دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (6-قىسىم)
مەريەمگۇل تاشمەمەت
-ئۇ،،،ئاشنا ئۇيناپتىكەن،،مەنمۇ بۇگەپنى تۇنجى قېتىم خۇشنىلاردىن ئاڭلاپ تۇرغان جايىمدا قىتىپلا قالدىم ،ھەم بۇ نىمە شەرمەندىچىلىك دەپ ئۇيلۇدۇم،بىر نەچچە كۇندىن كىيىن داداڭمۇ سىرتتىن ئاڭلاپ كىرىپتۇ ھەم ؛
-قىزىمىز بىلەن ئۇيناپ يۇرگەندە خىلى ھايھالىق ئەخلاقلىق قىزدەك تۇراتتى ،قىپ يۇرگەن ئىشىنى،،،دەپ بەك رەنجىدى
بىر نەچچە كۇن ئىچىدىلا بۇ ئىش يىراق يىقىنغا پۇر كەتتى،نەگىلا بارا مۇھەببەتنىڭ گىپى،ئۇنى تۇلا تىللاپ ھىرپمۇ قالمىدى غەيۋەتچى خۇتۇنلار مەنمۇ سىرتقا چىقالمايلا قالدىم بىر يەرلىرىمدىن مۇھەببەتكە ئاچچىغىم كەلسە يەنە بىر يەرلىرىم ئىچىشاتتى،نىملا دىگەنبىلەن كۆز ئالدىمدا چۇڭ بۇلغان ئەمەسمۇ ئەمما داداڭ قۇبۇل قىلالىمىدى:
-بۇندىن كىيىن قىزىمىزغا دە ئۇنداق دۇستىنى ئۇنتۇپ كەتسۇن ،،دىدى مەنمۇ لام جىم دىمىدىم،،
مەن ئاپامنىڭ گەپلىرگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىدىم
-ئەمسە ھىلىقى ئەرچۇ ؟ئۇنى ئەيىپلەيدىغان ئادەم چقمىدمۇ؟
-ياق قىزىم،بۇ ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قىلشى نۇرمال ئەھۋال سانىلىدغان جەمىيەتتە ئۇ يەنىىلا مەيدئىسىنى كىرىپ ياشاۋەردى،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ ئەرمۇ مىنى باشتا مۇھەببەت ئازدۇردى ئۇ ئەزەلدىنلا بىر شاللاق ئايال ،دەپ جارساپتۇ ئۇ ئەرنىڭ ئايالىمۇ،مەن ئىرىمغا ئىشىنىمەن،ئىرىمنى ئاشۇ بۇزۇق ئازدۇردى دەپ مۇھەببەتنى كۇچىلاردا سۆرەپ ئۇرۇپ بەك سازايى قىلىۋىتىپتۇ،قالغان ئىشلارنى مەنمۇ بىلمەي قالدىم ئەمما نەچچە كۇن بۇرۇن كىشىلەردەريانىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن مۇھەببەتنىڭ جەسىتىنى سۇزۋاپتۇ،ھەم ساخچىغا مەلۇم قىپتۇ،ساخچىلار جەسەتنى ئاىلىسدكلەرنىڭ ئىلىپ كىتشنى ئىيتپتۇ،ئۆگەي دادسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇنداق رەسۋانى ئۆيگە يۇلاتمايمەن دەپتۇ ئاپىسىغا يۇلدىشى مىنىڭ ئۇنداق بۇزۇق ئايالىم يۇق دەپتۇ،ئۇ بىچارنىڭ جەسىتى يىرىم كۇن شۇ يەردە تۇرۇپتۇ ،بۇ خەۋەرنى چالا پۇلا ئاڭلىغان مۇھەببەتنىڭ ئۇن بىر ياشلىق ئۇغلى ھىچكىمگە دىمىەي ساخچى ئىدارسىغا بىرپتۇ،ھەم يىراقتىن ئاپىسىنىڭ جەسىدنى كۆرۇپ بەك يىغلاپ كىتىپتۇ،
ئۇنىڭ ئىچىنىشلىق يىغىسى مۇھەببەتنى تىلاۋاتقانلارنىڭ ئاۋازنى بىسىپ كىتىپتۇ،نۇرغۇن باغرى يۇمشاق كىشلەر بۇ سەبىگە قاراپ كۆز يىشنى تۇتالماي قاپتۇ،شۇ چاغدا بالىنىڭ دادسى كەپتۇ ھەم؛
-جۇر ئۇغلۇم ئۇ دىگەن بىر بۇزۇق سىنىڭ ئاپاڭ ئەمەس دەپتۇ،بۇ چاغدا بالا دادسنىڭ قۇلىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ قىچىپتۇ ھەم ئۇدۇل دەريا بۇيىغا بىرىپ سۇغا ئۆزنى ئىتىپتۇ،ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەنلەر ئۇنى سۇدىن ئىلىپ چىقىنىدا ئۇ ئالىقاچان جان ئۇزۇپ بۇپتۇ،
بۇ ئىشلاردىن پۇتۇن يۇرت تەۋرەپ كەتتى،ھەم ئانا قىلسا بالىغا بۇلىدۇ،ئۆزى بىلەنلا كەتمەي يامان ئىشلىرى بالىسنمۇ سۆرەپ ماڭدى دىيشىپ مۇھەببەتنى تىخمۇ ئەيىپلەشتى،ئۇ بىچارەبالا ئاپىسنىڭ شەرمەندچىلىكىدىن نۇمۇس قىلىپ ئۆزنى دەرياغا ئاتىمۇ ياكى ئاپىسغا چىدمايمۇ؟بۇنى ھىچكىم چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيتى،ئەمما ئۇنىڭ كىچىكىنى يۇركى ئىغىر ئازاپتىن پارە پارە بۇلغىنى ئىنىق،بىچارە بالا،،،،ئاپام كۆينىكى بىلەن كۆز ياشلىرىنى ئېرىتى ئۇنىڭ دۇستۇم ئۇچۇن ئەمەس شۇ سەبىي ئۇچۇن ياش تۆكىنى ئىنىق
كىيىن دەپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى ئاپام،،مەھەللە كۇيدكلەر مۇھەببەتنى مۇھەببەتنىڭ يۇلدشى ئۇغلىنى يەرلىكىدە قۇيۇشتى،نەزىر چىراق يىغا زارمۇ ئۆلۇمنىڭ يارىشغىكەن بالام،،مۇھەببەتنىڭ يۇلدشى ئۇغلى ئۇچۇن نەزىرچىراق قىلىپ ھازا ئىچىپتۇ،ئەمما مۇھەبەتنى بۇلسا ئەڭ يامان گەپلەر بىلەن تىلىشىپتۇ پەقەت ئۇنىڭ بىچارە ئاپىسىلاتۇلا ھۇشىدىن كىتىپ ئىسىنى بىر بىلىپ بىر بىلمەي قاپتۇ،ئەمما بىرەر قىتىمۇ قىزىم دەپ ئاۋاز چىقىرالماپتۇ،بۇ گەپلەرنى مەنمۇ خۇشنا خۇلۇملاردىن ئاڭلىدىم،،دەپ گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى ئاپام
-ياق،،،،،،،مەن چاچلىرىمنى يۇلۇپ ئۆزمنى تامغا ئۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم
- ئۇنداق قىلمىغىن جىنىم قىزىم ئاپام تۇختماي يالۋۇراتتى،
-ئاپا مەن بۇنداق ئىچىنىشلىق ئىشلارنى،پەقەت ھىكايدكى تۇقۇلما رىىال تۇرمۇش بىلەن مۇناسۋتى يۇق دەپ ئۇيلايتىم،بۇنداق تىراگىديەنىڭ مىنىڭ دۇستۇمنىڭ بىشغا كىلشنى ئۇيلماپتمەن،مەن چىدىمىدىم ئاپا ،مەن ئىشەنمەيمە مۇھەببەت گۇناسىز،مەن ئالجۇقا ۋارقىرايتىم يىغلايتىم ئۆزمنى ھەر يانغا ئاتاتىم،ھەمىڭلار قاتىل،ھەمىڭلار قاتىل دەپ چىرقىراپ كىتىپتمە،ئالىنملەرنى دەپ مىنى تۇختىتالمىغان ئاپام سىرتقا چىقىپ كەتتى ،ھەم ھايال ئۆتمەيلائاغزى ھىم ئىتىلگەن بىر كۇنۋىرىتنى كۆتۇرۇپ كىرىپ كەلدى
-قىزىم مۇھەببەت ئۆلۇشتىن بىر نەچچە كۇن بۇرۇن بۇ خەتنى ساڭا تاپشۇرۇپ بىرشمنى ھاۋالە قىپ كەپتىكەن،داداڭ رەنجىپ كۆيدۇرۋەت دىگەن مەن ماقۇل دەپ ساخلاپ قۇيغان ئەسلى ساڭا بەرمەي دەپ ئۇيلىغان،ئەمما ھازىر بۇ دۇستۇڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يالدامسى ئازابىڭغا ئازراق بۇلسمۇ مەلھەم بۇپ قالا بۇلدى يىغلىمغىن،مەن ئاستا پەسكۇيغا چۇشتۇم ھەم خەتنى باغرىمغا مەھكەم باستىم
ھۇرمەتلىك ئۇقۇرمەن مەن راسلا چىدىمىدىم دۇستۇمنى ھەممە ئادەم شەرمەندە دىيشىپتۇ،ئەمما جەمىيتىمزدە شەرمەندلەر ئازمۇ ئەمما ئۇلار ئۆلىۋالمىدى ھەم ئۆلۋالماي مەغرۇر ياشايدۇ ئەمما دۇستۇم ئۆلۋاپتۇ،مۇشۇ ئۆلۇمنىڭ ئۆزى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ئۇ ھەرگىز نۇمۇسىز شەرمەندە ئەمەس شۇنداقمۇ؟ مەن ئۇنىڭ بىر ياخشى قىز ھەم نۇمۇسلۇق ئايال ئىكەنلىكىگە ئىشنىمەن سىزمۇ ھەم ئىشىنىڭ
ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان خىتى ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقنى ئىسپاتلاپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس ،،،،،،،
دۇستۇم خىتدە نىملەرنى يازغاندۇ؟قىزىقسڭىز ھىكاينىڭ داۋامىنى كۇتۇڭ
مەريەمگۈل تاشمەمەت
1024 قېتىم كۆرۈلدى | maryamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-2 0:02:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-3 22:09:48 | ئاي قوزام |
قاچانغىچە مۇشۇنداق ساقلارمەن ئەمدى بۇھىكايىنى بەكمۇ تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن قولۇڭلارغا دەرىت كەلمىسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|