قىساس - ئىككىنچى باب ئۈچ قىز
ئىككىنچى باب ئۈچ قىز
توكلۇق سۇداندىكى سۇدىن بىر ئىستاكاننى چۈشۈرۈپ تىنماي ئىچىۋەتكەندىن كېيىن مۇزدەك سۇدىن بەدەنگە تارقىغان مۇزدەك ئېقىم دەقىقە ئىچىدە تومۇرلارغا يامراپ لالەنى ئازراق راھەتلەندۈرگەندەك بولدىيۇ،تېخى تولۇق ھوزۇرىنى سۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئىچ ئىچىدىن كۆيدۈرىۋاتقان بىر قىززىقلىق خۇددى ئورۇن بەرگۈسى كەلمەيۋاتقاندەك مۇزدەك سۇنىڭ راھىتىنى ھەيدەپ لالەنىڭ كۆزلىرىنى قايتىدىن غۇۋالاشتۇردى.ئىستاكاننى ئۈستەل ئۈستىگە قويغۇچە بولغان ئارىلىقتا قارا دېگەندەك بىر ھېسنىڭ تۈرىتكىسىدە بېشىنى ئېگىپ تېخى ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئاق رەڭلىك خىزمەت كىيمىنىڭ ياقىسىدىن كۆكرەك تەرەپكە ئېقىپ قىپقىزىل يول ھاسىل قىلىۋاتقان قاننى كۆرۈپلا بۇرنىنى تۇتۇپ ئاسمانباقتى بۇلۇپ تازلىق ئۆيىگە يۈگۈردى،تازلىق ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تازلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇدۇل ئىشىكنىڭ ئىچى تەرىپىگە ئىشىككە يانداپ قويۇلغان گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە يانفوننى قويۇشنى مەقسەت قىلىپ قولىنى ئۇزاتتى،لالە كەينىگە بۇرۇلۇپ تازلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋاتقاندا تاراققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تازلىق ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى باياقى ئىشىكنىڭ تۈۋىدە ئېنىق كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەنلىكتىن ياخشى قويۇلماي پولغا چۈشكەن يانفون كۆرۈندى،ئەمما شۇ تاپتىكى لالەنىڭ يانفوننى پولدىن ئېلىپ قايتا ئورنىغا قويۇشقا ھەپسىلىسى يوق ئىدى…
تازلىق ئۆيىدىن تامنى يۆلەپ دېگەندەك چىقىپ كەلگەن لالە ھېچنەرسىگە قارىماستىن تازلىق ئۆيىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىشىكتىن كىرىپ ئۆينىڭ يېرىمنى دېگۈدەك ئىگىلەپ تۇرغان قوش كىشىلىك كارۋات يېنىغا كېلىپ بىر قولى بىلەن ئاق رەڭلىك خىزمەت كىيمىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى تۈگمىسىنى بوشاتقاچ كارۋات ئۈستىدە خۇددى ئۆزىنىڭ بويى بىلەن تەڭ دېگۈدەكلا سوزۇلۇپ ياتقان ئېيىقچاقنى كارىۋات قىرغىقىغا تارتقىنىچە ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى.لالەنىڭ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرى يېرىمىنى ياستۇق قىلىپ بېشىغا قويۇپ،يېرىمنى قۇچاقلىۋالغان ئېيىقچاقنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقىنىدا يۇپيۇملاق ،قاق ئوتتۇرىدا كېچە كۈندۈز يۇمۇلمايدىغان قوڭۇر رەڭلىك قارچۇقلۇق بۇ كۆزلەر لالەگە كىملەرنىدۇر ئەسلەتتى.
ھاۋانىڭ تۇتۇقلىقىدىن سىرىتتا تۇرۇپمۇ ۋاقىتنىڭ قاچان بولغىنىنى پەرىق ئېتىش تەس بولغان سوغاق قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە توققۇز ،ئون ياشلاردىكى ئىككى قىز سۇلياۋ مىخلانغان چوڭ دېرىزىدىن چۈشكەن گۇڭگا يورۇقتا قول بىلەن قۇراشتۇرۇلغان ياغاچ كارىۋات(بەنچاڭ)نىڭ قىرغىقىغا يېقىن قويۇلغان ياستۇققا بېشىنى قويۇپ پۇتىنى تامغا قارىتىپ ئېغىر تىنىپ ياتقان بەش ياشلاردىكى بىر قىزنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بۇلۇپ پىرقىراپ يۈرەتتى—ھېلى بىرى قىزنىڭ بېشىغا قويۇلغان لۆڭگىنى ئېلىپ سۇ ئىدىشىنىڭ يېنىغا قويۇلغان داستىكى سۇغا چىلاپ ھۆل قىلىپ سىقىپ پېشانىسىگە قويسا،ھېلى بىرى كارىۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى ئوتى گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان ئوچاق ئۈستىدىن يوغان چەينەكنى ئىنجىقلاپ ئېلىپ كۇرۇشكىغا قۇيۇپ قوشۇققا ئېلىپ ئۇزاق پۈۋدىگەندىن كېيىن كارىۋاتتىكى قىزنىڭ قۇرۇپ يېرىلغان لەۋلىرىگە ئاپىراتتى;ھېلى بىرى لۆڭگىنى قايرىپ قىزنىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ قوشۇمىلىرىنى مىژژىدە تۈرسە ،ھېلى بىرى قىزنىڭ ئاياغ تەرىپىگە ئۆتۈپ پۇت قوللىرىنى تۇتۇشقا باشلايتتى;قىزنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان نەپسى ،بارا بارا قىزىرىۋاتقان مەڭزى بوي تۇرىقى ،چىراي شەكلىدىن تارتىپ ھەتتا كىيىنىشلىرىگىچە ئوپ ئوخشاش بۇ ئىككى قىزنى تەڭلا ئىشىككە تەلمۈرگۈزەتتى،ئەمما شۇنچە قاراپمۇ ئىشىكتىن ئۆزلىرى ساقلاۋاتقان سايىنى كۆرەلمىگىنىدە ئۈمىدسىز نەزەرلىرىنى كۆزلىرىنى ئاچماستىن تۇرۇپ تۇرۇپ“ئاپا…سۇ…”دەپ كۈچسىز ئىڭراۋاتقان قىزغا تىكەتتى.ئاخىرى گۇگۇم قاراڭغۇلىقى ئۆي ئىچىدىكى ئاخىرقى يورۇقلۇقنى يۇتۇپ كېتىۋاتقان چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ سىرىتتىن قۇلاقچا،ھەربىيچە جۇۋا كىيىگەن،ئۈستى بېشىنى قار توزانلىرى ئوراپ،قاش كىرپىكلىرىگە قىراۋ چۈشكەن بىرەيلەن كىرىپ كەلدى ۋە ئالدىراپ كارۋات يېنىغا كېلىپ قىزنىڭ بېشىدىكى لۆڭگىنى ئېلىۋېتىپ پېشانىسىنى تۇتتى.تۇتتى يۇ،شۇ ھامان چۆچىگەندەك قىلىپ ياندا ئۈمىدىلىك كۆزلىرىنى ئۆزىگە تىكىپ تۇرغان قىزلارغا قاراپ سەلگىنە ئويلانغاندىن كېيىن جۇۋىسىنى يېشىپ ئوتى پەسىيىپ قالغان ئوچاقنىڭ ئوتىنى ئازراق چوقىلىغاندىن كېيىن قوللىرىنى ئوچاق ئۈستىگە تۇتۇپ ئازراق ئىللىتىپ ئىشقىلاپ،يەنە ئىللىىتىپ يەنە ئىشقىلاپ بىر نەچچە نۆۋەت تەكرارلىدى.ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنىڭ مەڭىزلىرىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بېقىپ رازى بولغاندەك تۈرۈلگەن قۇيۇق قوشۇمىسى بىلىنەر بىلىنمەس ئېچىلىپ كارۋات يېنىغا كېلىپ قىزنى قۇچىقىغا ئالدى ۋە باغرىغا مەھكەم باستى،قىزنىڭ ئانىسىنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرغان چاچلىرى ئارسىغا ئېڭىشىپ خۇددى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەندەك بىر نەچچە قېتىم قېنىپ پۇرىدى،ئاندىن خۇددى ئېسىگە كەلگەندەك قىزنى كارۋاتقا قايتىدىن ياتقۇزۇپ جۇۋىسىنى كىيدى،كارىۋات ئاستىدىن قىزنىڭ كىچىككىنە قىزىل ئۆتۈكىنى،تام ياقىلىتىپ قويۇلغان ئورۇن كارۋىتى ئۈستىدىكى رەتلىك جايلاشتۇرۇلغان يوتقان كۆرپىلەر ئۈستىدىن يېشىل رەڭلىك پاختىلىق چىبەر قۇت چاپىنىنى ئېلىپ قىزغا كىيگۈزدى،ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنى قۇچىقىغا ئېلىپ ھەربىيچە جۇۋىنى قىزنىڭ ئۈستىدىن مەھكەم يۆگىدى،شۇ ئارىلىقتا ياندا قاراپ تۇرغان ئىككى قىزنىڭ بىرى بايا قىز ياتقان ياستۇق يېنىدىن قىزنىڭ چوڭئانىسى تىكىپ بەرگەن قىزىل تاۋار ئولپىقىنى(ئارسىغا نېپىز پاختا ئېلىنىپ تىكىلىدىغان باش كىيمى،شەكلى قۇلاقچىغا ئوخشاپ كېتىدۇ)ئېلىپ قىزنىڭ بېشىغا كىيگۈزدى،يەنە بىرى ئۆيگە كىرگەندىن بېرى بوينىدىن ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ھاۋارەڭ شارپىسىنى قىزنىڭ ئېغىز بۇرنىنى قوشۇپ خۇددى چوڭلاردەك ئورىدى،ئاندىن ئىككى قىز “بولدى”دېگەندەك قىلىپ قۇلاقچىلىق كىشىگە تەڭلا قاراشتى،خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك قۇلاقچىلىق كىشى قىزنى باغرىغا مەھكەم باسقىنىچە چوڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىشىككە قاراپ ماڭدى.ھويلا ئىشىكىدىن چىققاندا كەينىدىن ئاق قىزىل بالداقلىق كېپىنەك يەڭ مايكىسى (قولتۇق تەرەپ كەڭ،يەڭ ئۇچىغا قاراپ تارىيىپ ماڭىدىغان قىزلارنىڭ كىيىم پاسونى)بىلەنلا ئەگىشىپ چىققان بىر جۈپ قىزغا قاراپ قوشۇمىلىرى ئەسلىدىكىدىنمۇ بەكرەك تۈرۈلدى ۋە ئۇلارغا ئېيتتى:
—بولدى،دەرھال كىرىپ كېتىڭلار،ئەگەر چىقىپ كەتمەكچى بولساڭلار ئىشىكنىڭ ئىچى تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلغان قۇلۇپ بىلەن ئىشىكنى قۇلۇپلاپ چىقساڭلار بولىدۇ،—قۇلاقچىلىق كىشى سۆزىنن تۈگىتىپلا ئۆزىنىڭ ئېغىزىغا دىققەت بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ئىككى قىزنىڭ پېشانىسىگە يېنىك سۆيگەندىن كېيىن قەدەملىرىنى تېز تېز ئېلىپ لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى ۋە بارا بارا قارىيىۋاتقان كېچە قاراڭغۇلىقى ئىچىدە كۆزدىن غايىپ بولدى.كەينىدىن تەلمۈرۈپ تۇرغان ئىككى قىزنىڭ بىرىنىڭ“بەختنۇر،لالە ئۆلۈپ كېتەرمۇ”دېگىنى، ئاندىن يەنە بىرىنىڭ دەرھاللا “ئېغىزىڭنى ئۈشتمە،قىززىپ قاپتۇ شۇ،دوختۇر دورا بەرسىلا ساقىيىپ كېتىدۇ”دېگەچ ھويلا ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىۋېتىپ“شاتنۇر،كىرىپ چاپىنىڭنى كىي،ئۆيگە چىقىپ كېتەيلى”دېگىنى جىمجىت مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بىر تېمىنى ياقىلاپ سېلىنغان قاتار كېسەك تاملىق ئۆيلەر ئارسىدا قىشنىڭ سوغاق ھاۋاسىغا سىڭىپ كەتتى… 
——كاكتۇس چاڭشا




786 قېتىم كۆرۈلدى kaktus128 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-18 2:05:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ