كېچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈ 1 - قىسىم

كېچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈ

 

1 - قىسىم

 

شوپۇرنىڭ ‹‹ يەنە بىر سائەتتىن كىيىن ئۈرۈمچى شەھرىگە كىرىمىز ›› دىگەن گېپى بىلەن تەڭ مەلىكەمنىڭ ھاياجانلىق ھېسياتى جىددىلىشىش كەيپىياتىغا ئۆزگەردى . ‹‹ ئۈرۈمچى !!! توۋا مەن يەنە بىر سائەتتىن كىيىن ئۈرۈمچىگە بارىمەن ، چۈشلۈرۈمدە ، تېلىۋۇزۇردىن كۆرگەن ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىنى نەچچە قېتىم ئايلانغان ئىدىم ، ئەمدى راسلا 5 يىل ئايلىنىمەن گۈزەل باغچىلارنى ئايلىنىمەن ، نۇرغۇن دوس تۇتىمەن . ھە راس سەردار ئاكامنى تونىيالامەنمۇ ؟ بىر بىرىمىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى ، يا سەمەت دادام بىللە چىقامۇ بېكەتكە ؟؟؟ ››.

ئاپتۇۋۇزدىكىلەرنىڭ ‹‹ ئاخىرى تۈگىدى بۇ ئۇزاق يول ›› دىگەن گەپلىرى مەلىكەمنى تاتلىق خىيال قوينىدىن تارتىپ چىقاردى . قىزمۇ دەرھال نەرسىلىرىنى سومكىلىرىغا سېلىپ ، ئاياقلىرىنى كىيىپ ئاپتوۋۇزدىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلدى . ماشىنا شەھەر ئىچىگە كىرگەندە مەلىكەم ماشىنا ئەينىكىدىن سىرىتقا قىزىقىش بىلەن قارىدى ، ئىگىز – ئىگىز سېلىنىپ كەتكەن بىنالار ، يوللاردىكى قاتار – قاتار بولۇپ مېڭىۋاتقان ماشىنىلار ، خىلمۇ – خىل كىيىنگەن ، ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش مېڭىۋاتقان ئادەملەر يىراق سەھرادىن كەلگەن بۇ قىزنى تولىمۇ – تولىمۇ ھەيران قالدۇردى ، بولۇپمۇ كوچىلاردا سەلدەك ئېقىۋاتقان ئادەم توپىغا قاراپ قىزچاقنى قورقۇنۇچ باسقاندەك بولدى . ‹‹ ئەگەر سەمەت داداملار كەلمىگەن بولسا قانداق قىلامەن ؟ ›› قىز گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى يېنىككىنە چىشلىدىيۇ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى .يول ئازاۋى ھەم قۇرۇق نانلا يەپ ئۆتكۈزگەن بۇ سەپەردە قىزنىڭ ناۋاترەڭ چىرايى تاتىرىپ ، پۇت – قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنتى .ماشىنا ئاستا ئىغاڭشىپ بىكەتكە كىرىپ كەلدى . ماشىنا كېلىشى ماشىنا يېنىغا ‹‹ گۈررىدە ›› ئادەم ئولاشتى . قىز ماشىندىن چۈشكىچە دېرىزىدىن ئۆزىگە تونۇش بولغان بىر سىمانى ئىزدىدى.......تولىمۇ ئەپسۇس قىزنىڭ خىيالىدىكى ئۇ سىما كۆرۈنمىدى ، قىزنى ئەمدى راسلا يىغا باستى ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى ، ‹‹ ھەي ئانام ئەنسىرمە ئاكام ئالدىڭغا چىقىدۇ ، دىمىگەن بولسا باشقا بالىلار بىلەن بىللە ماڭماسمىدىم ، ›› دەپ ئانىسىدىن رەنجىشكە باشلىدى . ئېغىر چامىدىننى سۆرەپ قاياققا مېڭىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى . ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەنلەرنى ئالدىغا چىققانلار ئۇيان – بۇيانغا ئېلىپ مېڭىپ قىزچاقلا يالغۇز قالغانتى .
‹‹ سىز مەلىكەممۇ ؟ ›› قىز ئىتتىك كەينىگە قارىدى ، ئىگىز بويلۇق ، قامەتلىك بىر گەۋدە قىزنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى ، قىز خۇددى قۇتقازغۇچىسىغا ئۇچۇرغاندەك ئۇنىڭغا قاراپ خوشاللىق بىلەن ‹‹ سەن سەن سەردار ئاكاممۇ ؟››
- ھەئە
قىز بوغۇزىغا كېپ قالغان يىغىسىنى ئاران تەستە بېسىۋالدى .
- تېچ ئامان كەلگەنسىز ؟
جاراڭلىق ئەمما ھىچقانداق ئىنكاسسىز بۇ ئاۋازدىن قىزنىڭ خوشاللىقى بىردەمدە يوقالدى .
-ھەئە ياخشى . دىدى بوشقىنە .
- ماشىنىغا چىقايلى . دىدى يىگىت قىزنى باشتىن – ئايىغىغا بىر خىل نەزەردە قارىۋىتىپ . ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن مەلىكەمنىڭ ئىچىگە يۈتۈۋەتكەن يىغىسى بوغۇزىغىلا كەپلىشىپ قالدى .
قىز يۈك – تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ يىگىتنىڭ كەينىدىن ئاران – ئاران يېتىشىپ ماڭدى ،‹‹ ھالىنى ›› دەپ ئويلىدى قىز يىگىتنىڭ كەينىدىن يىگىتكە غەزەپ بىلەن چەكچىيىپ ‹‹ ھىچ بولمىغاندا چامىدانىمنى بولسىمۇ كۆتۈرۋالسا بولمامدۇ ؟ رازىيەنىڭ دىگىنى توغرىكەن ۋاي ئاداش مىڭ يېقىن تۇققىنىڭ بولسىمۇ ئۈرۈمچىلىك دىگەن ئۈرۈمچىلىككەن دەۋاتقان ›› دىدى ئۆزىگە غودۇڭشۇپ .
يىگىت نېرىراقتىكى ئىگىز كەلگەن قارا رەڭلىك ئېسىل بىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ كەينىگە قارىدى دە قىزنىڭ ئۆزىدىن خېلىلا يىراقتا قالغانلىقىنى كۆردى .
-تېزرەك بولۇڭ ، دىدى بىزارلىق بىلەن قىزغا قاراپ . قىز پالاقشىپ ماشىنا يىنىغا كەلدى . سەردار ماشىنىنىڭ كەينىنى ئېچىپ قىزنىڭ قولىدىكى ئېغىر چامىداننى ئالدى .
-ۋاي – ۋۇي ئۆيىڭىزدىكى ھەممە نەرسىنى يۆتكەپ كەلدىڭىزمۇ نىمە نىمانداق ئېغىر ؟ دىدى كوتۇلداپ .
بۇ گەپ بىلەن ئەزەلدىن ئاغزىغا كەلگەننى دەپ كۆنۈپ قالغان مەلىكەم ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالمىدى
-ھە ئېلىپ كەلدىم ، مېنىڭ ئۆيۈم قالدى جايىدا ، بۇ يەردە مېنىڭ ئۆيۈم يوق ، ئەجەپ سىز – سىز دەپ كەتتىڭ ، تېخى چامىدانلىرىمنى كۆتۈرشۈپ بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ،ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققىدەك ئەھۋالمۇ سورىمىدۇڭ ، ياكى ئۈستى – بېشىمغا قاراپ ماشىنامنى بېزەپ قىلۋىتەمۇ دەپ ئەنسىردىڭمۇ ؟ دەپلا يىغلىۋەتتى .
قىزنىڭ بۇنداق دىيىشى خىيالىغىمۇ كەلمىگەن يىگىت ھاڭۋىقىپ قىزغا قاراپلا قالدى .
-ۋاي توۋا ۋاي توۋا نىمە بولدىڭىز ، ئالدىڭىزغا چىقتىمغۇ مانا ، قانداق قىلسام بولاتتى ئەمدى بۇنىڭدىن باشقا .....
بۇ گەپ بىلەن قىزنىڭ يىغىسى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى ، بۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلەر بىر قىزغا بىر يىگىتكە قارايتى بۇنىڭدىن ئوڭايسىزلانغان سەردار ماشىنىنىڭ كەينىنى زېلىم بىلەن ياپتى ۋە قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ ماشىنىغا چىقىرىپ ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدى .
ماشىنا ھەيدەۋاتقان سەردار ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىدىن مىشىلداپ يىغلاۋاتقان مەلىكەمگە قاراپ ئاچچىق بىلەن ھومۇيۇپ قويدى . مەلىكەم كېلىشكە شۇنچە ئارزۇ قىلغان بۇ شەھەرگە كېلىپ بۇنچىلىك غېرىپسىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .
مەلىكەمنىڭ تاغىسى ئۈرۈمچىدە يېزا – ئىگىلىك ئۈنۋىرستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ سەردار كىچىك ۋاقتىدا ئائىلە بويىنچە يۇرۇتلارغا پات – پات بېرىپ تۇراتتى ، لېكىن بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە سەردارنىڭ ئانىسى رابىيە خانىم كېلىشمەسلىككە ئۇچىراپ ئىككىلى پۇتى سۇنۇپ كەتتى شۇنىڭدىن كىيىن رابىيە خانىمنىڭ ئولتۇرۇپ – قوپۇشى ، يول مېڭىشى ئەپسىز بولۇپ قالدى ، بۇ ھادىسە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىك بولىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتىمۇ قانداق رابىيە خانىم قايتا ھامىلدارمۇ بولمىدى . يۇرىتلارغىمۇ بارالماي سەمەت مۇئەللىم ئۆزىلا تۇققانلارنى يوقلاپ تۇرغان ، شۇڭا سەردارمۇ ، مەلىكەممۇ بىر – بىرىنىڭ چوڭ بولغان ھالىتىنى بىلىشمەيتى . كىچىكىدىمۇ بۇ ئىككىسى تولا سوقۇشۇپ قالاتتى ، سەمەت مۇئەللىملەر سەردارنى سەن چوڭ بولغاندىكىن سىڭلىڭغا يول قوي دەيتى ،لېكىن بىر بالا دەپ ئارزۇلاپ باققان سەردار پەقەت يول قويمايتى .چوڭلار بۇلارنى چۈجە – خورازلا دەپ ئاتاپ قوياتتى .
سەردارنىڭ ماشىنىنىڭ كۆپلىكىدىن توسۇلۇپ كەتكەن يولغا قاراپ ئىچى سىقىلدىمۇ ياكى مەلىكەمنىڭ مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇرغىنىغا ئىچى سىقىلدىمۇ مۇزىكا قويدى . تۇيۇقسى قويۇلغان مۇزىكىدىن چۆچۈپ كەتكەن مەلىكەم سەردارغا ئالىيىپ قاراپ قويدى .ئۆيگە بارىدىغان يول مەلىكەمگە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىنمۇ بەكرەك ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتتى .
-مانا سىز ئوقۇيدىغان مەكتەپ . دىدى سەردار جىمجىتلىقنى بۇزۇپ .
-ھە مۇشۇمۇ ؟دىدى مەلىكەم ‹‹ يىزا – ئىگىلىك ئۇنۋىرستىتى ›› دەپ يېزىلغان ۋىۋىسكىغا قاراپ يۈرۈكى ھاياجاندا قازاندەك ئېسىلدى .
-ھەئە مەكتەپ بەك چوڭ ، بەك چىرايلىق خۇددى باغچىغىلا ئوخشايدۇ .دىدى سەردار .
-سىلەنىڭ ئۆيگە بۇنداق كىرمەمدۇق ؟
-كەينى ئىشىكتىن كىرىمىز
ماشىنا ئايلىنىپ بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى ، سەمەت مۇئەللىم بىنا ئالدىدا ئۇلارنىڭ يولىغا قاراپ تۇراتتى .
مەلىكەم ماشىندىن چۈشۈپلا سەمەت مۇئەللىمگە ئۆزىنى ئاتتى دە پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى .
-يىغلىما قىزىم يىغلىما نىمىگە يىغلايسەن تېچ – ئامان كەلدىڭمۇ ؟ ئاناڭ – داداڭ ساق تۇردىمۇ ؟ يۇرىت ئىچىچۇ ؟
-تېچلىق تېچلىق ھەممەيلەن سالام ئېيىتتى دىدى قىز ئېسەدەپ .
-ماڭ قىزىم ئۆيگە چىقايلى
-چامىدانىمنى ئېلىۋالاي
-ئاھھھھھ بولدى ماڭ چامىداننى سەردار ئەكىرىدۇ دىدى سەمەت مۇئەللىم مەلىكەمنى ئۆي تەرەپكە تارتىپ .
-جاپا تارتىدىغان بولدۇڭ ، ھەممە نەرسە قاچىلاقلىق ئېغىر چامىداننى كۆتۈرۈپ . دىدى مەلىكەم سەردارغا قاراپ ھەييارلىق بىلەن .
سەردار ئاچچىق بىلەن قىزغا قارىدىيۇ دادىسىدىن ئەيمىنىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى . ‹‹ ئالۋاستى ، كىچىكىڭدىمۇ بىر مىقىتىڭ ، ئىچىمنى سىقىدىغان نەدىن پەيدا بولغانسەن ›› دەپ ئويلىدى ئىچىدە .
سەمەت مۇئەللىمنىڭ ئۆيى بىرىنجى قەۋەتتىلا بولۇپ ئۆيلەر ئاق رەڭلىك بېزەلگەن ، ئۆيگە كىرگەندىلا ئادەمگە شۇنچىلىك كەڭ، ئازادە ، يېقىملىق تۇيغۇ بېرەتتى .
ئۆيدە كۈتۈپ تۇرغان رابىيە خانىممۇ مەلىكەمنى كۆز يېشى قىلىپ قارشى ئالدى . رابىيە خانىم ئەزەلدىنلا ئۆزىنى ئاسىراپ تۇردىغان ، گۈزەللىككە ئىتىبار بېرىدىغان ئاياللار تىپىدىن بولغاچقا ، مېڭىشتە قىينالغىنى بىلەن چىراي – تۇرۇقى شۇنچىلىك چىرايلىق ، نۇرلۇق تۇرغان بولۇپ پۈتۈن سىياقىدىن بىر خىل ئاياللىق لاتاپەت تۆكۈلۈپلا تۇراتتى . مەلىكەم سەردارنىڭ سوغ مۇئامىلسىدىن بۇ شەھەرگە كەلگىنىگە قانچىلىك تېز پۇشايمان قىلغان بولسا ، تاغىسى ۋە رابىيە خانىمنىڭ مۇئامىلسىدىن كۆڭلىدىكى ئەندىشە ، خاپىلىق ۋە قورۇنۇش شۇنچە تېز تاراپ كەتتى .
ئاچچىق – چۈچۈك ئېتىلگەن سۇيۇقئاشنى ئىچىپ مەلىكەمنىڭ پۇتىغا جان كىرىپ ،مەڭزىلىرىگە قىزىللىق يۈگەردى .
-قىزىم ئەمدى يۇيۇنۇپ تازا قېنىپ بىر ئۇخلىۋال ھە
دىدى سەمەت مۇئەللىم قىزنىڭ ھارغىن چىرايىغا قاراپ .
‹يۇيۇنۇپ › دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ قىزنىڭ يۈزلىرى ئاناردەك قىزىرىپ كەتتى .
-بولدى ،بولدى ...لا دىيەلىدى قىز ھودۇقۇپ .
-تارتىنماڭ قىزىم ، يول ئازاۋى يامان يۇيۇنۇپ ئاندىن ئارام ئالسىڭىز ھاردۇقىڭىز ئاندىن چىقىدۇ .جۈرۈڭ قىزىم دىدى رابىيە مىھرىبانلىق بىلەن قىزنى يىتىلەپ .
راھەتلىنىپ يۇيۇنغان قىزنىڭ مۇنچىدىن چىقىشى سەردارغا دوقۇرشۇپ قالدى . ھەر ئىككەيلەن خۇددى رەقىپلەردەك بىر – بىرىگە ھومۇيشۇپ ئۆتۈشۈپ كەتتى .مەلىكەمنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئورلتۇرغان سەمەت مۇئەللىم بىلەن رابىيە خانىم ئۇنى يېنىغا چاقىردى . مەلىكەم قورۇنۇپقىنا رابىيە خانىمنىڭ يېنىدا ئولتۇردى .
-سەردار سەنمۇ چىق . دەپ چاقىردى سەمەت مۇئەللىم . ‹نىمە قىلۋاتقاندۇ ئۆيگە بىكىنىۋىلىپ › دىدى غودۇڭشۇپ .
سەردار چىققاندىن كىيىن سەمەت مۇئەللىم گېلىنى بىر قىرىۋىتىپ گەپ باشلىدى .
-قىزىم ئەتە سەردار سېنى مەكتەپكە ئېچىقىپ تىزىملىتىپ كىرىدۇ . ئەتىدىن باشلاپ ئوقۇش ھاياتىڭ باشلىنىدۇ ، بىز رابىيە بىلەن سېنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرماي مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئوقۇشۇڭنى مەسلىھەتلەشتۇق ، بىز تۇرۇپ ياتاقتا يېتىپ يۈرسەڭمۇ سەت تۇرىدۇ ، مەكتەپتىكىلەر بىلەن مەن دىيىشتىم ئۇلارمۇ رابىيەنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ناھايىتى تەستە قوشلدى . سېنى ھەقچان قوشۇلىدۇ دەپ ئويلاپ سېنىڭ پىكىرىڭنى ئالمايلا بۇ قارارنى بېرىپ قالدۇق . دىدى دە ‹ قانداق قارايسەن › دىگەن مەنادا مەلىكەمگە تىكىلدى .
ئۆي دىگەن ياخشىدە ، مەلىكەم بۇ قاراردىن خوش بولغان بولسىمۇ يادىغا سەردارنىڭ تۇنجى كۆرۈشكەندىلا ئۆزىگە بىر خىل مەڭسىتمەسلىك بىلەن قارىغان تۇرىقى كېلىشى بىلەنلا بۇ ئۆيدە تۇرۇشقا كۆڭلى تاتمايۋاتاتتى .
-ۋاي دادا ، نىمە گەپ بۇ ئوقۇشقا كەلگەن ئادەم ئوقۇشقا كەلگەندەك ئوقۇمامدۇ ؟ سىلە نىمە دەپ ئۆز ئالدىڭلىغا بۇنداق قارار چىقىرسىلە ؟
دىدى سەردار ئوتتۇردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ .بۇ گەپ بىلەن مەلىكەم ئاچچىقى بىلەن قارىغان كۆزلىرى سەردارنىڭ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى .سەردارنىڭ كۆزىدىكى ئاچچىق ، خالىماسلىقنى كۆرگەن مەلىكەمنىڭ كاللىسىغا ‹خەپ كۆزۈڭگە مىخ بولۇپ ئۆتمىسەم › دىگەخىيال كەلدى دە
-بولىدۇ سەمەت دادا مەن قوشۇلدۇم . دىگەن جاۋاپنى بېرىۋەتتى .
قىزنىڭ بۇ قارارى سەمەت مۇئەللىم بىلەن رابىيە خانىمنى قانچە خوش قىلۋەتكەن بولسا ، سەردارنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ بىسەرەمجان قىلىپ قىزنى چايناپ پۈركىۋەتكىسى كېپ كەتتى .
رابىيە خانىم قىزغا ئالاھىدە تەييارلاپ قويغان ياتاق ئۆيىگە باشلىدى ، ئۆي شۇنچىلىك رەتلىك ، ئازادە بېزەلگەن ئىدىكى قىز خوشاللىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى .
-ئەمدى ئارام ئېلىۋىلىڭ قىزىم ، چارچىدىڭىز . دەپ رابىيە خانىم چىقىپ كەتتى .
مەلىكەم چامىدانىنى ئەكىرىش ئۈچۈن ياتىقىدىن چىقپلا ئۆز ياتاق ئۆينىڭ ئۇدىلىدىكى ياتاقنىڭ ئىشىكىدە قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇرغان سەردارنى كۆردى .
-ھە كۈل قىز ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتىڭىز ؟بۇ ئامەتلەردىن ئايلىنىپ كەتمەڭ يانا ؟
قىز ئۇنىڭغا گەپ – سۆز قىلمايلا چامىدانلىرىنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى .
كارۋاتتا سوزۇلۇپ ياتقان مەلىكەم ئويلىمىغان يەردىن كىچىكىدىن تارتىپ ئارزۇ قىلىدىغان ئۆزىگە تەۋە مۇشۇنداق كىچىككىنە بىر ئورۇننغا ئېرىشكىنىدىن ئالەمچە خوشاللىققا چۆمگەن بولسىمۇ لېكىن يادىغا سەردار كېلىشى بىلەنلا سەردارنىڭ ئۆزىگە نىمىشقا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپمۇ يېتەلمىدى .
شۇ تۇرقىدا سەردارمۇ سەمەت مۇئەللىم بىلەن رابىيە خانىمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئۇلار بىلەن زۇكۇنلىشىۋاتاتتى .
-سىلەر قانداق قىلساڭلارمۇ مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز توي قىلمايمەن .
-بوشراق گەپ قىل ئۇ ئاڭلاپ قالمىسۇن دىدى رابىيە خانىم ئوغلىنى جىملەپ – سېنى ھازىرلا توي قىل دىدىقمۇ ، قارا ئۇ قىزنىڭ نەرى يارىمىدى ساڭا شۇنداق ساددا .....
-ئايييييي قويە ئۇ ساددىلىقنى ، ئادەمنىڭ كۆڭلى بىلەن ھىساۋلاشمامسىلە سىلە ؟ قېنى سىلەرنىڭ ئۇزۇن يىل مائارىپچى بولغۇنىڭلا ؟ خۇددى بۇرۇنقى يىللاردىكى قارا قوساقلادەكلا ئىش قىلىپ يۈردىكەنسىلە .
-مەلىكەمنى بۇ ئۆيدە تۇرغۇزىشىمىز ئۇ سەۋەپتىن ئەمەس ، ئۇ دىگەن سىڭلىمنىڭ قىزى ، بىزنىڭ ئۆي باشقا يەردە بولسىغۇ ئۇ باشقا گەپ ئىدى مەكتەپ بىلەن بىر يەردە تۇرسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاناڭ بۇنداق تۇرسا سەنمۇ ئۆيدە كۆپ تۇرمايسەن تىجارىتىڭ بىلەن ، ئاناڭغا ھەمرا بولسۇن دىدۇق .
-ۋاي دادا ئۇ ئوقۇمدۇ ئانامغا ھەمرا بولامدۇ ؟
-سەن نىمىگە ئاچچىقلىنىسە ؟ ئەگەر مەلىكەمگە ئۇنداق – بۇنداق دەپ كۆڭلىگە ئازار بولدىغان ئىشنى قىلساڭ مەن سەندىن رەنجىپ قالىمەن جۇمۇ
-كىمنىڭ چولىسىكەن ئۇنىڭغا گەپ قىلدىغان .
-ۋاي بالام نىمانداق گەپ قىلىسەن . دىدى رابىيە سەردارغا ئاچچىقلاپ
-ئۇ دىگەن بىر نەۋرە سىڭلىڭغۇ ؟ ھازىرلار ئال دىدىقمۇ ساڭا ، قېنى چۈشۈنىشىپ باقمامسىلە ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى .....
-ۋاي ۋۇيييييييي سىلەگە قانچە قېتىم دىسەم چۈشىنەسىلەر ھە .
سەردار ئاچچىقلىغىنىچە – بۇنداق ئىش مۇمكىن ئەمەس ، ماقۇل سىلەنىڭ گېپىڭلارچە ئۇنى نەۋرە سىڭلىم دەپلا تۇراي ، لېكىن باشقا ئىشتىن ئۈمۈت كۈتمەڭلار .
-ماقۇل ، ماقۇل سېنىڭمۇ ئويلىغىنىڭ باردۇ ، قالغىننى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ ، بولىدۇ ساڭا بۇ گەپنى ئەمدى دىمەيلى . دىدى سەمەت مۇئەللىم رابىيەگە كۆز يۇمۇشلاپ .
سەردار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن سەمەت مۇئەللىم رابىيەگە
-مەلىكەم يەنە 5 يىل بار ، سەردارغا بېسىم قىپ قويمايلى ئۇمۇ ۋاقىت ئۆتكەنچە چۈشۈنۈپ قالا . دىدى
رابىيە ھادىسىگە ئۇچىراپ ئاجىزلاپ قالغاندىن كىيىن مەلىكەمنىڭ ئوقۇشى پۈتسىلا ئالىي مەكتەپكە ئۆتسۈن – ئۆتمۈسۇن سەردار بىلەن تويىنى قىلىپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى .مىڭ قىلمىسا ئۇرۇق – تۇققان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساددا ، رابىيەنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ ؟
لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئاتا – ئانىسىنىڭ گېپىنى يېرمايدىغان سەردار بۇ ئىشقا قەتئى قوشۇلمىدى ، مەلىكەممۇ ياخشى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغانلىقتىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدى . بۇ ئىش رابىيە خانىملارنى خوش قىلغان بولسا ، سەردارنىڭ ئوغۇسىنى قاينىتىۋەتتى . شۇڭا سەردار مەلىكەمگە شۇنداق قوپال مۇئامىلىدە بولغان ئىدى .
مەلىكەم قايناق ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم بېسىپ كەتتى. ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن سىناق ئىمتىھان ئېلىنىدى ، مەلىكەم سىنىپ بويىنچە بىرىنجى بولدى شۇنىڭ بىلەن ئۇنى سىنىپنىڭ ئۈگۈنۈش ھەيئىتى قىلىپ سايلىدى . گەرچە ئۇ باشقا قىزلارغا ئوخشاش گۈزەل ياتاق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن يۇرىت – يۇرىتتىن كەلگەن قىز – ئوغۇللار بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ، ئۆزىنىڭ خۇشپىئىل مىجەزى ، جانلىقلىقى ، ۋەزىنلىك سۆز قابىلىيىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قوللىشىغا ئىرىشتى .تېخى پارتىدىشى بولغان ئۈرۈمچىلىك قىز نەفىسە بىلەن يېقىن دوسلاردىنمۇ بوپ قالدى .مەلىكەن كەلگەندىن بېرى رابىيە خانىم ئۆيدە بىكالا بوپ قالدى ، ئايىغى يېنىك ، ئىشقا پىشقان بۇ چىۋەر قىز قولىنىڭ ئەپچىللىكى ، چاققانلىقى بىلەن رابىيە خانىم بىلەن سەمەت مۇئەللىمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپلىۋالدى ، رابىيە خانىم بىلەن سەمەت مۇئەللىم ئۇنىڭدىن شۇنداق سۆيۈندىكى ئاغزىدىن قىزىم –قىزىم دىگەن گەپ زادىلا چۈشمەيتى . قىز پەقەت سەردار بولمىسىلا بۇ ئۆيدە خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندەكلا ھىس قىلاتتى .ھېلىمۇ ياخشى سەردار شىركىتىنىڭ ئىشى بىلەن تولا ئىچكىرلەرگە ۋە خوشنا شەھەرلەرگە كېتىپ ئۆيدە تۇرىدىغان ۋاقتىمۇ ناھايىتى ئاز بولدى .
گۈزەللىكنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان رابىيە خانىم مەلىكەمنى بازارغا ئاچىقىپ ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنىڭغا 3-4 قۇر كىيىم سېتىۋالدى .
-سىز ھەرگىز گىرىم قىلماڭ قىزىم ، گەرچە تېرىڭىز ئاپپاق بولمىسىمۇ لېكىن ناۋاترەڭ شۇنداق سۈزۈك ، پارقىراپلا تۇرۇدۇ ، قاشلىرىڭىز تېرىپ قويغاندەكلا ، ئازراقلا لەۋ سۇرۇخى سۈرتۈپلا يۈرۈڭ ...... دەپ مەلىكەمنى قانداق ياسىنىش ، كىيىنىش ، ئۆزىنى قانداق تۇتۇش جەھەتلەردە خېلىلا تەربىيەگە ئىگە قىلدى . مەلىكەمنىڭ بېلىقتەك ئۇزۇن چاچلىرىنى بىر كۈنى ئۇنداق نۇسقا چىقىرىپ بىر كۈنى بۇنداق نۇسقا چىقىرىپ ،ياساپ قوياتتى .گۈزەل مەكتەپ ھاياتى ، پاكىزە ساپ مۇھىت ، خوشال كەيپىيات مەلىكەمنىڭ چىرايىغا باشقىچە ھۆسۈن قوشۇپ بۇ قىزنى باشقىچە چىرايلىق قىلۋەتتى .
بىر شەنبە كۈنلىگى رابىيە خانىم بىلەن سەمەت مۇئەللىم بىر تويغا كەتتى ، ئۆيدە يالغۇز قالغان مەلىكەم تېلىۋوزۇردىن ھېلى ئۇ قانال ھېلى بۇ قانالنى تاللاپ كۆرۈپ بېقىپ زېرىكتى بولغاي تېلۋوزۇرنىمۇ ئۆچۈرۋەتتى . بىردەم كىتاپ كۆرۈپمۇ باقتى لېكىن كىتاپمۇ ئۇنىڭغا ياقمىدى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ سەردارنىڭ ياتىقىنى بىر كۆرۈپ باققۇسى كېپ قالدى ۋە ئاستا ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى . پاھ !.... نىمە دىگەن خۇشپۇراق ......ياتاققا كىرىشكىلا ئۆيدىن بىر خىل خۇش ھىد مەلىكەمنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلدى . ياتاق شۇنچىلىك رومانتىك بېزەلگەن ئىدى ، ‹‹ توۋا بۇ جېدەلخورنىڭ ياتىقى ئۆزىگە پەقەت ئوخشىمايدىكىنا ›› دەپ قويدى مەلىكەم ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ . بولۇپمۇ ئۇدۇل تامغا ئېسىلغان سەردارنىڭ ئاپپاق كاستىيۇم بۇرۇلكا بىلەن گىتار تۇتۇپ چۈشكەن سۈرىتى مەلىكەمنى ئۆزىگە جەلىپلا قىلۋالدى .ئۇ رەسىمگە قاراپ قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ‹‹ ھەي ! سەمەت دادام ، رابىيە ئاپام شۇنداق ياخشى كىشىلەر سەن راسلا ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ھە ؟ سەن قارىماققا شۇنچىلىك كۆڭلى يۇمشاق كۆرىنىسەن لېكىن ئەمىليەتتە نىمانداق ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرسەن ، بىلەمسەن سەن بولساڭلا مەن بەك بىئارام بولىمەن ›› دىدى .
-ئوۋۋۋۋۋ كۈل قىز ، ساڭا خىلى ماغدۇر كىرىپ قاپتىغۇ ؟ تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازدىن مەلىكەم شۇنداق چۆچۈپ كەتتى ، ئىتتىك كەينىگە قاراپ ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرغان سەردارنى كۆردى .
-سەن سەن قاچان كىردىڭ بۇ ئۆيگە ؟
-نىمە ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگىمۇ سەندىن رۇخسەت سوراپ كىرەمتىم ؟ھە مېنى كۆرسەڭ بىئارام بولامدىكەنسەن ؟ ئۇ سۇئال سورىغاچ قىزغا شۇنداق يېقىن كەلدىكى ، تىنىقلىرى مەلىكەمنىڭ يۈزلىرىگە تېگىپ قىزنىڭ بەدەنلىرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئېقىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى . ‹‹ ئۆزۈڭنى تۇت مەلىكە ئۇنىڭغا بۇنداق قىلساڭ قارشى تۇرالمايسەن ›› تۇيۇقسىز قىز ئۆزىگە ئاگاھلاندۇرۇش قىلدى دە سەردارنىڭ مىختەك تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە چىرايلىق كۆزلىرىنى غەزەپ بىلەن تىكتى ،ۋە
-ھەئە بەك بىئارام بولىمەن . دەپ قاتتىق ۋاقىردى . تۇيۇقسىز تۇرغان سەردار بۇ ۋاقىراشتىن قاتتىق چۆچۈپ كەينىگە داجىدى .
-ھەي ئالۋاستى ئەجەپ قوقاتتىڭ ، تۈپۈرۈكلىرىڭنى چاچىرتىپ .
-ھاھاھاھاھاھاھا مەلىكەم سەردارنىڭ چۆچىگەن قىياپىتىدىن شۇنداق كۈلدىكى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالدى .
-سەت كۈلمە ، بېشىمنى ئاغىرتىپ ، نىمە بار مېنىڭ ياتىقىمدا ساڭا
-ۋوي ئەجەپ سەنلەپ قالدىڭغۇ
-سەن سەھرالىق شۇ سەنلەشكە لايىقكەنسەن .
-نىمە سەھرالىق ، مەن مەن سەھرالىق بولسام سەن شەھەرلىك غىتمەك
مەلىكەم شۇنداق دىگىنىچە سەردارنىڭ ياتىقىدىن ئاچچىقى بىلەن چىقىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى ‹‹ جاڭڭىدە ›› يېپىۋالدى . .
-نىمە مىنى غىتمەك دەۋاتامسەن ؟سەردار ئاچچىقىدا مەلىكەمنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىتەردى .
-ئاچ دەيمەن ۋۇي سەھرالىق ، مەن غىتمەكمۇ ئەجەپ ئاچچىقىمنى كەلتۈردۈڭ ، ئاچ دەيمەن ......
سەردار ئىشىكنى يېرىۋەتكىدەك ئۇرغان بولسىمۇ مەلىكەم ئىشىكنى ئاچمىدى . جىلە بولغان سەردار مەلىكەمنىڭ ئىشىكنى ئاچمايدىغانلىغىنى بىلىپ ‹‹ خەپ جىن قاراپ تۇر ›› دەپ قويۇپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى .
سەردار جىمىپ قالغاندىن كىيىن مەلىكەم ئۆيىدىن ئاستا چىقىپ ئۇنىڭ ياتىقىنى تىڭشىدى ،ياتاقتىن يېنىك تىنغان ئاۋازلا ئاڭلاندى قارىغاندا سەردار ئۇخلاپ قالغان ئىدى .
‹‹ ھۇ بېشەم ئەبلەخ ›› دەپ غودۇڭشۇپ قويدى دە ئاشخانىغا كىرىپ كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلدى .
سەردار كېلىپلا مەلىكەمنىڭ بىئارامچىلىقى باشلاندى ، سەردار مەلىكەمنىڭ ئاتا – ئانىسنىڭ ئالدىدا گەپ قىلالمايدىغانلىغىنى بىلىپ ئانىسى – دادىسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ چىشىغا تېگەتتى ،ئۇنى ھېلى چايغا بۇيرۇپ ، ھېلى مىۋىگە بۇيرۇپ ، ھېلى ‹‹ خاپا بولماي بۇ نەرسەمنى يۇيۇپ بەرگىنە سىڭلىم ›› دەپ ھەييارلارچە كۈلۈپ مەلىكەمنى ئىشلىتىپ ھالىنى قويمىدى . مەلىكەم چوڭلا ئالدىدا گەپ قىلالماي يالغۇز يەردە ‹‹ ھۇ تەييار تاپ ئەبلەخ خەپپپپپپپ《 دەپ كوتۇلدايتى .
بىر شەنبە كۈنلىكى رابىيە خانىم سەردارنىڭ ئىشىم بار ئىدى دەپ سەۋەپ كۆرسەتكىنىگە ئۇنىماي مەلىكەمنى باغچىلارنى ئايلاندۇرۇپ كېلىشنى ئېيىتتى .
-ۋاي ئانا ئەجەپمۇ ئىشىڭ كۆپكەن سېنىڭ ، ئىشىمنىڭ جىقلىقىدا دىدى ئاچچىقلاپ ئاندىن مەلىكەمگە قاراپ
-بوسىلا خېنىم ئەمسە پەستە ساقلاپ تۇراي تېزراق چۈشەلا .دىدى دىكىنىپ.
-كەل قىزىم سېنى ياساپ قوياي
-بولدى تېزراق چىقاي ئاچچىقلاپ كەتمىسۇن ئۇ ئەب. مەلىكەمنىڭ ئاغزىدىن تاسلا قالدى ‹ئەبلەخ›دىگەن گەپ چىقىپ كەتكىلى .
-دەمال ئاچچىقلىغاندەك قىلغان بىلەن چىن كۆڭلىدىن قىلمايدۇ ، كېلە سىرىتقا ئۇنداقلا چىقسا بولمايدۇ قىزبالا دىگەن . دەپ مەلىكەمنى ياساشقا چۈشتى .
تىت – تىت بولۇپ تۇرغان سەردار مەلىكەمنىڭ خۇددى كېپىنەكتەك بولۇپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ‹‹ ۋۇي بۇ كۈل قىزمۇ خېلى رەڭ تۈزەپ قاپتىغۇ ›› دەپ ئويلاپ قالدى . مەلىكەم سەردارغا قاراپمۇ قويماي ماشىنىنىڭ كەينىگە چىقىپ ئولتۇردى .
سەردار ئالدىدىكى ئەينەكتىن مەلىكەمگە قاراپ :
-مەن تېخى ئۇزۇندا چىقساڭ ئايدەك بوپ كەتسە باغچىدا كىشىلەر كەينىمىزدىن يۈرەمۇ دەپ ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن ، ئوخشاشلا تۇرسەنغۇ ؟
دىدى .
مەلىكەم سەردارغا ئاچچىق بىلەن ئالىيىپ قويۇپ ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇردى .
سەردار ئۇنى قىزىل تاغ باغچىسىغا ئېلىپ باردى ، ئېچىلىپ كەتكەن ھەر خىل گۈللەر ، ياپ – يېشىل دەل – دەرەخلەرنى كۆرۈپ مەلىكەم شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتى . بولۇپمۇ ھەر خىل ئويۇنچۇقلاردا ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپ يېزىسىدىكى بالىلار يادىغا يېتىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى .
-مەن ئۇسسۇدۇم
-نىمە بىردەمدىما ؟ئەمدى كەلدۇققۇ تېخى ؟
-مەن دىگەن سەھرالىق تېز ئۇسسايمەن ئاشۇنداق
-ماقۇل ئىچىملىك ئەكىلەي .
-مېنىڭمۇ پاق – پاق (قوماچ)يىگۈم كېلىۋاتىدۇ
-ۋاي –ۋۇي خېنىم ، كىچىك بالىمۇ سىز ، ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرۈپ يولدا پاق – پاق يەپ ماڭامدىكى؟
-يەيمەن ، رابىيە ئاپام كۆڭلىڭنى رەنجىتسە ماڭا دە دىگەن جۇمۇ ، بىلىسەنغۇ رەنجىتسەڭ سېنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن .
-ۋاي خۇدايىم بۈگۈن ماڭا ئۇششۇقلۇق قىلغىنى چىقتىڭمۇ نىمە ؟
مانا مۇشۇنداق پاراڭلار بىلەن ئۇلار شىپاڭغا بېرىپ قالدى .
-پاھ نىمە دىگەن گۈزەل . دەۋەتتى مەلىكەم ئۆزىنى تۇتالماي . يۈزلىرىگە ئۇرۇلىۋاتقان سالقىن شامالدىن ھوزۇرلۇنۇپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ شامال تەرەپكە قاراپ قوللىرىنى كەڭ ئاچتى ..........
راۋاقتا پۈتۈن ئۈرۈمچى دىگىدەك كۆرىنەتتى .
-نىمە دىگەن كەڭرى شەھەر بۇ . دىدى مەلىكەم
-سەردار سەردار مېنى رەسىمگە تارتىپ قويە
-نىمە سېنى تېلىفونىمدا رەسىمگە تارتىپ قويسام تېلفونۇم كۆيۈپ كېتىدۇ .
-ھۇ ئىچى يامان
مەلىكەمنىڭ راسلا كۆڭلى يېرىم بولدى ، ئەگەر تېلفونى بولغان بولسا ئۆزىنى – ئۆزى تاتقان بولاتتى .
سەردار مەلىكەمنىڭ جىمىپ كەتكىننى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىمۇ
-تۈزۈك تۇر تاتتىم ئەمسە دىدى
مەلىكەم خوشلۇقتا شۇنداق تەبىئىي بىر سىياق بىلەن تاتلىق بىر كۈلۈمسىرىدى ، سەردارنىڭ تېلفنىدا مەلىكەمنىڭ ئوماق سىياقى پەيدا بولدى . ‹‹ ما سەھرالىق ئەجەپ ئۇستىكىنا رەسىمگە چۈشۈشكە ›› دەپ ئويلىدى سەردار .
-ئەكىلە كۆرۈپ باقاي .
-كۆزۈڭ يۇمۇق چىقىتى ، رەسىمگە چۈشەلمەيدىكەنسەن سەن . يۇيىۋەتتىم . دەپ كۆرسەتمىدى .
داۋامى بار....




4279 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 2:41:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-6-15 20:02:02 fatima
ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯩﺰﯨﻠﭙﺘﯘ ﻣﻪﻥ ﺋ‍ﺍﺧﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯟﺍﺗﯩﻤﻪ
2017-4-10 19:29:04 نامسىز
بەك ياخشى يېزىلىپتىكەندۇق،ئەمما كىيىنكى قىسىملېرى يوللانماي قاپتۇ،قۇلۇڭىزغا دەت بەرمىسۇن، كىيىنكى قىسمىنى تېزراق يېزىپ ئەۋەتكەن بولسىڭىز
2017-3-24 4:48:03 esra
ۋاي قېنى ئەسەرنىڭ ئاخېرى
2017-2-28 6:29:24 قار گۈلى
ئاخىرى يوقمۇ؟
2017-2-22 18:13:33 سەدەف
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى يوقمۇ؟ قاچانلىققا يوللايسىلەر؟ بالدۇرراق يوللاپ بەرسەڭلار!ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن👍👍
2017-2-16 22:45:18 گۈلقەلەم
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،لىكىن ئاخىرىنى ھىچ تاپالمىدىمغۇ ،بولسا ئاخىرىنى تېزراق يوللىغان بولسىڭىز
2017-2-12 2:08:11 قۇربانجان
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلپتۇ ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلاشقىلى بۇلامۇ
2017-1-4 0:05:12 ئاينۇر
ئاخىرنى يىزىپ چىقىرڭە؟
2016-12-31 22:10:56 سەن ئۈچۈن
بەك تەقەززا بولۇپ كىتىپ بارمەن تىزراق يولىساڭلارچۇ ئاخىرنى
2016-12-19 13:23:41 تەنھا گۈل
بۇ ئەسەرنىڭ ئايىقى يوقمۇ ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ
2016-12-19 3:46:02 رەھىمە
بەك ياخغى يېزىلىپتۇ ئ‍ەسەرنى ئ‍ىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن ئ‍اخىرنى تېزرەك يېزىپ ئ‍ەۋەتىپ بەگەن بوساڭلار قوللىرىڭىزغا دەت بەمىسۇن
2016-11-26 23:20:51 گۈلشەن
ئ‍اخىرنى كۈرۈشكە بەك ئ‍الدىراۋاتىمەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ
2016-11-23 18:16:07 ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللىساڭلا بۇلاتتى
ئاخىرچۇ
2016-10-13 13:43:55 نادىرەم
بۇ ئ‍ەسەر بەك ياخشى يىزلىپتۇ مەن بەك ياقتۇردۇم
2016-7-26 18:12:39 مەھدىيە
بۇھىكايە بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ئ‍اخىرى بارمۇ ؟؟؟
2016-3-19 18:04:50 guzalnur
Bu asar intayin yahxi yeziliptu apsus ikinqi uqunqi kisimlirini tapamidim mumkin bolsa. Awatip barsagla
2016-3-3 21:27:44 قەلبىنۇر
ئ‍ەسسالام ئ‍ەلەيكۇم كىچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈنىڭ ئ‍اخىرىئ يوخمۇيوخمۇ ،بولسا ئ‍ەۋەتىپ بەرسەڭلاچۇ،ئ‍ۈتنۈپ قالاي
2016-2-25 22:31:43 xadimanam
kiqkp his kilhan suygu digan ng ahri yukma2 3 kismlri yukkan hu
2016-2-6 19:49:48 kal binur
kiqikipyis kil gan muha bat digan asar nig 2.3. bolum lirini yol ligan bol sa
2016-2-2 18:12:38 abdulla
assilammu alaykum momkin bolsa aherinimu tizrak yollap bargan bolsagla
2016-1-30 22:30:23 abdulla
aherni kaqan yollasila bak yahxikan
2016-1-29 2:57:01 abdulla
assilammu alaykum bu asarlarni yolligan kirindaxlirim kuluglaga barkat ixlirigla utukluk kallagla tihimu uquk bolsun momkin bolsa tartip buyiqa awatip bargan bolsagla xundakla hamma tordaxlaga otluk salimimni yollayman
2016-1-25 19:30:16 gulmira
bak yahxe yezeliptu manla amas kopligan okurmanla qokup yahturup okudegu dayman rahmat selaga muxu asarlani okup ozimizga nurgun bilimlarni ozuk kilwaginimizden tolimu hursanmiz teniglanig salamat bunden kiyinki exlireglanig natejilik bolxeni umut kiliman
2016-1-7 0:40:37 gulpiya
rahmat asar bak yahxi yeziliptu 2 3 kismini tapalmidim
2016-1-6 11:45:36 پەرىشتە
بۇ،ئەسەر،بەك،ياخشى،يىزىلىپتىكەن،بىراق،2-3-قىسەملىرىمىنى،كۆرەلمىدىم،مۇمكىن،بولسا،ئەۋەتكىلى،بولارمو
2016-1-6 0:07:50 نەفىسە
بەك ياخشى يىزلىپتۇ قوللىڭىزغا دەت بەمىسۇن
2016-1-5 12:04:14 ئ‍ابدۇسا لام
ھىكايە بەك ياخشىى يېزلىپتۇ ئ‍ا خىرنى تىزراك يوللىغا بولساڭلا
2016-1-4 8:31:55 رازىيە،
سىلەر يوللىغان ئ‍ەسەرلەر بىر- بىردىن ياخشى، مەن بەكمۇ سۈيۈنۈپ ئ‍وقۇيمەن، ھارمىغايسىلەر، بىراق شۇ ئ‍ەسەرنىڭ ئ‍اخىرىغا قىزىققانچە، ۋاقتىدا كۆرەممەيمەن، مومكىن بولسا، دەل ۋاقتىدا، تەرتىپ بويىچە ئ‍ەۋەتكەن بولساڭلار، تىنىڭلار سالامەت، سالون تېخىمۇ باياشات بولغاي…
2016-1-2 15:07:24 خۇشتار
ئ‍ەسەر ياخشى يېزىلىپتۇ . ئ‍اخىرىنى تېزراق يازغان بولسىڭىز ؟؟!
2015-12-15 10:26:48 نادىرە
بۇ مەزمۇن بەك ياخشى يىزىلپتۇ مەن ئ‍اخرىغىمۇ بەك قىزىقۋاتىمە
2015-12-11 21:37:26 mubarak
bak yahxi yiziliptu koligi.gizga dat kalmisun
2015-12-10 16:03:15 قار لەيلسىي
ئ‍ەسەرنىڭ كىيىنكىكىيىنكى قىسىمنى تىزىراق يازغان بۇلسىڭىز
2015-10-14 0:36:27 ranagul
yahxikan .dawami tezrak yollangan bolsiqu
2015-10-13 15:32:28 ئەيساجان
بەك ياخشى يېزلىپتۇ لىكىن، كىچكىپ ھېس قىلغان بەخىت دىگەن ئەسەرنىڭ ئاخىرى يوق ئىكەن تاپالمىدىم
2015-10-12 13:05:19 arzu
bak. yahxika. bakla. kizkip. kaldim. likin. 2. kismini. tapal. midim. ahrng. tizrah. qikxni. umut. kilman
2015-10-6 1:10:37 amangul
bak yahxi yeziliptu bakla kzikip okudum birak 3.4kismini tapalmidim
2015-9-9 10:45:22 ARZU
BAK YAHXI YIZILIPTU
2015-9-9 3:14:37 ARZU
BAK YAHXIKA DAWAMIQU
2015-9-6 20:31:25 GUZALNUR
BAK YAHXI YEZILIPTU DAWAMINI TIZRAH YIZILIP BOLSIKAN DAYMAN
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ