قوناق - ھىكايە - ئالمىرە

قوناق - ھىكايە 


 ئالمىرە



"يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ " دىگەندەك مەندەك سەھرالىقنىڭ بىر چەت يېزىنىڭ ئاندا مۇندا قوشنا قۇلۇملاردىن <بوپتۇ بولساڭ بولە > دەپلا ئىككى تۆتتال ھەھۇ دېيىشى بىلەن دادۈيجاڭلىق ئەمىلى تىگىپ، ئەمەل قالپىقىنى مەكتەپ يۈزىنى تولۇق كۆرمەي تۇرۇپلا بىمالال بېشىغا كىيىۋالغان، ئەمدىلىكتە ياش قىرىقنى چىشلەپ قالغاندا ناھىيەنىڭ تۆۋەننىڭ كادىرلىرىنى يىتەكلەش سىياسىتىگە توغرا كىلىپ قېلىپ ئانام-داداممۇ كۆرۈپ باقمىغان بۇ چوڭ شەھەرگە ئاتالمىش "پىيشۈن "گە كىلىشى ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى.


 يىغىنلاردا ياكى تىلۋىزورلاردا ئاڭلىسام چوڭ شەھەر چوڭچە بولامىش شۇڭا مەنمۇ چوڭ تەييارلىق بىلەن لازىمى بار، لازىمى يوقنىڭ ھەممىنى يىغۇشتۇرۇپ چوڭ يۈك-تاقىنى ئېلىپ ئۈستى بېشىمنى باشتىن بويى يېڭىلاپ باشقىچە سالاپەتتە بۇ "مەدەنىيەتلىك " شەھەرگە ئاياغ باستىم .


مەن بىلەن بىر ناھىيەدىن كەلگەن كادىرلار ھەممىمىز بىر ئاپتوبۇسقا چىققان ئىدۇق، خىيال سۈرۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدىممۇ 22 سائەتتىن بېرى مۇز چىرايىدىن خۇدۇكسۇنۇپ ھاجەتكە چۈشۈش ئۈچۈن بولسىمۇ "ئۇكام ماشىنىنى ئىككى مىنۇت توختۇتۇپ بەسىلە " دىيەلمىگەن شوپۇر ئۇستامنىڭ قوپال نوقۇشلىرى بىلەن ئىسىمگە كەلدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەن بىلەن بىللە تەربىلەشكە كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەخسۇس كۈتىۋىلىش ئاپتوبۇسىغا چىقىپ 5 مىنۇت بۇرۇن كىتىپ قاپتىمىش . ئالە شەرىڭنى ، "ئات ئايلىخانغا يول سارىخانغا " دەپ بۇ مەندەك ناھىيەگىمۇ چوڭ ئوغلۇمنىڭ موتۇسىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ ئاران كىرىپ چىقالايدىغان ئادەمنىڭ بۇ چوڭ يەردە يالغۇز ئېشىپ قالغىنى قىززىقتە .


توۋا چوڭ شەھەر، چوڭ شەھەر دەپ خۇدايىتالا ھەممە رەھمىتىنى چوڭ- چوڭ ياغدۇرۋەتكەن شەھەركەن ، ھەتتاكى كۈنمۇ ئۆز نۇرىنى كاتتا سېخىيلىق بىلەن چېچىپ مىڭەم ئاپتاپتا قايناپ كىتىۋاتاتتى ."ئۆزى پاتمىغان كامارغا غەلۋىر باغلاپ كىرىپتۇ "دەپ چوڭ شەھەرگە ماسلاشقان چوڭ يۈك تاقا سومكام ئېغىردىن ئېغىر سۆرىلىپ تۇرسا ،ئايالىمنىڭ "سۆلەتلىك " بولىلا دەپ ئۇنمىغىنىمغا ئۇنىماي شىم كەستۇمغا ماسلاشتۇرۇپ يېڭى پىئونۇر بولغان قېرى بالىدەك قىلىپ چىگىپ قويغان قىپقىزىل گالىستۇكى بوينۇمنى سىقىپ بىئارام قىلاتتى. بۇ شەھەردە ئادەمدىن تولا نەرسە يوقمۇ ھېلى بىرى ئۇياققا ئۆتسە ھېلى بىرى بۇياققا ئۆتۈپ سوقۇپ تۇراتتى. ئەتراپقا توختىماي قارايتىم قاياقتىندۇر بىركىمنىڭ "ھوي باقاخۇن نىم بۇ ئاپتاپتا پاقا تەشكەن سويمىدەك تۇرۇپ كەتتىڭلا ،يۈرۈڭلا بىزنىڭ يول ماياقتا "دەپ قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ مېڭىشىنى تاما قىلاتتىم . ئەپسۇس ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوقتەك ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى. چوڭ سومكامنى ئۆشنەمگە ئارتىپ جەنۇبىي بىكەت چىقىش ئېغىزى دىگەن تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.


نەدىن كەلدى ياشلا بىر يىگىت ئوقتەك يۈگرەپ كەلدى -دە قولامدىكى يۈك تاقىلىرىمنى ئېلىپ «يۈرسىلە ئاكا مەن ئاپىرىپ قوياي » دىگىنىچە مىنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپلا يۈرۈپ كەتتى . مەن خىيالىمدا نىمىلا دىمىگەن بىلەن بىز خەق مىھىرلىك خەق جۇمۇ ، بىزنىڭ سەھرادا تونۇش بىلىشلەرنىڭ كۆتۈرەلمىگەن نەرسىلىرىنى، ئېتىزدىن ئەكىرەلمىگەن ئوت سامانلىرىنى ھارۋىلىرىمىزغا بېسىۋالغاندەك بۇ يەردىمۇ مانا مىنىڭ تەمتىرەپ يول تاپالماي قالغىنىمنى كۆرۈپ ما بالام بىر ئوبدان ماشىنىغا سىلىپ ئېلىپ ماڭدى مانا . شۈكر....


 توختا، توختا بۇ بالا ماڭا بىر قاراپلا ھەجەپ نەگە، نىم قىلغىلى ماڭغىنىمنى بىلىۋاپتىيا ، چوڭ شەھەرنىڭ ئادەملىرى راس يامانكەن جۇمۇ !! يا مىنىڭ بۇ كىيىنىشىم خېلى بىلىملىك ئادەمدەك كۆرۈنسە .....ھى ھى ھى كۈلكەم بەك ئۈنلۈك بوپ كەتتىمۇ ھېلىقى يىگىت ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ :


- ئاكا، راس ئاباي ئالدىراشچىلىقتا نەگە باردىغانلىقلىرىنىمۇ سورىماپتىمە، نەگە بارىلا ؟


- بالام ، شۇ مەن ھېلىقى "پېيشۈن " گە كەگەن شۇيەگە ئاپىرۋەتسەڭ قالغان بىللە كەگەنلىنى ئۆزەم تىپپالامە .-دىدىم مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن ئالەمچە مىننەتدار بولۇپ .


 - ئاكا شۇ ئورنىنى دىسىلە شۇ يەگە ئاپىرىپ قوياي، بۇ سىلنىڭ "پىشىن مۇ مىشىن مۇ "دىگەنلىرىنى مەن ئۇقۇپ كەتمەيدىكەنمە.


- ۋوي بالاموي نىم دەيسە سەن؟ مەن ئاپىرىپ قويىمە دىدىڭ، ھە دىدىم. ماڭدۇققۇ؟ يەنە نىم نەگە دەپ كاللامنى ئىلەشتۈرىسە . ئاپىرە ئاپارغان يېرىڭگە -شۇنداق ئاچچىقىم كەلدىكى كاللامنى پېقىرتىپ قويۋەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم بۇ نىم ئىش بوپ كەتتى دەيمە.


 يىگىت ھە دەپ ھېلى ئۆزىگە سۆزلىسە، ھېلى تىلفۇنىغا قاراپ قوناق دەمدۇ ئىشقىلىپ بىرنىمىلەرنى دەپلا قاقشايتى.


 ماشىنا ئاۋات بىريەرگە كىلىپ توختىدى. يىگىت يۈك تاقىلىرىمنى ماشىنىغا قانداق چاققانلىق بىلەن باسقان بولسا شۇنداق ئىتتىكلىك بىلەن يەرگە چۈشۈردى.


 - ئاكا بۇيەر ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى خەلىقئارا چوڭ بازار . سىلى نەگە بېرىشنى بىلمىگەندىكىن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالسىلا قالغىنىغا ئۆزلىرى بىرەر ئىش قىلالا . كىرا پۇلى 50 سومنى بىرىۋەتسىلە. 


 -ۋوي ئۇكام ئىنساپ ھوي ئىنساپ ئۆزەڭ ئاپىرمەن دىدىڭ ھە دىدىم يەنە نىم پۇل بۇ ؟ - كۆزلىرىم چاچراپ چىكىتەي دەپ قالغان ئىدى .


- ئاكا كىرا پۇلى بۇ ، بىكارغا سىلنى ئاپىرىپ ئەكىلدىغان ئىش نەدە بار قارىسام بىكەتتە نەگە بېرىشنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇرۇپتىكەنلا شۇڭا ياردەم قىلىپ قويسام يەنە ئۆھتەملىك قىلىلىغۇ -يىگىت تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ سۆزلىگىلى تۇردى. ئەتراپتىكى كىشىلەر ماڭا بۆلەكچىلا قارىشاتتى . خىجىل بولۇپ پۇلنى بېرىپ بۇ جاۋىلداق يىگىتنىمۇ يولغا سالدىم. ئەمدى نىمىش قىلىمەن نەگە بارىمەن كاللامدا پۈتۈنلەي شۇ خىيال ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قاپتىمەن. بىر چاغدا چىكەمدىن ئاققان تەرنىڭ ئېقىپ چۈشۈپ كۆزلىرىمنى ئېچىشتۇرىشى ، قورسۇقۇمنىڭ بىتاقەتسىزلىك بىلەن كوركىرىشى يەنە مىنى ئىسىمگە كەلتۈردى. يەنە تۆت ئەتراپىمغا يىتىم قوزىدەك تەلمۈرۈشكە باشلىدىم، بۇ قېتىم كىمدىندۇر ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەمەس پەقەت مۇشۇ مۇساپىرلىق كوچىسىدا ئازتولا بولسىمۇ بىر نەرسە بىلەن قورساق ئەستەرلەش ئۈچۈن ئىدى. قارىسام يولنىڭ قارشىسىدا رەت رەت ئىسىل تاماقخانىلار تۇراتتى، ئەمما ئۆشنەمدىكى يوغان يۈك تاقام بىلەن ئالدىغا بىر قەدەم ماڭسام كەينىمگە تۆت قەدەم داجپ يولنىڭ قارشىسى ئەمەس 100 مىتىر ئالدىدىكى دەرەخ سايىسىگىمۇ بارالمىدىم.  باياشاتچىلىق "مەدەنىيەت " ئەۋج ئالغان تۇپراقتىن مىھىر مۇھەببەت كۆتۈرلۈپ كىتەمدۇ بىلمىدىم ھېچ كىشىنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق ئۇرۇپ سوقۇپ ئۆتسە ئۆتەتتىكى نېم بوغاندۇ ما ئادەم دەپ قاراپمۇ قويمايتى. قوللۇرۇمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئۇدۇلدىكى ئاشخانىغا قاراپ ھىلى ئورنۇمدا سەكرىسەم ھىلى توۋلاپ ئىشقىلىپ شۇلارنى چاقىرىشقا ئۇرىناتتىم. بۇ ھالىم 2 ياشلىق نەۋرەمنىڭ ئانىسىغا ئەكىلەپ كەمپۈت ئىلىپ يىگەندە قىلىدىغان قىلىقىدىن ھېچ پەرقسىز ئىدى. ھەر ھالدا يان تەرەپتىىكى ھارۋىدا سېتىۋاتقان قوناققا كۆزۈم چۈشتى، سۇدا پۇشۇرۇلغان بولغاشقىمۇ قوناقنىڭ ئانچە رەڭگى يوقلىقىغا باقماي خېلى كۆپ ئادەملەر ھارۋىنى ئوراپ قوناق يەپ تۇرشاتتى. بوپتۇ ھە يوقتىن ياخشى مۇشىنى بولسىمۇ يەپ قورساق ئەستەرلىگەش تۇراي دەپ قوناق سېتىۋاتقان بالىغا :


- بالام قونىقىڭدىن ئىككىنى ئالە -دىدىم.


 ئادەم جىق بولغاشقىمۇ نەچچە قېتىم دىسەممۇ ئۇ يىگىت يەنە باشقىلار بىلەن ئالدىراش ئىدى.


- ئا قوناقتىن ، بالام ئا قو قو ئا قوناق قوناق - ئادەم جىق بولغاچقا ئاۋازىمنى ئاڭلىمىغان چېغى دەپ تازا كۈچەپ توۋلاپتىمەن، باشقىنى بىلمىدىم. ھېلىقى يىگىت ماڭا قاراپ چالۋاقاپلا چۈشتى.


 - ئاكا ھوي ساراڭمۇ سەن يا ، نىم ئادەمنى تىللايسە پىشانەڭنى سىلىۋىتىپ گەپ قىلساڭ بولامىكى نىم گەپ قىممىسا ئەدەپ كۈپكۈندۈزدە ئادەم تىللايدا ماۋۇ - يېگىتنىڭ ئاغزىدىن تىل ھاقارەت يېغىپ كەتتى، ئەييۇھەنناس بۇ خەق يولدا ئادەمنى ئۈسسىۋەتسىمۇ مۆ دەپ قويمىغىنىغا قاراپ گاچىمىكى دىسەم مانىڭدەك ئادەم تىللايدىغان يەردە خېلى خېلى مەدداھلىمۇ قولىغا سۇ قويۇپ بىرەممىگۈدەك جۇمۇ .


قارىسام ھەممە ئادەم ماڭا نارازىلىق نەزىرى بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى، ھېلىقى يىگىتمۇ ماڭا قاراپ تىللاۋاتاتتى. تازا دىققەت قىلسام بۇ ئادەملەر ئاستا ئاستا ئولىشىپ چەمبەر بوپتۇ،  چەمبەرنىڭ مەركىزى مەن بىلەن ھېلىقى يىگىت . يارەسۇلۇللا بۇ نىم ئىش بوپكەتتى . ئەتتىگەن ياقى يوغان تاغانى ئاتىپ يول تاپامماي تەمتىلەپ يۈرسەم ھېچكىم قاراپمۇ قويمىغان خەق ئەمدىلىكتە بىر تال قوناق يەي دەپ قويسام ئوتتۇرىغا ئېلىشىپ بويونلىرىنى غازدەك سۇنۇشۇپ ماڭا قاراپ تۇرۇشۇپ كەتكىنىنى كۆرمەمدىغان .


 - ئۇكام نىم بولدى؟ كىمنى بۇنداق تىللاپ كەتتىڭ دەيمە؟ ئاچچىقىڭغا ھاي بەر بولدى. ماڭە بېرىپ قونۇقۇڭنى ساتە ماڭا ئوبدان ئۇكام -ياخشى كۆڭلۈم بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشىم يەنە بۇ سەپرا بالا ئەدەپ سۆزلەپلەپلا كەتتى.


 ياندىن كىمدۇر بىرى قولۇمدىن تارتىپلا ئادەملەر توپىدىن مىنى تارتىپ چىقاردى ۋە :


- ئاكا خاپوممىسىلا كىچىك ئەمەسمۇ، بىلمەي سىلىنى تىللاپ سالدى. يۈرسىلە بۇ يەردە تۇرماي ئا چەتكە كەتسىلە - دىدى چىرايدىدن قارىماققا خېلى ئوڭلۇق كۆرىنىدىغان بىر يىگت .


 - ئۇكام بۇ نىمىش بوپ كەتتى مەن بىلەممىدىم، سىلى خەققە ياخشى گەپ قىلسىمۇ ئادەم تىللامسىلە دەيمە .


- ئاكا قارىسام باشقا يەدىن كەلگەندەك تۇرىلا ، باياتىن بولغان ئىشلانى مەن ئىنىق كۆرۈپ تۇردۇم . سىلىگە دىسەم بىزنىڭ بۇ يەردە ...


 - ھە ئۇكام شۇ سىلنىڭ بۇ يەردە پۇلغا قوناق ئېلىپ يىسىمۇ باشقا يەرلىك دەپ ساتماي مۇشتا سازايى قىلىدىغان ئىش با ئوخشىمامدا - غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى .


 - ھا ھا ھا قىززىق گەپ قىلىدىكەنلا ئاكا ، ئۇنداق ئىش يوق . گەپ شۇ دەل مۇشۇ "قوناقتا " .


- نىم نىمىدە دىدىلە گەپ نىمىدە ؟


 - ئاكا سىلى بىلمەيلە ھازىر جەمئىيىتىمىزدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ قوناق دىگەن «مەتو ،بىلىمسىز ، نەزەردائىرىسى تار » دىگەندەك ئىشقىلىپ ھەرخىل ناچار مەنىلەردە كىشىلەرنىڭ بىر بىرىنى تىللايدىغان زاڭلىق قىلىدىغان سۆزىگە ئايلىنىپ قالدى . شۇ سىلى بۇ ئىشنى بىلمەي ئابايقى بالىنى تىللىغاندەك بوپ قالدىلا .


- خۇدايا توۋا توۋا بۇ نىم ئىش بوپ كىتىپ باردۇ ئۇكام . بىر بەلەن خۇدانىڭ نىممىتى بىلەن ئادەم تىللايدىغانمۇ ئىش بوپ كەتتىمۇ ئەمدى.


گىپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپ ئۇ گىپىمنى بۆلدى :


 - ئاكا بىزمۇ بىلمۇدۇق ، بەلكىم بۇمۇ جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجىدۇر . ئەمدى دىققەت قىلالا . مەن ماڭاي ئاكا ئالدىرايتىم ماقا ئەمسە خوش - يىگىت چىرايلىقچە خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.


 يىگىتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گىپى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. بەلكىم جەمئىيەتنىڭ ئىتىياجىدۇر .  راس بىز خەقنىڭ باھانىمىز كۆپ، باھايىمىز يوق. جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجى قالپىقى بىلەن نىمىلەرنى قىلمۇدۇق. ساۋادىمىز يوقنى كادىر قىلدۇق، ساپاسى يوقنى باشلامچى،  ئىسسىپ كەتتۇق جەمئىيەتكە ماسلاشتۇق ياۋروپا دەپ مانا يېرىم يالىڭاچ كوچىغا چىقتۇق . توڭلاپ قالدۇق مودىنىڭ ئىھتىياجى دەپ ھايۋانلارنى تىرىك سويۇپ تېرىسىنى كەيدۇق . ئىشقىلىپ ھەر ئىھتىياج. ھەر دوقمۇشتا بوينىمىزغا ئىكەك سالغىنى سالغان بولدى.  ئەمىليەتتە بىزگە ئىھتىياجلار ئازمۇ ؟ بىلىمگە ساپاغا سەۋىيەگە تالانت ئىگىلىرىگە مەرىپەتكە ئاددىيسى ئىنسانىي مىھىر مۇھەببەتكە ئىھتىياجلار قانماي تۇرۇپ تەتۈر مۇقامغا مايماق دەسسەشلىرىمىز ئىھتىياجلىنىپ كەتتى.


ئەمدى گەپكە كەلسەك ئەلمىساقتىن ئاش نان قىلىپ يەپ قوساق باققان شۇ جەننەتنىڭ ھوسولى چۆگىلەپ كىلىپ بىر بىرىمىزنى تىللاشقا ئىھتىياج بولىۋاتامدۇ . ھەر ۋاپالىق ھايۋانلىرىمىزنى چىشلەپ تاتىپ تىللىشىمىز . ۋۇ ئىشەك، ۋۇ ئىت، كالا دىيىشىپ قايسى بىرىمىز ھايۋانچىلىك ئەقلى، نومۇسى يوق ئادەملىرىمىزنى كۆرۈپ شۇلارنى چىشلەپ ياتىپ، ۋۇ ئادەم  ئەمەس دەپ تىللىيالىدۇقمۇ؟  ياق ! چۈنكى قەلبىمىزدە ئادەم ئەڭ ساپالىق . ئەمدى ئويلاڭ تۇزىنى يەپ، تۇزلىقىنى چاقىدىغان بىزدە يەنە ساپا بارمۇ ؟ تىلىمىزدىكى ئاتالمىش قوناق قوناقلىق يا مۇشۇ شۇمۇ . شۇ لارنى ئويلاپ ئولتۇرسام يانفۇنۇم سايرىدى :


- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باقى سەمەت سىلى بولاملا ؟


 - ھە ھە مەن شۇ مەن شۇ - سىلى نەدە يۈرىلا ، ئاپتۇزدىن چۈشۈپ سان ئالساق سىلى يوق،  يېنىپ بىكەتكە كەلسەكمۇ يوق بەك ئىزدەپ سىلىنى - بۇ گەپتىن ئۇنىڭ ناھىيە ھاكىمى قادىرجانلىقىنى پەملىدىمدە كۆڭلۈم يايراپ كەتتى . نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئەمدى بارار جايىم تېپىلاتتى .


 - ئۇكام شۇ ئۇخلاپ قوپسام سىلى يوق ئاندىن سىلىنى ئىزدەپ چوڭ بازارغا كىلىپ قالدىممۇ تاڭ؟


 - ما ئادەمنىڭ ئاشۇ تاپىنىنىڭ چاقى بامىدۇ دەيمە . ھە بولاپتۇ ئېزىپ قاممىغان بوسىلىلام.  ئەمسە جايىلىرىدا جىم تۇرۇپ تۇسىلا مەن ھازىر باراي . ھە راست يانلىرىدا بەلگە قىلىۋاغۇدەك نىمە باكەن ؟


- جىق ئويلىمايلا جاۋاپ بەدىم :


 - ھە بۇ يەدىما بىر قوناق ھارۋىسى ... ياق ياق "شاھ ئوردا " تاماقخانىسى باركەن.


 - ھە ئەمسە شۇ يەدە جىندەك تۇپ تۇسىلا مەن بىردەمدە بارىمەن . بۆلەك يانغا ماڭمىسىلا جۇما !!


- ماقۇل ماقۇل ئۇكام . - تىلفۇننى دەرھال قويدۇمدە يەنە شۇ بىلىپ بىلمەي قوناق دەپ سالغان ئاغزىمنى قولۇپ بىلەن چىڭ ئىتىپ كىمنىڭدۇر ئاڭلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تۆتتەرەپكە ئەنسىز قارىدىم . شۈكرى ھېچكىم ئاڭلىمىغاندەك قىلىدۇ .






537 قېتىم كۆرۈلدى Almiiira ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-31 22:03:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ