ئاشىق قەلەندەر
ھېكايە
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
1
بىز تونىشمايتۇق ، بىز ئىزدەشمەيتۇق ،لېكىن پەقەت تونۇشتۇق تور دۇنياسىدا ،مەن بۇرۇن تورداشلىرىم بىلەن ياخشى ئۆتسەممۇ ئەمما پەرۋاسىز قارايدىغان ۋاقىتلىرىم كۆپ ئىدى ،شۇڭا ئانچە دېققەتمۇ قىلمايتىم ،بىر ۋاقىتتا بىر تورداش قىزنى ئۈندىدارىمغا قوشۇپ قويدۇم ،ئەمما يەنىلا پەرۋاسىز ئىدىم ،بىز پاراڭلاشتۇق ،يەنىلا ئۆلۈك ھالەتتە .
بىر كۈنى ئۇ پويىزغا كېچىكىپ قالدىغانلىقىنى ،شۇڭا ياردەم قىلىپ ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ قويىشىنى ئۈندىداردىكى دوستلىرغا ئىشىنىپ تېلفۇن نومۇرنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ ، مەن چەمبىرەك ئارلاۋېتىپ ئۇ تورداش قىزنىڭ تېلفۇن نومۇرنى كۆرۈپ تېلفۇن قىلىپ باقماقچى بولدۇم ،ئەمما تېلفۇن تۇتقان قولۇم تىتىرەپ ئىككىلنىپ قالدىم ،
تېلفۇننى ئالسا نېمە دەمەن ،ئۇچۇر يېزىپ باقايمۇ يا ،شۇ خىياللار بىلەن مىڭ تەسلىكتە كۆڭلۈمنى توختىتىپ ئۇچۇر يازدىم ،
ئىچىمدە ئۇچۇر قايتۇرامۇ ؟ۋاي قايتۇرمسا بولدىلا ،يەنىلا مەن بۇرۇنقى مەن .ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ ،بىز سىرداشتۇق يەنىلا بىپەرۋا ھالەتتە .
ھېلمۇ ئېسىمدا ئاشۇ سەپەرگە ماڭغان كۈنۈم ،ئۇ ماڭا تېلفۇن قىلدى ،مەن يەنىلا بىپەرۋا ،ئاشۇ قېتىم ئۇ مەندىن تېلفۇندا مەن كىم ؟دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمىدىم .ئۇ خاپا ھالدا تېلفۇننى قويىۋەتتى .نە ئۈچۈندۈر بىئارام بولدۇم ،
بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە قىينىلۋاتاتىم ، ئۇ قىزنىڭ سۆزنى ئويلىغاچ بىز تونۇشقان تور دۇنياسىدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە تىرشاتىم .ئاخىرى ئېسىمگە كەلدى .مەن شۇ ھامان تېلفۇن قىلدىم ،
-ۋەي ،سىز ئامىنە شۇنداقمۇ ؟سىز ماڭا شۇنداق دېگەن .
-مېنىڭ كىملىكىمنى سىزگە باشقىلار دەپ بېرىپتۇ .
-ياق !ياق مەن مەن ئۆزۈم ئويلاپ سىزنى ئەسكە ئالدىم .
بىز شۇ ۋاقىتىن باشلاپ سىردىشىشقا ،پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق .مەن باغانسىرى ئۇ قىزغا ئۆزۈمنى يېقىندەك ھېس قىلاتىم ،تېلفۇندىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى ئالاقلىشىش قورالى بىزنى ناھايتى يېقىن قىلۋەتكەن ئىدى .ئىختىيارسىز مەندە ئۇ قىزغا نىسبەتەن قىزىقش بولدى .
بىر تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا دېدىم ،
-مەن سىزگە قىزىقىپ قالغاندەك قىلىمەن ؟
-چاقچاق قىلماڭ بىز تېخى كۆرۈشۈپمۇ باقمىغان تۇرساق .
-ئەمسە بىز كۆرۈشەيلى ؟
-قانداق كۆرىشىمىز ؟سىز باشقا شەھەردە ،مەن باشقا شەھەردە .
-ئىككىمزنىڭ ئارلىقىمىز يېقىن بولسىلا ،بۇ قانچىلىك گەپ ئىدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇ تۇرۋاتقان شەھەرگە بارماقچى بولدۇم .
مەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىم ،ئۇنىڭغا كۆنگەنسىرى ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتمەكتە ،مانا بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى دىلغا پۈكۈپ ئۇ تۇرۋاتقان شەھەرگە ماڭغان كۈن ،تولىمۇ خۇشال ئىدىم ،ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان گەپلەرنى قىلماقچى ،كۆڭلۈمنى بىلدۈرمەكچىمۇ بولدۇم ،ۋاقىتنىڭ شۇنچە ئاستا ئۆتىشى بىلەن ئاخىرى ئۇ تۇرۋاتقان شەھەگە يېتىپ كەلدىم ،ئۇ دېگەندەك ئالدىمغا چىقىپ تۇرۇپتۇ ،
-ياخشىمۇسىز ؟ ئاخىرى كەلدىڭىز .ئۇ تاتلىقنە كۈلۈمسىرەپ .
ھەئە -مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئۇ قىزغا ئەگەشتىم ،خىيالىم ئۇنىڭدا ،كۆزۈمنى ئۈزمەي ئۇنىڭغا قارايتىم ،ئەمما نېمىشقىدۇ ،بۇرۇن ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىم كۆپ بولسا كۆرۈشكەندىن كېيىن تىللىرىم تۇتىلۇپ قالاتى .ئاشۇ تەرىقىدە ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى ،تولىمۇ قىسقا ئەمما ئەھمىيەتلىك ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى .مەن مۇشۇ قىسقىلا ئىككى كۈندە بىر ئاشىققا ئايلاندىم ،مەن ئاشۇ ۋاقىتىنى پەقەت ئۇنتىيالمايمەن ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالۇچىدەك لەۋلىرگە لېۋىمنى باسقىنىم.مەن ئاشۇ لەۋنى پەقەت ئۇنۇتمايمەن ،
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ئارامىم بۇزۇلدى ،ھەر كۈن -تۈنلەر گاراڭ .ھەر قېتىم ئۇنى ئويلىغىنمدا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ ،ئەي !قىز سەنمۇ ئاشۇ تاتلىق ئەسلىملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەنسەنمۇ ؟…
582 قېتىم كۆرۈلدى |
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-10-21 12:10:47 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-6 11:21:34 |
مەردان |
مېنىڭچە مۇھەببەت ئۇندا ئاددى ئۇقۇم ئەمەس يۈزەكى بۇلۇپ قاپتۇ . |
2016-11-5 12:48:58 |
kalbinur |
kaqvrvg asrigiz yahxi baxliniptu amna kvrxvp ekke kvn bolgan adamni unqa tiz tarakki kildurwatsigiz kandak buldu . muxu yarga azrak dekkat kilig |
2016-10-25 15:39:16 |
نىلۇپەر |
داۋامىچۇ
|
2016-10-23 0:32:03 |
مۇساجان |
مەزمۇن قىسقا ،ئەسەر ۋەقەلىكى بەك تېز بۇلۇپ كېتىپتۇ ، مۇشۇ تەرەپكە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن |
2016-10-22 18:38:40 |
ئابدۇسالام |
ئاداش يېزشنى ياخشى يېزىپسەن لىكىن سەل يۈزەكە بۇلۇپ قاپتۇ |
ئىنكاس يېزىڭ