قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 20- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

 20- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 تۇرغۇنلار يىغا ئاۋازىنىڭ ھەيران قېلىشتى . - چىقىپ قاراپ باقايلىمۇ ؟- دىدى ئىسكەندەر ،تۇرغۇن گۈزەلنۇرغا قارىدى ، ئۇ قورقىنىدىن چىقماسلىققا ئۈندەپ بېشىنى چايقىدى . - ئاۋال تايىرلارنى تاپايلى ، ئۈستىگە ھازىرچە چىقمايلى ، بۇمۇ بىر شۇملۇقنىڭ بىشارىتىدەك قىلىدۇ ،- دىدى تۇرغۇنمۇ ھەمىرالىرىنى تېپىشقا ئالدىراپ ، ئۇلار سارايدىن ئىتىك قايتىپ تايىرلار ماڭغان يولغا قاراپ يۈرۈپ كىتىشتى. تايىر بۇ بىر توپ مەخلۇقلارنىڭ دىلبەر بىلەن سەمەتكە زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۇ ئىككىسىنىڭ يېنىغا باردى ،تايىرنىڭ يېنىغا كەلگىنىنى كۆرگەن دىلبەر كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنى ئۇسۇلغا تاتتى ، سەمەتمۇ ئۇسۇلنى شوخ ئوينىغىچە تايىرغا مۈرىلىرىنى ، قاشلىرىنى ئېتىپ شوخلۇق قىلىشقا باشلىدى لېكىن ئەتىراپىدىكى غەلىتە مەخلۇقلار تايىردىن داجىپ ئۇنىڭغا خىرىس قىلىغىنىچە قاراپ تۇرۇشاتتى . - بولدى ، بولدى قىلىڭلار !- بەرداشلىق بىرەلمىگەن تايىر ئاچچىقتىن جان - قەھرى بىلەن ۋاقىردى ،ئۇ بۇ گەپنى دىلبەرلەرگە دىدىمۇ ياكى ئەتىراپىدا قورىشاپ تۇرغان جىن - ئەرۋاھلارغا دىدىمۇ بىلگىلى بولمايتتى . - سىلەر بۇ جىنلارنىڭ تۇرقىنى كۆرمەيۋاتامسىلەر ؟- دىدى يەنە سەمەت بىلەن دىلبەرنىڭ قولىدىن تارتىپ سىلكەپ ،- قاراڭلار ، ئۇلارنىڭ تۇرقىغا قاراڭلار ! ئۇ ئىككىسى ئەتىراپقا قاراپ بىردىنلا ئۇيقۇسى ئېچىلغاندەك قورقۇش بىلەن ئەتىراپقا قاراپ تايىرنىڭ يېنىغا يېققىن كىلىۋېلىشتى. - بۇ … بۇلار نىمىلەر ، قېنى بايقى ئادەملەر ، بىز قانداقلارچە بۇ يەرگە كىرىپ قالدۇق ،- دىدى دىلبەر. ئۇ تىتىرەپ تۇرغىنىچە ئەتىراپتىكىلەرگە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى ، سەمەتنىڭ ھالىمۇ ئۇنىڭدىن بەتتەر ئىدى . - ئۆزەڭلەرغۇ توسۇغىنىمغىمۇ قارىماي كىرۋېلىپ مەشىرەپ ئوينىغان ، ئەمدى مەندىن سورايسىلەرغۇ ،- دىدى تايىر ئەجەپلىنىپ . - بايا بىز راستىنلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ شۇنداق قىززىق مەشىرەپ ئويناۋاتقىنىنى كۆرگەنتۇققۇ ، ئۇ مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى تۇتالماي شۇ كىرگەنتىم ، لېكىن بۇ …،- سەمەت ئۆزىنىڭ نىمە بولغىنىنى چۈشىنەلمەيۋاتاتتى . - ماڭايلى ، بۇلاردىن ھەزەر ئەيلەيلى ،- تايىر شۇنداق دەپلا قولىدىكى قېلىچنى چىڭ تۇتۇپ دىلبەر بىلەن سەمەتنى قوغدىغىنىچە ئىشىككە ماڭدى ، ئەتىراپىدىكى مەخلۇقلار ئۇلارغا يىرگىنىچىلىك چىشلىرىنى قاتىراسلىتىپ چىشلەپ ، ئۇزۇن تىرناقلىق قوللىرىنى سۇزسىمۇ بىراق تايىرنىڭ قولىدىكى قېلىچقا قاراپ ئاستا داجىپ يول ئېچىشقا باشلىدى ، ئۇلار ئىشىكتىن شۇنداق تىزلىك بىلەن چىقىپ كەينىگىمۇ قارىماي يولىغا مېڭىشتى . - ئەجەپ ئىش ،- دىدى سەمەت ،-بىز قانداقلارچە سىھىرلىنىپ قالغاندىمىز ، ھېلىمۇ ياخشى سەن بولمىغان بولساڭ بىز قانداق كۈنگە قالاتتۇق . - توغىرا دىدىڭىز ،- دىدى دىلبەرمۇ بايقى ۋەھىمىدىن تېخىچە قۇتۇلالماي ،- مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران ، ئۆزىمىزمۇ بىلمەيلا ئالۋاستى ئۇۋۇسىغا كىرىپتۇق ، رەھمەت سىزگە تايىر ،- ئۇ مىنەتدارلىق بىلەن تايىرغا قارىدى كۈلۈمسىرەپ . - ھېچقىسى يوق ،بىر - بىرىمىزنى قوغداش ،ئۆز - ئارا يار - يۈلەك بولۇش دوسىتلارنىڭ بورچىغۇ،- شۇنداق دىگىنىچە تايىرمۇ دىلبەرگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. - قىززىق ئىش ، ئەجەپ چۈشەنمىدىم ،- سەمەت تايىرغا يۈزلەندى،- بىز ئىككۈيلەن سېھىرلىنىپ ئالۋاستى ئۇۋۇسىغا ئۆزىمىزنى ئېتىپتىمىز ،لېكىن سەن ھېچنىمە بولماپسەن دىسە ، ئۇلارنىڭ سېھرى ساڭا نىمىشقا تەسىر قىلمىدى . سەمەتنىڭ بۇ سۇئالى دىلبەرمۇ چۈشەنمەيۋاتقان مەسىلە ئىدى ،شۇڭا ئۇمۇ قىزىقىپ تايىرنىڭ ئېغىزىغا قارىدى . - مەنمۇ بىلمىدىم ، مەنمۇ بۇ سېھىرنىڭ تەسىر قىلمىغانلىغىنى موشۇنىڭ مېنى قوغدىغانلىغىدىنمىكىن دەپ ئويلىدىم ،- ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قولىدىكى قېلىچقا قارىدى . ئۇ ئىككىسى سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدى ، سەمەت پىچاقنى يېنىدىن ئايرىپ قويغىنىدىن ئۆكۈندى ، ئۇلار كىتىۋېتىپ ئالدىدا كىلىۋاتقان تۇرغۇنلارنى كۆرۈپ خوشلۇقتىن ۋاقىراشقانچە بىر - بىرىنى چاقىرشتى . ئۇلار ئۇچۇرشۇپ شۇ جايدىلا شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلار توغۇرسىدا بىردەم پاراڭلاشتى،ھەتتا پۈتۈن خارابىلىكنىڭ ئۆزگۈرۈپ باشقىچە بولۇپ قالغانلىغى ، قايتىدىغان يولنىڭ يوقاپ كەتكەنلىگى توغىرسىدا مۇلاھىزە قىلىشتى . - سارايغا قايتايلى ، يۈك - تاقلارمۇ شۇ يەردە چۈشمۇ بولدى ، قۇرساقلارنى توقلىۋېلىپ ئاندىن تەڭ چىقىش يولىنى ئىزدەيلى ،- دىدى تايىر ئاخىرىدا ، بۇنىڭغا باشقىلارمۇ قوشۇلدى . ئۇلار سارايغا كىتىۋېتىپ يىغا ئاۋازى ئاڭلانغان ساراي ئالدىغا كىلىپ قېلىشتى، تۇرغۇن تايىرلارغا ساراينىڭ ئەھۋالى بىلەن غەلىتە يىغا ئاۋازى توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردى. - ئەمىسە كىرىپ كۆرۈپ باقايلىمۇ ؟- دىدى تايىر ،- بىز كۆپ ،ھېلىمۇ جىن ،ئەرۋاھلارنى كۆپ كۆرۈپ كۆنۈپمۇ قالدۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىمىزدا قوغدىندىغان ياراقلىرىمىزمۇ بار قورۇققىدەك يىرىمۇ قالمىدىغۇ . - بولىدۇ ، بىز تۆت ئەركەك توپلاشقاندا قورقۇپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ، مەنمۇ ئۇ يىغا ئاۋازىغا قىزىقىپ قالغانتىم ،- دىدى تۇرغۇنمۇ تايىرنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ يۈرىگىنى قاپتەك قىلغىنىچە . - بىزمۇ بوش ئەمەس ،- دەپ كۆرەڭلەشتى قىزلارمۇ كۈلۈپ ،- كىرەيلى ، قېنى قانداق جىنكىن ئۇ كۆرۈپ باقمامدۇق . ئۇلار بىر نەچچە جىن ، ئەرۋاھ بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچۇراشقاچقا يۈرەكلىرى چوڭلاپ قالغانتى ،لېكىن جىن ، ئەرۋاھلارنى سەل چاغلاپ قالغانتى . ساراي ئىچى يەنىلا شۇ پېتى تۇراتتى ، شۇغىنىسى يىغا ئاۋازى ئاڭلانمايتتى ،ئۇلار ئۈستىكى قەۋەتكىمۇ چىقىشتى بۇ ساراينىڭ ئىككىنجى قەۋىتىمۇ ئۇلار تۇرىۋاتقان سارايدىن قېلىشمايتتى ، دەل شۇ چاغدا گۈزەلنۇر بىر قىزىل كىيىملىك ئايالنىڭ پەلەمپەيدىن ئاستىقى قەۋەتكە چۈشۈپ كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قالدى ، ئۇ دەرھال باشقىلارغا ئىشارەت بىلەن ئايالنى كۆرسەتتى ، ئۇلار تىزدىن ئاستىقى قەۋەتكە چۈشۈپ ئايالنى ئىزدەشكە باشلىدى ، لېكىن ئايال كۆرۈنمەيتتى . ئۇلار پۈتۈن ساراينى چالا قويماي ئاختۇرۇپ تاپالماي چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ھېلقى قىزىل كىيىملىك ئايالنىڭ چەتتە كۆزگە چېلىقمايدىغان جايدىن پەسكە چۈشۈپ كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قالدى ، ئۇلار تىزدىن ئايال چۈشۈپ كەتكەن جايغا بېرىپ يەر ئاستىغا چۈشىدىغان پەلەمپەينى ھەمدە قاپقاراڭغۇ يەر ئاستى ئۈيىنى كۆردى . - قانداق قىلىمىز ، چۈشۈپ باقامدۇق ؟- دىدى تۇرغۇن تايىرغا قاراپ . - بولدى چۈشمەيلىچۇ ، ھېلىمۇ ئۇ ئايالنىڭ سىرلىقلىغىدىن قورقۇپ تۇرساق ئۇنىڭ كەينىدىن بۇ قاراڭغۇ گۆرگە كىرەمدۇق ، بولدى كىرمەيلى ،- دىدى گۈزەلنۇر دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ، لېكىن باشقىلارنىڭ قانداقلا بولمىسۇن چۈشۈپ بۇ يەرنىڭ ، ھەم ئايالنىڭ سىرىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى . - چۈشەيلى ، ھەممىز چۈشەيلى ، بەلكىم بۇ سارايدا مەن يىشەلمەيۋاتقان بىر سىرنىڭ ئاچقۇچى بولىشى مۇمكىن ،- دىدى تايىر قەتئىلىك بىلەن . - قانداق سىر؟- دىدى ئىسكەندەر . - سىلەر ھېلقى تېرىگە يېزىلغان خەتنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارما ، ئۇنىڭدا ئۈچ ئاچقۇچ مەندە ، ئۈچ ئاچقۇچ يانداش سانغۇندا دىيىلگەن ، مېنىڭچە بۇ ساراينىڭ ھەشەمەتلىگىدىن چوقۇم يانداش سانغۇننىڭ سارىيى ، ئۈچ ئاچقۇچ قولىمىزدا ، بۇ يەردىن ئۈچ ئاچقۇچنى تاپساقلا ئاچقۇچلار تەل بولىدۇ دىگەن گەپ ،- دىدى تايىر چۈشەندۈرۈپ . باشقىلار خەتنى ئەسكە ئېلىشتى . - ئەمىسە يول سورىساڭ مۈلىكى ئەمەلداردىن سورا دىگىنىچۇ؟- دىدى دىلبەر قىزىقىپ . - مېنىڭچە ، يول سورىساڭ مۈلىكى ئەمەلداردىن سورا دىگىنى چوقۇم سىرلىق كىتاپنى تاپىدىغان خەرىتە بولىشى مۇمكىن . تايىر جەزىملەشتۈرۈپ شۇ جاۋاپنى بەردى . - بىز كىتىمىز دىيىشكەنغۇ ، سىلەر يەنە سىرلىق كىتاپقا قىزىقىپ قىلىۋاتىسىلەر ،- دىلبەر بۇلارنىڭ سىرلىق كىتاپ توغۇرسىدىكى مۇلاھىزىلىرىدىن كىتىشكە ئالدىرمايۋاتقانلىغىدىن ئاغرىنىپ دوق قىلدى ،- سىلەرنىڭ كىتىمىز دىگىنىڭلار ئېغىزىڭلاردىكىلا گەپ بولىۋاتىدىغۇ . تايىر دىلبەرنىڭ ئاغىرىنىشىنى ئورۇنسىز دەپ قارىمىدى ، چۈنكى ئۇ بىر قىز بالا بولغاچقا ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىنى بىلىپ ئۈيىگە ئالدىرىشى توغىرا ئىدى ، شۇڭا ئۇ دىلبەرگە ئالدىرماي ئويلىغىنىنى دىدى : - سىزلا ئەمەس بىزمۇ كىتىشكە شۇنچىلىك ئالدىراۋاتىمىز لېكىن ئالدىرغان بىلەن يول تاپالمايۋاتىمىز بۇنىڭدىكى بىردىن - بىر سەۋەپ بىزنى يوقۇتۇشقا ، ھالاك قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بىر كۈچ مەۋجۇت. بۇ كۈچ بىزنىڭ يولىمىزنى توسىۋالدى ،پۈتۈن خارابىلىكنى كونتىرول قىلىۋالدى ، بىز بۇ كۈچنىڭ سىرىنى ئاچماي بۇ يەردىن كىتىشىمىز مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. - ئەمىسە سىز دىگەن ئۇ كۈچ قانداق كۈچ ؟نەدىن كەلگەن كۈچ ئۇ؟- دەپ سورىدى دىلبەر ئەنسىرەپ. تايىر ئېغىز ئاچقۇچە تۇرغۇن جاۋاپ بەردى : - سىرلىق كىتاپ ، ئالۋاستى سىرلىق كىتاپ ، ئۇنۇتتۇڭلارمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ سېھرىنى ئۆزى تارقىتىپ ئەتىراپنى كونتۇرول قىلىدۇ دىيىلگەن، ئويلاپ بېقىڭلار بۇ ئەتىراپتا شۇنچىلىك ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ ، جىن - ئەرۋاھلار بىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىۋاتقاندەك قىلىدۇ ، بۇ نىمىنىڭ كارامىتى ، شۇ سىرلىق كىتاپنىڭ ئەمەسمۇ؟ ھەممىسى بۇ ئىككۈيلەننىڭ مۇلاھىزىلىرىنىڭ ئاساسى بارلىغىنى ھېس قىلىشتى ، دىمىسىمۇ ئەھۋال بۇلار دىگىنىدەك بولىۋاتاتتى. - قانداق قىلىمىز چۈشەمدۇق - يوق ،- دىدى تايىر دىلبەرگە قاراپ . - چۈشەيلى !- دەپ كۈلۈمسىردى دىلبەر. بۇلار ئاچقۇچلارنى تاپالارمۇ ، سىرلىق كىتاپ بۇلارنى ھالاك قىلۋېتەرمۇ ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن .





1705 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:32:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-11 15:37:27 arafat
asar bak yahxi qikiptu likin asarlarni ratlap ayrim bat korop ratlaxtursagla
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ