قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 17- قىسىم

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 

2- بۆلۈم 17- قىسىم

www.yazghuqilar.com

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)


بۆرە گۈزەلنۇرغا يېقىنلاپ كىلىپ غىرىس قىلدى ، ئۇنىڭ  تۇمشۇقى تۈرۈلۈپ ھىڭگايغان چىشلىرى ئارسىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىشقا باشلىدى ، كۆزلىرى قانغا تولۇپ ئالدىدىكى ئولجىغا نەپسى تاقىلدىداپ كىتىۋاتاتتى .
  قىز ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ياش يۇقى كۆزىنى بۆرىگە ئۈمۈتسىز تىكتى ، بۆرە گىرۋەكتىن چەبدەسلىك بىلەن قىزغا ئېتىلىنىدى ،  ئۇ غالجىرلىق بىلەن ئېغىز سالىدىغان شۇ  ھالقىلىق پەيىتتە ،نەدىن كەلگەنلىگى نامەلوم بىر پارچە تاش ۋىژدە ئۇچۇپ كىلىپ بۆرىنىڭ بېشىغا تەگدى . بۆرە تۇيۇقسىز يىگەن  زەربىدىن غىڭشىشقىمۇ ئۈلگۈرمەريلا پەسكە غۇلاپ چۈشتى ھەمدە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ جايىنى نەچچە ئايلىنىۋەتتى .پەستە تۇرغان باشقا بۆرىلەر ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن  بىر خەتەرنى سەزگەندەك بىردىنلا سەگەكلەشتى ،  گۈزەلنۇر ئۈمۈدىنى ئۈزگەندە ئۇشتۇمتۇت نىجاتلىققا ئىرىشكىنىدىن ھاياجانلىنىپ   ئەتىراپقا كۆز يۈگىرىتىۋاتقاندا چوققىنىڭ ئۈستى تەرپىدىن بىر گەۋدە چەبدەسلىك بىلەن سىيرىلىپ چۈشۈپ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ بىلىدىن قاماللىغان پېتى پەستە ئۇچۇرۇپ دىگۈدەك ئېلىپ چۈشتى . گۈزەلنۇر ياردىن يىقىلىپ چۈشكەندەك ھېسىياتتا قانداق ۋاقىرۋەتكىنىنىمۇ سەزمەيلا قالدى ، ئۇنىڭ بىلگىنى ئۆزىنىڭ يەردە ئىكەنلىگى قوللىرىنىڭ بولسا قاۋۇل بىر يىگىتنىڭ بوينىدىن قۇچاقلىۋالغىنى بولدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاسماندىن چۈشكەن بۇ يىگىتنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى  بىلەن ئۇچۇراشقىنىدىلا تۇيۇقسىز ھوشىنى تاپقاندەك قوللىرىنى ئۇنىڭ بوينىدىن ئاجىرتىپ ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى . يىگىت قىزنىڭ بىلىدىن قولىنى ئاجىرتىپ ئىتتىك ئەتىراپتىكى بۆرىلەرگە بۇرۇلدى ، بۆرىلەر يىگىتنى كۆرۈپلا قانداقتۇ بىر قورقۇنۇچلۇق مەخلوقتىن قورۇققاندەك باشلىرىنى تۈۋەن ئەگكىنىچە ئەتىراپقا پىتىراپ قېچىشتى ، گۈزەلنۇر بۆرىلەرنىڭ قانداق قاچقانلىرىغىمۇ نەزەر سالماي ھەممىنى ئۇنۇتقاندەك ، خۇددى بۇ ئىشلارنىڭ ئوڭى ئەمەس بەلكى چۈش كۆرىۋاتقاندەك  ھېسىياتتا ھاڭۋاققىنىچە  غايىبانە بۇ يىگىتكە قاراپ قېتىپلا قالغانتى . يىگىت بۆرىلەر كەتكەندىن كىيىن قىزنىڭ ئالقان ، بىلەكلىرىدىكى جاراھەتلەرگە قاراپ بېقىپ قوينىدىن بىر دۈگىلەك ماتا رەخىتنى چىقىرىپ  گەپ - سۆزسىزلا قىزنىڭ بىلىكىنى تاڭدى ، قىز ئەس - ھوشىنى يوقاتقىنىچە يىگىتنىڭ ھەركىتىگە ئىختىيارىسىز بوي سۇنىۋاتاتتى .
 يىگىت ئىگىز بوي ، بەستلىك ، بىلەكلىرى توم ، تىرىسى ئاپتاپتا قارىداپ پاقىراپ كەتكەن ، قاپقارا ئۇزۇن قاشلىرى ئاستىدىكى يۇغان كۆزلىرى شۇنچىلىك نۇرلۇق بولۇپ ، قاڭشارلىق بۇرنى قوشۇلۇپ ئۇنى شۇنچىلىك كىلىشكەن كۆرسىتەتتى . گۈزەلنۇر ئىچىدە ئۆزىمۇ سەزمەي « توۋا دۇنيادا موشۇنداقمۇ كىلىشكەن يىگىتلەر باركىنا ! » دەۋەتتى ، يىگىت ئۇنىڭ قولىدىكى جاراھەتلەرنى تېڭىپ بولۇپ ئۇنىڭ كۆزىگە لاپپىدە قارىدى ، قىزنىڭ يۈرىگى يىگىتنىڭ قارىشىدىن غۇژژدە قىلىپ قالدى ، ئۇ ، خىيالىنى يىگىت بىلىپ قالغاندەك  خىجىللىقتا شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى . ۋۇجۇدى بولسا ئۆزىمۇ ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بىر خىل ھېسىياتتا ئىدى ، قىز، ئادىمىزاتسىز بۇ چۆل - جەزىرىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان، كىيىنىشلىرى غەلىتە بۇ يىگىتتىن ھۇدۇقۇپ سورىدى :
- سىز … سىز كىم بولىسىز؟
يىگىت قىزنىڭ سۇئالىغا كۈلۈمسىرەپ سۇئال بىلەن جاۋاپ قايتۇردى :
- سىز دەپ بېقىڭە ؟
قىز ھەيران بولۇپ سورىدى :
- سىز ئالۋاستىما؟
- مەندەك ياخشى ئالۋاستىمۇ بارمىكەن ؟ - يىگىت قىزنىڭ سۇئالىدىن كۈلدى . گۈزەلنۇر يەنە ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرغىنىدا تايىرلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھاياجاندا ۋاقىرۋەتتى .
تايىرلار گۈزەلنۇرنىڭ ھاياتلىغىدىن شۇنچىلىك خوش بولۇپ ئۇلار تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى ، ئەلۋەتتە ھەممىدىن بەك خۇش بولغىنىنى يەنىلا دىلبەر ئىدى ، ئۇ ھەتتا ھاياجاندىن يىغلاپمۇ تاشلىدى ، ئىككى قىز يىغلىشىپ قۇچاقلىشىپ كەتكەندە تايىرلار گۈزەلنۇرغا ھەمىراھ تۇرغان يىگىتكە ھەيرانلىق بىلەن قاراشتى ، ئۇلارنىڭ ھەيران بولىۋاتقىنىنى سەزگەن مۇبارەك « ئاكا!» دەپلا كۈلۈمسىرەپ يىگىتنىڭ بىلىكىگە ئېسىلۋالدى .
- نىمە ؟ سىزنىڭ ئاكىڭىز ؟- سورىدى تايىر .
- ھەئە ئاكام ،- دىدى قىز كۈلۈپ ، - ئوخشىمامدىكەنمىز !
گۈزەلنۇرمۇ بۇناتونۇش قىزغا ھەيرانلىقتا بىر قارىۋېتىپ يىگىتنى تونۇشتۇردى :
- مېنىڭ نىجاتكارىم ، ئەگەردە بۇ نىجاتكارىم بولمىغان بولسا مەن بۇ چاغقىچە بۆرىلەرگە يەم بولغان بولاتتىم ، ھە ئىسمى … ئىسمى …
- چۆل ئوغلى !- مۇبارەك شوخلۇق بىلەن گۈزەلنۇرنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چىقاردى .
 يىگىت سېڭلىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىغا كۈلۈپ قويۇپ ، دەرھال ئۆزىنى تونۇشتۇردى :
- ئىسىم قەيسەر ، ئۇ داۋاملىق مېنى چۆل ئوغلى دەپ قويىدۇ .
- ئەمىسە سىز چۆل قىزىكەنسىزدە؟- سورىدى ئىسكەندەر چاقچاق قىلىپ .
- ئەلۋەتتە !- قىز مەغرورلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى ، ئاكام ئىككىمىز سىلەرنى قوغداپ نىشانغا ئېلىپ بېرىشقا كەلگەن ، ئۇ مېنى كىچىدە ئازدۇرۋېتىپ يوقاپ كەتكەنتى ، ئەسلىدە بۇ يەرگە كىلىۋاپتىكەن ،- ئۇ گېپىنى تۈگۈتۈپ گۈزەلنۇرغا بىر قۇر قاراپ قويدى .
يىگىتلەر بۇ يېڭى ھەمىراھى بىلەن بىر تەرەپتىن  ئۆزىنى تونۇشتۇرغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن رەھمەت ئېيتىپ قىزغىن كۆرۈشتى .
- رەھمەت سىزگە !- دىدى دىلبەر ،- قېرىندىشىمنى خەتەردىن ساقلاپ قەپسىز ، كۆپ رەھمەت !
- تۈزۈت قىلماڭ !- دىدى قەيسەر ، سىلەرنىڭ ئامانلىغىڭلارنى قوغداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز !
گۈزەلنۇر بىردىنلا قاپپىغىنى تۈردى :
- سىلەر نىمىشقا مېنى تاشلاپ كەتتىڭلار، سىلەرنىڭ باغرىڭلار نىمانداق تاش ؟
دىلبەر ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى ھەمدە مۇلايىملىق بىلەن :
- خاپا بولمىغىن بولغان ئىشلارنى دەپ بەرسەم چۈشىنىسەن !
ئۇلار بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىشتى ھەم گۈزەلنۇر ئۇچۇرغان ئاجايىپ - غاراىيىپ ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇشتى ، گۈزەلنۇر ھەمىراھلىرىنىڭ راستىنلا ئۆزىنى تاشلاپ كەتمىگەنلىگىنى ، ئۇلارنىڭمۇ ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچۇراپ ،خەتەرلىك ئەھۋاللارغا ئۇچۇرغانلىغىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇلارنى كەچۈرۋەتتى .
- بۇ يەردە بۆرىلەرمۇ باركەندە ؟- دىدى سەمەت ،- ھېلىمۇ كىچىلەردە ئۇلارغا ئۇچۇراپ قالماپتۇق .
- ھېلقى كۈچۈك قايتا ئۇچۇرمىدىما؟- ئىسكەندەر كۈچۈككە قىزىقىپ قالدى ،- قانداق جاي بۇ ھەرقانداق نەرسىلەر باركىنا؟
- بۇ ئادەتتىكى ئىشلار ! - دىدى گەپ ئاخىرسىدا قەيسەر ، -
سىلەر سىرلىق رايونغا كىرسەڭلەر ئاندىن ھەيران قالساڭلار بولىدۇ !
- سىرلىق رايون ؟؟؟
ھەممىسى ھەيرانلىقتا تەڭلا سورىدى .
- ھەئە ، سىرلىق رايون !
- بىز بارغان ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ بولدۇققۇ ؟- دىدى تايىر .
- ئۇ سىلەر كىرگەن رىئاللىقتىكى سىرلىق رايون ، بىز دەۋاتقىنىمىز غايىبانە ، سېھىرلىك سىرلىق رايون ، ئۇ جايغا ئىنسانلاردىن بىز ھەم بىزنىڭ قەۋىمدىن باشقا ھېچكىم دەسسەپ باقمىغان ،- گەپنى تارتىۋېلىپ چۈشەندۈردى مۇبارەك .
- چۈشەنمىدىم ، غايىبانە قانداق جاي ئۇ ؟- سورىدى تۇرغۇن .
- بارغاندا بىلىسىلەر!- قىز مەنىلىك كۈلۈپ قويدى .
 تايىرلار بۇ سىرلىق سۆزلەردىن گاڭگىراپ قېلىشتى .
بۇ تەۋەككۈلچىلەر جەم بولۇشقاندىن كىيىن خوشال - خورام ، خاتىرجەم ھالدا بىر ۋاقلىق قۇرساق توقلاش قىلىشتى ، كەيپىياتىمۇ بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىشتى ، بەلكىم بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئىسكەندەر بىلەن سەمەتنى بارغانچە ئۆزىگە تارتىۋاتقان مۇبارەك بىلەن گۈزەلنۇرنى ئاللىقاچان رام قىلىپ بولغان قەيسەرنىڭ بولىشى دىيىشكە تامامەن بولاتتى .
- ئاقساقال بىزنىڭ تىزاراق كىلىشىمىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ ، - دىدى قەيسەر قۇرساقلىرىنى توقلاپ بولغاندىن كىيىن قېلىچلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ چىقىپ ،- ئۇ بۇ قېلىچلار بىردىن - بىر ئۈمۈت چىرىقىمىز دىگەنتى .
- ئەمىسە ماڭايلى !- دىدى تايىرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ،- ئىچىملىك سۇلىرىمىزمۇ ئاز قالدى ، سەپىرىمىز  ئۇزۇن ، ئالدىمىزدا يەنە قانداق ئەھۋاللارغا ئۇچۇرايمىز تېخى بىلمەيمىز ، ئەمدى جەم بولدۇق يەنە بۇنداق ئىشلارغا ئۇچۇراپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر- بىرىمىزدىن قەتئى ئايرىلمايلى ، ھە ئەمىسە كۆپچىلىك قېنى ئاتلىنايلى !
- ۋاھ ! -دەپ چاۋاك سوقۇپ قويدى دىلبەر كۈلۈپ،- ئەجەپ روھلۇققۇ!
- قوشۇنىمىز جەم بولدى ، كۈپەيدى ، روھلۇقلۇق ماڭغانغا يەتمەيدۇدە !- قىزغا جاۋابەن ئۇمۇ كۈلۈپ قويدى .
 شۇنداق قىلىپ سەپەر يەنە باشلاندى ، ياخشى يىرى ئۇلار بايىلا قايتىپ كەلگەن ئىزدىن يەنە ماڭغان بولسىمۇ قېلچە ھارغىنلىق  ھېس قىلمايتتى ، خوشال - خورام ، زوق - شوق بىلەن سېلىۋاتقان پاراڭ ، چاقچاقلار شۇنچە قىزغىن ئىدى .
- ئاكا !- دىدى مۇبارەك قەيسەر بىلەن ياندىشىپ ماڭغاچ پەس ئاۋازدا ھەييارلىق بىلەن ھىجىيىپ،- بۇ قىزنى قانداق تېپىۋالدىڭىز؟
- كىچىك بالا چوڭلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشمايدىغان ،- قەيسەر سېڭلىسىغا سىر بەرمەي ئۇنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇندى .
- خەپ ، مېنى كىچىدە تاشلاپ قويۇپ قېچىپ كەتكىنىڭىز موشۇ قىز ئۈچۈنكەندە !
قەيسەر كۈلۈپ قويۇپلا ئۈندىمىدى ، بۇ ئاكا - سېڭىللارنىڭ بۇ مەخپىي سۆزلىرى ئۇنىڭغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان گۈزەلنۇرنىڭ قۇلىقىدىن قېچىپ قۇتىلالمىدى ، گۈزەلنۇر كىتىۋېتىپ پۇرسەت تېپىپ قەيسەر بىلەن ئايرىم ماڭغاندا ئاستا سورىدى :
- سىز قانداقلارچە مېنىڭ يېنىمدا پەيدا بولۇپ قالدىڭىز چۈشەنمىدىم !
ئۇ سۇئال سوراپ بولۇپ يىگىتنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ ئۇنىڭغا قارىدى ، يىگىت ئۇنىڭ سۇئالىغا كۈلۈمسىرەپلا قويدى ، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىمۇ قىزنىڭ يۈرۈگىگە تەگدى ، قىز ئۇنى جاۋاپ بىرىشكە قىستىدى :
- دەڭە ، بۇنچە كەڭرى چۆلدە بىر قىز بۆرىلەر ئاغزىغا كىرەي دەپ قالغاندا سىز تۇيۇقسىز پەيدا بولدىڭىز ، ئەمىلىيەتتە سىز مېنىڭ ئەتىراپىمدا بارمىدىڭىز؟
يىگىت گەپ - سۆز قىلماي يەنە كۈلۈمسىرەپلا قويدى ، قىز تىرىكتى :
- دەمسىز -يوق ؟
ئۇنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىپ كەتتى ،ھەممىسى ئۇ ئىككىسىگە قىزىقىپ قاراشتى ، ھەممىسىنىڭ قارىشى بىلەن قىز خۇددى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك خىجىللىقتا ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى .  يىگىت ئۇ ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا پىچىرلىدى :
- بۇنى كىيىن بىلىپ قالىسىز!
ئاسماندا پارلاۋاتقان قوياش ، جەزىرىدە ئۇياق - بۇياقتىن سۈرۈلۈپ ئۆتىۋاتقان پارچە بۇلۇتلار سايىسى ، ئۇلار يارداڭلىقتىن چىقىپ قۇملۇقتا ئالاھەزەل بەش سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن كۈچلۈك ئاپتاپ ئاكا - سېڭىلدىن باشقا ھەممىسىنى ھالسىزلاندۇردى . دىلبەر بىلەن گۈزەلنۇرنىڭ پەقەت ماڭغۇدەك ھالى قالمىغاندا ئولتۇرۋالدى .
- ماڭمايمەن ۋاي !- دىدى دىلبەر ،- مېڭىپلا ئۈلۈپ كىتىدىغاندەك تۇرىمەن .
ئۇلارنىڭ ھارغىنىنى كۆرۈپ يىگىتلەرمۇ توختاشتى .
- ئانداق ئاسان ئۆلمەيسىز تېخى !- دىدى تۇرغۇن چاقچاق قىلىپ ،- سىز ئۆلسىڭىز تايىر باشقا قىز تاپىمەن دەپ يەنە جاپا تارتىپ قالىدۇ .
دىلبەرنىڭ تىرىكتى :
- ۋۇ ئادەمنىڭ ئەسكىسى ، ياخشاراق تەسەللىيسىمۇ يوق ، ئىسىت سىزدەك ئادەم بىلەن سەپەرداش بولۇپ قالغىنىم .
ئۇلار چاقچاقلاشقاچ بىردەم دەم ئېلىشىپ ئازاراق قالغان سۇلىرى بىلەن ئۇسسۇزلۇقلىرىنى قاندۇرۇشتى .
- قەيسەر ،-دىدى تايىر غەمكىن ھالدا ،- ئىچىملىك سۈيىمىز تۈگىدى ، ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ مەنزىلگە يەنە قانچىلىك يول ماڭىمىز؟
- يەنە قاراڭغۇ چۈشكىچە ماڭساق  غايىپ دۇنيا سىرلىق رايون ئېغىزىغا بارىمىز !
مۇبارەك  ئاكىسى ئەمدى جاۋاپ بىرەي دىيىشگە گېپىنى تارتىۋېلىپ جاۋاپ شوخلۇق بىلەن  بىرىۋەتتى .
- شۇنداق ، ئىشىكتىن كىرسەكلا سۇ تېپىلىدۇ ،- قەيسەر شۇنداق دىگەچ تايىرنىڭ سۇدىن غەم قىلماسلىقنى ئەسكەرتىپ قويدى .
- قانداق جاي بولغىيتى ئۇ ؟- گۈزەلنۇر قىزىقىپلا قالغانتى ، ئۇ جايغا گۈزەلنۇرلا ئەمەس ھەممىسىلا قىزىقىۋاتاتتى .
- بارسىڭىز بىلىسىز !
قەيسەرنىڭ بۇ گېپىدىن قىز كۈلدى .

ئاخىرى بار…
     





714 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-30 20:16:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ