قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 11- قىسىم

 قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)
2- بۆلۈم 11- قىسىم
www.yazghuqilar.com


 تايىر ئۇيغانغاندا تاڭ سۈزۈلۈپ قالغانتى ، ئۇخلاپ ياتقان تەۋەككۈلچىلەر تاڭنىڭ مۇزدەك ھاۋاسىدا مۇزلاپ ئۇخلىيالماي مەجبۇرى تۇرغىنىدا ،تايىر ئولتۇرغان پېتى ئۇيقۇدا ئىدى ، تۇرغۇن ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن ھەيران بولۇپ ئالمان - تالمان ئۇنى ئۇيغاتقانتى .
- پۈتۈن كىچە يالغۇزلا قاراۋۇللۇقتا تۇرغىچە بىزنى ئۇيغۇتىۋەتسەڭ بولماسمىدى ؟- دىدى تۇرغۇن ،- بىزمۇ قاتتىق ئۇيقۇغا كىتىپتۇق .
تايىر ئەتىراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ چىقتى ، ئۇ بايىلا كۆرگەن چۈشنىڭ دەھشىتىدىن تېخىچە ئەسلىگە كىلەلمەيۋاتاتتى . ئۇنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىگى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان چىرايىدىن بىر نەرسىنى سەزگەن دىلبەر كۆيۈنگىنىچە سورىدى :
- نىمە بولدىڭىز ! يەنە قارا بېسىپتۇدە؟
تايىر بىردەم ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ پەس ئاۋازدا :
- مەن چۈشۈمدە بۇۋاي بىلەن كۆرۈشتۈم !- دىدى ، ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا تەلمۈرۈشتى ، تايىر ئۇلارغا چۈشىنى بىرمۇ - بىر سۆزلەپ بەردى .
ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھەممىسى سۈكۈتكە چۆكىشتى ، ئۇلار ئەزەلدىن چۈش بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ ، رىياللىق بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە يوق دەپ ئويلاپ كىلىۋاتقاچقا تۇيۇقسىزلا رىياللىق بىلەن زىچ باغلانغان ، بىشارەت تۈسىدىكى بۇنداق چۈشلەر ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنى گاڭگىرتىپ قويىۋاتقانتى .
- ئەمىسە ،- دەپ جىمجىتلىقنى بۇزدى ئىسكەندەر ،- بىز بۇ ئىشنى قىلىشتىن قۇتۇلالمايدىكەنمىزدە ؟
 تايىر باش لېڭشىتتى .
- بۇنداق ئىشلار نىمىشقا بىزگىلا ئۇچۇرايدىغاندۇ ؟ يەر شارىدا نەچچە مىلىيارت ئادەم بارغۇ ؟- دەپ غۇدۇڭشىدى گۈزەلنۇر سۇلغۇن ھالەتتە .
- دىمەك ، بىزنىڭ يۆلىنىشىمىز ، تەۋەككۈل قىلغىنىمىز توغىرىكەندە ! بۇۋاي بىزنى ساقلاۋېتىپتۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن بىشارەت بەردى ، ئەمدىكى نىشانىمىز شۇ يۇرتنى ، بۇۋاينى تېپىشلىكەنغۇ !- دەپ گەپ قىستى تۇرغۇن .
- ھېلىمۇ شۇ نىشاندا كىتىۋاتىمىزغۇ ؟- دەپ كۈلدى سەمەت ئۇنىڭغا قاراپ .
- بىلىمەن شۇ نىشاندا كىتىۋاتقىنىمىزنى ، مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم يەنىمۇ شۇ نىشاندا ماڭىمىزمۇ دىمەكچى !
- ھېلىمۇ شۇ بىرلا نىشاندا مېڭىۋاتىمىزغۇ ؟ - سەمەت ئۇنىڭ چۈشەندۈرەلمىگىنىدىن كۈلدى .
- شۇ نىشاننى بىلىۋاتىمەن ، شۇ نىشاندا يەنە شۇنىڭدا ماڭىمىزمۇ دىمەكچى ؟
سەمەت كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتالماي :
- سەن زادى نىمە دىمەكچى ؟- دەپ قايتا سورىدى .
- بولدى ۋاي گەپ قىلماپتىمەن !- دىدى تۇرغۇن تىرىكىپ ،- ھە دىسەڭلا بولمىدىمۇ ؟ قىزلارنىڭ ئالدىدا ئادەمنى گاچا قىلغۇچە ، خاتا گەپ قىلىپ قويغىنىمنى چاندۇرۇپ .
بالىلار ئۇنىڭ قىلىقىدىن قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كىتىشتى ، باياتتىن ۋەھىمە تۇمانىدا قالغان تايىرمۇ ئاغىنىسىنىڭ گېپىنى ئوڭشىيالماي تىرىكىشىدىن ھەممىنى ئۇنتۇپ تازا كۈلدى .
 بۇ چاغ تاڭنىڭ گۈزەل ۋاقتى يەنى ،قىزىل قوياشنىڭ تۇرۇپ يېسىماق ، تۇرۇپ سوزۇنچاق بولۇپ يېڭى كۆتۈرۈلگەن ۋاقتى ئىدى . پۈتۈن كائىنات قىزىل يېڭى نۇرمۇ قىزىل بولغاچقا  بۇ جاي قىزىل رەڭگە كۆزنى چاقناتقۇدەك  تويۇنغانتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا بىرەر جانلىق يا ھېچبولمىغاندا بىرەر تۈپ گىياھمۇ ئۇچۇرمىغاچقا، بۇ يەرنىڭ غەلىتىلىگى ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرۋاتاتتى .
ئۇلار شۇ جايدا ناشتىلىقلىرىنى قىلىپ بولۇپ ، يۈك - تاقلىرىنى پۇختىلاپ تېڭىشتى ھەم خەرىتىدىكى نىشاننى بېكىتىۋېلىپ سەپەرنى باشلىدى .
 ئۇلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا شېغىل ساي ، كۆز ئالدىدا تۈگىمەس قىزىل دۆڭلۈك ، ئاسماندا بىرەر پارچىمۇ بۇلۇت قالمىغان ،بۇ مەنزىرە خۇددى نەچچە ئىنساننىڭ باشقا پىلانىتتا سەرسان  يۈرىگەن ھالىتىنىلا ئەسلىتەتتى .
 ئۇلار ئالاھەزەل ئۈچ سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن بىر يارداڭلىققا كىرىپ قالدى ، بۇ يارداڭلىقمۇ قىزىل توپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ،شەكلى ، كۆرىنىشى تېخىمۇ غەلىتە ،تېخىمۇ سۈرلۈك، تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى .
- قانداق جاي ھېي بۇ ؟- دىدى ئىسكەندەر ،- سىرلىق ئوردىدەك يەرگە كىرىپ قالدۇقمۇ نىمە ؟ ئەتىراپى چوقا ، ئىچى ھەر تەرەپكە سوزۇلغان جىراكەن ، ماۋۇ زوڭڭىدە چىقىپ قالغان چوقىلارمۇ بىر نەرسىلەرگە ئوخشاپ قالامدۇ نىمە؟ قاراڭلار ئاۋۇ بەھەيۋەت دىيۋىگىلا ئوخشايدىكەن !
- بولدى قىلە !- دەپ كۈلدى تۇرغۇن ،- سەن خۇددى دىيۋىنى كۆرۈپ باققاندەكلا ئوخشاتتىڭغۇ !
- كىم بىلىدۇ بۇرۇن كۆرمىگەن بولساق ئەمدى كۆرىمىزمۇ تېخى !- گەپ قوشتى سەمەت .
- ئاغزىڭلارنى ئۈشۈتمەڭلەرچۇ ؟- گۈزەلنۇر ئاغرىنىپ ،- ئۇ نەرسىلەرنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلۋاتامسىلەر! خۇدا ساقلىسۇن ! ھېلىمۇ ئۇلارسىز بۇ جاينىڭ سۈرلۈكلىگىمۇ ماڭا يىتىپ ئېشىۋاتىدۇ !- دەپ ھەممىسىنى جىمىقتۇردى .
 دىمىسىمۇ بۇ جايدىكى چوقىلار سېپىلدىكى پوتەيلەردەك ، ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە چوقچۇيۇپ چىقىپ شەكلى ئاللىقانداق مەخلۇقلارغا ، ئاللىقانداق يېرىمى ئادەم ، يېرىمى ھايۋان شەكىللىرىگە ، يەنە سۇدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان گىگانىت پاقىلارغا يەنە قانداقتۇ ئادەمنىڭ قولى بىلەن تىمساقنىڭ كۆزلىرىگە  ئوخشاپ قالاتتى .ئۇلار ئۇنى - بۇنى دىيىشىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ھارغىنىنى ھېس قىلىشتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنمۇ چۈشكە يېقىنلاشقاچ جاھان قىزىپ سەپەرنى قىيىلاشتۇرۋاتاتتى .
 - ھېرىپ كەتتىم !!!
 شۇنداق دەپلا گۈزەلنۇر ئولتۇرۋالدى .ئۇنىڭغا ياندىشىپ دىلبەرمۇ ئولتۇردى . يىگىتلەر ئۇلارغا قاراپ بېقىپ سەپەرنى توختىتىشتى .
- ئەمىسە ھەممىمىز موشۇ يەردە بىردەم دېمىمىزنى ئېلىۋالايلى !- دەپ سۆمكىسىنى تاشلىدى تايىر .
- دەم ئالساقمۇ سايە بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇرايلى !- دەپ ئەتىراپقا نەزەر تاشلىدى تۇرغۇن .
 ئوغۇللار غادىيىپ تۇرغان بىر چوققىنىڭ سايىسىنى نىشانلاپ ماڭدى ، قىزلار ئىرىنچەكلىك بىلەن ئەگەشتى ، ھاردۇق بانىسىدا ئۇلار قۇرساق توقلىۋالغانمۇ بولدى ،بىردەم ھاردۇق چىقارغانمۇ بولدى .
- چىڭ چۈش بولغۇچە يەنە بىردەم يول مېڭىۋالايلى ! -دىدى بۇ چاغدا تايىر خەرىتىگە قاراپ ، - بۇنىڭغا قارىغاندا قۇملۇققا يېققىن كەلگەندەك تۇرىمىز ، كەچ كىرگىچە ھېلقى يۇرتنى تېپىۋالايلى!
 ھەممىسى ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ ، يۈك - تاقلارنى يىشتۇرۋاتقاندا ،  گۈزەلنۇر دىلبەرگە پىچىرلاپ ھاجەتكە بېرىپ كىلىشنى دىۋىدى دىلبەر ھازىرچە بارمايدىغىنىنى ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن ئۇ ، ئۇلاردىن يىراق بولمىغان بىر چوققىنىڭ كەينىگە ئۆتتى -دە بىردەمدىلا قايتىپ كەلدى .
ئۇ كىلىپ :
- ماۋۇ مېنىڭ قېلىچىمنى باشقىڭلار كۆتىرۋېلىڭلار !- دەپ سوغاقلا گەپ قىلدى .
تايىر ئۇنىڭغا يۈك ئېغىر كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، قېلىچنى ئېلىپ يۇك - تاقلىرىنىڭ ئارسىغا قىستى ،گۈزەلنۇر قالغان يۈكىنى ئارتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە يولىغا مېڭىشتى.
 بىر ھازادىن كىيىن گۈزەلنۇر ئۆتكەن چوققا تۈۋىدىن يەنە بىر گۈزەلنۇر چىقتى ، بۇ ھەقىقى گۈزەلنۇر ئىدى ، ئۇ خىيالىي ھالدا چىقىپ ھەمىراھلىرى قالغان جايغا قارىۋىدى ھېچكىم يوق ، ئۇنىڭ يۈرۈگى جىغ قىلىپ قالدى .
- ھەي قېنى سىلەر!!!- دەپ ۋاقىردى ئۇ ، بۇ چاغدا بۇ جىمجىت ماكاندىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازىنىڭ ئەكىس ساداسى كەلدى ، ئەكىس سادا ئۇنى تېخىمۇ قورقۇتتى ،- مەن بىلەن ئويناشماڭلار ، مەن قورقۇپ كىتىۋاتىمەن ، دىلبەر!!!
 ئۇنىڭ كۈتكىنى دوسىتلىرى يۆشۈرۈنگەن جايىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭ ھالىتىگە كۈلۈش ئىدى ، لېكىن ئەكسىچە ئۇ ئۆز ئاۋازىنىڭ ئەكىس ساداسىدىن باشقا ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدى .
 ئۇ ئۇلارنى چاقىرغاچ ئەتىراپقا ئايلىنىپ يۈرۈپ نەزەر تاشلاپ باقتى ، يەنىلا ئۇلارنىڭ قارىسى يوق .
- دىلبەر ، تايىر ، تۇرغۇن! ئەمدى چىقمىساڭلار يىغلايمەن جۇمۇ!!!
 ئەتىراپ يەنە جىمجىت ، گۈزەلنۇر باياتتىن ئۇلار مەن بىلەن ئوينىشۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا ، ئەمدى راستىنلا قورۇققان ئىدى ، دىمىسىمۇ بۇنداق چۆل - جەزىرىدە ، قورقۇنۇچلۇق يارداڭلىقتا ئۇ تۇرماق ھەرقانداق بىر ئەر كىشىنىمۇ سۈر باساتتى .ئۇ جايىدا ئولتۇرۇپلا يىغلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قورقۇنۇش ھېسىياتى بىلەن ھەمىراھلىرىن ئاغرىنىش ھېسىياتى بىرىكىپ ئۇنى ئۆزلىكسىز يىغلىتىۋاتاتتى . ئۇ شۇيەردە ئون مىنۇتتەك يىغلاپ بېقىپ ،ھەمىراھلىرىنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكىنىگە  ئىشەنگۈسى كەلمىدى، تۇيۇقسىز ئۇ ئۇلارنىڭ ئىزىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى ،ئۇ يۈگۈرەپ بېرىپ ئىزلارنى  كۆرۈپ ،ئىزنىڭ راستىنلا جەنوپنى بويلاپ كەتكىنىنى بىلدى. كۆڭلىدە ،« بۇلار مېنى يىتىشۋالىدۇ دەپ ماڭغاچ تۇرغان ئوخشايدۇ ، بەلكىم ئالدىمدا ساقلاۋاتقاندۇ؟» دىگەنلەرنى ئويلىغاچ ئۇمۇ ئىزنى دەسسەپ ئىخچام قوغلۇشۇپ ماڭدى .
 ئۇ شۇنداق تىز ماڭسىمۇ ھەمىراھلىرىنىڭ قارىسى كۆرەنمەيۋاتاتتى ، كۆرگىنى ئەگىرى - بۈگىرى جىرادىكى ئاياق ئىزى بولدى خالاس .
 سۈرلۈك جىرا، قورقۇنۇچلۇق چوققا ، ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە چېلىقىپ تۇرغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەر ، يىگانە يالغۇزلۇق ، قىز ئەمدى ۋەھىمە ئىسكەنجىسىدە يۈگۈرەشكە باشلىدى ، قولى بولسا توختىمايۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۇپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتاتتى . ئۇ يۈگەرگەنچە كەينىدىنمۇ بىر نەچچۈيلەننىڭ تەڭ يۈگىرۋاتقىنىنى ھېس قىلاتتى -دە ئالمان - تالمان كەينىگىمۇ قاراپ قوياتتى ، ئۇ ئىزغا قاراپ يۈگىرىۋەردى ، ئالدىدىكى ئىزلارمۇ تۈگەپ قالىدىغاندەك قىلمايتتى ، ئۇ ئاستا - ئاستا ھالسىزلىنىپ يۈگىرەشتىن توختىدى -دە ئاچچىغىدا ھەمىرالىرىنىڭ ئىسمىنى بار كۈچى بىلەن چاقىردى :
- دىلبەر!!!
- تايىر!!!
- سەمەت!!!
 ئۇ چاقىرىپ بولۇپ كۈتكىنى باشقا نەرسە ئەمەس بايقىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەكىس سادالا بولدى ، ئۇ يەرگە ئۆزىنى تاشلىدى ،« ئۇلار مېنى نىمىشقا تاشلاپ كىتىدۇ! مەن ئېزىپ قالسام بۇ يەردە ئۆلمەمدىم !» ئۇ شۇلارنى ئۇيلاپ ياشلىرىنى تېخىمۇ توختىتالمىدى ،« خەپ ! مەن ئولتۇرسام بولمايدۇ ، بەلكىم ئۇلارغا يېقىنلاپ قالغاندىمەن ئاۋال يىتىشەي قالغىنىنى شۇ چاغدا كۆرىسىلەرغۇ؟» ئۇ غەيرەتكە كىلىپ يەنە ئىز بېسىپ مېڭىشقا باشلىدى .
 تايىرلار كىتىۋېتىپ گۈزەلنۇرنىڭ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ، شۇنداق يەڭگىل يول يۈرىشىدىن بىر ئاز ھەيران بولۇشتى .
- گۈزەلنۇر !- دىدى تايىر ئاۋال ئېغىز ئېچىپ ،ئۇنىڭ يەڭگىل دەسسىگەن پۇتلىرىغا ھەۋەس قىلغىنىچە ،- باياتتىن ھېرىپ ئاران قېلىۋىدىڭىز ، بىردەم ھاردۇق ئالغانغا ھەممىمىزنىڭ ئالدىدا يول بەرمەي يۈگەرگەندەكلا ماڭىسىزغۇ؟
- تاماقنىڭ كۈچىدە ،- دىدى تۇرغۇنمۇ شوخلۇق قىلىپ ،- سىزگە تاماق ماشىنىغا بىنزىن كۈچ قىلغاندەكلا تىز كۈچ قىلىدىكەن ھە!
بالىلار كۈلۈشتى ، پەقەت گۈزەلنۇر يا گەپ قىلمىدى ، يا كۈلمىدى .ئۇنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ دىلبەرمۇ چاقچاق قىلدى :
- گۈزەلنۇر قۇرساقنى بوشۇتۇپ راستىنلا يىنىكلەپ كەتكەن ئوخشايسەن ، بىلسەم مەنمۇ چوققا كەينىگە سەن بىلەن تەڭ باراركەنمەن !
 بالىلار يەنە كۈلۈشتى لېكىن گۈزەلنۇر يەنىلا بايقى پېتىنى ئۆزگەرتمەي جىمجىت ماڭىۋەردى ، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن ئەجەپلەنگەن دىلبەر يۈگۈرەپ بېرىپ ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلىدى -دە ئۆزىمۇ سەزمەي بىر خىل ۋەھىمىلىك سىزىمنىڭ ۋۇجۇدىغىغىچە بارغانلىغىدىن ئەندىكىپ كەتتى ، گۈزەلنۇرنىڭ يېلىن كىيىنگەن بەدىنىدىن ئىسىقلىقتىن ئەسەرمۇ يوق خۇددى بىر جەسسەتتەك مۇزدەك سىزىمنىلا سەزدى . بۇ چاغدا گۈزەلنۇرمۇ تىزلىكتە ئۇنىڭ قولىنى « شارىتتىدە » قايرىپلا تىزلىك بىلەن سەكىرەپ ئۆزىنى قاچۇردى .
 ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن تېخىمۇ ھەيران قالغان بالىلار ئۇنىڭغا قاراپلا قالدى .
- نىمە بولدىڭىز گۈزەلنۇر ، خاپا بولۇپ قالدىڭىزما؟-سورىدى تۇرغۇن .
 ئۇ بېشىنى يەردىنمۇ كۆتەرمەي جاۋاپ بەردى :
- ياق !
- نىمە بولدۇڭ ؟ بەدىنىڭ نىمانداق مۇزلاپ كەتكەن ، ئاغرىپ قالدىڭىما؟
 دىلبەر ئۇنىڭ تۇرقىغا بەكلا ھەيران قېلىۋاتاتتى .
ئۇ يەنە قىسقىلا جاۋاپ قايتۇردى :
- ياق !
 ئۇ بالىلارغا بىر قاراپ قويۇپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى چۈشىنەلمەيۋاتقان باشقىلارمۇ بىر - بىرىگە قارىشىپ قويۇپ ،ئۇنىڭغا ئۈن - تىنسىز ئەگەشتى .

ئاخىرى بار…





2480 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-17 4:21:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-1 5:34:01 ئەكبەر
شۇنداق ياخشى ئەسەركەن كۈندە قارايمەن كەچتە ئۇقۇماي كۈندىزى كورقۇپ ئۇقۇپ يۈرۈيمەن تىزرەك يولسىڭىز
2017-4-1 5:10:03 سەھەر.
زادى ئىچىم پۇشۇپ كەتتى مېترو ئاكا.ھەر كۈنى نەچچە قېتىم قاراپ كېتىمەن.ئاخىرىنى يوللىغاندىمۇ دەپ. ئادەمنى، بەك تەقەززا قىلىۋەتتىڭىز.مېنىڭ بەك ئاچچىقىم كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى بىر ىككى كۈنگىچە يوللىمىسىڭىز. شۇ ئاچچىقىمدا.يازغۇچىلار سالونىنى يۇيىۋېتىمەن.جۇمۇ.ئەجەب ئىچىم پۇشۇپ كەتتى.😜😝😫😫😫😫😫
2017-3-31 20:51:27 ئئابلىكىمجان
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەرۋاقىت ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن شۇنۇڭ ئۈچۈ ئەسەرلىرىڭىزمۇ ئۇڭۇشلۇق چىقسۇن ئەسەرنىڭ داۋامىنى ؟؟؟؟؟؟؟
2017-3-31 9:17:46 ئەسئەت
كەينى نىمىشقا چىقمايدۇ ، ھەركۈنى بىرنۆۋەت قاراپ باقىمەن ، تىزراق ياسسىڭىز ، بولمىسا تۈشەنچە بىرىڭ …
2017-3-31 8:28:58 akil
تېخىمۇ تىرىشىڭ ،،،،،
2017-3-31 6:49:37 پىنخان
مىتىرۇ ئەپەندىم بامۇسىز ،يىكايىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ئاخىرىنى بى گاچىدە يۇلاڭا...بەك تەقىزا بۇلدۇق
2017-3-31 3:30:07 زۆھرە
ئاخىرىنى ئوقۇشقا تەقەززا بوغىنىمدىن كۈندە نەچچە رەت ئىچىپ قارايمەن ئاخىرى نىمىشقا چىقمايدۇ
2017-3-30 9:40:51 پەزىلەت
بەك ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم。ئاخىرى قاچان چىقار
2017-3-30 7:50:51 پىنخان
ھۇرمەتلىك مىتىرۇ ئەپەندىم ئەسىرىڭىز شۇندا ياخشى چىىقى ۋاتىدۇ ،مەن داۋا مىغا بەكلا تەقىزا .بەلكىم باشقا تۇرداشلارمۇ ماڭا ئۇخشاش كۇزقاراش تىدو ،سىزياز غۇچى سۇپىتىڭىزبىلەن تۇرداشلار غا ئەسىرىڭىز نىڭ داۋامىنىڭ يىزىلۋاتقىننى يا تەھىرلەش باسقۇچىدا ئىكەنلىگى ،،،،تۇغرىسىدا قاچانلار دا يۇللايدىغان لىغىڭىز تۇغرىسىدا ئۇچۇر يۇللاپ تۇرغان بۇلسىڭىز.تۇرداشلار خاتىرجەم بۇلغان بۇلاتتى.....
2017-3-30 2:33:53 راھىلە.
ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى، تېزراق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ.سابىق، كۆرۈرمەنىڭىزدىن.راھىلە.تېزراق يوللاپ بېرىڭە ئاخىرىنى.
2017-3-29 17:43:35 ھىدايەت
قورقۇنچلوق سىرلىق رايۇن 2-بۈلۈم 12 -قىسىم نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە يېزىلمىدى؟ مەن بەك ياقتۇردۇم .قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن. مۇمكىن بولسا داۋامىنى تىزراق يېزىپ يوللاپ بىرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
2017-3-29 5:17:02 راھىلە.
ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى تېزراق يوللاپ بېرىڭە مېترو ئاكا.مەن بەك تەقەززا بولۇپ كەتتىم.😃😃😃
2017-3-28 23:49:14 ئەمەرجان ئېلى
ئاخىرى چىقمامدۇنىمە 😳😳😳😧😧
2017-3-28 19:12:30 يۈسۈپجان
بەك ئاستا چىقىدىكە ئاخىرى ،تېزىراق چىقارساڭلار بوپتىكەن ،بەك ساقلىتىۋىتىدىكەنسىلەر
2017-3-28 19:09:01 ئارمانىم
قورقونوچلوق سىرلىق رايوننىڭ ئاخىرى قاچان ئەۋەتىلىدو
2017-3-28 4:53:01 زىيالى
ئاخىرى قاچان چىقىدۇ
2017-3-28 1:53:22 ئارزۇگۈل
قورقۇنۇچلۇق سرلق رايۇننڭ ئاخرنى يوللمامسلەر
2017-3-27 8:52:25 شەھلا
مېترو ئەپەندى ، خېتىمنى كۆرسىڭىز ، جاۋاپ قايتۇرۇڭ ، مەن كۇچالىق شەھلا ،
2017-3-27 7:35:28 پىنخان
12-باپنى قاچان يۇللايسز مىتىرۇ ئەپەندىم؟
2017-3-27 3:00:28 بەخىت
داۋامىنى تېزراق يوللىسىڭىزكەن
2017-3-27 0:21:53 ئەكبەر
ئاخىرى چىقمايدغۇ
2017-3-26 21:15:39 راھىلە
ئاخىرى تىزراق يوللانسا ياخشى بولىتى
2017-3-25 23:15:41 yaprak
قورقۇنچلۇق سىرلىق رايون نىڭ 2-بولۇم 12-قىسىمنى يوللاپ قويۇڭلار
2017-3-25 15:29:06 گۈلۈم
زادى قاچانمۇ يوللاسىز ئاخىرنى😔😔😄😄
2017-3-25 6:17:12 ئارزۇگۈل
قورقۇنۇچلۇق سرلق رايۇننڭ ئاخرنى تەقەززالق بلەن كۈتۋاتمە
2017-3-24 23:11:49 ئەمەرجان ئېلى
ناھايىتى تەققازالىق بىلەن ساقلاۋاتىمەن
2017-3-24 4:40:03 دىلكەش
داۋامىغا ئىنتىزارمەن ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
2017-3-23 18:38:50 ib lis
bak, saklap kattim ahirini
2017-3-23 13:09:25 رابىيە
زادى قاچانمۇ يوللاسىلە ئاخىرنى نەچچە كۈن بولدى يوللىمايسىلەغۇ ئىچىم بەك پۇشۇپ كەتتى
2017-3-22 10:40:16 ھۆرگۇل
قورقۇنۇچلۇق سىرلىقۈرايۇن 2.بۇلۇم11- قىسىمنىڭ ئ‍اخىرنى داۋاملىق يوللاپ بەرسىڭىز،مەن سىزنىڭ بارلىق ئ‍ەسەرلىڭىزنى ياخشى كۇرۇپ ئ‍ۇقۇپ كىلۋاتقان
2017-3-21 20:59:12 gulbahar02
مەن بۇ ئەسەرنى بەك ياختۇرۇپ قاغان ئىدىم ،،،بۇ ئەسەر نىڭ ئاخىرى خېلە كۈنلەر بوپ قالدى ھىچ چىخمايدىغۇ ؟ يازغۇچى ئەپەندىم : ئاخىرى تىزراق ياسسڭىز بۇلتتى،،،
2017-3-21 7:22:53 مەستانە
مەن بۇ ئەسىڭىزگە بەك قىزقىپ قالدىم داۋامىنى تىزراق يازسىڭىز بوپتىكەن
2017-3-18 3:35:51 گۈزەلنۇر
ئاخىرى تىزراق چىقسا بوپتىكەن ئوقۇشقا بەك ئالدىراپ كىتىپ بارمەن
2017-3-17 20:04:52 ئەمەرجان ئېلى
بىكاغا ئوقۇۋېرىپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم يازغۇچىغا ھۆرمەت يۈزسىدىن بىرەر ئىش قىلىپ بەرسەم دەپ ئويلىدىم رەھمەت سىزگە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ