گۆشخورنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

مەن سىرتقى كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئادەتتىكى بىر ئادەم،ئوخشىمايدىغان يېرىم مەن ئادەم گۆشى يەيمەن.

قاچاندىن ئادەم گۆشى يىيىشكە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ئەمما خىروئىن خۇمارى تۇتقان ئادەم بىر ئورام چېكىۋالمىغۇچە خۇمارى تۇتۇپ قېينالغاندەك مەنمۇ ئازراق ئادەم گۆشى يەۋالمىسام بەدەنلىرىم قىچىشىپ قىينىلىپ كېتىمەن.


بۈگۈن 7-ئاينىڭ 13كۈنى يېرىم كېچە سائەت 1بولدى.

ھازىر مەن بىر مەيدان ئوۋنى غەلبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ بۇ خاتىرىنى يېزىپ ئولتۇرىمەن،بۈگۈن ئوۋلىغىنىم بىر ياش قىز.

يېرىم كېچىدە بىر ياش قىزنىڭ گۆشىنى يىيەلەيمەن دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

جەريانىنى بىلگۈڭلار بارمۇ ؟ ئەمىسە سىلەرگە سۆزلەپ بېرەي:

يېرىم كېچە بولغاندا خۇمارىم تۇتۇشقا باشلىدى،خۇمارىم تۇتقاندا چوقۇم ئادەم گۆشى يېيىشىم كېرەك،شۇڭا مەن ئاستا يوتقاندىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ كېچە قوينىغا شۇڭغۇدۇم.

ئەتراپ شۇنچە تىمتاس قېرىشقاندەك بىرە ئېزىپ قالغان ئولجىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتى،شۇنداقتىمۇ ئۈمىد بىلەن ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم.

كەچلىك بەزمىخانىنڭ ئارقا كوچىسىدا بىرىنىڭ ئۈچەي باغرى چىقىپ كەتكۈدەك ياندۇرغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى.ئاستا قەدەملەر بىلەن كوچىغا كىردىم . يېرىم يالىڭاچ كېيىنگەن بىر قىز قولىنى تامغا تىرىگىنىچە ياندۇرۋاتاتتى.

بۇ كېچىدە ھاراق ئىچىمەن دەپ كۆتۈرەلمەي قۇسۇپ يۈرگىچە ئۆيىدە ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسىچۇ!

خۇمارىم كۈچىيىشكە باشلىدى ، ئەمدى ئارتۇق خىيال سۈرۈشكە تاقىتىم قالمىدى،قىزنىڭ كەينىدىن كېلىپ چېچىنى قاماللىغىنىمچە قىزنىڭ بويۇن تومۇرىدىنلا چىشلىدىم .

ھە راست دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،خۇمارىم تۇتقاندا چىشلىرىم بۆرىنىڭ چىشلىرىدەك ئۆسۈپ چىشلەشكە شۇنچىلىك قولايلىق بولۇپ كېتىدۇ ،تىرناقلىرىم قاسساپنىڭ پىچىقىدەك ئىتتىكلىشىپ كېتىدۇ،بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.

قىزچاق چىرقىراشقىمۇ ئۈلگۈرمەي چىشلىرىم ئارىسىدا جان بەردى.

ئۇنى ئاستا يەرگە ياتقۇزدۇمدە ئۆتكۈر تىرناقلىرىم بىلەن قارنىنى ياردىم،يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ ماچىلدىتىپ يېيىشكە باشلىدىم.ئاغرىق توختۇتۇش ئوكۇلى ئۇرغاندەك خۇماردىن قىينالغان بەدىنىم ئاستا ئاستا ھوزۇرلىنىشقا باشلىدى.

قىزنىڭ يۇمشاق گۆشلىرىنى يەۋىتىپ ئۇنىڭ بالياتقۇسىنىڭ يوغان تۇرغانلىقىنى بايقىدىم،

ئۇنداق ئەمەستۇ؟

مەن ھۆكۈم قىلىپ بولغۇچە تىرناقلىرىم ئۇنى يېرىپ بولدى.

ھەي.........

تېخى تۆرەلمە ھالىتىدىكى بوۋاق ئاللىقاچان ئامانىتىنى بېرىپ بولغانىدى.

بىگۇناھ بىر جانغا زامىن بوپتىمەندە،ئادەم گۆشى يەۋېرىپ بۇلغۇنۇپ كەتكەن ئەقلىمدە ئۆزۈمنى بۇنىڭدىن بەكرەك ئەيىپلىگۈدەك سۆزمۇ يوقتە.

قورسىقىمنى تويغۇزۇپ يېنىمدا ئېلۋالغان مېنىرال سۇ بىلەن يۈز قولۇمنى يۇيۋىتىپ ئۆيۈمگە قاراپ يول ئالدىم.

بۈگۈنكى ئوۋ ئوۋلىشىم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.بىچارە قىزچاق كېچىدە سىرتتا يۈرگەنلىكى ئۈچۈن مېنىڭ ئوزۇقلىقىمغا ئايلاندى، كونىلارنىڭ كېچىسى يول ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا دىگەن گېپى ئورۇنسىز ئەمەسكەن. مەيلى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتاي ياكى ئۇنى ئەيىپلەي ئۇ بەرىبىر مېنىڭ قوسۇغۇمغا كىرىپ بولدى،شۇڭا ئەمدى ئۇنى تىنىچ قوياي.

بىر قېتىم تويغۇدەك ئادەم گۆشى يەۋالسام بىر ھەپتىگىچە بەرداشلىق بېرەلەيمەن،شۇڭا بۇ بىر ھەپتە خېلى تىنىچ ئۆتتى. كۈندە كەچتىكى خەۋەرلەر پىروگراممىسىدىن ئۇ قىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى كۆرۈپ تۇردۇم ،ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئۇ قىزنى ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن دەپ خەۋەر قىلدى.

كۈلكىدىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتىۋالدىم، بىتەلەي قىزچاق ئۆيىدىكىلەرگە يالغان سۆزلەپ ئوينىغىلى چىقتىمۇ ياكى ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى كەچلىك بەزمىخانىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرامدۇ بۇنىسىنى ئويلاش ماڭا خوش ياقمىدى. مەن بىر گۆشخور تۇرسام بۇنچە جىق نەرسىنى ئويلاپ نېمە كەپتۇ.


بۈگۈن 7-ئاينىڭ 20-كۈنى يېرىم كېچە .

مەن ھازىرلا بىر ئادەمنى يەۋىتىپ كەلدىم،لېكىن مەن يىگەن بۇ ئادەمنىڭ ئايال ياكى ئەرلىكىگە ئۆزۈممۇ ھۆكۈم قىلالمىدىم،

ئەسلى سىلەردىن مەسلىھەت ئاكاي دىگەن ئىدىم لېكىن نەپسىم يول قويماي ئۇنى پاك پاكىز يەۋەتتىم.

سىرتتا تىمسىقىلاپ يۈرۈپ ئالدىنقى ھەپتە غىزالانغان ھېلىقى كەچلىك بەزمىخانىنىڭ ئاالدىغا كەلدىم. بىر ئەر بىلەن كىيىم كەيگىنى بىلەن كەيمىگىنىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر زىلۋا قىز قولتۇقلىشىپ چىقىۋاتاتتى.ئۇلار كوچىغا كىرىشىگىلا چىشلىرىمنى ھىڭگايتىپ ئۇلارغا ئېتىلدىم.

ھېلىقى ئەر خويەنجادەك چاققانلىق بىلەن ھېچنەرسىگە قارىماي يېنىدىكى قىزنى ماڭا ئىتتىرىپ بېرىپ بەدەر تىكىۋەتتى. قولۇمغا تەييار ئولجا چۈشكەن تۇرسا قېچىپ كەتكەننى قوغلاپ يەيدىغانغا مەن يا يىلپىز بولمىسام.

ئارتۇق ئويلىمايلا قىزنىڭ كانىيىدىن ئالدىم، ئۇمۇ ئاران تۇرغاندەكلا جان تەسلىم قىلدى.

قارنىنى يېرىش ئۈچۈن تىرناقلىرىم بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ سالدۇرۋەتتىم.

ھەيرانلىقتا كۆزۈم ئىككى ياققا نۆۋەتلىشىپ قاراپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىدى. چۈنكى ئالدىمدا ياتقان بۇ مەخلۇقنىڭ ئۈستى تەرىپى ئايال ئاستى تەرىپى ئەرنىڭ ئىدى. بۇ نىمە ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى. بۇ زادى ئەرمۇ ئايالمۇ؟

ۋاي ئاۋال قورساق مۇھىم!

شارت-شۇرت قىلىپ قارنىنى يېرىپ پارچىلاپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ مەززە قىلىپ چاينىدىم. گۆشى نىمانداق قاتتىق بۇنىڭ! غەلىتە ئىكەنلىكى بىكار ئەمەسكەندە.

خۇددى شىلەيلىنىڭ ئايالى قورىغان قورىمىنى يىگەندەك ناھايىتى قىينىلىپ بىئاراملىقتا ئاران يەپ تۈگەتتىم. يېمەيمۇ ئامال يوقتە ، بۇ كېچىدە نەدىن ئولجا ئىزدەپ يۈرىمەن.

تامىقىمنى يەپ بولۇپ داستىخاننى يۇغۇشتۇرۋىتىپ ،كونا ئادىتىم بويىچە ئاغزى بۇرنۇمنى چايقىۋىتىپ بىر چاغلاردا مودا بولغان قاراڭغۇدىن قورىقمايمەن دىگەن ناخشىنى دىمىغىمدا غىڭشىغانچە ئۆيۈمگە ماڭدىم.

مېنىڭ تۇرمۇشۇم مانا مۇشۇنداق.مەن ھەر ھەپتىدە بىر ئادەمنى مانا مۇشۇنداق يەۋىتىمەن.بەزى ئولجىلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى گېزىت ژورنال ۋە تېلۋىزورلارنى بىر ئالسا يەنە بەزى بىچارىلەرنىڭ ھېچقانداق ئۇرۇق تۇغقىنىمۇ يوقمىكىن ئۇلارنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ.قايسى كۈنى يېگەن ناجىنىسمۇ ئاشۇنداق ئىگە چاقىسى يوق بىچارىلەردىنمۇ ياكى ئاتا ئانىسى يۈتۈپ كەتكۈچىنى قىزىم دەپ چىقىرىشنى ياكى ئوغلۇم دەپ چىقىرىشنى بىلەلمەي مۇنازىرە قىلىۋاتامدۇ ئۇنىڭ خەۋەرىنى ھېچ يەردە كۆرمىدىم. ماڭا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپرەك بولغىنى ياخشى چۈنكى مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلايمەندە.


بۈگۈن 7-ئاينىڭ 27-كۈنى يېرىم كېچە

بۈگۈن مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئادەم گۆشى يېيىشىم . بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ مېنى ئادەم گۆشى يېيىشنى تاشلىغان ئوخشايدۇ دەپ تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلۋاتامسىز؟

لېكىن مەن گۆش يېيىشنى تاشلىمىدىم بەلكى يېيىشكە بولمايدىغان بىر ئادەمنىڭ گۆشىنى يەپ سالدىم. مەن تاكى ھازىرغىچە ئادەم گۆشى يېيىش ئادىتىمگە پۇشايمان قىلىپ باقمىغانىدىم،مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدە پۇشايمان قىلىۋاتىمەن،لېكىن پۇشايمان قىلغاننىڭ نېمىگە پايدىسى.

خىيال كەپتەرلىرىم مېنى بالىلىق دەۋرىمگە باشلاپ ماڭدى.

مەھەللىدىكى بالىلار يىغىلىپ ئۇرۇش قىلىش ئويۇنى ئويناۋاتىمىز، مەن ئۆز ئەترىتىمنىڭ رازۋىتكىچىسى بولغاچقا دۈشمەن ئارقا سېپىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاستا ئۇلارنىڭ گازارمىسىغا يېقىنلاشتىم.تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرسى گېلىمدىن بوغدى. ئۇنىڭ بىلەكلىرىنىڭ بۇنچە كۈچلۈكلىكىگە قارىغاندا چوقۇم دۈشمەن قوشۇنىنىڭ چارلىغۇچىسى يۈسۈپ قوتاز.مەن ئۇنىڭغا قويىۋەت دەپ شۇنچە خىرقىرىغان بولساممۇ ئۇ تېخىمۇ كۈچەپ سىقىشقا باشلىدى، قارىغاندا ئۇ ئۆزىنى شىۋاسىڭگىر ياكى جون رامبو دەپ چاغلاپ قالغان چېغى. كۆزۈم قاراڭغۇلۇشۇپ پۇت قوللىرىم بوشىشىقا باشلىدى. چاتاق ! ئەمدى ئۆزۈمنى قۇتقۇزمىسام ئويۇندا شەرەپ بىلەن قۇربان بولۇپ ئاتا ئانامنىڭ يىغا زارىسىغا ئېرىشىمەن. شۇلارنى خىيال قىلدىمدە كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭ بېلىكىنى قاتتىق چىشلىدىم .ئۇنىڭ ۋارقىراپ قولىنىنى كۈچەپ سىلكىشى بىلەن بىر چىشلەم گۆش ئاغزىمدا قالدى. ئۇنىڭ بېلىكىدىن ئاققان قاننى كۆرۈپ ئالدى كەينىمگە قارىماي تىكىۋەتتىم، ئۆيگە كىرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي سامانلىققا مۆكۈنىۋالدىم. ئۈزىۋالغان گۆشۈم تېخىچىلا ئاغزىمدا تۇراتتى. ئۇنى قەتئىي تۈكۈرۋەتكىم كەلمىدى.ئەكسىچە روھىمغا ،نەسلىمگە،ئېتىقادىمغا خىلاپ ھالدا چايناشقا باشلىدىم.بۇ گۆش ماڭا شۇنچىلىك تاتلىق تېتىپ كەتتىكى ئۆزۈمنى ئۆمرۈمدە بۇنداق تاتلىق گۆش يەپ باقمىغاندەك ھېس قىلدىم.ئەسلى ئادەم گۆشى يىيىشنى مۇشۇنداق باشلاپتىكەنمەندە.....

ئىلگىرى ئېسىمگە كېلىپ باقمىغان ئىشلار بىر بىرلەپ ئېسىمگە كېلىشنى باشلىدى.

بايام يىگەن گۆش ،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يىگەن گۆش بىر قىزنىڭ گۆشى.

ئۇ كۆۋرۈك ئۈستىدە پۇتلىرىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ ئولتۇراتتى،ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىمدە بىر چىشلەش بىلەن ئۇنىمۇ ئۇ ئالەمگە يولغا سالدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ تۇراتتى، لېكىن نەپسىم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايتى.

ئۇنى باشقىلارنى يىگەندەك ھوزۇرلىنىپ يىيەلمىدىم.نېمە ئۈچۈنكىن كۆڭلۈمدە بىر غەشلىك بار.

يېرىمدىن جىقراق گۆشنى يەپ بولغاندا ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىكى بىر پارچە خەتكە كۆزۈم چۈشتى، باشقىلارنىڭ خېتىنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇش ئەخلاقسىز قىلمىش، لېكىن مەندەك گۆشخوردا ئەخلاق نىمىش قىلسۇن. خەتتە مۇنۇلار يېزىلغانىدى:

قەدىرلىك دادا ئاپا:

سىلەر بۇ خەتنى ئوقۇغان ۋاقتىڭلاردا مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان بولىمەن. ئۆلىۋىلىشنىڭ قانچىلىك يامان ئىش ئىكەنلىكىنى مەن ئوبدان بىلىمەن لېكىن مەن يەنىلا مۇشۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولدۇم. سىلەرنىڭ پەقەت ئاخشىمى بىر قونالغۇ ئىزدەپ بۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىشىڭلار ،بىر بىرىڭلارنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭلاردا مەندەك بىر ئون نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان قىزىڭلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەي ئۆيگە يات ئەرلەرنى ،يات ئاياللارنى ئەكىرىپ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقىۋىلىپ ئەيىش ئىشرەت ،زىناخورلۇق قىلىشىڭلار مېنىڭ سىلەرنىڭ ئۆز قىزىڭلار ئىكەنلىكىمدىن شۈبھىلەندۈرۈپ قويدى.

ئاپا ھەتتا سىز باشلاپ كىرگەن بىر ھايۋان يېرىم كېچىدە ھوجرامغا كىرىپ سىزدىن قاندۇرالمىغان ھايۋانى نەپسىنى مەندىن قاندۇرۇپ مېنى نابۇت قىلدى.

بۇلارغا كىم سەۋەپچى؟

ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ياتمىغان مەنمۇ ياكى مېنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەن سىلەرمۇ؟

شۇڭا مېنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغۇدەك ئاساسىم قالمىدى. يەر ئاستى ئۆيدىكى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ھەممىنى ئىچىۋەتتىم. سىلەردەك ئادەملىكىنى يوقاتقان ھايۋان ئەر ئاياللاردىن بىراقلا قۇتۇلاي دەپ ھەممىنى ئىچىۋەتتىم.

ئەلۋىدا !

قىزنىڭ خېتىنى كۆرۈپ ئاغزىمدىكى بىر پارچە گۆش يەرگە چۈشۈپ كەتتى.داستىخاننىمۇ يىغىشتۇرماي دەلدىڭشىگىنىمچە ئۆيگە قايتتىم. خاتىرىنى يازغۇچە كۆزۈمدىن ياشلىرىم يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ يىغلىيالايدىغانلىقىمنى ئەمدى بىلدىم،لېكىن قىزنىڭ ئېچىنىشلىق تەغدىرىگە ئېچىنىپ يىغلىدىممۇ ياكى ئۆزۈمنىڭ زەھەر ئىچىۋالغان قىزنىڭ گۆشىنى يەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلىدىغانلىقىمنى ئويلاپ شۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغلىدىممۇ بىلەلمىدىم. ئەمما يىغلاۋاتقىنىم راست.

زەھەر ماڭا تەسىر قىلىشقا باشلىدى ....

قورسىقىم مۇجۇپ ئاغرىۋاتىدۇ، مەن ھازىرلا ئۆزۈم يىگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ يېنىغا كېتىمەن. ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم قىزنىڭ خېتىنى ئۇنىڭ ئاتالمىش ئاتا ئانىسىنىڭ كۆرىشىدىن مەھرۇم قويدۇم.

جېنىم تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى.خەت يېزىشىم تەسلىشىۋاتىدۇ.بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر گۆشخور ئەمدى بۇ دۇنيادىن كېتىدىغان بولدى. بولدى خاتىرەمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي،چۈنكى جېنىم چىقايلى دەپ قالدى.

مەن ئادەم گۆشى يەيمەن !

مەن گۆشخور!

ئاپتور: يازغۇچىلار كۇلۇبىدىن بەڭۋاش





1170 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:11:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-14 15:50:29 مەخمۇتجان
ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغان ئۆزگىچە ئەسەر . ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ .داۋاملىق ئىزدىنىڭ قېرىندىشىم.
2015-8-24 22:10:10 mihir
goxhurning kinusini korgandakla boldum bak yahxi tadawwur kipsizxxx
2015-8-19 1:08:08 EJ
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىلەر بۇ ئ‍ەسەرنى يازغان تەپەككۇر قىلغان شۇ قۇلۇڭلارغا ئ‍اپرىن داۋاملىق تىرشىڭ
2015-8-2 22:54:47 ئاق گۇل
بەك ؟ياخشى يىزىلىپتۇ
2015-7-31 10:19:35 ئابدۇۋەلى
ئ‍ەسسالامۇ ئەلەيكۇم يازغان ئ‍ەسىرىڭىز ماڭا بەك ياقتى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ