ئانامنىڭ كونا جىلىتكىسى ‏ - ھىكايە

ئانامنىڭ كونا جىلىتكىسى ‏

 

‏ ئەيسا (ئويغاق) ‏

 

 دۇنياغا ئىنسان بالىسى بولۇپ تۇغۇلغىنىمدىن شۇنداقلا بىر ئۇيغۇر بالىسى بولۇپ تۇغۇلغانلىقىمدىن ناھايتى پەخىرلىنىمەن.چۈنكى مىھرىبان ئانام ماڭا بىر ئىنساننىڭ ،يەنە كىلىپ بىر ئۇيغۇرنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى، قانداق ياشايدىغانلىقىنى ،ھاياتنىڭ ھەقىقى قىممىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، قانداق ياشاش كىرەكلىكىنى ،كىچىكىمدىن تارتىپ ماڭا ئۈگىتىپ كەلدى. ھەمدە شۇ يولدا تەربىيلىدى. ئۇيغۇر ئانىلىرىمىزنىڭ جاسارىتىدىن ۋە قۇربانلىق بىرىش روھىدىن مەن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى بۇ خىل ئۇيغۇر ئانىللىرىمىزنىڭ بالىسىغا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە قۇربانلىق بىرىش روھى بىزنىڭ ئانىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىغا بولغان قان - قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ئۇلۇغ مۇھەببىتى بولسا كىرەك‏.

 كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دائىم ئانامغا ئەركىلەپ جىلىتكىسىنىڭ يانچۇقىنى ئاقتۇراتتىم. چۈنكى ھەر قېتىم ئاقتۇرغىنىمدا قولۇمغا كەمپۈت ، ناۋات ، ھەرخىل يەل - يىمىشلەر چىقاتتى. مەن بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن ئىدىم. كۈز كۈنلىرى ئانام ئېتىزغا كەتسە چۈشلەردە كېلەتتى. مەن ئانامنىڭ يولىغا تولا قاراپ ھېرىپ قالاتتىم، گاھىدا ئېتىزغا ماڭىدىغان ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى يولدا ئانامنىڭ كىلىشنى ساقلاپ تامغا يۆلىنىپ ئۇخلاپمۇ قالاتتىم. ئانام كىلىشىگە ئەركىلەپ ئالدىغا بىرىپ ئانامنىڭ جىلەتكىسنىڭ يانچۇقىغا قولۇمنى سالاتتىم. بەزىدە ئەتتىگەندە ئانامنىڭ ئېتىزغا ماڭغىنىنى تۇيۇپ قالسام يىغلاپ تۇرۋىلىپ ئەگىشىپ باراتتىم. ئانام ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بولسا مەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانغاچ گاھى كىپىنەكلەر بىلەن قوغلىشىپ ئوينىسام، گاھى كىچىك كۆلچەكلەرگە يىغلىپ قالغان بىلىجانلارنى تۇتۇپ ئوينايتتىم. ئويناپ ھېرىپ قالغىنىمدا ئانام جىلىتكىسىنى ئۈستىمگە يىپىپ ئۇخلىتىپ قوياتتى. ئېتىزدىن يانىدىغان ۋاقىتتا ھېرىپ كەتسەم ئانام بىر قولىدا ئوت بار تاغارنى، يەنە بىر قولىدا مىنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. چۈنكى مەن كىچىك بولغاچقا ئانامنى ئىنتايىن كۈچلىك دەپ ئويلايتىم شۇڭلاچقا دايىم كۈتۈر دەپ ئەركىلەيتىم .

كىيىن مەكتەپكە كىرگىدەك بولدۇم. مەكتەپكە ماڭغىنىمدا ئانامنىڭ ھىلىقى جىلىتكىسنىڭ يانچۇقىدىن بىر ئىككى مولۇق پۇللار چىقىدىغان بولدى. مەن ھەر كۈنى ئۇ جىلىتكىنى بىر ئاقتۇرۋىتىپ ماڭىدىغان بولدۇم. چۈنكى ئۇ ئالىقاچان ماڭا ئادەت بۇلۇپ كەتكەن ئىش ئىدى.

 كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ تولۇقسىزغىمۇ چىقتىم. مەن يەنىلا ئۇ جىلىتكىگە دائىم قول سېلىپ ماڭاتتىم ،بارا-بارا ئۇ جىلىتكىدىن نەچچە ئون يۈەن پۇللار چىقىدىغان بولدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئانام ماڭا بىرىدىغان پۇلنى شۇ جىلىتكىسنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قوياتتى. ئۇ جىلىتكىنى كۆرسەم بايلىق ئىلاھىنى كۆرىگەندەك خۇشال بۇلۇپ كىتەتتىم.چۈنكى ھەر قېتىم قولۇمنى سالغاندا ئۇ جىلىتكىدىن ھىچ قاچان قولۇم قۇرۇق چىقىپ باقمىغان ئىدى.

 يىشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ،ئۇ جىلىتكىنىڭ يانچۇقىدىن نەچچە يۈز يۈەنلەر چىقىدىغان بولدى. تا ھازىرغىچە نەچچە يۈز ياق نەچچە مىڭ قېتىملاپ ئۇ كونا جىلىتكىنىڭ يانچۇقىغا قولۇمنى سالغىنىمنى بىلمەيمەن. ھەم ئۇ كونا جىلىتكە قۇلۇمنى بىرەر قېتىممۇ قۇرۇق چىقارىمايتى.

ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ بولۇپ تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ شەھەردە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ئالي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ،مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزىمنى ئىلىپ خۇشاللىقىمدا ئۆيگە قايتتىم .كۆيگە كىلىپ قارىسام ئانام ئۇ كونا جىلىتكىنى يەنە كىيىۋاپتۇ. ئۇنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىدىن رەڭگى ئۆچۈپ ئىككى - ئۈچ يىرىگە ياماقمۇ چۈشۈپ قالغان ئىدى. لىكىن ئانام ئۇنى يەنىلا كىيىۋالاتتى. مەن نەچچە قېتىم ئانامغا باشقا جىلىتكە ئىلىپ بىرەي دىسەم باشقا كىيمىلىرىم جىق دەپ ئۇنمايتى. ئەمىليەتتە ئانامنىڭ ئارانلار نەچچە قۇر كىيىملار بار ئىدى.مەن ئويلاپ باقسام ئانام ھەرقېتىم يىڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىدىغان ۋاقىتتا ماڭا يىڭى كىيىم ئىلىپ بىرەتتى، لىكىن ئۆزىگە ھىچنىمە ئالغىلى ئۇنمايتى .ھەم بىرەر قېتىم يېڭى كىيىم ئالغىننى ئەسلەي دەپمۇ ئەسلىيەلمىدىم. ئانامنىڭ ئۇ نەچچە قۇر كىيىملىرى ماڭا تۇنۇش ئىدى. شۇ بىر كونا جىلىتكىسنى ئون نەچچە يىلدىن بىرى كىيىپ كىلىۋاتاتتى.

 ئانام بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولۇپ ھېرىپ كىتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ، ئويغانسام ئانام ھىلىقى كونا جىلىتكىسنى مىنىڭ ئۈستۈمگە يىپىپ قويۇپتۇ . ئۇ كونا جىلىتكىنىڭ مىھرى ھەقىقەتەن ئىسسىق ئىدى .چۈنكى مەن بوۋاق ۋاقتىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۇنى يىپىنچاقلاپ كەلگەن ئىدىم.ئۇنىڭدىن ئانامنىڭ خۇش ھىدى دىمىقىمغا ئۇرىلاتتى. دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ خۇش پۇرىقى ،ئانامنىڭ ئۇ كونا جىلىتكىسىدىكى خۇش پۇراققا يەتمىسە كىرەك. مەن كىچىك ۋاقتىمدىكىدەك ئۇ جىلىتكىنىڭ يانچۇقىغا قولۇمنى سالدىم .قولۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلىدى. ئېلىپ قارىسام مىنىڭ بوۋاق ۋاقتىمدىكى رەسىمىم ئىكەن. كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۆكىلدى ، ئانامغا بولغان مۇھەببىتىم قايتا ئۇچقۇنداپ يانغاندەك بولۇپ كەتتى .ئۇ كونا جىلىتكىنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتتىم .بىر ھازادىن كىيىن ئانامنىڭ يىقىملىق ئاۋازى بىلەن مىنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن، ئۇ كونا جىلىتكىگە ھەر قېتىم قولۇمنى سالسام قۇرۇق قويمايدىغان مېھىرى قۇدۇق يانچۇقىنىڭ جاۋابىغا تۇنجى قېتىم ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى سلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم .





758 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 14:40:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-17 10:54:55 arkenay
Bu Ekaya. Tastemakers. Val yahxi yezeleptu. Man. Bak taserlandem
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ