بىز
ئالمىرە ئەخمەت
"مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام " دەپتىكەن كونىلىرىمىز . ھايات ئەگەر راستىنلا شۇ پەلسەپىگە چۈشسە مەن ئۆزۈمنىڭ ھالال ئىنسانلىقىمدىن گۇمانلىنىمەن . ئۆزۈملا ئەمەس ئەتراپىمدىكى دوست-بۇرادەرلىرىمدىنمۇ ھەم شۇنداق . چۈنكى بىز ھازىرقى زاماندىكى بەزى بىر ياشلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئەجدادلىرىمىزنى ئاددىيسى بىزگە زور ئۈمۈدلەر بىلەن قاراپ تۇرغان ئاتا-ئانىلىرىمىزنىمۇ دورىيالمىدۇق .
دائىم ئۆيدە تاماق ۋاقتىدا دادامدىن ئاڭلايدىغان :"بالام بىز كىچىكىمىزدە بىر پارچە نانغا بىر كۈن ئىشلەيتۇق ، يەيلى دىسەك تاماق يوق ، ئوقۇيلى دىسەك يا شارائىتىمىز يوق ، سىلە ھازىر جەننەتتە ياشاۋاتىسىلە بالام ، شۇڭا مۇشۇ تاماقنىڭ ئۇۋالىغا قالمىساڭلار بولاتتىغۇ "دىگەنگە ئوخشاش بىر قاتار گەپلەر دائىم تەكرارلانغاچقا ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئەمما مەن شۇ دادامنى دورىيالمىدىم ، تاماقنى قەدىرلەش ئەمەس تاللاشنى ، تاللىغىنىمنى يەنە ئاشۇرۇشنى ئۆگەندىم .
تاكى بۈگۈنگىچە ئاپامنىڭ كۈندە ئەتىگەن خۇددى كىچىك بالىغا جىكىلىگەندەك :" بالام دەرسنى ياخشى ئاڭلا ، قالايمىقان يەرلەرگە بارماي ئۆيگە ئۇدۇل يېنىپ كەل " دىيىشلىرىدىن شۇ قەدەر بىزار بولۇپ كەتتىمكى بەزىدە ئاپامنىڭ گىپىنىڭ ئايىغى چىقماي تۇرۇپلا ماقۇل ماقۇل دەپ غىپلا تىكىۋىتەتتىم . لىكىن ھېلىھەم شۇ ئاپامنىڭ ياخشى ئوقۇ دىگەنلىرىنى دوراپ بولالماي ، كىچىسى تېلىفون ياكى كومپيۇتېر ئوينىغاندا كەلمەيدىغان ئۇيقۇلىرىمنى دەرسكە ئەكىرىپ ئۇخلاشنى ئۆگەندىم .
ئەمىليەتتە بىز ھەممىمىزنىڭ پىسخىكىسى ئوخشاش ، دەل شۇلارنى دورىيالمىغىنىمىزنى ، ياخشى بالا بولالمىغىنىمىزنى بىلىمىزيۇ يەنە ھەر سەۋەپ باھانە بىلەن ئۆزىمىزنى ئاقلاپ تەسەللىي تاپىمىز . ئەمىليەتتە بىز بىلمەيمىز ئەمەس بىلىمىز ، بىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز .
بۈگۈن ئەڭ يېقىن دوستۇم ئەكرەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ، سىنىپتىكى بىر نەچچەيلەن كەچتە بىللە تەبرىكلىمەكچى بولدۇق ، ئاپامدىن تىل ئاھانەت ئاڭلىساممۇ چىداپ 130يۈەن پۇلنى ئېلىپ ،يېڭى ئالغان ھېلىقى ماركىلىق چاپىنىمغا ماسلاشتۇرۇپ ئاپام يۇيۇپ دەزماللاپ قويغان ئىشتىنىمنى كىيىپ ئاپام- دادام بىلمەستىلا ئاستا ئۆيدىن چىقتىم . كەچتىكى ئولتۇرۇش خېلى قىززىدى . يېشىمىز كىچىك بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىمىزدە خېلى خېلى چوڭلاردىن پەرقلەنمەيتۇق ، شۇنداق كۆڭۈللۈك ئولتۇردۇق تېلفۇنۇمنىڭ ئىكرانىدا ئاپامدىن كەلگەن 7 قېتىم ئېلىنمىغان تېلىفون ئۇچۇر ئەسكەرتىلمىسى كۆرىنىپ تۇراتتى ، مەن بۇ ئىشلارغا كۆنۈك ئىدىم ،ئادەتتە جىددىي ئىشىم بولمىسىلا ئۆيدىن كەلگەن تېلفۇننى ئالدىراپ ئالمايتىم . بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇ پەقەت ئۆيگە بارسام ئاپام-دادامدىن ھارغىچە تىل ئاڭلاش بىلەن ۋە ياكى تېلفۇنۇمنى مۇسادىر قىلىۋىلىش بىلەن تۈگەيتى ، بۇ چاغلاردا ھېچ ئەنسىرەپ كەتمەيتىم ، 2 كۈن ئۆيگە كىيىن كەلسەملا ئارتۇق گەپ چىقسىلا تېلفۇنۇم بولسا ئاندىن سىلەرگە ئەنسىرمە دەپ قويالايتىم دەپ بىر باھانە بىلەنلە ئىشنى جۆندەپ تېلفۇنۇمنى قايتۇرۋالاتتىم . شۇنداق قىلىپ تۇغۇلغان كۈن ئاخىرلاشتى ، ھەممىمىز قايتىشتۇق . ئەكرەم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۆيى بىر يۆلىنىشتە بولغاچقا تەڭ قايىتتۇق ، ئەكرەم ئەزەلدىن باشقىچە پوزۇر يۈرەتتى ، كىيىملىرىمۇ بىر قاراشتىلا قىممەت باھالىق ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . بۈگۈنمۇ باشقىچىلا ئاخسا تۇراتتى . ئىككىمىز پاراڭلىشىپ مېڭىۋاتساق بىرىنىڭ ئەكرەمنى توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، قارىسام چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرغان ئىككى پۇتى يوتىسىدىن ئۈزۈلگەن قارىماققا ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك بىر ئەرنى ئىتتىرىپ تۇرغان بېشىدىكى ياغلىقىنىڭ ئارىسىدىن پاخپايغان چاچلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان ، كىيىملىرىنىڭ رەڭگى ئۆچكەن 45 ياش چاممىسىدىكى ئايال بىزنى شەرەتلەپ تۇراتتى . ئەكرەمنىڭ چىرايى دەرھاللا ئۆزگۈرۈپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا تۇرۇپ قالدى . ئايال ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئەكرەمگە قاراپ :"جېنىم بالام مەكتەپتىن ئەمدى ياندىڭمۇ ، بىر كۈن دەرس ئوقۇپ قورسۇقۇڭمۇ ئاچتى ھەقىچان ، قارا ساڭا نىمە ئەكەلدىم "دەپ يىرتىق چاپىنىنىڭ يانجۇقىدىن ئىككى تال سامسىنى چىقىرىپ ئەكرەمگە تۇتقۇزدى ، ئەكرەم خۇددىي پۇتى كۆيگەن توخودەك نىمە قىلىشىنى بىلمەيلا تۇراتتى ، مەنمۇ دەرھال ئۆزۈمنى بىلىپلا ئۇنى خىجىل قىلماي ئۆيگە قايتاي دەپ خوشلۇشۇپ ئۇلاردىن ئۇزاقلاشتىم . يولدا ماڭغاچ ئويلۇدۇم ، ھەر كۈنى مەكتەپتىن يانغۇچە دۆڭكۆۋرۈك تەرەپتە كۆرىدىغان بۇ ئەر-ئايال تىلەمچى بوۋاي مومايلار ئەسلى سىنىپىمىزدىكى چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ ، ئاخسا باللا قاتارىدا يۈرىدىغان ئەكرەمنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىكەن ئەمەسمۇ ، ھەي خۇدا ....... بۇنىڭدىن ئارتۇق ئويلاشقا پېتىنالمىدىم . قورويىمىزنىڭ ئالدىغا قانداق كىلىپ قالدىم بىلمىدىم قارىسام بىنانىڭ ئالدىدا دادام كىمنىدۇر ساقلاۋاتقاندەك ئەتراپقا قاراپ تۇراتتى . ئۇچىسىدا يەنە شۇ ھېلىقى 4 يىل ئاۋالقى قارا ياقىلىق چاپىنى كىيىگلىك ئىدى . ئاستا ئۇچامغا قارىدىم ، يېڭى ئالغان بۇ چاپىنىم بۇ يىلقى ئالتىنجى يېڭى چاپىنىم ئىدى . ئاستا يانجۇقۇمغا قولۇمنى سالدىم ، ئېشىپ قالغان يەتتە يېرىم كويۇمغا ئاپامغا 3 تال سامسا ئالدىمدە دادامنى چاقىردىم ."دادا مەن كەلدىم !"
| 330 قېتىم كۆرۈلدى | almira | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-3 0:47:42 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|