قاراڭغۇ ئورمان 22- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 22- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

مەن بۇنداق كۈنلەرنىڭ كىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانتىم، ھەتتا بۇ شىرىن مىنۇتلارنى چۈشۈمدەك ھېس قىلىۋاتاتتىم .

 - پەرىدە ،- مەن ئۇنى ئۆزەمگە قاراتتىم ،- ئۇنىڭدىن كىيىن قانداق بولدى ؟ قانداقلارچە بۇ جاپالىق خىزمەتنى تاللاپ قالدىڭىز؟

 ئۇ بىرئازدىن كىيىن :

- سىز كەتكەندىن كىيىن مەن تۈگۈشۈپلا كەتتىم، ھەتتا ئاغرىپ يېتىپمۇ قالدىم، بۇ ھالىمدىن دادام، ئاپام ئەنسىردى بولغاي توي ئىشىمنى ئېغىزغا ئالمىدى، مەنمۇ تەتىل توشۇشىغا مەكتەپكە قايتتىم،  شۇ كۈنلەرنى قانچىلىك تەستە ئۆتكەزگىنىمنى بىلمەيمەن.  سىزگە يەنە خەت يازدىم، لېكىن خەتلەرگە جاۋاپ يوق. شۇ تەرەققىدە مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆزەمنى ھەممىدىن ئېلىپ قېچىشقا مۇناسىپ ، جىمجىت ، پۈتۈن نەرسىدىن قۇتۇلىدىغان موشۇ خىزمەتنى قىلدىم، شۇندىلا سىزنى ئەسلىمەيدىغان بولىدىكەنمەن.

 - ئۇنداقتا ئەسلىمەيدىغان بولدىڭىزمۇ؟

ئۇ بىردىنلا مېنى ئىتىرۋېتىپ دۇمسۇيۇپ تۇرىۋالدى، دەل شۇ چاغدا روشەنگۈل بىلەن قاھار پەيدا بولدى، ئۇلار بىزگە قاراپ بېقىپ بىر ئاز ئوڭايسىزلانغاندەك قىلاتتى.

 - كەچۈرۈڭ ، مەن بايا خاتا قىپتىمەن ؟ 

 روشەنگۈل كەچۈرۈم سورىغىلى چىققان ئىدى.

 - ھېچقىسى يوق ،-دىدىم كۈلۈمسىرەپ.

 لېكىن ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يورغىلاتتى.

 - لېكىن مەن جەڭ قىلىشقا بارمىسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ جاھىل مىجەزىدىن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق. قارىماققىلا ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىگە قوشۇلماي ئامالىم يوقتەك قىلاتتى.

- بوپتۇ بارسىڭىز بېرىڭ، لېكىن بۇيرۇققا بوي سۇنمىسىڭىز بولمايدۇ.

 ئۇ خۇشاللىقىدا ۋارقىراپ، سەكرەپ كەتتى.

- چاتاق يوق،گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن.

بىز كۈلۈشۈپ ئۇچار جىسىمغا قايتىشتۇق. كىرىشىمىزگە قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتكەن نىجات بىلەن مەپتونئاي، ھەم قۇرساق بېقىشقا چۈشۈپ كەتكەن ھامۇتئاخۇن ئاكا بىزگە قاراپ توختاپ قالدى. بۇ چاغدا قارا كىيىملىك ئادەمدىن بىرسى، ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى.

 - سىلەرگە دەپ بېرىدىغان يەنە بىر سىرلىق ئىش بار. بۇ ئىشنى بىز تەتقىق قىلغان بولساقمۇ پەقەت سىرىنى ئاچالمىدۇق.

 ئۇنىڭ بۇ سىرلىق گېپىدىن ھەممىمىز ھەيران قالدۇق.

 - ئۇ قانداق سىرلىق ئىش ؟ شۇنچىلىك ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە بولغان سىلەرمۇ سىرتقا ئاچالمىغان.

 قارا كىيىملىك ئادەم قولىنى بىر سىلكىۋىدى چوڭ ئېكراندا ئورماننىڭ بىر بۆلىكى كۆرۈندى، بۇ  بۆلەك دەل- دەرەخلەردىن خالىي بىرئاز ئوچۇقچىلىق بولۇپ، ئوتتۇرسىدا ئېگىز بىر چېركاۋ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.  چېركاۋ ئەتراپى قۇرۇپ قاقشال بولغان دەل دەرەخلەر بىلەن تولغانتى ، يەر يۈزىنى بولسا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قاپلاپ كەتكەن بولۇپ ، بىر قاراشقىلا ئادەمگە بىرخىل سۈرلۈك، ۋەھىمىلىك تۇيغۇسى بېرەتتى.

 - بۇ قەيەر ؟ بۇ يەردە قانداقسىگە چېركاۋ پەيدا بولۇپ قالدى،- دەپ سورىدىم ھەيران بولۇپ.

- بۇ چېركاۋ بۇ يەردە قانداق پەيدا بولۇپ قالغىنىنى بىزمۇ بىلمەيمىز.  بىز كەلسەكلا مۇشۇنداق ئىكەن،-دېدى قارا كىيىملىك ،- مەن سىلەرگە دېمەكچى بولغان سىرلىق ئەھۋال دەل مۇشۇنىڭ ئىچىدە ، كۆرۈپ بېقىڭلار!

 ئۇ شۇنداق دېگەچ ئىكرانىغا تىكىلدى ، بۇ چاغدا چېركاۋنىڭ سۈرىتى يېقىنلاپ ، ئۈچ ئۆلچەملىك خەرىتە شەكلى چىقتى، ئاندىن خەرىتە سۈرۈلۈپ چېركاۋنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىنى كۆرسەتتى. بۇ چاغدا ھەممىمىز غەلىتە بىر خىل يورۇق نەرسىنى كۆردۇق. قارا كىيىملىك يورۇق نەرسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سۆزلەشكە باشلىدى.

 - مەن سىلەرگە دېگەن نەرسە دەل مۇشۇ، بۇ ياكى بىرەر جانلىق ئەمەس، لېكىن ھەرىكەت قىلىدۇ،  شەكلى تۇرۇپ ئادەمگە تۇرۇپ ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇ گاھىدا بار گاھىدا يوقاپ كېتىدۇ ، ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بىزمۇ تېڭىرقاپ قالدۇق. ئۇنداق نەرسىنى بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان.

 ئۇ سۆزلىگەچ ئېكرانغا بۇيرۇق قىلىپ بايىقى نۇرلۇق نەرسىنى چوڭايتى ، ئەمدىلىكتە بايىقى نەرسە ئادەم شەكلىگە ئوخشاپ تۇراتتى. بىز قاراپ بېقىپ مۇشۇ نەرسە شۇمۇ دەپ سورۇدۇق.

- ھەئە ، ئاشۇ شۇ .

ـ ئەمىسە ئۇ نەرسىنى يۈز تۇرانە ئۇچۇرتۇپ باقتىڭلارمۇ ؟

مەن گاھى يوقاپ ، گاھى پەيدا بولىدىغان ، ھەم ھەممە نەرسىگە ئۆزگىرەلەيدىغان بۇ سىرلىق نەرسىگە قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم .

 - بىز يۈز تۇرانە ئۇچۇراشمىدۇق، لېكىن كۆزۈتۈش ئىكىرانىدا ئۇ نەرسىنىڭ گاھى ئايال ، گاھى ئەر شەكىلىدە مەخلوقلار بىلەن تۇرغىنىنى كۆردۇق. غەلىتە يىرى مەخلوقلار شۇنچە ۋەھشى ، يىرتقۇچ بولسىمۇ ئۇ نەرسىنىڭ يېنىدا مۇلايىم بولۇپ كىتىدۇ.

 بىز بۇ غەلىتە ئەھۋالدىن ، سىرلىق نەرسىدىن ئەجەپلىنىپ بىر - بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق.  ئىكراندىكى ئۇ يورۇق نەرسە تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى.  بىز قاراپلا قالدۇق.

 - قارىغاندا ئۇ چىركاۋ بۇۋاي دەپ بەرگەن ھېلقى غەلىتە قۇرۇلۇش شۇكەن ، -دىدىم پەرەز قىلغاچ.

- ئەمىسە ئۇ نەرسە نىمۇ ؟

 - جىنمۇ يە ؟ ئەرۋاھ ئەمەستۇ؟

ھامۇتئاخۇن ئاكىنىڭ بۇ غەلىتە سۇئالىدىن ھەيران قېلىپ ھەممىمىز ئۇنىڭغا قاراشتۇق، ئۇ بىزنىڭ قارىشىمىزدىن ھۇدۇققاندەك تەمتىرەپ چۈشەندۈردى.

- دىمەكچى بولغىنىم ئۇ چىركاۋ دىگەن جايدا ئىنسان بولسا يالغۇز قانداق جان كەچۈرىدۇ. ئالاھىدە خىسلىتى بولمىسا مەخلوقلارنى قانداق بويسۇندۇرىدۇ، ئۆزگۈرەلەيدىكەن، يوقاپ كىتىدىكەن شۇنداق بولسا ئۇ جىن بولماي نىمە ؟

 بىز ئۇنىڭ مۇلاھىزىسىدىن گاڭگىراپلا قالدۇق ، رەدىيە بىرەيلى دىسەك ئالدىمىزدا تۇرغىنى ھەقىقەت، ئىشىنەيلى دىسەك بۇ بىر ئەخمىقانە ئىش.

- جىن ، ئەرۋاھ دىگەننى كىم كۆرۈپتۇ ؟ ئاكا ئادەمنى قورقاتمىڭە ، نىمە ئۇ جىن ، ئەرۋاھ دىگەن ؟ - دىدى قاھار كۈلۈپ تۇرۇپ.

- قورقاتمىدىم ئۇكام، ئۇنداق نەرسىلەرنى كۆرگەن، ئاڭلىغانلار جىق. ئۇ نەرسىنىڭ ئاشۇنداق خاسىيىتى بار ئىمىش. ھەم بەك قورقۇنچلۇقمىش.

- سىز كۆرۈپ باققانمۇ؟ - قاھار بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغاندەك تەلەپپۇزدا سورىدى .

- خۇداغا شۈكىرى ئۇكام ماڭا ئۇچۇرماپتىكەن، ئۇچۇرغانلار بىر بولسا قورقۇپ كىسەل بولۇپ يېتىپ قالىدۇ ، بىر بولسا ئۆلۈپ قالىدۇ، ئۇلۇغ ئىگەم ئۇ كۈنلەردىن ساقلىغاي.

 - ئەمىسە جىن- ئەرۋاھلار مەخلۇقلاردىمۇ يامانكەندە؟

 قارىماققا قاھار ھامۇت ئاخۇن ئاكىنى گەپكە سېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئۇلارنىڭ سۆزىنى دەرھال بۆلىۋەتتىم :

- ئەتە جەڭگە چىقىمىز، ھازىرقى مەسىلە جەڭنى قانداق قىلىش قانداق تەييارلىق قىلىشتا، ھېچقايسىمىز مەخلۇقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ يەم بولۇپ كېتىشىنى خالىمايمىز.

سۆزۈم بىلەن تەڭ ھەممىسى سۈكۈتكە چۆمدى ، دىمىسىمۇ بىزنى ھايات - ماماتلىق دەقىقىلەر ساقلاپ تۇرماقتا ئىدى. كاللىمىزدا غەلىتە مەخلوقلارنىڭ ئېغىزىدىن قان تېمىتىپ تۇرغان يىرتقۇچ قىياپىتى ئەكىس ئەتسە ،تۇيۇقسىز ماماتلىق يىتىپ ئاتا- ئانا ، قىرىنداشلىرىمىز ، دوسىت - يارەنلەردىن ئايرىلىپ ئۈلۈپ كىتىشنى تەسەۋۋۇر قىلساق ئىچىمىز ئېچىشۋاتاتتى .

 - بىزنىڭ قوراللىرىمىزچۇ ؟ - دىدىم مەن قارا كىيىملىككە قاراپ ، - ئۇلارنى ئەمدى قايتۇرۇپ بىرەرسىلەر؟

ئۇ ئۆستەلدىكى بىر كونوپكىنى بېسىۋىدى ئۆستەلنىڭ يان تەرپى ئېچىلىپ ، بىر ساندۇق سۈرۈلۈپ چىقتى - دە ئېغىزى ئېچىلدى. ھەممىمىز ئىچىگە بويۇندىدۇق ، ئىچىدە قوراللىرىمىز رەتلىك تىزىقلىق تۇراتتى.

— قوراللىرىڭلارنى قايتۇرۇپ بەردۇق، ئالساڭلار بولىدۇ.

 بىز قوراللارنى ئېلىپ كۆڭلىمىز توق بولۇپ قېلىشتى، نىمىلا دىگەن بىلەن قورالسىز ھالدا غەلىتە ئۇچار جىسىم ئىچىدە تۇتقۇن بولغاندەك ھېسىياتتا دىمىسەكمۇ، غادىيىپ تۇرغان بۇ ئىككى قارا كىيمدە نىقاپلانغان ئاللىقانداق تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ ئالدىدا ئاجىز ئىدۇق.

 - بىر ئىشقا بەك قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن ، ئەگەردە ئېغىر ئالمىساڭلار…،- روشەنگۈل قارا كىيىملىككە ھېجىيىپ تۇرۇپ شۇنى دىدى ،- كىچىككىنە تەلىپىم سىلەرنىڭ چىرايىڭلارنى كۆرۈپ باقساق بولامدۇ؟

 ئۇنىڭ تاسادىپىي سورىغان سوئالىدىن ھەممىمىز ھەيران بولۇپ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى توختۇتۇپ قارا كىيىملىكلەرگە قارىدۇق. ئەمىلىيەتتە راستىنى دىگەندە روشەنگۈلنىڭ بۇ قىزىقىشىنى ھەممىمىزنىڭ قىزىقىشى دىسەك توغىرا بولاتتى.  ئۇ ئىككىسى روشەنگۈلنىڭ بۇ تەلىپىدىن چۆچۈپ كەتكەندەك بىر - بىرىگە قارىشىۋەتتى - دە ئارقىدىن قانداقتۇ بىر خىل تىل بىلەن بىر نەرسىلەر دىيىشتى. بىز قىزىقىش نەزىرىدە ئۇلارنىڭ سۆزلەشكەن ھەركەتلىرىگە قاراپ ئولتۇردۇق، ئۇلار بىر ھازا پاراڭلاشقاندىن كىيىن بىرى بىزگە قاراپ :

- بىز ئاسانلىقچە بۇ نىقاپنى ئاچمايتتۇق ، بوپتۇ سىلەر بىلەن بولغان دوسىتلىقىمىزنىڭ يۈزىسىدىن ئېچىشنى لايىق كۆردۇق. بۇ سىلەرگە ئىشەنگىنىمىزنىڭ ئىپادىسى ، لېكىن ئەسكەرتىپ قوياي ، بىز سىلەر يەر شارى ئادەملىرىدىن كۆپ پەرىقلىنىمىز.  بىز تاماق يىمەيمىز، بىزنىڭ ئوزۇقلۇق ئىنرگىيىمىز موشۇ كىيىمىمىزدە ساقلىنىدۇ. ئۇ غايەت زور ئىنىرگىيە مەنبەسى، يەنە بىزنىڭ يەر شارى دائىرسىدە ئۆز - ئارا ئالاقىلىشىش، كۈزۈتۈش ، ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىقدىدارلىرىمىز موشۇ نىقاپ ، كىيىملەر بىلەن تاماملىنىدۇ ، بۇ كىيىملەر بىزنىڭ ئەڭ ياخشى قوغدىنىش قالقىنىمىز ، شۇڭا ئەزەلدىن بۇ كىيىمدىن ئايرىلمايمىز ، ھازىر بوپتۇ تەلىۋېڭلارنى ئورۇنلاپ بىرەيلى !

 ئۇ شۇنداق دىگەچ قولىدىكى ئۇزۇن قورالىنىڭ بىر كونوپكىسىنى بېسىشىغا قورال يىغىلىپ،  كىچىكلەپ قول چىراقتەك چوڭلۇقتىكى ھالەتكە كەلدى. ئۇ ئۇنى كىيىمنىڭ يېنىغا ئورنىتىپ قويۇپ، قالپىغىنىڭ يېنىدىكى بىر كونۇپكىنى باستى، كونوپكا بېسىلىشىغا قالپاقنىڭ يۈز تەرپى يىغىلىپ بۇ چەۋەندازنىڭ يۈزى كۆرۈندى. ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈپلا ھەممىمىز قورقۇپ كەتتۇق چۈنكى بىزنىڭ پەرىزىمىزدە ئۇ بىز يەر شارى ئادەملىرىدەك چىرايلىق ، كىلىشكەن دەپ ئويلاشقان ئىدۇق ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئېغىزى ئۆمۈچۈك تۇمشۇقىغا ئوخشاش توت تال قىسقاچلىق ھەم بۇرنى بىلەن بىر يەردە ، بوينى ئىنچىكە ، بېشى سوزۇنچاق يۇغان ، كۆزلىرى كىچىك يۇپيۇمىلاق ،چىرايى قارامتۇل ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى بىز بايىلا تاشقى پىلانىتتا كۆرگەن غەلىتە ئادەملەرگە ئوخشايتتى ـ ئۇ بىزنىڭ قورقۇپ كەتكەن تۇرقىمىزغا ھەيران قالمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ يەنە بىر كونۇپكىنى بېسىشىغا كىيىمىنىڭ قۇرساق تەرپى ئېچىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قىزىل ، يېشىل ، سېرىق نۇر ئايلىنىۋاتقان نۇر چەمبىرەكلىك بىر جاي كۆرۈندى. ئۇ ئۇ جايغا قولىنى قويىۋېدى ئۇ چەمبىرەك تۆت تەرەپكە ئېچىلىپ ئىچىدىن بىر چاسا شەكىللىك ئۇزۇنچاق بىر ئۈسكىنە چىقىپ ئېچىلدى ، ئۇ ئېچىلىشىغا ئۇنىڭدىن شۇنداق كۈچلۈك نۇر تارقىلىۋېدى كۆزىمىزنى ئاچالمايلا قالدۇق، ئۇ ئۇ نەرسىنى ئىتىۋېتىپ چۈشەندۈردى :

 - بۇ سىلەرگە دەپ بەرگەن ئىنىرگىيە مەنبەسى، ئۇنىڭ پارتىلاش كۈچىمۇ بەك زور ، ئەگەردە شۇ بىر تال ئىنىرگىيە ساقلىغۇچ پارتىلسا موشۇ ئورماننىڭ كۈلى كۆككە سورىلىدۇ.  خۇددى سىلەرنىڭ ئاتوم بومباڭلاردەك قىرغۇچى كۈچكە ئىگە.

 بىز بۇ سۆزدىن چۆچۈپ كىتىشتۇق.

- ئەمىسە ئۇ ئۇنچىلىك خەتەرلىك بولسا تاسادىپىي پارتىلاپ كەتسە ھەممىمىز تۈگىشىدىكەنمىزدە،- مەپتۇنئاي ئۇنىڭ خەتىرىدىن قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

- خاتىرجەم بولۇڭلار، ئۇ بەدىنىمىزدىن ئايرىلمىسىلا خەتەر يوق. ئايرىلسا ئون سىكىنۇتتىن كىيىن پارتىلايدۇ.

 ھەممىمىز «ئۇف» دىيىشىپ يۈرەكلىرىمىزنى تۇتۇشتۇق. شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ئالدىمىزدىكى بەسىتلىك سىرتتىن كەلگەن دوسىتلىرىمىزنى تونىۋالغان بولدۇق. ئەمدىكى گەپ تاڭ ئېتىشىنى ساقلاپ ھايات - ماماتلىق جەڭگە چىقىشتىلا قالدى. بىز ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بىر - بىرىمىز بىلەن ناتونۇشلار تونۇشقاچ، تونۇشلار پاراڭلاشقاچ تاڭنىڭ ئېتىشىنى ساقلاشقا باشلىدۇق. تۈننىڭ جىمجىتلىغى ئەتىكى قان ئىچىدە تىركىشىدىغان قورقۇنۇچلۇق جەڭنىڭ ۋەھىمىسىنى كۆڭلىمىزگە سېڭدۈرۋاتقاندەك قىلاتتى… …

داۋامى بار..........

---------------

 چۈشەنچە: ئەزىز ئوقۇرمەن دوسىتلىرىم ، دادام ئاغرىپ قېلىپ ئۇزۇندىن دوختۇرخانىدا بولىۋاتىمەن ، سىلەرنى ساقلىتىپ قويغىنىمدىن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن ، دادامنىڭ بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالغىنىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى يېزىشقا باشلىدىم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر!





2389 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-29 22:04:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-31 17:06:57 قاھار
رەھمەت ئاكا
2016-1-31 14:38:23 ئايگۈل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ! شۇ كۇڭۈلسىزلىك ئىچدىن ۋاقىت چىقرىپ بىزنىڭ ئەسەرگە بولغان تەشنالىقمىزنى قاندۇرغىنڭىزغا رەھمەت … رەببىم دادڭىزغا شىپالىق ۋە سالامەتلىك بەرسۇن ! ھەممە ئىشڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلشىنى ئۈمۈد قىلمەن .
2016-1-31 13:22:19 akram
aldiraxqilik iqidin wakit qekirip nadir mazmunlarni bizga sunginiglarga rahmat
2016-1-31 2:41:02 تۇرسۇنتاي
ياخشى چىقىۋاتىدۇ داۋامىنى ساقلايمىز .ئاللاھ دادىڭىزغا شىپالىق بەرسۇن .
2016-1-30 22:03:27 Saya
Bakyahxi Yezipsizmanbakyahturdum. Dadigiz nig. Salamatlikinig. Tiz rak. Asligakilixi ga. Tilakdaxman
2016-1-30 21:36:20 otmux
biz uqun tartkan japaligiz ga koptun kop rahmat okuyman
2016-1-30 17:53:44 ئ‍امىنەم
ئ‍اللا دادىڭىزنىڭ كىسلىگە شىپالىق بەرسۇن ،
2016-1-30 16:34:06 دىلكەش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ئاكا،،،،،، دادىڭىزنىڭ كىسىلىنىڭ تىزراق ياخشى بوپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
2016-1-30 15:12:32 akax
tiztak yazarsiz
2016-1-30 14:59:08 km626
ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرنى ساقلاپ بەكلا تەقەززا بولغان ،ھېكايىنىڭ ئوتتۇرلىرى ئانچە قورقۇنۇچلۇق بىلىنمىگەن قارغاندا ھېلقى ئەرۋاھ ،جىن دەپ قىياس قىلغان مەخلۇق بىلەن كولمىناتسىيە قىسمىغا چىقىدىغان ئوخشايدۇ ،دادىڭىزنىڭ كېسلى تېزراق شىپا تاپقاي ئىنشائاللا .ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرنى يەنە تەقەززالىق بىلەن ساقلايمىز .
2016-1-30 14:30:42 nureli
yahxi yizip siz dawamlik tirxing
2016-1-30 11:21:24 مېھمان
يېزىشقا باشلىغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى، ئاخىرىغا بەكمۇ تەقەززا بولغانتىم. رەھمەت سىزگە!
2016-1-30 11:06:24 شاھگۈزەل
بەك ياقتۇرۇپ قالدىم بۇ ئ‍ەسەرنى ، قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن مىترو
2016-1-30 10:01:11 ئ‍ۇماققىنە
داۋامىنى ساخلىغىلى خېلى كۈنلەر بولدى، ئ‍الدى بىلەن دادىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىپ قالغانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئ‍ەسەر داۋامىنى بىزگە سۇنغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
2016-1-30 9:19:00 mila
dadigiznig teniga salamatlik , omri uzun bosun kerindixim ,ixlirigiz oguxluk bolsun .
2016-1-30 3:03:47 ئايشەمگۈل
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ لىكىن سەل ئاشۇرۋىتىپسىلە شۇنداق بولسىمۇ بىز ياقتۇرۇپ ئۇقۋاتىمىز بولسا ۋاقتىدا ئەسەرنى يۇللىشىڭلانى سۇرايمەن
2016-1-30 1:01:18 مۇپەتتىش
دادىڭىزنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلشىگە تىلەكداشمەن ، سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت جاپا چەكتىڭىز……
2016-1-30 0:48:57 ئ‍نتىزار
ئ‍الامەت ئ‍ەسەر بۇ
2016-1-30 0:39:06 yaprah
rahmat asirigizning dawamiha bak takazza bolduh japa tartigiz ....dadigizning kesiligimu xipalih telayman
2016-1-30 0:38:09 Kuklam
Bak yahxi yizipsiz kuligizga dat kalmicun
2016-1-30 0:19:04 مىسكىن ئ‍اي
مىترو ئ‍اكا ئ‍اخىرى پەيدا بولدىڭىز تاغىمىزنىڭ سالامەتلىكىىنىڭ تىزراق ئ‍ەسلىگە كىلىشىنى ئ‍اللاھتىن تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ