گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 18- قىسىم
    ئەركىننىڭ پۇت قولىدا جان قالمىدى ، ئۇنىڭ بۇرنىدىن قان چىپىلداپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەقەت ھېلىقى كۈندىكى تاھىرلا بار ئىدى .  پەرھاتنىڭ قول چوماقچىلىرى ئۇنى قويىۋەتكەندە ئۇ يەرگە جېنى يوقتەكلا يىقىلىپ چۈشتى . تاھىر دەل شۇ پەيىتتە پەرھاتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى ، پەرھات تاھىرنىڭ قاياقتىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى . تاھىرنىڭ غەزەپتىن چىشلىرى كىرىشكەن كۆزلىردىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى ياناتتى . ئۇ پەرھاتنىڭ كېكىردىكىنى قاتتىق بوغدى ، پەرھات بىردەمدە قىپ قىزىل قىزىرىپ تىنالماي قالدى . دەل شۇ پەيىتتە  تاھىرنىڭ بېشىغا قاتتىق بىر نەرسە تەگدى . تاھىرنىڭ بېشى ئايلىنىپ كەتتى . ئۇ خالنۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى :
- ياق ، قولۇڭنى تاتىش !
تاھىرنىڭ بېشىغا يەنە بىر قېتىم قاتتىق نەرسە تەگدى ، تاھىر ئىككى قولى بىلەن بېشىنى مەھكەم قاماللاپ تىزلىنىپ قالدى ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى . ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېشىغا تەگكەن نەرسىنى ئېنىق كۆرەلىدى ،  ئۇ بىلەك چوڭلۇقىدىكى تۆمۈر كالتەك ئىدى .
ئۇنىڭ بېشىدىن ئاققان قان بىر دەمدە كىيىملىرنى قىپقىزىل قىلىۋەتكەن بۇلۇپ ئوڭدىسىغا ياتاتتى . پەرھات قېقىلىپ ھۆتۈلۈپ قورقۇپ كەتتى 
-ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرغان كىم ؟ ئۇ ئۆلسە قانداق قىلىمىز ؟
دەل شۇ پەيىتتە ساقچىلار يۈگۈرۈپ كېلىپ پەرھات ۋە قول چوماقچىلىرنى تۇتتى . قۇتقۇزۇش ماشنىسى چاقىرتىلدى . خالنۇر بىردەم زۆھرەگە ئېسىلىپ يىغلىسا بىر دەم تاھىرنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى ، بىراق تاھىردىن ھېچ سادا يوق ئىدى . تاھىرنىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ يىغلىدى ، تاھىرنىڭ بېشىدىن ئاققان قان ئۇنىڭ كىيىملىرنىمۇ قىپقىزىل قىلىۋەتتى . 
تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن قۇتقۇزۇش ماشنىسىمۇ يېتىپ كەلدى ، مەكتەپتىكىلەر بۇ پاجىئەدىن قاتتىق ئەنسىردى ، قۇتقۇزۇش نەتىنجىسى ئېلان قىلىنىپ تاھىر قازا قىلغان ، ئەركىن ھايات قالغان ئىدى . خالنۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كەتتى . دوختۇرلار خالنۇرنى قۇتقۇزۇپ قالدى . 
ھەمدۇللا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇلىقىغا ئىشەنمىدى . ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ئاتايىتەن ئۈرۈمچىگە كەلدى . ئۇ تاھىرنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ ئەركىنگە ئېسىلىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى ، بۇ يىغا شۇنچىلىك ئاچچىق شۇنچىلىك بوغۇق ئىدى . ئەركىن خالنۇر زۆھرەلەرمۇ چىداپ تۇرالمىدى . تاھىرنىڭ جەسىدىنى يېزىغا ئېلىپ ماڭدى . ھەمدۇللا ئاكا يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. 
ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن 
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
| 415 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-5-8 18:17:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |