گېلەم ئوغرىسى (1)

        گېلەم ئوغرىسى

(1)
  مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق. تۇيۇقسىز ساقچى ماشىنىدىن بىرسى پەيدا بولۇپ، چوڭ يول بويىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختىدى. ئۇ قەمەرنىڭ ئۆيى ئىدى. ماشىنىدىن ئىككى ساقچى چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىز ھەيران بولۇپ بېرىپ قاراپ باقايلى دەپ ماڭدۇق. ئوچۇق تۇرغان دەرۋازىدىن قارىساق، قەمەرنىڭ ئايالى ساقچىلار بىلەن بىرنەرسىلەرنى دېيىشىۋاتاتتى. ئاندىن ئۇلار كوچا تەرەپتىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىزمۇ قىززىقىپ نېمە بوپتۇ؟ نېمە بوپتۇ؟ دېيىشكىنىمىزچە ئۆيگە كىردۇق. بىزنىڭ كەينىمىزدىن باشقا قوشنىلارمۇ ئۆيگە كىرىشىپ پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ گەپلىرىدىن يېرىم كېچىدە مۇشۇ ئۆيگە ئوغرى كىرىپ، ئىككى پارچە گېلەمنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم.
  ساقچىلار بىردەم رەسىمگە تارتىپ بىردەم ئۇنى بۇنى سوراپ، بىز يەنە كېلىمىز دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ساقچىلار كەتكەندىن كېيىن بايىقى پەس ئاۋازلار يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. قەيەردىن كىرىپتۇ؟ قايسى گۇينىڭ بالىسىدۇ؟ باشقا نەرسىلىرىنى ئالمىغاندۇ؟ دېگەندەك سوئاللار قويۇلغاندىن كېيىن، قەمەرنىڭ ئايالى بىزنى ئاشخانا ئۆيىگە باشلاپ چىقىپ ئىشنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى. چۈنكى كوچا تەرەپتىكى بۇ يوغان ئۆيگە ئوت قالانمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈنۈگۈن ئۇ بالىلىرىنى ئېلىپ بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە تويغا قاتنىشىشقا بارغان بولۇپ، ئاخشام شۇ يەردە قونۇپ قالغان ئىكەن. قەمەر بولسا بىر تاكسى شوپۇرى، ئوغرى كىرگەن چاغدا ئۇ ئاللىقاچان تاكسى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىكەن. ئەتىسى ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغدا قەمەر تېخى كەلمىگەن. ئۇ ئۆيگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى بايقاپ باشتا قەمەرگە كېيىن ساقچىغا تېلىفۇن قىلغان. قەمەر بۇنى ئاڭلاپ ئۆيگە كېلىپ باشقا يوقالغان نەرسىلەر بارمۇ يوق تەكشۈرىۋېتىپ، ساقچى كېلىشنىڭ ئالدىدا تاكسىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن.
  بۇلارنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن ھەرخىل قاراشلاردا بولدى. بەزىلەر ساقچىلارنىڭ دېلو بېجىرىشتىكى ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى سۆزلىسە، بەزىلەر پالانىنىڭ ئۆيىگە بىر چاغدا ئوغرى كىرىپ... دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشقىنىچە چىقىپ كېتىشتى. مەن ۋە بىر ئاغىنەم ئىككىيلەن بۇنىڭغا بەكرەك قىززىقىپ يەنە ھېلىقى ئۆيگە كىردۇق. بۇ چاغدا قوشنىلارنى ئۇزىتىپ كىرگەن قەمەرنىڭ ئايالى بىزنىڭ كەينىمىزدىن كىرىپ:« ھەي... تۈركىيىنىڭ قىممەت گېلەملىرى ئىدى، نائىنساپ ئوغرىلار...»دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ئىككىمىز بىرەر نەرسە چىقىپ قالار دەپ تەكشۈرۈشكە كىرىشتۇق. نېمىشقىكىن، ساقچىلار ئىنچىكە تەكشۈرمەيتتى، قانداق ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كىرگەن بولسا شۇنداق ھالەتتە چىقىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى پەقەت سوئال سوراش ۋە رەسىمگە تارتىشتىن ئىبارەت. ئوغرى تۇتۇلامدۇ ياكى تۇتۇلمامدۇ ئۇلارغا بەرىبىر، چۈنكى ئۇلار مۇئاشنى تولۇق ئېلىۋېرىدۇ-دە.
  ئۇزۇنلۇقى 7مېتىر، كەڭلىكى 4مېتىرچە كېلىدىغان بۇ يوغان ئۆينىڭ كوچا تەرەپكە قارايدىغان ئۈچ دەرېزىسى، ھويلا تەرەپكە قارايدىغان ئىككى دەرېزىسى بار ئىدى، شۇڭا ئۆي ئىچى ئىنتايىن يورۇق بولۇپ پارقىراپ تۇرغان پولدىكى كىشىلەرنىڭ ئاياق ئىزلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.مانا مۇشۇ پولغا سېلىنغان ئىككى پارچە گېلەمنى يېرىم كېچىدە ئوغرى ئېلىپ كەتكەن. كوچا تەرەپتىكى دەرېزىلەرنىڭ ئىچىگە تۆمۈر رىشاتكا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رولى دەل ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىدى. ئەپسۇس، بىر دەرېزىدىكى تۆمۈر رىشاتكىلار ئوغرى تەرىپىدىن قايرىلىپ ئادەم ئارانلا پاتقۇدەك ئارىلىق ئېچىلغان. ئوغرى شۇ يەردىن كىرىپ گېلەمنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. بىز ئۇ رىشاتكىلارنى تەكشۈردۇق. رىشاتكىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچى تۆمۈر كېسىدىغان ھەرە بىلەن كېسىلگەن ئاندىن ئىچىگە ئىتتىرىپ قايرىلغان. بارماقچىلىك توملۇقتىكى تۆمۈرنى خېلى قايرىغىنىغا قارىغاندا، ئوغرى ئوتتۇرا ياشلىق، كۈچلۈك ئەر كىشى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغرى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ. چۈنكى ئىككى پارچە يوغان گېلەمنى بىر ئادەمنىڭ كۆتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئوغرىلىق جەريانىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم: ئوغرىلار ئاۋۋال تۆمۈرنى قايرىپ ئىككىسى ئۆي ئىچىگە كىرگەن، ئاندىن گېلەمنى يۆگەپ تېشىغا چىقىرىپ بەرگەن، تېشىدا ساقلاپ تۇرغانلار گېلەمنى ئېلىپ ماشىنىغا ياكى موتۇغا بېسىپ ئىچىدىكىلەر چىققاندىن كېيىن بىللە قېچىپ كەتكەن. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك قىياس قىلالايتتۇق. ئوغرىلارنىڭ ئاياق ئىزىنى باشقىلارنىڭ ئاياق ئىزلىرى بېسىپ كەتكەن بولۇپ، پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
—قېرىنداش!
  ئاغىنەم تۇيۇقسىز ۋارقىرىۋەتتى. تامنىڭ بىر بۇلۇڭىدا، بەكلا قاراڭغۇ يەردە چىمەلتەك بارماقچىلىك كېلىدىغان بىر دانە قېرىنداش تۇراتتى.
—مەكتەپ بالىلىرى قىلغان ئوخشىمامدۇ؟
دېدى ئۇ قېرىنداشنى يەردىن ئالغاچ، ئاندىن ئۇنى دەرىزىنىڭ يېنىغا ئەكەلدى.
—مەكتەپ بالىلىرى قېرىنداشنى يېنىدا ئېلىپ يۈرمەيدۇ-دە، يەنە كېلىپ بۇ ئۆيدە قېرىنداش ئىشلىتىدىغان ئادەم بولمىسا...
—چوقۇم ئوغرىلار بىخەستىلىك قىلىپ چۈشۈرۈپ قويغان گەپ.
—قېرىنداشنى ماڭا بېرە.
  ئۇ قېرىنداشنى ماڭا بەردى. مەن قېرىنداشنى قولۇمغا ئېلىپ قاراپ چىقتىم، بۇ بىر 2B تىپلىق، قارا رەڭلىك، ئالتە قىرلىق قېرىنداش بولۇپ كەينىدە ئۆچۈرگۈچى يوق ئىدى. ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىلگەچكە چىمەلتەك بارماقچىلىكلا قاپتۇ. ئۇچىنىڭ بەك قوپال ئۇچلىنىشىدىن قارىغاندا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەستەك قىلاتتى. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئۇچلىغۇچتا ئۇچلايدۇ، بۇ چاغدا قېرىنداشنىڭ ئۇچى چىرايلىق يۇمىلاق شەكىلدە چىقىدۇ. قەلەمتىراچتا ئۇچلىسىمۇ بېشىنى قېرىنداشقا يېقىن ئەكىلىۋېلىپ بىر خىل ھەۋەس بىلەن ئۇچلايدۇ، شۇڭا بۇ قېرىنداش ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەس ئىدى. ئاندىن مەن قېرىنداشنى پۇراپ كۆردۈم. پەرىزىم خاتا چىقمىدى. بۇرنۇمغا ياغاچ ماتېرياللىرىنىڭ قويۇق ھىدى ئۇرۇلدى.
—بۇ بىر ياغاچچىنىڭ قېرىندىشىكەن!
—ئەكىلە، پۇراپ باقاي.
  ئاغىنەم قولۇمدىن قېرىنداشنى ئېلىپ پۇراپ باقتى.
—ياغاچچىنىڭ قېرىندىشى ئادەتتە قىزىل رەڭلىك ياپىلاق شەكىلدە بولاتتىغۇ؟!
—بىزمۇ ئىشلىگەن چاغدا مۇشۇنداق قېرىنداشلارنى ئىشلىتىۋېرەتتۇق. ئېنىق چىقسىلا بولدى ئەمەسمۇ. قۇلاققا قىسىشقا ئەپلىك بولسۇن دەپلا ياپىلاق چىقارغان نەرسىكەن ئۇ.
  مەن ياغاچچىلىقتا بىر مەزگىل ئىشلىگەچكە ياغاچ ماتېرياللىرىنىڭ ھىدى ئالاھىدە بىلىنەتتى. بىردەم ماتېريالنى تۇتۇپ، بىردەم قېرىنداشنى تۇتۇپ ئىشلەش جەريانىدا ئۇ خىل پۇراق قېرىنداشقا، قولغا ۋە كىيىملىرىمىزگە سىڭىپ كېتەتتى.
—ياغاچچىلىقتىن پۇل تاپالماي ئوغرىلىق قىپتۇدە.
—ئىشلەۋاتقان يېرىدىن ئۇدۇل مۇشۇ يەرگە كەلدىمۇ ياكى قۇلىقىغا قىستۇرۇپ قويغان بولسا ئېسىدىن چىقىپ كەتكەنمىدۇ؟!
—يېرىم كېچىدە قەيەردىن ئىشلەپ كېلەتتى؟! چوقۇم ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ قۇلىقىغا قېرىنداش قىستۇرۇقلۇق پېتى يۈرگەن گەپ.— دېدى ئاغىنەم كۈلۈپ تۇرۇپ.
—ھە، توغرا دەيسەن... ۋوي... ئاۋۇ كىمۇ؟! دەپ ۋارقىردىم مەن دەرېزىدىن چوڭ يولدا ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت مىنىۋالغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ.
  بىز تالاغا يۈگۈرۈپ چىققۇچە ئۇ ئادەم موتۇرىنى ھايداپ قېچىپ كەتتى. بەلكىم ۋارقىرىغان ئاۋازىمنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك.
—ئۇ نېمە ئىزدەۋاتقاندۇ؟ مەن ئۇنى دەرىزىدىن كۆرگەن چاغدا ئۇ بوينىنى سوزۇپ كۆزلىرىنى قىسىپ بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.
—بىز مۇشۇ يەرلەرنى ئوبدان ئىزدەپ باقايلى، ھە راس، ئۇنىڭ چىرايىغا دېققەت قىلدىڭمۇ؟
—ئۇ دوپپىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋاپتۇ. شۇ بۇرۇت قويۇۋالغاندەك كۆردۈم. باشقا يېرىنى كۆرەلمىدىم...
  بۇ ئادەمنىڭ ئاخشامقى ئىش بىلەن چوقۇم مۇناسىۋېتى بار دەپ ئويلايتتۇق. چۈنكى ئۇ دوپپىنى بەكمۇ چۆكۈرۈپ كىيىۋاپتۇ، خۇددى ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى يوشۇرۇۋاتقاندەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نېمىشقا قاچىدۇ؟ موتۇدىن چۈشمەي تۇرۇپ بىرنەرسە ئىزدىگىنىگە قارىغاندا ئۇنىڭدا چوقۇم بىر گەپ بار.
   بىز بۇ يەردىن بىر نەرسە تېپىۋالدۇق. كىچىك ئەمما قىممەت، نۇرغۇن كىشى ئۆزىدە بار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسە. ئېرىققا يىغىلغان قاردا بىر دانە ئالما ماركىلىق تېلىفۇن دۈم ياتاتتى. بەلكىم ئۇنىڭ ئىزدىگىنى شۇ بولسا كېرەك. كىچىككىنە قار دۆۋىسىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ قالغان بۇ ئاق رەڭلىك تېلىفۇن بىر قاراشتا كۆزگە چېلىقمايتتى. لېكىن مۇشۇ چاغقىچە ھېچكىمنىڭ ئۇنى بايقىمىغانلىقىدىن ھەيران قالدۇق. بەلكىم كىشىلەر دەرېزىدىكى ئېگىلگەن تۆمۈرگە بەكرەك دېققەت قىلغان بولسا كېرەك.
—ئوغرىنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتتۇق. 
  ئاغىنەم تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ سېيرىپ ئاچتى. تېلفۇندا ساپلا بىر قىزنىڭ چۈشكەن رەسىملىرى بار ئىدى. قارىغاندا بۇ تېلىفۇن ئوغرىنىڭ ئوۋ غەنىمىتىدەك قىلاتتى. باشقا ئالاھىدە ساقلانغان نەرسە يوقكەن. تېلىفۇندا پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئاچتۇق. ئىسمى يېزىلمىغان نومۇرلار توشۇپ كېتىپتۇ. قىسقا ئۇچۇر يوقكەن. ئۈندىدارغا قارىدۇق. قانداقتۇر ئەركەك دەپ ئىسىم قويۇلغان بىرسىنىڭ ئۈندىدارىكەن. باش سۈرەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بىر ئەرەبنىڭ رەسىمى تۇراتتى. ئالاقىداشتىن 58 كىشى باركەن. ئەلۋەتتە، كۆپىنچىسى قىز بالا. بىرمۇ بىر تەكشۈردۇق، بىر توپتىن كەلگەن ئۇچۇرلاردىن باشقا ئۇچۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن سالام-ساھەت ئىدى. بۇ توپتا ئالتە ئادەم باركەن، ھەممىسى ئوغۇل. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئۇچۇر كېلىش باشلانغان بولۇپ، دەسلەپتە توپ باشلىقى bag38 دېگەن ئۇچۇرنى ئەۋەتكەن. ئاندىن باشقىلار OK دېگەن ئىپادىنى ئەۋەتىشكەن. شۇنىڭ بىلەن توپ باشلىقى تۈنۈگۈنكى ئوغرىلىق يۈز بەرگەن ۋاقىتنى يەنى (12.28k) (11:00) دېگەن ئۇچۇرنى ئەۋەتكەن. بۈگۈن كەلگەن ئۇچۇر بولسا azat112 دىن ئىبارەت. ئۈچەيلەن OK دېگەن ئىپادىنى ئەۋەتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن يەنە بىرسى ئەۋەتتى. پەقەت مۇشۇ «ئەركەك»نىڭلا قالدى. 
   ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق. قەمەرنىڭ ئۆيى دەل باغ كوچىسى 38-نومۇر شۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمدى بۇلار ئازاد كوچىسى 112-نومۇرغا بېرىشى مۇمكىن. ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئاغىنەم ھېچ ئىككىلەنمەيلا OK بەلگىسىدىن بىرنى ئەۋەتىۋەتتى. 
—نېمە قىلىۋاتىسەن؟
—ئەمدى قاراپ تۇر، توپ باشلىقى ۋاقىتنى ئەۋەتىدۇ.
   راست دېگەندەك بىردەمدىن كېيىن ۋاقىت ئەۋەتىلدى. بۈگۈن كەچ سائەت ئون ئىككى يېرىم. بۇنى كۆرۈپ چىرايىمىزدا خوشاللىق جىلۋىلەندى. 
—ساقچىغا مەلۇم قىلايلى، ئۇلارنى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرىدۇ،— دېدىم مەن.
—توختا، مېنىڭ بىر پىلانىم بار،—دېدى ئۇ قىززىق ئويۇندىن بىرنى تەشكىللىمەكچى بولغاندەك. 
—ھە، ھە، قانداق؟
—ھازىرچە ساقچىغا مەلۇم قىلمايلى، كەچتە ئىككىمىز بارايلى. بالدۇرراق بېرىپ ئەپلىك بىر يەرگە يوشۇرنىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئوغرىلىق قىلغان مەنزىرىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
—ساراڭ بوپسەن!—دېدىم مەن بىر خىل ئەنسىزلىك ھېس قىلىپ،— ئۇلار دېگەن بەش-ئالتە ئادەم، ئەگەر بىزنى تۇتىۋالسا تۈگىشىمىز!
—دېدىمغۇ، بالدۇر بېرىپ بىر يەرگە يوشۇرنۇۋالىمىز، دەپ. ئامال بار چاندۇرۇپ قويمىساق ھېچ ئىش بولمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ساقچىغا دېسەكمۇ كېچىكمەيمىز. بۇنداق پۇرسەتنىڭ كېلىشى تەس جۇمۇ!
   ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چىرمىۋالغان بولسىمۇ، چەكسىز قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ماقۇل بولدۇم.
—تېلىفۇن قېنى راس، ئەكىلە كۆرۈپ باقاي!
—ھە؟ تېلىفۇن؟! قېنى؟ ساڭا بەرگەنغۇ!
—چاقچاق قىلما، ھەقىچان يانچۇقۇڭغا تىقىپ بولغانسەن ئۇنى!
—ھى...ھى، قاندا قىلىمىز بۇنى؟! — دېدى ئۇ تېلىفۇننى يانچۇقىدىن چىقارغاچ.
—رەسىمدىكى قىزنى ئىزدەپ بېرىۋەت. ئىشقىلىپ، قاندا قىلساڭ مەيلى، مېنىڭ كارىم يوق، خوش، كەچتە كۆرۈشەيلى!
—ھە!
   مەن كوچىنىڭ ئىچى تەرىپىگە جايلاشقان ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم. ئۇ بولسا تېلىفۇندىن بېشىنى كۆتۈرمەي ماڭغىنىچە كوچا بېشىدىكى ئۆيىگە كىرىپ كەتتى...

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى ( ئەختەر )

     ئۈندىدار : 2041420589

 
     





25 قېتىم كۆرۈلدى yuksek ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-21 22:32:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ