتورى: نۇرئەلى دىلكۇشا سىز ھاياتنى قانداق چۇشىنىسىز؟ بۇ ھاياتىڭىزغا قانداق قارايسىز؟ كىشىلىك تۇرمۇشتا بىز نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارغا ھەم قىيىنچىلىققا ئۇچىرايمىز... بىراق مەسىلە بۇ ئەمەس چۇنكى ھەرقانداق ئادەم قىيىنچىلىققا ئۇچىرايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ توسالغۇلارغا قانداق قاراشتا...ن مىنىڭ ئىسمىم نۇرلان ئادەتتە دوسلىرىمنىڭ ھەممىسى مىنى نۇر دەپ چارقىرىدۇ. مىنىڭ ھاياتىم ئەسلىدە بىرخىل رىتىمدا تەنھالىق ئىچىدە ئۆتۇۋاتقان ئىدى. كىشلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاۋاتقان ئاتالمىش مۇھاببەتنىڭمۇ نىمە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيتىم. كىشلەر ھەردائىم تۇنجى مۇھاببىتىم دەيدىكەن ،مىنىڭ قارىشىمدىكى تۇنجى مۇھاببەت بىزگە تۇنجى بولۇپ بەخىت ھىس قىلدۇرغان ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان ئادەم ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى مىنىڭ ھاياتىمغا بۇنداق بىرسى يولۇقمىدى. مىنىڭ ئائىلەم ئاددى بىر دىھقان ئائىلىسى . شۇنداق بولغاچقىمىكىن دوسلۇرۇم ۋە قىزلار ماڭا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ . ئوقۇش نەتىجەممۇ ئانچە ياخشى ئەمەس . بىراق مەن ئائىلىمىزدىن چىققان تۇنجى تولۇق ئوتتۇرا تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان ئادەم . ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مەندىن كۇتكەن ئۇمۇدىمۇ ناھايىتى چوڭ شۇنىڭ ئۇچۇن مەن تىرىشىپ ئۆگۇنىشىم كىرەك . بىراق تەقدىر ئادەم ئىرادىسىگە ئەزەلدىن بويسۇنمايدىكەن ، ھەممە ئىشلار سىز ۋە بىز ئويلىغاندەك بولمايدىكەن. يىڭى ئوقۇش ھاياتىمدا يىڭى ئارزۇ - ئۇمۇدلەرنى تۇرغۇزدۇم بىراق بۇ ئۇمۇدلىرىمگە ئاتالمىش مۇھاببەتنىڭ قىتىلىپ قىلىشىنى كىممۇ بىلسۇن. دۇشەنبە كۇنى ئائىشە مۇئەللىم يىڭى ساۋاقداشلارنى تونۇشتۇرۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ بىر قىز كىرىپ كەلدى . بۇ قىز شۇنچىلىك گۇزەل ئىدىكى ھۆر-پەرىلەرگىلا ئوخشايتى . بۇ قىزنى كۆرگەن مەندىمۇ باشقىچە ھىسىيات پەيدا بولدى. بىراق بۇ ھىسىياتنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتىم. قىزىم سىز ... دەپ توختاپ قالدى ئائىشە مۇئەللىم مەن مۇشۇ سىنىپقا بۆلۇنگەن ئىكەنمەن ، سىنىپنى تىپىپ بولالماي كىچىكىپ قالدىم. دىدى بۇ نۇرانە قىز مۇئەللىمگە قاراپ. ئۇنداق بولسا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۋىتىڭە قىزىم دىدى ئائىشە مۇئەللىم. ياخشىمۇ سىلەر ساۋاقداشلار ئىسمىم گۇزەل سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. دىدى گۇزەل ھەممىگە تەبەسسۇم بىلەن قاراپ. گۇزەك ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئائىشە مۇئەللىم :قىنى قىزىم ئۆزىڭىز خالىغان ئورۇندا ئولتۇرۇڭ دىدى. مۇئەللىمنىڭ سۆزىدىن كىيىن گۇزەل مىنىڭ ئالدىمدىكى ساۋاقدىشىم پەرھاتنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى. گۇزەلنىڭ تۇنجى قىتىم ماڭا بەرگەن تەسىرى ياخشى بولغاچقا ئۇنىڭغا رام بولۇپ قالدىم. شۇندىن باشلاپ كۇنلىرىم خىيال سۇرۇش بىلەن ئۆتۇشكە باشلىدى . ئۇگۇنۇش دىگەن سۆزدىن كاللامدا ئەسەرمۇ يوق ئىدى. داۋامى بار... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن ... بۇ ھىكايە تۇنجى قىتىم يىزىلىپ ئانچە ياخشى بولمىغاچقا تورداشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن قايتا ئۆزگەرتىپ يىزىلدى. ئەسەرگ قارىتا پىكىر - تەكلىپىڭلار بولسا ئاپتۇر بىلەن ئالاقە قىلىڭ 473284663



316 قېتىم كۆرۈلدى nurum ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 1:27:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ