پەرزەتمۇ ، ياكى بەگزادىمۇ
(ھىكايە )
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
بىز شۇنداق ئىنسانلار .....
ئاخشام كىتاب كۆرىۋاتقان ئىدىم ، تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى ، تىلفوننى ئىلىپ :
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيىشىمگە قارشى تەرەپتىن ياشقا چوڭ بىر ئاپاشنىڭ يىغلامسىراپ ، ئىغىزى گەپكىمۇ كەلمەي مىڭ تەسلىكتە سالىمىمغا جاۋاپ قايتۇردى .
توۋا ، كىم بولغىتتى بۇ ، ئەجىبا تۇققانلاردىن بىرى .... ياق بۇ ، تۇققانلارنىڭ ئاۋازى ئەمەس .
ئاپا كۆڭۈللىرىنى ھىرىم قىلمىسىلا ، ھەممەئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ سىلى ...؟
ئۇ مىڭ تەسلىكتە يىغىسىنى توختۇتۇپ سۆزىنى باشلىدى ... ئۇنىڭ دىيىشچە ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى يىقىن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئاپىسى بولۇپ چىقتى ، ئىلگىرى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا دائىم دېگۈدەك بۇ ئاپاش بىلەن ئۇچۇرشۇپ يۈرگەچكە ئۆزۈمگە خىلى يىقىن كۆرەتتىم ، ئۇ ئاپاشمۇ مىنى گەپ سۆزلىرى ئورۇنلۇق ، بىشىدىن ئىسسىق سوغۇقلار ئۆتكەن بىر بالا دەپ قاراپ ماڭا ئامراقلىق قىلاتتى ، مەن قاچانلا بارسام بىر ئانىلىق مىھىر بىلەن كۈتۈپ ، مىسكىن ، قاتراڭغۇ ، يول - يول قورۇق چۈشكەن شۇ چىرايىغا ئىللىق بىر كۈلكە پەيدا بولاتتى ....
ئۇنىڭ ئىيتىشچە ، دوستۇم ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كىيىن ئوقۇشتىن سىرىت قايسى بىر شىركەتنىڭ بازار ئىچىش خادىمى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ئىيتىپ تا ھازىرغىچە ئاپىسىنى چىقىمدار قىلماي ياشاۋاتقان ئىكەن ، ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ، دوستۇمنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئۇ ئاپاشقا تىلفون قىلىپ دوستۇمنىڭ ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكى ، يامان ئادەملەر ئارلىشىپ قىلىپ مەكتەپكە كەلمەيۋاتقانلىقى ، شۇڭا تەربىيە قىلىپ قويىشىنى ئىتىپتۇ ، دوستۇمنىڭ ئانىسى ئۇ ياۋاش ، مۆمۈن پەرزەنتىگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا بۇ ئەھۋاللارنى دوستۇمدىن سوراپ ، ئەھۋال ئىگەللەپتۇ ، دوستۇم ئاپىسىغا :
- مەن ياخشى ئەنسىرمە ئاپا ، مۇئەللىم بىلەن ئازراق ۋارقىرشىپ قالغان ئىدىم ، شۇڭا شۇنداق دىگەن ئوخشايدۇ دەپلا تىلفوننى قويۇپ تاكى تەتىلدە قايتقۇچە تىلفون قىلىپمۇ قويماپتۇ . بىچارە ئاپاش شۇ بالىسىغا ئىشىنىپ :
- بەلكىم ئۈگۈنۈشلىرى ئالدىراشتۇ ، ياكى بولمىسا تىلفوننى بۇزۇلۇپ قىپ تىلفون قىلالمىغاندۇ ، ياكى بولمىسا ..... دىگەندەك خىياللار بىلەن يۈرۈپتۇ .
تەتىل بوپتۇ ، دوستۇم يۇتقا قايتىپتۇ ، ئىگىرى شۇنچە ئاددىي - ساددا كىيىنىدىغان دوستۇمنىڭ كىيىملىرى بىچارە ئاپاش كۆرۈپ باقمىغان پۇزۇر كىيىملەر ، قولىدا بولسا كۆزىنى چاقنىتىدىغان قىممەت باھالىق سائەت ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ،.... ئىشقىلىپ ئۇ ئاپاش بۇ بالىدىن ھەيران قىپ ئالدىدا شۇنچە تەمتىرەپتۇكى ، قوللىرى ئىشقا بارماي ، پۇتلىرى كالامپايلىشىپتۇ ...
ئاپاش بىر كۈنى ئەھۋالنى سورىغاندا :
- بۇلارنى ئىشلەپ ھالال يول بىلەن تاپتىم ... دەپلا گەپنى تۈگۈتىپتۇ ، تەتىلمۇ توشۇپ قاپتۇ ، دوستۇم مەكتەپكە قايتىپتۇ ، كۈنلەر شۇنداق داۋام قىپتۇ ، ئىلگىرى كۈندە نەچچە رەت تىلفون قىلىپ ھارمايدىغان دوستۇم مانا ئەمدى نەچچە - نەچە ئايلاپ تىلفون قىلماپتۇ ، بىچارە ئانا پەرزەت ئىشقىغا چىدىماي ئۆزى تىلفون قىپتۇ ، ئەپسۇس ، تىلفۇنى ئىتىك ....
بىچارە ئانا ئولتۇرالماي قالغان مۇشۇ كۈنلەردە ، ناتونۇش بىر تىلفون نومۇرىدىن تىلفون كىلىپ ، دوستۇمنىڭ توردىن پايدىلنىپ سەكسسەن نەچچە مىڭ يۈەن قەرىز پۇل ئىلىپ قايتۇرمىغانلىقى ، مەكتەپتە بولسا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھاراق ئىچىپ مەكتەپتىن قوغلانغانلىقى ، شۇڭا دوستۇم بىلەن ئالاقىلشالماي ساقچىلار ئارقىلىق بۇ تىلفون نومۇرىنى تىپىپ تىلفون قىلغانلىقى ، تىزدىن قەرىزنى قايتۇشنىڭ لازىملىقى بولمىسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ.....
بىچارە ئانا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئەقلىنى يوقۇتۇپتۇ ، خۇددى ھەممە يەر قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ نەچچە كۈن گاراڭ يۈرۈپتۇ . كىيىن يەنە شۇ پەرزەنتىدىن ئەنسىرەپ دوستۇمنىڭ ئالاقىسىنى قىپ ماڭا تىلفون قىپتۇ ...
بىچارە ئاپاش ، شۇ گەپلەرنى ئىيتىپ بولغۇچە يۇم - يۇم يىغلاپ شۇنچىلىك قىنالدى بىچارە ئاپاشنىڭ ئۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم ئۆرتىنىپ كەتتى ، مەن قولۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ ، يۈرەكلىرىم زەردەپ ھالدا تىلفوننى قويۋەتتىم .....
قەدىرلىك ، مىھمان ، دىلكەش ئاتا - ئانىلار ، شۇ بارلىقىڭلار بولمىش پەرزەنتىڭلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ قويۇڭلار ، ئىشلەۋاتمەن ، دەرىسلىرىم ئىغىر دەپ قويۇپ ، سىزنى ، ئۆز ئاتا - ئانىسىنى ئەيمىندۈرگۈدەك ، تەمتىرەتكۈدەك كىيىنىپ ، سىز چۈشۈڭىزدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىۋاتقان پەرزەنتىڭىز ياشلارنىڭ بىشىنى قايمۇقتۇرۋاتقان « يۇقۇرى ئۆسۈملۇك ئوقۇغۇچىلار قەرىزى » بىلەن « بەگزادىلەر» چە ياشاۋاتقانمىدۇ ؟ ئويلىنىپ بىقىڭ ، سىز شۇ « بەگزادىڭىز » نىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قىلىشتىن بۇرۇن پەرزەنتىڭەزنى شۇ ھاڭلاردىن تارتىۋىلىڭ!!. ....
(راست ئىشلار خاتىرسى )
2017- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى سەھەر ، ئۈرۈمچى
398 قېتىم كۆرۈلدى | ahtar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-9 17:49:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|