ئ‍ىسىم ماجراسى - ھىكايە

ئ‍ىسىم ماجراسى

 

مۇتەللىپ ياقۇپ

ھېكايە

 

ئايشەمگۈلنىڭ ئاي ـ كۈنى يېقىنلاپ قالدى،ئۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قۇرسىقىدىكى بالىغا قانداق ئىسىم قويۇش توغرىسىدا يولدىشى ياسىنجان بىلەن كۈندە دېگۈدەك مۇنازىرىلەشكەن بولسىمۇ لېكىن ئىككىسى پەقەتلا بىرلىككە كېلەلمىدى. ئايشەمگۈل بالىغا باشقىلار تېخى قويۇپ باقمىغان ئەڭ مودا ئىسىم قويىمەن دەيتتى،ياسىنجان بولسا ئايشەمگۈل تاپقان ئىسملارنىڭ بىرسىگىمۇ قوشۇلمايتتى.

 ـ ياسىنجان،بۇگۈن مەن يەنە بىر قانچە مودا ئىسملارنى ئويلىشىپ،خاتىرلەپ قويدۇم.مەڭ، كۆرۇپ مۇشۇ ئىسملاردىن بىرنى تاللاپ بېرىڭ،ـ دېدى ئايشەمگۈل ئىشتىن قايتىپ ئەمدىلا ئۆزىنى كىرىسلۇغا تاشلىغان يولدىشى ياسىنجانغا قولىدىكى دەپتەرنى ئۈزۈتۈپ.

ياسىنجان ئالدىغا سەل ئىگىلىپ ئايالى سۇنغان دەپتەرنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئالدىدە دەپتەردىكى ئىسىملارنى ئاۋازىنى چىقىرىپ ئوقۇدى:

-‹‹ئوغۇل بولسا قەۋدىراس،نەۋدۇس. قىز بولسا ئۆلىيە،تەكۇرە››. ـ توۋۋا! بۇ سېنىڭ ئەتتىگەندىن بۇيان ئويلىشىپ تاپقان مودا ئىسىملىرىڭما؟

ياسىنجاننىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقىشقا باشلىدى.

-ھەي ئايشەمگۈل، سېنىڭ بۇ تاپقان ئىسىملىرىنى بالىمىزغا قويامدۇق ياكى ئاۋۇ قوشنىمىزنىڭ ھويلىسىدا باغلاقلىق تۇرغان ئاپشاركىسىغا قويامدۇق؟ نېمانداق تېتىقسىز ئىسىملار بۇ.شۇنى بىلىپ قوي،ئىسىم ئاتا ـ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قىلغان تۈنجى ۋە ئىككى ئالەملىك سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ. بەرھەق، بىز ئاتا-ـ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسىم قويۇش ھوقۇقىمىز بار. لېكىن مودا قوغلىشىپ بۇنداق مەنىسى يوق، تېتىقسىز ئىسىملارنى قويساق قانداق بولىدۇ. ئەجداتلىرىمىز بىزگە نى ـ نى چىرايلىق،مەنىلىك ئىسىملارنى قالدۇرۇپ كەتكەنغۇ؟ ئەمما ھازىر بىز ئاتا-ئانىلار شۇ ئىسىملارنى بالىلىرىغا قويۇشتىن نومۇس قىلىمىز...

 ـ ئوھۇش،ماڭا دەرس سۆزلىمەي ئۆتەپ بېرىڭە، سىزنىڭچە بولسا بالىمىزغا توختاخۇن، ئايپاتەم دېگەندەك ئىسىملارنى قويساق بولىدىكەندە؟ ئۇنداق ئىسىملارچۇ ھازىر مودىدىن قالدى ،ـ ئايشىگۈل شۇنداق دېگىنىچە تىزىغا يېىپىپ ئولتۇرغان ئەدىيالنى زەردە بىلەن يۇلۇپ يەرگە ئاتتى ۋە سۇدىن چىققان ئۆدەك بالىسىدەك ئالچاڭلىغىنىچە كارۋاتقا چىقىپ يۈزىنى ئەدىيالغا پۇركەپ يېتىۋالدى.

 ياسىنجان جەڭگاھتا يېڭىلگەن ئەسكەردەك بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ھويلىغا چىقتى ـ دە،يانچۇقىدىن بىر تال تاماكا چىقىرىپ،ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كەتكەن ئىككى لىۋىنىڭ ئارىسىغا ئاۋايلاپ قىستۇرۇپ ئوت ياقتى...

بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئايشەمگۈلنىڭ ئاي كۈنى توشۇپ،دوختۇرخانىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر قىز بۇۋاق يەڭگىدى. ياسىنجان دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن ئايالىنى قېينىئانىسىنىڭ ئۆيىگە ياندۇرۇپ چىقتى، ئاندىن يۇرت چوڭلىرىنى چاقىرىتىپ،ئايالىنىڭ رايى بويىچە بۇۋاققا ‹‹ئۆلىيە›› دېگەن ھېچكىم قويۇپ باقمىغان مودا ئىىسىمنى قويدى...





1456 قېتىم كۆرۈلدى mutallip ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-15 0:19:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-23 14:45:31 ئابدۇكېرىم
قەلەم ئالغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ...
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ