گۇناھكار قەلىب
پوۋىسىت 3- قىسىم
قىزىل تۇمان
ئەركىن بىلەن تاھىرمۇ ناھايتى تېزلا چوپچوڭلا يىگىت بۇلۇپ قالدى .بۇلارنىڭ دوسلۇق مېھىرىمۇ تەڭ چوڭقۇرلاپ باردى ، ئەركىن تاھىردىن سەل پاكارراق بۇلۇپ ، چىرايى سەل سېرىق ئىدى. چېقىر كۆزلىردىن بىر خىل شۇملۇق چىقىپ تۇراتتى ،ئۇ ناھايتى شوخ ئىدى ، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئوچۇق ئاشكارە دەۋېرەتتى . بىراق ئۇ تاھىرغا ئامراق ئىدى .تاھىر ئۇنىڭ ئەكىسچە بۇغداي ئۆڭ ، قاپقارا كۆزلىرى توختاۋسىز بۇلاقتەك ، قاپقارا بۈدىرە چاچلىق كېلىشكەن يىگىت ئىدى ، ئۇنىڭ مىجەزىمۇ ئېغىر بېسىق ،ناھايتى كەم سۆز ئىدى . مانا بۇلارمۇ دېھقانچىلىققا ئانچە مۇنچە ياردەملىشەلەيدىغان بولدى ، بىراق ئەركىننىڭ ئاتا -ئانىسى تاھىرنى دېھقانچىلىققا يېقىن يولاتمايتى .ئۇلار ئۇنىڭغا « بالام سەن كادىرنىڭ ئوغلى ، سېنىڭ داداڭمۇ سېنى ئىشقا سالماي ، پۇلغا ئادەم سېلىپ ئېتىزنىڭ ئىشىنى قىلدۇردۇ ، شۇڭا سەن بىزنىڭ ئىشىمىزنى قىلساڭ بولمايدۇ » دەيتى . بۇنداق ۋاقىتتا تاھىر ئۇلارغا « كىچىكىمىدىن تارتىپ سىلەرنىڭ ئۆيدە چوڭ بولدۇم ، سىلەرنىڭ تامىقىڭلارنى يېدىم .مەنمۇ سىلەرنىڭ ئۆز ئوغلۇڭلارغا ئوخشاش ، شۇڭا مەن ئاتا ئانامنىڭ ئىشىنى قىلسام نېمىشقا بولمايدىكەن ؟» دەپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قوياتتى . ئۇلار بۇنداق چاغدا ئامالسىز ئىدى ، چۈنكى تاھىر قىلمەن دېگەن ئىشىنى قىلماي قالمايتى .
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەركىن بىلەن تاھىرمۇ ئالى مەكتەپكە بېرىشقا چاقىرىق كەلدى . ئەركىن بەك خوشال ئىدى ، بىراق تاھىرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى ، ئەركىن توپا باسقان يېزا تۇرمۇشىدىن خوشلىشىپ پاكىز ئازادە شەھەر تۇرمۇشىغا قەدەم باسىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئۇ بەك خوشال ، ئۇ نەچچە قېتىم تاھىرغا «مېنىڭ دادامنىڭمۇ پۇلى سېنىڭ داداڭنىڭكىدەك جىق بولغان بولسا ، مەن ھەرگىز بۇ يېزىدا ئوقۇمايتىم »دېگەن ئىدى . تاھىر ئائىلىسىدىن ، مەھەللىسىدىن ، دادىسىدىن ، ھەپتىدە بىر كۆرۈشىدىغان سۆيۈملۈك سىڭلىسىدىن ئايرىلىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى مېھىربان بىر ئاتا ئانىدىن «يەنى ئەركىننىڭ ئاتا ئانىسىدىن » ئايرىلدىغانلىقنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولماقتا ئىدى ، 10كۈندىن كېيىن ئۇ سۆيۈملۈك يۇرتىدىن ئايرىلدۇ ، ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا دائىم بارىدىغان ھېلىقى قېرى سۆگەت تۈۋىگە كېلىپ ئېرىقتىكى لاي سۇغا قاراپ ئولتۇراتتى ، ئەركىنمۇ بۇ يەرگە نەچچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق تاھىرنىڭ نېمە سەۋەپتىن بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ ، بۇنى پەقەت تاھىرلا بىلىدۇ، تاھىر كۈندە دېگۈدەك بۇ يەرگە كېلەتتى ، ئەركىننىڭ ئانىسى ئىككى بالىنىڭ نەرسە كېرەكلىرنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى .
ئاخىر كۈتكەن كۈنمۇ كەلدى ، ئۇلار نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئەركىننىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئەركىننىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ ھەمدۇللانىڭ ماشنىسىغا چىقتى ، ماشنا قوزغالدى ، ئۇلار يىغلىغىنچە ماشنا كەينىدىن قاراپ قالدى ، تاھىر بۇ مەنزىرنى كۆرۈپ كۆزلىرىدىن بىر تامچە ياش ئېقىپ چىقتى ، ئەركىن بولسا كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى ، ھەمدۇللا ئۇلارنى ئۇدۇل بېكەتكە ئەكېلىپ بېلەت ئېلىپ بەردى ۋە تاھىرنىڭ قولىغا 1000يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ «بالام بۇ پۇلنى يېنىڭغا سېلىۋال ، ئەركىن ئىككىڭلارغا يوللۇغۇم بولسۇن ، بېرىپ بوپلا تېلفون قىلىۋەت »دېدى ، ئەركىن بۇ مەنزىرنى كۆرۈپ تۇردى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار يولغا چىقتى .
سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، ئۇلار ئالى مەكتەپتە قانداق قىسمەتكە ئۇچىرايدۇ ؟ خالنۇر دېگەن كىم ؟ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز داۋاملىق ئەسىرىمدە بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
| 655 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-4 19:28:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|