ئامان بول ئابرال (ھىكايە 2-قىسىم ) - ئامانتاي سۇلتان غۇلجا

ئامان بول ئابرال 

ھىكايە 2-قىسىم

ئاپتۇرى ئامانتاي سۇلتان


رەنا خەتنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ، ئىچى ئىچىدىن ئوكسۇپ يىغلاپ كەتتى .ئابتۇبۇس ئىچىدىكى كىشلەرئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراتتى .ئۇ ئاستا سۇمكىسىدىن قۇلياغلىقنى ئالدىدە يىشىنى سۇرتۇشكە باشلىدى.تۇساتتىن شۇپۇر ماشىننى تۇختۇتۇپ مۇشۇ يەردە تاماق يەۋىلىڭلار دىدى. ماشىنىدىن ھەممىسى قۇزغۇلۇپ چۇشۇشكە باشلىدى .  

  شۇ ۋاقىتا ئەللىك ياشلار چامىسىنى ئالغان ئايال قىزىم نىمە بۇلدىڭىز ؟مىجەزىڭىز يۇقمابىللە تاماق يەيلى دىدى .رەنا ھەدە مىجەزىم يۇق تۇرىدۇ مىنىڭ تاماق يىگىم يۇق دىدى .

ئۇ ئايال ماشىندىن چۇشۇپ كەتتى .رەنا بۇئايالدىن ئىللىق ئانىسنىڭ مىھىرنى ئەسكە ئالدى .ئانا مىنى كەچۇر ؟سەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندە مىنىڭ رۇھىم سەن بىلەن كەتتى . سەنمىنى بۇ دۇنياغا يەكە يىگانە تاشلاپ قۇيۇپ كەتىتىڭ ئانا تىككەندەك بۇدۇنيادا يالغۇز قالدىم.

بەزىدە ئۇيلاپ قالىمەن بۇ دۇنياغا نىمىگە تۇرەلگەندىمە دەپ ،ئانا سەن بار ئۇزەمنى ئەڭبەخىتىلىك ھىس قىلاتتىم .لىكىن تەقدىرگە نىم ئامال رەھىمسىز تەقدىر سىنى مەندىنمۇتارتىپ كەتتى .ئانا سىنىڭ جىنازاڭنى  مەھەللە جامائىتى بىلەن يەرلىككە قۇيۇپ قۇيدۇم .

ئانا بىر تۇرۇپ ساڭىمۇ ئىچىم ئاغىرىدۇ .يەرلىكتە بۇلسىمۇ ئارام خۇدا يىتىۋال ئانا !بىلىمەنئانا سىنىڭ قىسمەتلىرىڭنى ماڭا مومام ئىتىپ بەرگەن .سىنىڭ تاتقان جاپالىرىڭنى ئاڭلىغنىمدا سەن دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر ئانىكەنسەن ئانا  !ئۇ شۇلارنى ئۇيلاپ چۇڭقۇر خىياللارغا پاتتى .ماشىندىكى يۇلۇچىلارمۇ تاماقلىرنى يەپ بۇلۇپ ،ماشىنغا چىقىشقا باشلىدى.ئۇ ئايالمۇماشىنغا چىقتى مەڭ قىزىم بۇنى يەۋىلىڭ ئاش قۇرساق ئۇرۇمچىگە بارغىچە كۇچ مادارىڭىز قالمايدۇ قىزىم دەپ سۇليا خالتىدىكى ناننى چىقىرىپ رەناغا بەردى .رەنانىڭمۇ قۇسۇقىئىچىپ كەتكەن بۇلۇپ ئايالنىڭ قۇلدىكى نانننى ئالدىدە رەخمەت ھەدە دىدى .

ئايال يەنە  سائەت ئەمدى  يەتتە بۇپتۇ ئەتە ئەتىگەندە ئۇرۇمچىگە چۇشۇپ بۇلىمىز دىدى .رەنا ئەتراپقا قارىدى تۇگۇمەس خىياللار بىلەن كەچنىڭ قارا تۇنىنى يىيىپ بۇلغانلىقىنىسەزدى. يۇلۇچىلار ئۇخلاشقا باشلىدى .بىراق رەنا يەنىلا چۇڭقۇر سۇكۇت بىلەن كىتىپ باراتتى.ئۇ پەقەت ئۇرۇمچىنى كىتاپ زۇرناللاردا كۇرگەن.ئۇرۇمچىدە داڭلىق مەكتەپلەرنىڭبارلىقنى بىلەتتى .لىكىن بۇ ناتۇنۇش شەھەرگە ئۇ تۇنجى قەدەم ئالغان . .بىراق يەنىلا شۇ تۇغۇلۇپ ئۇسكەن ئىلىنىڭ ئاشۇ ئىللىق مەھەللىرنى ئۇيلاتتى .ئامال يۇق ئىدى .ئۇ نىمقىلىشىنى بىلمەيۋاتاتتى .ئۇ تەقدىرگە تەن بىرىپ يۇرۇت ئەھلىلىرنىڭ يۇل كۆرسۇتۇشى بىلەن

ئۇ ئۇز دادىسنى تپىش ئۇچۇن ، ئۆزدادىسغا ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن تامغان بىر قىزىنىڭ بارلىقىنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن كىتىپ بارماقتا ئىدى . مەھەلدىكى نۇرشات. قىزىم دادىڭىز ھازىر

 ئۇرۇمچىدە كاتتا لوبەب بۇلۇپ كىتىپتۇ ؟ بۇرۇن مەن بىلەن ئاغىنە ئىدى .ئاپىىڭىز بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن سىزنى ئۇچ ياشتا تاشلاپ ئۇرۇمچىگە كەتتى .قىزىم رەنا ئەمدى بۇ يۇرۇتتا يەكە يىگانە قالدىگىز ؟ سىزمۇ چۇڭ بۇلدىڭىز دادادىڭىزنى تىپىڭ ؟دادىڭىز

سىزنى تاشلاپ قۇيمايدۇ قىزىم سىز دادىڭىزنىڭ يۇرەك پارىسى ئۇمۇ سىزنى ئۇيلاپ يۇرەكلىرىپۇچۇلانغاندۇ.بۇرۇن دادا قىزغا ئامراق دەتتى .سىز بۇندىن كىيىن بەخىتىلىك ياشاڭ قىزىمدەپ ،رەنانىڭ بىشىنى سىلىغىنىچە يانچۇقىدىن بىر پارچە قەغەزنى رەناغا تۇتقۇزدى .رەناقۇلدىكى قەغەزگە ئالتۇن ئوي ماكان شىركىتى ئىليار دىگەن ئىسىمنى ۋە يانفۇن نۇمۇرىيىزىلغانلىىنى كۇردى .رەنا بۇ ناتۇنۇش شەھەرگە ئەمەس بەلكى ھاياتىنى يىڭى باشتىنباشلاش  ئۇچۇن قەلبىدىكى ئازاپلارنىڭ تۇگۇنچىكىنى يىشىش ئۇچۇن كىتىپ بارماقتا ئىدى .

لىكىن ئەتە قانداق بۇلار ئۇ ھىچنەرسىنى بىلمەيتى.

ئەتە نىم ئىشلار يۇز بىرە ..............................................................

تەسىرلىك ھىكايىلىرىم سىلەر بىلەن بىللە داۋاملىق يۇللىندۇ .

ئاپتۇرنىڭ ئۇندىدار نۇمورى 1507146444






405 قېتىم كۆرۈلدى ئامانتاي سۇلتان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-17 3:44:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ