قايتا ئۇچراشقان ئاشىقلار
قىز ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن يول بويىدا بىردەم ماشىنا ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن، بىر كىرا ماشىنىسىنىڭ قۇرۇق كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، قولىنى يىنىك كۆتىرىپ ماشىنىنى توستى. قىز ئەسلىدىن خىزمەتتىن ئالدىراشلىقىدىن چارچىغانىدى، ئۇ ماشىنا توختىغاندىن كېيىن ئاۋايلاپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا چىقىپ ئولتۇردى. شۇ ئەسنادا قىز شۇپۇرغا مەنزىلنى ئېيىتماقچى بولۇپ بېشىنى كۆتۈردى، بىراق، شوپۇرغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. چۈنكى شوپۇر باشقا ئادەم ئەمەس، ئۇ بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك ئاشىق-مەشۇقلاردىن بۇلۇپ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قارشى تۇرغاچقا ئامالسىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن يىگىت ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قېلىشقان بۇلۇپ، بۇ جىمجىتلىقتا كىرا ماشىنىسىنىڭ ماتور ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى.
قىز بۇ جىمجىتلىقتا ئون يىل بۇرۇنقى گۈزەل ۋاقىتلارنى ناھايىتى تېزلا كۆز ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى دە، شۇلارنى ئويلىغاچ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى :
- ياخشىمۇسىز؟ يىگىت ئۇنىڭغا ئەينەكتىن كۈلۈمسىرەپ قارىغاچ جاۋاپ قايتۇردى.
- ياخشى...ئۆزىڭىزچۇ؟ ئىشتىن چۈشۈپ قايتقان ئوخشىمامسىز؟
-ھەئە، مەنمۇ ياخشى رەھمەت. قىز شۇنداق دىگەچ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ماشىنا رولىنى مەھكەم تۇتقان، يىنىك تىترەپ تۇرغان قولىغا قارىدى، ۋە شۇنى كۆردىكى، ئۇ ئون يىل ئىلگىرى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان سائەت، ئۇنىڭ قۇلىدا پارقىراپ تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ قىز كۆزىنى يىغا تۇتتى. ئەمما، ئۆزىنى زورىغا بېسىپ، رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى يۇ، يەنىلا كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ ئېقىپ چۈشتى. ماشىنا يىنىك قوزغىلىشقا باشلىدى.
يول بويى يىگىت قىزغا قايرىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى، پەقەت ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن قىزنىڭ لىق ياشقا تولغان بىر جۈپ كۆزىنى كۆرەتتى. قىزمۇ ئاددىيغىنە سۇئاللاردىن كىيىن داۋاملىق سوراشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۆزىنىڭ ھىجرانلىق يېشىنى ئاران بېسىپ ئولتۇراتتى.
بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، قىزمۇ مەنزىلگە يىتىپ باردى ۋە يىگىتكە »خەيرى-خوش« دىگىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى. يىگىت ماشىنا ئەينىكىدىن كۆردىكى قىزنىڭ قولدىكى سومكىدا دەل ئۆزى ئون يىل ئىلگىرى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان كىچىككىنە قونچاق ئېسىقلىق تۇراتتى...
يىگىت ئاخىرى چىدىماي ماشنىدىن چۈشتى، ئارقىدىن قىزنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چاقىردى. قىز يىگىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاپ ئېغىر قەدەملىرى توختاتتى ۋە ئاستا ئارقىغا ئۆرۈلدى. يىگىت دەرھال قىزنىڭ يېنىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگرەپ باردى، ۋە قىزنىڭ ئىككى بىلكىدىن قاتتىق سىقىپ تۇرۇپ، »كىرا ھەققىنى بەرمەمسىز« دىدى.
1356 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-9 14:58:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-4 14:52:46 | adila |
yumurma bu amdi |
2015-9-4 14:52:46 | adila |
yumurma bu amdi |
2015-8-24 21:15:40 | halqibu |
qahqah mu ya,yikayimu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|