بىكەتتە
ھىكايە
بۈگۈن ئۇزۇن يوللۇق يۇلۇچىلار بېكىتى ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇزۇن ئارغامچىدەك ئۆچرەت بۇلۇپ تۇرغان يۇلۇچىلار بىلەت كۆزنىكدىن كۆزىنى ئۈزمەي تىكلىپ قاراپ تۇراتتى .خۇددى ئەينەك سىرتىدىن سۇنغان پۇللىرىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ قايتۇرۇپ بېردىغاندەك ،بەخىتسزلىك پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولسا سېيت نوچىدەك ئۆزنىڭ ئۆلۈم خېتنى ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ ماڭىدىغان گەپ ، ساقىلىغاي شۇ كۈنلەردىن .ھەربىر سەپەرلىرىمىز ئاق يوللۇق بولسۇن . شۇ ئارىدا مەنمۇ ئۆچرەت ئارسغا كىرىپ نۆۋەت ساقلاپ تۇردۇم ،تېلفۇنۇمغا يوللانغان قىسقا ئۇچۇرنى ئۇقاي دەپ تۇراتتىم تۇيۇقسزلا بىرسىنىڭ نەگە بارىتىڭىز قىزچاق-دىگەن بوم جىددى ئېيتلغان سۆزنى ئاڭلاپ بېشىمنى ئىتتىك كۆتۈردۈم ،ئالدىمدا ،بەستلىك سېمىزرەك كەلگەن بىلىكگە قىزىل بەلگە تاقىۋالغان بىكەت خادىمى ما ڭا قاراپ تۇراتتى،ئەتراپتىكى بىر نەچچەيلەن بىز تەرەپكە بويۇنداپ قاراۋاتاتتى . ئۈرۈمچىگە باراتتىم - دېدىممەن جاۋابەن، سائەت 2:30 بىلەن ماڭدىغان ماشىننىڭ بىلىتى بار ماڭامسز ؟ مەن ئېغىز ئاچاي دىيشىمگە ئۈستۈدىكى ئۇرۇن ،ئالدىنقى تەرەپتە 220 يۈەن بېرسز ،كىملىكنمۇ قۇشۇپ بىرەسز- مەن بۇ ياقنىڭ گىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن مۇۋاپىق كۆرۈپ پۇل بىلەن كىملىكنى ئۇنىڭغا بەردىم ،بىكەت خادىمى قۇلۇمدىن پۇلنى ئېلىپلا ئۆچرەت ئارىسغا كىرىپ كەتتى.زال ئىچىدە تۇرغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئەرلەر بولغاچقا سىرتقا چىقىپ ساقلاپ تۇردۇم. بىلەت سېتىش زالىغا كىرىپ كېتۋاتقانلار ،بىلەت ئالغانلار ھەم زال سىرتىغا چىقىۋاتقانلار خۇددى قوش لىنىيەللىك تاشيولدا كېتىۋاتقان چوڭ -كىچىك ماشىنلارغا ئوخشايتتى، ئاشۇ نۇرغۇن ئادەملەر ئارسدىن ئۆزى يالغۇز يوغان بىر خالتىنى سۆرەپ كىلىۋاتقان بىر گەۋدە كۆزۈمگە ئىلىنىپ قالدى،قارىماققا 25 ياشلاردىن ئەمد ىلا ھالقىغان ،ئوتتۇرا پاشىنلىق نازۇك توپلەي كىيگەن،ئۇچسغا ئاق كوپتا ۋە كوپتا بىلەن پار كەلتۈرۈپ تىزغا كىلىدىغان تار قارا يوپكا كىيگەن بۇ قىز غۇنچە بويلۇق ھەم ئۇرۇق بۇلۇپ ،ئۆزىدىن نەچچە چىققۇدەك يوغان خالتىنى قىزىرىپ تەرلىگىنچە بىلەت سېتىش زالى تەرەپكە سۆرەپ كېلىۋاتاتتى ،مەن ئەتراپتىكى قاراپ تۇرغان يىگىت ئەرلەردىن بىرەرنى چۇقۇم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس ،قىز ئاران سۆرەپ كىلىۋاتقان بۇ ئېغىر خالتا ،قىران يىگىتلەرنىڭ ،بەستى سۇۋادان تېرەكتەك ئەرلەرنىڭ ،قاپقارا بۇرۇتلۇق ئۆزنى توختاتقان ئەركەكلەرنىڭ يېنىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن ناز قىلىپ شۇنداق ئاستا ئۆتكەن بولسىمۇ ،ھېچقانداق بىر ئەر زاتى مىدىرلاش تۈگۈل كۆرىۋاتقان كۆزلىرنىڭ قاپاق پەردىسنى تارتىپ چۈشۈرۈپ پەرۋا قىلماي تۇرشاتتى. مەن دىگەن ئەر كىشى ئەر كىشى دىگەن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى ئەر كىشى بولمىسا قانداقمۇ قىلاتتى بۇ خۇتۇنلار ئەر كىشى بىلەن تەڭ تۇرسىڭىز سەت تۇردۇ ئانام مىنى ئو غۇلبالا ئەكەك دەپ تۇققان جۇمۇ بۇرۇت دىگەنچۇ ئوغۇلبالنىڭ يارشىقى ئەر كىشنىڭ غۇرۇرى بىلەن ئويناشمايدىغان مانا مەن ئەركەك ،،، قۇلاق تۈۋۈمدە ئېيتلۋاتقان بۇ سۆزلەر قايسى تەرەپتىن ئاڭلىنۋاتىدۇ بىلمەيمەن.پەقەت بىرەيلەننىڭ (ئۇف، ئاران ئەكەلدىم) دىگەن ھارغىن ئەمما ئەركىن ئېيتلغان سۆزى مىنى بۇ ئىگىسز پاراڭلار ئارسدىن قايتۇرۇپ كەلدى ،كىيۋالغان پايپاقلىرىمۇ تارىلىپ كەتكەن ئىدى. خاپا بولماي بۇ خالتىغا قاراپ قويسىڭىز -قىز خالتىنى بىرەيلەنگە ھاۋالە قىلىپ قۇيۇپ ،زال ئىچىگە يۈگۈرگەندەك كىرىپ كەتتىئەمدى نەزىرىم ئەتراپىمدىكى ئەرلەرگە يۆتكەلدى .ئۇلار ھېچنمنى كۆرمىگەندەك ،ھېچنىمنى سەزمىگەندەك قىلاتتى.گەرچە ئاتا -ئانىمىز بىربولمىسمۇ بىز بىر قوۋىمنىڭ كىشلىرىغۇ ،بىر جەمەتكە تەۋە بولغان بىر چەمبەرگە باغلانغان قېرىنداشلىرىغۇ ،،،،،،، ئۆرە تۇرغانلار ئارسدا ئەگەر شۇ قىزنى سىڭلىم ئورنىدا ،ئاچام ئورنىدا ئايالىم ئورنىدا ، ھېچ بولمىغاندا بىر ئايال زاتى دەپ ئويلىيالغان بىر ئەر كىشى بولغان بولسا ئازراققىنە كۈچەپلا ياردەم قىلىپ قىزنىڭ ھۆرمىتگە رەھمىتگە ئېرشىپ ساۋاب تاپماسمىدى ؟؟؟بۇ بىر ئاددىي ئەقەللىي ساۋاتقۇ ؟؟؟ بۇ كىچكىنە رىئال كارتىنا ھازىرقى جەمىئيتمىزدىكى ئۆزنىڭ ئەرلىك ئورنى ،سالاھىيتىنى ئېسدىن چىقىرىپ قۇيۋاتقان ،جاھاننىڭ ئەسقاتماس ئىشلىرى ئۈچۈن ھەرتەرەپكە چېپپ ئۆزىنى ،ئۆزلۈكنى ئۇنتىۋاتقان ئەرلىرىمىزنىڭ ئەمەليەتتە ئۆزلىرىنى ئاشكارلىشى ئەمەسمۇ ؟ ئىنسان ھاياتىدا بىكەتلەر كۆپتۇر. بىكەت يالغۇز بىر يۇلۇچلار بىكىتى ئەمەس ھاياتلىق مۇساپسنىڭ تۇرمۇش بېكىتىدە بىز ئوخشاشلا يەنە يۇلۇچى ،ئۇشبۇ بىكەتتە ئەرلىرىمىز كىچىكىپ قېلىپ ئۈلگۈرەممەي قالسا ،ئۇلارغاتەييارلانغان ئۇرۇن بېلىتى ئاياللارغا مەنسۇپ بولۇپ، كىيىنچە ئەرلىرىمىز بارا -بارا ئورنىدىنمۇ قوزغىلىشقا مادارى يەتمەيدىغان بولۇپ قالمىسكەن دەيمەن ئايال ئاجىز يارالغان ،چۈنكى ئەر كۈچلۈك يارتىلغاچ ئايالنى ئەرگە موھتاج قىلغان مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئاجىز ئاتىلدىغىنى زادى كىم ؟
خ.چەشمە يازمىسى
982 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-5 22:45:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|