ئاھ سۆيگىنىم (ھېكايە)
-د . قەلبىدىن
مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئاجايىپ نەرسە ، گاھىدا سىزنى ۋىلىق-ۋىلىق كۈلدۈرۈپ جاھاندا ھېس قىلىپ باقمىغان تاتلىق ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرسە ، گاھىدا تۈگىمەس سەۋدالارغا سېلىپ سىزنى ئېغىر ئازاپلارغا تاشلايدۇ .
بەزەن ئىللىق قۇياشتەك قەلبىڭىزنى ئىللىتسا بەزەن قىشتىكى ئاچچىق جۇدۇن كەبى ياپراقتەك نازۇك دىلىڭىزغا نەشتەردەك سانجىلىپ يۈرەك-باغرىڭىزنى ھەسرەت پىغانغا ئەسىر قىلۋېتىدۇ .
بۈگۈن مەدىنە ئىنتايىن خوشال ، كەيپىياتى باشقىچە جۇشقۇن ئىدى ، خۇشال بولغاندىمۇ ئىچ-ئىچىدىن ، پۈتكۈل ۋۇجۇدىدىن شادلىق ھېسلىرىغا چۆمىۋاتىدۇ …
نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى كۈلۈشنى تامامەن ئۇنتۇپ قالغان كۆكۈش لەۋلىرى ئەمدىلىكتە قىپقىزىل رەڭدىن بوياپ قويغاندەك قىزىرىپ باھاردىكى شاپتۇل چېچىكىدەك ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى ، ھەر تەبەسسۇمىدا شەكىل ھاسىل قىلغان بىر جۈپ زىنىقى كۈلكىسىگە ھۆسىن قوشۇپ پارقىراق سىلىق يۈزلىرىدە جۇلالىنىپ تۇراتتى .
بۈگۈن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى ؛ شۇ تاپتا ئۆز سۆيگۈنى بىلەن قول تۇتۇشۇپ باغچىدا سەيلە قىلماقتا ، گىرەلەشكەن قوللاردىن تارقىلىۋاتقان ئاجايىپ بىر ئىسسىق ھارارەت ئۇلارنىڭ بەدەن بەدەنلىرىگە تاراپ ۋىسال شادلىقىدا مەسخۇش بولۇشۇپ كېتىپ بارىدۇ .
مەدىنە پات-پاتلا سۆيگۈنىنىڭ نۇر يىغىپ تۇرغان چىرايىغا ، مۇھەببەتلىك خۇمار كۆزلىرىگە تويماي قاراپ كېتەتتى ؛ قارىغانسىرى يېنىدىكى بۇ يىگىت شۇ قەدەر يېقىملىق ،شۇ قەدەر سۆيۈملۈك كۆرنىۋاتاتتى .قىسقىسى ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ، روھىي دۇنياسىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش ئاجىزلىق قىلاتتى ئىشقىلىپ بۈگۈن ئۇنىڭغا ھەممە ھەممە نەرسە بۇرۇنقىدىن باشقىچە گۈزەل كۆرۈنمەكتە ، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قىزدەك ھېس قىلماقتا ئىدى .
ئۇلار باغچىنىڭ چەترەك يېرىدىكى بىر تۈپ چىنار دەرىخى تۈۋىدىكى بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى .
ئولتۇردىيۇ ئىككەيلەن سۈكۈتكە چۈمۈپ قالدى قارماققا بىر بىرىگە دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرى باردەك ئەمما جۈرئەت قىلالمايۋاتقاندەك كۆرنەتتى .
ئاخىرى مەدىنە چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋىلىپ يوشۇرۇن بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە يىگىتكە ئېغىز ئاچتى :
-مەن سىزنى ياخشى كۆرمەن ، سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
يىگىت قىزغا قاراپ بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن دېدى :
كەچۈرۈڭ ، راسلا مېنى كەچۈرۈڭ ! سزنى ياخشى كۆرەلمەيۋاتىمەن ، كۆزئەينىكىم ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ ………
/::D/::D/::D/::D/::D/::D/::D
| 555 قېتىم كۆرۈلدى | kalbidin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-1 20:34:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|