قەبرىدە يىزىلغان خەت
ھىكايە
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئەسسالامۇ– ئەلەيكۇم قىزىم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
قىزىم ، بۇ خىتىمنىڭ سىزگە تىگىدىغان ياكى تەگمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن ، شۇنداقتىمۇ سىزگە خەت يىزىپ كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئىتقۇم كەلدى .
بۈگۈن مەن بۇ يىڭى ئۆيگە كەلدىم ، ئالدىمغا ئانىڭىز ، مېنىڭ قەددىناس ئايالىم چىقتى .
ئۇ مىنى كۆرۈپلاسىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى سورىدى قىزىم ! مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمەي سېزگە
بۇ خەتنى يىزىش ، شۇ ئارقىلىق ئانىڭىزنىمۇ خاتىرجەم قىلىش ، سىزگە دىيەلمىگەن بىر
ئىغىز گەپنىمۇ شۇ قاتارىدا ئىيتىۋىلىش مەقسىتىدە بۇ خەتنى يىزۋاتىمەن .
قىزىم ، سىزنى ئۇ دۇنياغا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ يىنىپ كەلگىنىمنى كەچۈرۈڭ، جىنىم
قىزىم ،ئەسلىدە ئۇنداق قىلمىسام ،بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن جان – جىگەر قىزىمنىڭ
كىچىكىدىن باشلاپ ئانىلىق مىھرىگە قانماي دىلى سۇنۇق بولغان سىزدەك يۈرەك پارەمنىڭ تەلەپلىرىنى تولۇق قاندۇرۇش مېنىڭ قەرىزىم ئىدى . لېكىن مەن بۇنىڭغا قادىر بولالمىدىم
مېنى راستىللا كەچۈرۈڭ قىزىم .
قىزىم بىلەمسىز ، مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ موھىم ئادىمىم سىز ئىدىڭىز .سىز تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئانىڭىز شۇنچىلىك خوش بولغان ئىدىكى ، خوشلىقىدىن ئاغرىق ئازابىنىمۇ ئۇنتۇپ سەكرەپ كەتكەن ئىدى . ھەم سېزنى « ئائىلىمىزنىڭ گۈل غۇنچىسى » دەپ ئارزۇلاپ بىقىپ چوڭ قىلغان ، سىزمۇ بىز ئارزۇلىغان « غۇنچە » كەبىي چوڭ بولدىڭىز .
راس ، سىز ئائىلىمىزنىڭ خوشلىقى ھەم بەختى ئىدىڭىز . بۇ كۈنلەردە بىزنىڭ ئائىلە نە قەدەر بەخىتلىك ئىدى ھە .
ئاينىڭ ئونبەشى يورۇق ، ئونبەشى قاراڭغۇ دىگەندەك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانىڭىز يۈرەك كىسېلى سەۋەبى بىلەن بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى . سىز مەندىن بەكرەك ئانىڭىزغا ئامراق بولغاچقىمۇ،ئانىڭىزدىن ئايرىلىشقاچىدىماي ئۇنى قۇچاقلاپ ئسەدەپ يىغلاپ كەتكىنىڭىز ئىسىمدە قىزىم . شۇنداق قىلىپ سىز ئانىسىز يىتىم بولۇپ قالدىڭىز . ئەلۋەتتە ، بۇنداق بولۇپ قىلىشىڭىزغا مەن سەۋەپچى .مەن ئىلگىرى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ سىلەرنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرەلىگەن ھەم سىلەرنى نامراتلار كوچىسىغا باقىۋەندە قىلىپ قويمىغان ، ئانىڭىز كىسەل بولۇپ قالغاندا جىنىم كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ داۋالاتقان بولسام ئىدىم ئۇمۇ بىزنى ، ياق سېزنى ھايات شىۋىرغانلىرىنىڭ جۇدۇنلىرىغا بۇنداق تىز تاشلاپ قويۇپ كەتمىگەن مەنمۇ سىزنىڭ ۋە ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ۋىجدان ئازابى تارتمىغان بولاتتىم قىزىم .
قىزىم ، شۇنداق قىلىپ سىز ئانىسىز يىتىملەر قاتارىغا كىرىپ كەتتىڭىز ، ئانىڭىزنىڭ مۇسىبەت ئەلىمىنى سىزلا تارتتىڭىز قىزىم . مەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ھەركۈنى سىرتتا ، سىز بولسىڭىز بارسىڭىز مەكتەپ ، كەلسىڭىز ئۆي . پاراڭلىشىش دائىرىڭىز شۇنچە تار .
كۈنلەر ئۆتكەنسىرى تۇيۇقسىز ئىككىمىز ئارىسىدىكى پاراڭلىشىشنىڭ تەدرىجى ئازلاپ كىتىپ بارغىنىنى ھىس قىلدىم . لېكىن چاندۇرمىدۇم ، چۈنكى سىز بىر قىز بالا ، ھەم كۈندىن ـ كۈنگە چوڭ بولۋاتىسىز دەپ توغرا چۈشەندىم . كىيىنچە سىز كىيىم كىيىش ، ياسىنىش ئادەتلىرىڭىزگە دىققەت قىلىدىغان بولدىڭىز . مەن بۇ ئىشلىرىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۇم . چۈنكى ، سىزنىڭ دىلىڭىز سۇنۇق ، شۇنداق تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمىگىنىڭىزگە ، توغرىسى باشقىلار ئالدىدا مەندەك بىر دىۋانە ئالمىچى دادىدىڭىزنى سۇندۇرمىغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم قىزىم . لىكىن مەن ئۇ ۋاقىتتا خاتالاشقان ئىكەنمەن ، چۈنكى شۇ قىتىملىق ئۆزگىرىشلەر دىلا سىزنى توسوپ قالالىغان بولسام ئىدىم ....
توغرا قىزىم ، مەن سىزگە ھەر قانچە مېھرىمنى بەرسەممۇ ئانىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايمەن بۇ ماڭا ئايان .... بىر كۈنى مەن مەھەللە دوقمۇشىدىكى يايمىدا ئالما سىتىپ ئولتۇراتتىم ، بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق پۇزۇر كىيىنگەن ئىككى قىز كەلدى ۋە بىرى مەندىن : - ھوي ئاكا ، ماۋۇ ئالمىنى قانچە ساتتىڭ ؟ - دەپ قوپاللىق بىلەن مەندىن سورىدى .
مەن ئۇقىزنىڭ سۇئالىغا ئەدەپ بىلەن جاۋاپ بىرىپ يىنىدىكى تىلفۇندىن بىشىنى كۆتۈرمەي تۇرغان قىزغا قارىدىم ، قارىدىميۇ داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالدىم . چۈنكى مەن باشقا بىرىنى ئەمەس سىزنى كۆرگەن ئىدىم قىزىم .خىيالىمدا سىزنىڭ شۇنچىلىك چىرايلىق كىيىنىۋالغان ھالىتىڭىز مىنى خوش قىلسا ، بىر چاكىنا پاسۇنلىرى مېنىڭ يۈرۈكىمنى ئىزىۋەتتى قىزىم .
مەن سىزگە قاراپ :
- قىزىم ، چىرايلىق كىينىپسىز ، لىكىن .... - دىيىشىمگە؛
- ھە ، قىرى نىمە كارىڭ ، -؛ دەپ زەردە بىلەن جاۋاپ بەردىڭىز. شۇ كۈنى كەچتەسىز كىرىپلا ، مەندىن نومۇس قىلىدىغىنىڭىزنى ، دوسلىرىڭىزغا مېنى بىر ئىدارىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ دەپ ئىتقىنىڭىزنى ،بۇنىڭدىن كىيىن مېنىڭ سىرتتا بولۇپمۇ ، دوسلىرڭىز بىلەن كۆرگىنىمدە تونىماسقا سىلۋىلىشىمنى ئىتتڭىز .بىلەمسىز قىزىم، بىر ئاتىغا نىسپەتەن ئۆز يۈرەك پارىسىنى تونىماسقا سىلىشقا بويرىلىشتىن ئارتۇق جازا بولمىسا كىرەك !
شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ ئارلىشىدىغان دوسلىرىڭىز كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى ، بۇنىڭدىن خوش بولدۇم ، چۈنكى ئانا مېھرىگە قانمىغان شۇ سۇنۇق كۆڭلىڭىز دوسلىرىڭىزدىن سۇ ئىچسە ئالدىڭىزدا ئازراق بولسىمۇ گۇناھلىرىم ئازلىغاندەك ھىس قىلاتتىم جىنىم قىزىم .
لىكىن سىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقىيدىغان ئالىمجاندىن ئاڭلىسام سىزنىڭ ئارلىشۋاتقان شۇ دوسلىرىڭىزنىڭ ئەخلاقى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن ،ھەم سىز ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ تولا
دەرىس تاشلايدىغان بولۇپ قاپسىز ، بىلىمەن قىزىم سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزدا ئىلگىرى مەسىلە يوق ئىدى، لىكىن شۇ دوسلىرىڭىز بىلەن تونۇشقاندىن بىرى سىز باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىڭىز قىزىم باشقىلىرىنى ئىتماي ، ئۈچ كۈن بۇرۇنقى چۈشتۈن بۇرۇن سىز ئەسلى مەكتەپتە ، سىنىپتا ئولتۇرۇوپ دەرىس ئاڭلىشىڭىز كېرەك ئىدى،لىكىن سىز بىر دوستىڭىز بىلەن بازار ئايلىنىپ ئالدىمدا پەيدا بولدۇڭلار ، دوستىڭىز مەندىن ئالما ئالماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا مەن ئىختىيارسىز :
ـ قىزىم ، سىز مەكتەپلە بارمىدىڭىزما ؟ ـ: دەپ سوراپ ساپتىمەن . سىز مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ دوستىڭىزنى تارتقان پىتى ئىلىپ كەتتىڭىز . دوستىڭىز مىنى تونىمسىز دەپ سورىغىنىدا سىز :
ـ بۇ دىگەن ساراڭ چىقىش ، دەلتە ئادەم ، بىزنىڭ قوشنىمىز ، مەھەللىدىكى ھەممە قىزلارغا شۇنداق چاپىشىپ يۈرىدۇ -؛ دەپ جاۋاپ بەردىڭىز . ئەسلىدە سىزگە بەرگەن ۋەدەم بويىنچە مەندەك بىر قەلەندەر يايمىچى سىزنى تونىماسقا سىلىشى كىرەك ئىدى .
ئەمما مەندىكى دادىلىق غۇرۇر ، مەسۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇ ۋەدەمنى ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ جىنىم قىزىم . كەچۈرۈڭ ئەسلىدە مەندەك بىر قەلەندەر سىزنىڭ دادىڭىز بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس ئىدى . لېكىن شۇ كاج تەقدىر ئىنسان ئىرادىسىگە باققان بولسا دۇنيادا مېھىر تىلەمچىلىرى قالمىغان بولاتتى قىزىم . شۇ كۈنى كەچتە كىرىپ مىنىڭ سىزنى قىزىم دەپ قالغان « گۇناھىم » ئۈچۈن مىنى شۇنچە دەشكۈسلىدىڭىز ، ھەم ؛
- دوسلىرىمنىڭ « ئالما 7 » تىلفۇنى باركەن ، ماڭا قاچان ئىلىپ بىرىسەن -: دەپ مېنى قىيىن ئەھۋالدا قويدىڭىز .
- قىزىم ، سىزگىمۇ ئايان ، مېنىڭ تاپاۋىتىم سىزنىڭ ئوقۇش پۇلىڭىز بىلەن ئۆينىڭ خىراجىتىگىلا يىتىۋاتىدۇ ، قولىڭىزدىكى تىلفۇننىمۇ بىر ئاينىڭ ئالدىدا قوشنىلاردىن قەرىز سوراپ يۈرۈپ ئىلىپ بەردىم ، « ئالما 7 » تىلفۇننى يەنە بىرمەزگىلدىن كىيىن ئىلىپ بىرەي -: دىيىشىمگە
ـ بوپتۇ « ئالما 7 » ئىلىپ بەرمىسەڭ مەنمۇ بۇ ئۆيدە تۇرمايمەن-: دەپ چىقىپ كەتمەكچى بولدىڭىز. نىمىلا دىگەن بىلەن سىز مىنىڭ قىزىم ، مەن بىر دادا تۇرۇپ سىزنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشىڭىزگە قاراپ تۇرۇشقا ۋىجدانىم يول قويمىدى .
شۇنىڭ بىلەن مەن « ئالما 7 » تىلفۇنى ئىلىپ بىرىشكە ماقۇل بولۇپ ئۆيدە بار پۇلنى .ئىلىپ تىلفۇن بازىرىغا باردۇق. تىلفۇن ساتىدىغان ئادەم « ئالما 7 » تىلفۇننىڭ بىر قانچە خىللىرى دەمدۇ ئىشقىلىپ ، شۇلارنى دەپ ئەڭ تۆۋەن باھاسىنىڭ ئالتىمىڭ 700 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئىتتى . يىنىمدا ئاران مىڭ نەچە تۈز يۈەنلا بولغاچقا مەن پۇلنىڭ بۇ قىتىم كەملەيدىغىنىنى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئىلىپ بىرەلەيدىغىنىمنى ئىتىشىمغا سەن يەنە قىيداپ چىقىپ كەتتڭىز . مەن ئەنسىرەپ سىرتقا چىقسام سىز ئاللىقاچان يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ بوپسىز . مەن سىزنى چاقىرغىنىمچە يولنىڭ ئوتىرىغا كەلگىنىمدە
بىر پىكاپ ئۇچقاندەك كەلدى ، بىرىقى ئىشلار يادىمدا يوق ...... پەقەتلا كىيىن « دادا ، ماڭا « ئالما 7 » تقلفۇن كىرەك ئەمەس ، سەن بولساڭلا بولدى ....» دىگەن گەپلىرىڭىزلا قۇلاق تۈۋۈمدە قىزىم !!!
قىزىم ، ھايات شۇنداق غەلىتە ، ھەممە ئىشلار سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز بويىنچە بولمايدۇ .
ھايات ھەمىشە سىز كۈتكىنىڭزنى ئەمەس ، سىز كۈتمىگىنىڭىزنى ئىلىپ كىلىدۇ .
دوسلىرىڭىز قانچىلىك ياخشى بولسۇن ، شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى سىز دۇنياغا يالغۇز كەلگەن ، ھەم يالغۇز كىتىسىز . مىنىڭدىن نومۇس قىلسىڭىزمۇ مەيلى ئەمما ۋىجدانىڭىزدىن نومۇس قىلماڭ !!!
قىزىم ، ھايات شۇنچىلىك رەھىمسىز ، سىز دوستىڭىز بىلەن بەسلىشىپ مىنى تونىماسقا سالغىنىڭىز بىلەن ، كۈنلەرنىڭ بىرى دوسلىرىڭىز سىزنى كۆز قىرىغا ئىلىپمۇ قويمايدىغان كۈنلەرمۇ كىلىدۇ !!!
سىزنى سىغىنىپ :
مەھەللىدىكى ساراڭچىقىش ئادەمدىن
2016-يىلى 11- ئاينىڭ 11-كۈنى ، كەچ ، ئۈرۈمچى
611 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-14 15:15:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-29 17:00:03 | خانبالىق شاھزادىسى |
بۇ ئەسەر ناھايتى ياخشى يىزلىپتۇ،تەربىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن . |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|