دادامنىڭ گۇناھى 1-قىسىم - ئالىمجان ئاخنياز
دادامنىڭ گۇناھى 1-قىسىم 

ئالىمجان ئاخنياز 

كىچىكىىمدىن باشلاپ دادام ئاپام ماڭابەكلا ئامراق ئىدى.ئەلۋەتتە ھەممە ئاتا- ئانا باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىگە ئامراق بولىدۇ ، پەرزەنتىگە قۇش بالىسىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنۈپ ، گۈل بەرگىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇنىڭ خاتىرجەم ، بەخىتلىك ياشىشىنى خالايدۇ .مېنىڭ ئاتا ئاناممۇ مېنى شۇنداق ئاسرايتتى ،خالىغىىنىمنى قىلىپ بېرىپ بەكلائەركە ئۆگىتىپ قويغانىدى. بۇلۇپمۇ ئاپام مەندىن چوڭ ئۈمىتلەرنى كۈتەتتى،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگۈنۈشۈم ۋە ساغلاملىقىمغا يىتەكچىلىك قىلاتتى . كىچىكلىكىمدىنمۇ ياكى ئۇنىڭغا ئامرااقلىقىمدىنمۇ ئىشقىلىپ ئاپامغا دائىم ‹ئاپا سەن پەرىشتىگە ئوخشايسەن› دەيتتىم ،بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاپام مەندەن بەك ىۇش بولاتتى ۋە مېنى بازارغا ئەپ چىقىپ نېمىنى خالىسام شۇنى ئېلىپ بېرەتتى .خالىغىنىمنى قىلىپ بېرىپ ،كۆزۈم چۇشكەننى ئەپ بېرەتتىيۇ يەنىلا مېنىڭ ياخشى ئوقۇشۇمنى تەلەپ قىلاتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر كۈنى ئاپام بىلەن بازارغا چىقتىم.قايتاشىىمدا كىچىككىنە بىر پۇل قاپچۇقىغا كۆزۈم چۇشتى.ئاپامغا غەلۋە قىلىشقا باشلىدىم:

- ئاپا ، جېنىم ئاپا ئەپ بېرە شۇنى ، بەك چىرايلىقكەن ، سەن بەرگەن پۇللارنى سېلىپ يىغاتتىم ،ماقۇلمۇ ؟ ئائىلمىز باياشات بولسىمۇ بۇنداق نەرسىلەر مەندەك كىچىككىنە بالا ئۈچۇن يەنىلا ئارتۇقچە ئىدى.مېنىڭ يالۋۇرۇشلىرىم تەسىر قىلدىمۇ ياكى ، پۇل يىغاتتىم دىگىنىم قىزىقتۇردىمۇ ئىشقىلىپ ئاپام ئۇنى ماڭا ئەپ بەردى ،شۇندىن كېيىن ئۇ پۇل قاپچۇقىنى يېنىمدىن ئايرىمايدىغان بولدۇم.ئۇ يېنىمدا بولسىلا ئاپامنى يېنىمدىكىدەك ھېس قىلاتتىم،،

مانا ھەش -پەش دىگۈچە 24 ياشقىمۇ كىرىپ قاپتىمەن. رەھىمسىز تەقدىر نەچچە يىللار ئىلگىرى دادام بىلەن ئاپامنى مەندىن ئايرىدى.بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسسىق -سوغوقلار ئۆتتى.كۈندە ئازاپ ۋە نەپرەت ماڭا ھەمرابولدى.ئىشلىرىم جايىغا چۈشۈپ خېلى يىنىكلەپ قالغان بولساممۇ ، يۇرتقا يېقىنلاشقانسېرى ئىلگىركى تىراگىدىيە ، دادام – ئاپامنىڭ ۋاقىتسىز مەندىن ئايرىلغانلىقى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ىۇددى يۈرۈكۈمنى بىرسى پىچاق بىلەن قۇچىلاۋاتقاندەك بولۇپ بىر يەرلىرىم ئاچچىق ھەسرەتنىڭ ئازابىدىن ئۈنسىز تولغىناتتى .

شەھەردىن قايتىپ كېلىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم ئاپامنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش بولدى ،ئاستا –ئاستا قەدەملەر بىلەن توپىلىق يوللارنى پىيادە بېسپ ئىللىق مېھىرگە تولغان ئاپامنىڭ ياق پەرىشتەمنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدىم،بۇ يەر مەن كەتكەن ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى.ئۇ ۋاقىتلاردا مەن كۈندە ماڭىدىغان ،ئائىشە بىلەن ئىككىمىز سۈپۈرۇپ تۇرىدىغان يوللارغا مانا ئەمدى قۇمۇش،يانتاق،بۇيا......قاتارلىق چۆل ئۆسۇملۈكلىرى ئۆسۈپ چىقىپ بىزنىڭ ئىزىمىزنى ئۆچۈرۈپ ئۈلگۈرگەنىدى.مەن ئاپامنىڭ قەبرىسى يېنىغا تىكىپ قويغان سۆگەت دەرىخىمۇ يوغىناپ ئاپامنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە سايە تاشلاپ،شامالنىڭ تەسىرىدىن خۇددى ‹ئەمدى كەلدىڭمۇ ؟›دىگەندەك يىنىك شىۋىرلاپ يۇپۇرماقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ تۇراتتى.كۆرمىگلى بەش يىل بولغان بۇ سۇرلۈك قەبرىستانلىق كۆزۇمگە ئىنتايىن يېقىملىق كۆرۈنۈپ كەتتى .خۇددى ئاپام ھازىرلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك ئىنتايىن خۇشال ئىدىم.ئادەم ياخشى بولسۇن ۋە ياكى ئەسكى بولسۇن، شاھ ياكى گاداي بولسۇن ،.....ھەممىسىنىڭ ياتىدىغىنى مۇشۇ ئاددىيلا قەبرە بولىدىكەن .ئۇلارنىڭ گۇناھلارغا پاتقىنىچە تاپقان دۇنيالىرى بولسا يەنىلا بۇ دۇنيادا قالىدكەن،ئۇلاربۇ دۇنيالارنى قانداقمۇ قەبرىگە بىللە ئېلىپ كىرىپ كىتەلىسۇن،ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ كېتەلەيدىغىنى مېھىر –مۇھەببەت ۋە ياخشى نام بولسا ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېتەلەيدىغىنى شۇ دۇنيا ۋەسۋەسىسىدە قىلغان تالاي گۇناھلىرى بولىدىكەن خالاس.

ئۆزۈممۇ تۇيماي ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تىزلىنىپ يىغلاپ كېتىپتىمەن .سەلكىن شامال ئاپامنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى ئوت-چۆپلەرنى سۈيۈپ ئۆتۈپ ،ياۋا گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى يىراقلارغا تارقاتماقتائىدى.مەن ئاپامغا ئاتاپ نۇرغۇن دۇئالارنى قىلدىم.دۇئادىن يېنىپ ئۇدۇل قايتىپ كەلدىم ، ئۆي كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ،بۇ ئۆيدىكى ئىللىقلىق ۋە ئاپامنىڭ مېھرىبان سىيماسى تېخى يۈتمىگەندەك قىلاتتى.مەن ئەينى ۋاقىتتا ئاپام ئولتۇرغىنىچە جان ئۈزگەن ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم.يېنىمدىكى سومكامنى ئېچىپ كىچىكىمدە ئاپام ماڭا ئېلىپ بەرگەن پۇل قاپچۇقىنى قولۇمغا ئالدىم،پۇل قاپچۇقىنى كۈرۈپ شۇ مېھرىبان ،كۈيۈمچان ئاپام كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى.كونىلار ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقانىكەن ‹ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس ،قان ئاقىدۇ ›دەپ .مانا بۈگۈن ھېچقاچان ياش ئاقمىغان كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىپ كەتتىكىن ،ئوزۇمنى تۇتۇۋالالمايلا قالدىم.ھەتتا ئاپام مەن بىلەن خوشلاشقاندىمۇ ياش ئاقمىغان كۆزۈمدىن بۈگۈن بۇلدۇقلاپ ياش، ياق بەلكى قان ئېقىۋاتاتتى.يىغلاپ تۇرۇپ رەببىمگە نالە قىلدىم؛

-ئەي تەڭرىم ،شۇنچىۋالا كۆپ ئازاپ-ئۇقۇبەتنى،كۆرگۈلۈكنى شۇ بىچارە،گۇناھسىز مەزلۇم بەندەڭگىلا كۆرسەتكۈچە ،ماڭىلا كۆرسىتىپ مېنىمۇ بۇ دۇنيادىن بىراقلا ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى!!!! جېنىم ئانا ،سەن مېنى پەپىلەپ بېقىپ،يىمىگەننى يىگۈزۈپ، كىيمىگەننى كىيگۈزۈپ يۈرسەڭ ‹مېنىڭ ئائىلەم بەك بەخىتلىك ،مەنمۇ ھەم بەخىتلىك›دەپ ئويناپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ!!!! ئەسلى سەن تەقدىرنىڭ شۇ رەھىمسىز چاقچاقلىرى ئىچىدە شۇ رەھىمسىز دادامنىڭ قولىدا خارلىنىپ،دەرتلىرىڭنى ئىچىڭگە يۇتۇپ يۈرۈپتىكەنسەن ئەمەسمۇ!؟ ھېلىمۇ ئېسىمدە ئاپا،سەن كىچىك چېغىمدا دائىم ؛‹ئوغلۇم .ياخشى ئوقۇغىن ،بىلىم ئۆگەنسەڭ مەڭگۈ خارلانمايسەن ›دەپ نەسىھەت قىلاتتىڭ.مانا مەن سەن ئارزۇلىغاندەك ئادەم بولدۇم ، سېنىڭ يۈزۈڭنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم ،جېنىم ئانا،،،، ھازىرقىدەك يادىمدا تۇرۇپتۇ،بىر كۈنى سەن مېنى قۇچىقىڭدا ياتقۇزۇپ بېشىمنى سىلىغىنىڭچە ئولتۇراتتىڭ ،قولۇڭدىن بىر تامچە ياش قۇلۇمغىلا چۈشتى،مەن ھەيران بۇلۇپ؛

-ئاپا نېمە بولدۇڭ يىغلاپسەنغۇ؟ دەپ سورىدۇم.سەن ماڭا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ؛

-ياق ئوغلۇم ، يىغلىمىدىم ،كۆزۈم ئازراق ئاغرىۋاتىدۇ ،دىگەنىدىڭ .ئۇ ۋاقىتلاردا چۈشەنمەپتىكەنمەن.ئەمدى بىلسەم سېنىڭ كۆزۈڭ ئەمەس بەلكى يۈرۈكۈڭ ئاغرىۋېتىپتىكەنغۇ ئاپا،ئەسلىدە ئالقىنىمغا چۇشكەن بىر تامچە يېشىڭغا تۈمەنلىگەن ئازاپ،يۈزلىگەن جاپا،مىڭلىغان قان يىغلاشلار سىڭدۈرۈلگەن ئىكەن ئەمەسمۇ ئاپا !!!!!!!!

قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن ،ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىپتىمەن.بىر ۋاقىتلاردا ئاغىنەم سادىر كىرىپ كەلدى ۋە ماڭا ؛

-ئاداش بامۇسەن ،قايتىپ كېلىپمۇ ماڭا دەپمۇ قويمايسەن دىگىنە، ۋوي يىغلاپسەنغۇ ئاداش،سنىڭ يىغلىغىنىڭنىمۇ كۆرىدىكەنمىز ھە!؟ بولدى ئاداش كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ،بۇ كۈنلەمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.يۈرە بىزنىڭ ئۆيگە بارىمىز ،سېنى چاقىرىمىز دەپ تەييارلىق قىپتىكەن ساڭىلا قاراپ قالغان يۈرە ئاداش!! بۇ گەپلەنى ئاڭلاۋېتىپ ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا ئائىشەنى ئىزدەپ بارغىنىمدا ئۇنىڭ دادىسى ماڭا ئېيتقان سۆزلىرى يادىمغا كەلدى دە سادىرنىڭ سۆزىنى بۆلدۈم؛

-بولدى قىل ،ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ،داداڭ مېنى ياقتۇرمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىشەمۇ ئەينى ۋاقىتتا قىلغانلىرىم ئۈچۇن چوقۇم مەندىن خاپا،شۇڭا ھازىر بارسام تازا قاملاشماسمىكىن ،كېيىنچە بولسۇن قانداق؟

-ئاداش ،سىڭلىم توغرا چۈشىنىدۇ-دېدى ئۇ مېنىڭ ياشلىرىمنى يەڭلىرى بىلەنلا سۇرتكەچ ،مەن ئۇنىڭغا ھەممىنى چۈشەندۈرگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام ئاپاممۇ سەن كەتكەندىن كېيىن سىڭلىمنىڭ ئازاپلىنىشىغا چىدىماي ،سەن كەلگەندىن كېيىنلا ئىككىڭلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويىدىغان بولغان.ئۇنىڭ ئۈستگە سەن ھازىر ئائىلەڭنىڭ ئىگىلىكىنى قايتا تىكلىدىڭ ،ئۇلار سەندىن قۇسۇر تاپالمايدۇ. خاتىرجەم بول. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەنسىرەشلىرىمنى تۈگەتكەندەك قىلسىمۇ،مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ئائىشەنىڭ مېنى كەچۈرمەسلىكى ئىدى.

-بولدى كۆپ ئىشلارنى ئويلىماي يۇرە !!!!!

ئۇنىڭ زورلاشلىرى بىلەن ئامالسىزئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. ئەمما قەلبىمدە يەنىلا ئەنسىرەش،ئائىشەنىڭ مېنى كەچۈرشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم.

بىز ھەيدىۋالغان ماشىنىنى كۆرۈپ ھەممەيلەن ھەيران قېلىشاتتى.سادىرلارنىڭ ئۆيى قەبرىستانلىقنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئىدى،ئۇنىڭ ئۆيى چەتتىرەك بولغان بىلەن ئەتراپىدا بۈككىدە دەرەخ ،ئالدىدا كەڭ كەتكەن سازلىق ،سازلىقتا ياۋا غاز ،ياۋا ئۆردەك .....قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى مىغ- مىغ ئىدى ،بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئائىشە بىلەن مۇشۇ كەڭ كەتكەن سازلىقتا ئۆردەك تۇخۇملىرىنى ئوغرىلاپ پۇشۇرۇپ يەيتتۇق.ئاندا ساندا ئۇچراپ قالىدىغان ئوۋچىلارنى كۆرگىنىمىزدە قۇمۇشلار ئارىسىغا مۆكىۋېلىپ ،ئۇلار ئولجىسىنى ئوتقا تاشلىغاندا يۈگۈرۈپ كېلىشكىنىمىزچە ئولجىغا تەڭ شېرىك بۇلاتتۇق.بەزىدە مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن سازلىقتا سۇ ئۈزسەك ،بەزىدە چەت قۇملۇقلاردا يۇلغۇن ،زاغزاق.....تۈۋىدە ئۇخلاپ ياتقان توشقانلارنى ئۈركۈتۈپ نە-نەلەرگىچە قوغلاپ كېتەتتۇق.ھارغىنىمىزدا قۇملۇقتىكى كىچىك بۇلاقلاردىن قانغۇچە سۇ ئىچىپ بۇلاق بويىدىلا ئۇخلاپ قالاتتۇق.بىر كۈنى ياسىن ئىسىملىك سېمىز بىر بالا شۇ بۇلاق بويىدا ئۇخلاۋېتىپ‹تۇتىۋالدىم ھاھا › دىگىنىچە يۇمىلاپلا بۇلاققا چۈشۈپ كەتكەنىدى.بىز ئۇنى بۇلاق ئىچىدىن ئارانلا تارتىپ چىقارغانىدۇق.ياسىن ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلىپ كۈلۈپ كەتكەنىدى.بىزمۇ تېلىققىچە كۈلۈپتۈق. شۇ ئىشلارنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتتىىم،سادىر ھەيران بۇلۇپ ؛

-ئاداش،ماشىناڭنى ھەيدىمەي نىمىگە كۈلۈپ كەتتىڭ؟ دەپ سورىدى.

-ھېچنىمە ،شۇ بۇرۇنقى ئشلار ئېسىمگە كەپ قالدى، دېدىم مەن كۈلكەمنى ئارانلا بېسىۋېلىپ.

ئالدىمدىكى قەبرىستانلىقنى كۆرۈپ ماشىنىنى توختاتتىم ۋە سادىرغا ماشىننى ھەيدەپ قايتىپ تۇرۇشىنى جىكىلەپ ئاپامنڭ قەبرىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.ئۇنىڭ قەبرىسىگە يېقىنلاشقانسېرى يۈرۈكۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بۇلدى.دىگەندەك ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىدا بىر قىز دۇئادا بولۇۋاتاتتى،ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇن دۇئا قىلدىم .دۇئادىن يېنىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم،كەينىمدىكىسى دەل ئائىشە ئىدى.ئۇنىڭ مەندىن رەنجىگەن ياكى رەنجىمىگىنىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسالدىم،ئۇ بولسا چېچى ۋە قۇلىقىنى يۆگەپ چىگىۋالغان ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشنى ئېيتىشقا ئۈلگۈرمەيۋاتاتتى.ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان مۇنچاق-مۇنچاق ياش تامچىسى كۆزىدىن يۈزىگە سىرغىپ چۈشۈپ ،قىپقىزىل مەڭزىلىرىدىن ساقىپ قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ توپىلىققا سىڭىپ كېتەتتى.مەن قايتىلاتىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم،ئۇنىڭ يەنىلا ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان ئوتلۇق كۆزلىرىدىن ھېس قىلدىمكى ئۇ مەندىن رەنجىمىگەندەك قىلاتتى. ئىللق باغرىمنى ئۇنىڭغا ئاچتىم ،ئۇمۇ گويا سۇغا تەشنا بولغان بېلىقتەك ئۆزىنى ماڭا ئاتتى.ئۇنى كەڭ باغرىمغا ئالدىم .ئۇ مىنى شۇنچىلىك چىڭ قۇچاقلىدىكىن مىنىڭ يەنە ئۇنى تاشلاپ كېتىشىمدىن ئەنسىرگەندەك قىلاتتى.

-كەچۈر ئائىشە ،مەن ئەسلى سېنى تاشلاپ كەتمەسلىكىم كېرەك ئىدى،-دېدىم مەن ئۇنى يەنە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك سەنلەپ-ئەمما شۇ كۈنى سەن كەتكەندىن كېيىن داداڭنىڭ نېمە دېگىنىنى بىلمەيسەن ،ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ۋىجدانىم كۆتۈرەلمىدى ،شۇڭا .........گەپلىرىمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەيۋاتاتتىم.قانداقلا بولمىسۇن بىر ئوغۇل بالا تۇرۇقلۇق ئۆزى سويگەن ھەم ئۆزىنى سۆيگەن بىر قىزنى گەپ سۆسىز تاشلاپ كېتىپ يەنە ئۇنىڭغا ‹مېنى كەچۈرۈڭ›دېسەم ئۇ مېنى كەچۈرەمۇ!؟ بۇ ۋاقىتتا ئائىشە مېنى ئىتتىردى.ئەمدىلا سىردىشىنى قايتىلاتىن تاپقان،سۆيگۈ ئازابىدا چاڭقىغان يۈرەكلىرىم بۇ كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەردىن تەمتىرەپ قاتتىق سوقماقتا ئىدى.ئائىشە مەن راستىنلا رەنجىگەندەك قىلاتتى. 




153 قېتىم كۆرۈلدى shaydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-19 13:19:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ