گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 20- قىسىم

گۇناھكار قەلىب

 (پوۋىسىت) 20- قىسىم


   ئاپتۇۋۇز قوزغالدى ، خالنۇر خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى . :«خالنۇر مېى كەچۈرۈڭ ! مەن مەكتەپكە بارمىغان بولسام، پەرھات بىلەن تونۇشمىغان بولسام، قىسقىسى مەن بولمىغان بولسام بۇ ئىشلار يۈز بەرمەيتتى. تاھىرمۇ ئۆلۈپ كەتمەيتى. مەن ئەڭ چوڭ جىنايەتچى ، مەن تاھىردىن بىرە قېتىم مىجەزى بار يوقلىقىنى سوراپ باقماپتىمەن ، نېمە تاماق يېگۈسى بارلىقىنى ، قانداق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغىننمۇ بىلمەيدىكەنمەن . ئەگەر مەن ئالى مەكتەپكە بارمىغان بولسام بۇ بومبا پارتىلمايتى ، بومبىنىڭ پىلىكى بولغان مەن بولمىغان بولسام ھەممە ئۆز يولىدا كېتىۋېرەتتى . تاھىرنىڭمۇ توي قىلىش ،بالىلىق بۇلۇش ، نەۋرىلىك بۇلۇش ھوقۇقى بارئىدى ، سىزنىڭمۇ بەخىتلىك بۇلۇش ھوقوقىڭىز بارئىدى ، بىراق بۇ ھوقۇقلارنى مەن سىلەردىن تارتىۋاپتىمەن ، مېنى كەچۈرۈڭ خالنۇر ! مەن پەقەت مۇشۇ سۆزنىلا تەكرارلىيالايمەن .مېنىڭ گۇناھقا پاتقان بۇ ناپاك قەلبىمنى كەچۈرۋېتىڭ !»
خەت مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى ، خالنۇر يىغلاپ تۇرۇپ بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ چىقتى . زۆھرەمۇ خەتنى ئوقۇدى ، خەتتە :«زۆھرە ، سېنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەنمەن ، سەن مېنى ئۆزگەرتتىڭ ، سەن بولغاچقىلا مەن ئەقلىمنى تاپقان ، گۇناھ پاتقاقلىردىن پۇتۇمنى سۆرەپ چىقىپتىكەنمەن ، بىراق شۇ قەلبىم شۇ پاتقاقلاردا ئۆچمەس داغلارنى يۇقتۇرۋاپتۇ ، مەن ئۆز دوستۇمغا ، قېرىندىشىمغا زىيانكەشلىك قىلدىم . تاھىر مېنىڭ سەۋەبىمدىن شۇ كېلىشمەسلىككە ئۇچىردى ، مەندەك رەزىل ئادەمدىن ساڭا ۋاپا كەلمەيدۇ ، شۇڭا مېنى ئۇنتۇپ كەت ، ئۆز بەختىڭنى تاپ ، بەخىتلىك بول !»
زۆھرەنىڭ خېتىمۇ شۇ يەردە ئاياغلاشقان ئىدى .  

ئەركىن ئولتۇرغان جايىدىن تۇردى ، ئۇ تاھىرنىڭ نېمىشقا بۇ جايغا دائىم كېلىدىغىننى پەقەت چۈشەنمەيتى . ئەركىن ھەمدۇللاغا تاماق بېرىۋېتىپ، ئۇنىڭ قويلىرغا ئوت سېلىپ بېرىپ ئېتىزلىقتىكى قوناققا ئوغۇت بېرىش ئۈچۈن قازناق ئۆيگە كىردى . ئۇ قازناق ئۆيدىن ئوغۇت ئېلىش جەريانىدا بىر خاتىرە تېپىۋالدى .ئۇ ئولتۇرۇپ خاتىرنى ئاچتى ، خاتىرە تاھىرنىڭ بۇلۇپ ئۇنىڭغا مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى .:«8-فېۋرال ، ئاپام سىڭلىمنى يېتىلەپ كېتىپ قالدى . مەن يىغلاپ ئولتۇرۇپ قالدىم ، دادام مېنى مەھكەم تۇتۇۋالدى ، ئاپام كەينىگە قاراپ يىغلاۋاتقان ئۇكامنى تاتىپ ئېپ ماڭدى . »
« بۈگۈن 6- ئاپرېل گۈلسۈم ئاپام كىيىملىرىمنى يۇيۇپ بەردى ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بەردى ، مەن ئەركىنگە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلدىم . ئۇ بەك بەخىتلىك چۈنكى ئۇنىڭ شۇنداق مېھىربان ئاپىسى بار »
« بۈگۈن 12- ئاۋغۇسىت ، مېنى ئىت چىشلىۋالدى ، گەرچە خاتالىق ئەركىندە بولسىمۇ ، ئۇنىڭ خىجىل بۇلۇپ مەن بىلەن دوس بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ، ھەممە گۇناھنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىۋالدىم . لېكىن پۇتۇم ئاغرىپ تۇرسىمۇ مەن دوستۇمنى خىجىلچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالغىنىمغا ناھايتى خوشال بولدۇم .»
« مەن دائىم بۇ جايغا كېلىمەن ، چۈنكى بۇ سۆگەتنى دادام مەن تۇغۇلغان كۈنى تىكىپتىكەن ، شۇڭا مەن بۇ سۆگەتنى ئۆزەمنىڭ قېرىندىشىدەك كۆرىدىغان بولدۇم . چۈنكى بىردىن بىر بولغان قېرىندىشم سىڭلىم يېنىمدا يوق ، بۇ جايدا تۇرۇپ ئۇزاقتىن ئۇزاق تۇرۇپ  شامالدىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىيالايمەن »
« بۈگۈن مەن ئالى مەكتەپكە ماڭدىم ، گۈلسۈم ئاپام ئەركىن ئىككىمىزنىڭ نەرسىلىرنى يىغىشتۇرۇپ ئالدىراش بوپكەتتى . ئىشىكتىن چىققاندا مەن ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېنىق كۆرۈۋاتاتتىم ، چۈنكى كۆڭلۈمدە بىر سېزىم بولىۋاتاتتى ، ئۇ بولسىمۇ مەن مەڭگۈ بۇ تونۇش چىرايلارنى كۆرەلمەيدىغاندەك ، بۇ مەھەللىگە قايتا قەدەم باسالمايدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتم .»
خاتىرە شۇ جايدا ئاخىرلاشقان ئىدى ، ئەركىن قاتتىق ئېسەدەپ يىغلىۋەتتى .
كۈنلەر بىر بىرنى قوغلىشىپ ناھايتى تېز ئۆتۈپ كەتتى شۇ يىلى بۇ كەنىتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە خالنۇر بىلەن زۆھرە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ قايتىپ كەلدى . ئەركىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى ، ئۇلار قايتا جەم بولدى . تاھىرنىڭ قەبرىسنى يوقلىدى . پەرھات قانۇن جازاسىغا ئۇچىراپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى جاكارلانغانلىقىدىن ئەركىن خەۋەردار بولدى .

خاتىمە : ھايات دېگەن مانا شۇ ، ھاياتىمىزدا نۇرغۇن ئوقۇشماسلىق ، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات قېلىش ئۈچۈن ھەممە ئادەم بەدەل تۆلەيدۇ ، شۇڭا سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ھەر قېتىم ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرغاندا ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئازراق بەدەل تۆلەشنى ئۆگىنۋېلىڭ .!

تامام
2017-يىلى 17- ئاپرېل ئاقسۇ باي

ئاپتورى ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





432 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-18 0:08:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ