غېرىپ ئاتا

ھىدايەت


- ۋاي دادا يەنە يالغۇز قالدىڭما؟ توۋا، بۇ ئاكاملارنىڭ نەرى ئەركىشى،خوتۇنلىرىنى ساڭا بىر قاچا تاماق ئەتكۈزۈپ بېرەلمەي- دېگىنىچە، ئىشىكتىن بوۋاينىڭ كىچىك قىزى ئاسىدە كىرىپ كەلدى.

- ۋاي بالام، ئاكاڭلار دۇككاننىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئوخشايدۇ،بولدى قىلە كەل يېنىمدا ئولتۇر- دېدى بوۋاي يېنىدىن ئورۇن كۆرسىتىپ.

- دادا،قاچانغىچە ئاكاملارغا چاپان ياپىسىەن،ئۇلارنىڭ شەھەردىن ئۆي ئېلىپ سېنى بۇ سەھراغا تاشلاپ قويغىنىنى كىم بىلمەيدۇ- دېدى ئاسىدە،قاپاقلىرىنى سۈزۈپ.ۋە كۆڭلىگە كېلىپ قالغانمىدۇ دېگەندەك قىلىپ دادىسىغا لەپپىدە بىر قارىۋەتتى.ئاندىن مەن تاماق ئېتەي دەپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.

ئۈستىگە بىر نەچچە يېرىگە ياماق سېلىنغان،كونىراپ رېڭى ئۆچۈپ كەتكەن قارا چاپان كىيگەن، بېشىغا قارا تۇماق كىيگەن،قوي كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ،يۈزلىرى شاپتۇل قېقىدەك قورۇلغان بوۋاي ،قىزىنىڭ ئارقىدىن قاراپ ئولتۇراتتى.

بۇ بوۋاينىڭ ئىسمى يۈسۈپ،ئۇ بۇرۇن ياش چاغلىرىدا ياغاچچى بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى يۈسۈپ ياغاچچى دەپ چاقىراتتى.بوۋاي، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ،ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا خوشنىسىنىڭ قىزى ئائىشەنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى.تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق- سوغۇقلىرىنى تەڭ كۆرگەن،جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولغان بۇ قەدىناسى بوۋاينى سەككىز بالا بىلەن قالدۇرۇپ،ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ئىدى.ئۇلارنىڭ ئۈچ ئوغلى،بەش قىزى بار بولۇپ،ھەممىسنى ئۆيلۈك- ئوچاقلىق قىلىپ بولغان ئىدى.بوۋاي ياش ۋاقتىدا تاپقان - تەرگىنىنى، ئون يىل بۇرۇن ئوغۇللىرىنىڭ تىجارەتتە ئىشلىتىشى ئۈچۈن بېرىپ،ئۆزى بىر تىيىنمۇ ئېلىپ قالمىغان ئىدى.ئون يىلدىن بۇيان،بوۋاينىڭ ئۈچ ئوغلى كىيىم- كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ،ئۇلار ھازىر ئاستىدا ئېسىل ماشىنىسى ،شەھەر ئىچىدە نەچچە يەردە ئۆيى بار بايلاردىن بولۇپ قالدى.قىزلار بولسا، ئېرى ۋە ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.ئەمما، ئايشەمخان موماي ئۆلۈپ كەتكەن بۇ بىر يىلدىن بۇيان،بۇ چوڭ ھويلىدا بوران ئۇچۇپ،بوۋايغا يالغۇزلۇقنىڭ تەمىنى ئوبدانلا تېتىتقۇزدى.

موماي تۈگەپ كەتكەندىن تارتىپ،ئوغۇللار دەسلەپتە كېلىنلەرنى ئۆي تازىلاتقۇزۇپ،بوۋاينىڭ كىرلىرىنى يۇيغۇزۇپ،تامىقىنى ئەتكۈزۈپ بەرگەن بولسا،مانا ئەمدى،ئايلاپ- ئايلاپ يوقلاپ چىقمايدىغان،«دادا،ئۆيۈمدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ چىقامسەن؟ ئۆيدە ئۇن- ياغ بامۇ ؟»دېيىشكىمۇ ھاسىنىدىغان بولدى.بوۋاي نەۋرىلىرىنى كۆرگىسى بولسىمۇ كۆرەلمەيىتتى.

قىزلارمۇ دەسلەپتە،«دادا،ئانام يوق قىينالدىڭمۇ؟ مېنىڭ ئۆيۈمدە نەچچە كۈن تۇرۇپ كېلەمسەن ؟ »دەپ تۇردى.كېيىن ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،ئۇلارمۇ خۇددى بوۋاينى ئۇنتۇپ قالغاندەك،ئۆزىنى كۆرسەتمەس بولدى،پەقەت مۇشۇ كىچىك قىزى ئاسىدەلا ئۇنىڭ كىرىنى يۇيۇپ،تامىقىنى ئېتىپ،ھويلا- ئاراملارنى تازىلاپ بوۋايغا كۆيۈنەتتى،بەزىدە ئۆيىدە تاماق ئېتىپ دادىسىغا ئېلىپ كېلەتتى.شۇنداق چاغلاردا، بوۋاي تارشىدەك بولۇپ كەتكەن قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ،قىزىغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر،بەخىت- سائادەت تىلەپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلاتتى.

- دادا،تاماق يېگىنە - دېگىنىچە ئاسىدە بىر چىنە سۇيۇقئاشنى بوۋاينىڭ ئالدىغا قويدى.ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئاشتىن مىزىلىك يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقى كېلىپ،دىماغقا ئۇرۇلاتتى.

- قىزىم، سەن ئىچكىن،تاماققا تاۋىم يوق - دېدى بوۋاي قىزىغا .

- نېمە بولدۇڭ دادا؟ ھېلىقى گېپىم كۆڭلۈڭگە كەلدىمۇ ؟- دېدى ئاسىدە ،بوۋايغا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ.

- ياق بالام- دېدى بوۋاي ئۇھسىنىپ،بوۋاي بىر ئاز دېمىنى ئېلىۋېلىپ گەپ باشلىدى:

- قىزىم،بىلىمەن مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە سىلەرگە كۆپ جاپا سالدىم،ئاللاھ ئىگەم بۇ جاننى ئالمىدى،ئاناڭ كەتكەندىن بۇيان،ھويلىمىز چۆلدەرەپ، بوران ئۇچىدىغان بولۇپ قالدى،ئاناڭ بىلەن ئىككىمىز سىلەرنى مىڭ بىر جاپادا باققان ئىدۇق،ئەمما بۈگۈنكى كۈنگ كەلگەندە- بوۋاي يېنىك بىرنى ھۆتىلىپ- گېپىنى داۋاملاشتۇردى- ھەممىڭلار، مەندىن زېرىكتىڭلار،مەندەك يارىماس قېرى كېلىنىمنىڭ قاش- قاپىقىغا قاراپ قالدىم- بوۋاينىڭ ئاۋازى بارغانچە تىترەپ چىقىۋاتاتتى- مېنىمۇ تاپالمايسىلەر،مەنمۇ كېتىمەن، بالام،مەن سەندىن رازى ،مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانىدۇ بالام- بوۋاي شۇنداق دەپ گېپىنى ئۈزدى.

بۇ چاغدا ئاسىدەمۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:

- دادا،بۇ گەپلەرنى دېمەي ئېشىڭنى ئىچكىنە سوۋۇپ قالدى- دېدى.

- نامازغا ئەزان چىقتى،مەن مەسجىددە ناماز ئوقۇپ كېلەي- بوۋاي شۇنداق دەپ ئالدىدىكى ئاشنى قىزىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويۇپ، مۈكچىيىپ كەتكەن بەللىرىنى تۇتقىنىچە چىقىپ كەتتى.

ئاسىدە بولسا«شۇ ئاكاملارمۇ ھامان پۇلغا تويىدۇ»دېگىنىچە ئېشىنى ئىچىپ ئۆيىگە كېتىشكە ئالدىرىدى.

بوۋاي مەسجىددىن كېلىپ،يەنە شۇ بوران ئۇچىدىغان ھويلىغا كىردى،قىزى قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئاللىقاچان كەتكەن ئىدى.

بوۋايغا ھاردۇق يەتتىمۇ قانداق،پۇتىدىكى مەسە- كالاچنى سېلىۋىتىپ، سېلىغلىق كۆرپىگە چىقىپ يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى.

تۈن كېچە،بوۋاي قاتتىق بىر ھۆتىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،شۇنداق قىينىلىپ كەتتى،ئۈستەل ئۈستىدىكى ئىستاكاننى ئېلىشقا ئۇرۇندى، ئەمما ئالالمىدى. ئۆپكىسى ئۆرۈلگەندەك بولدى،بوۋاينىڭ پۇت- قوللىرى ئاستا- ئاستا بوشىدى، كۆز قارىچۇقلىرى ئارقىغا تارتىشتى، كۆزى تەستە يۇمۇلدى، ئۇ ئاخىرقى قېتىم ئىمان ئېيتىشقا ئۈلگۈرەلمىدى.

تۈگىدى.





545 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:10:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-2 20:47:20 Aykiz
Xu girep atiliremiz aman bolsun
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ